تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى پورتىدىن

يوللىغۇچى: turan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-21 19:14| كۆرۈلۈشى: 52| ئىنكاس سانى: 0

پورتىدىن(232-348)ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا نامى بىزگىچە مەلۇم بولغان داڭلىق مائارىپچىلار ئىچىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تۆھپىكار  ئوقۇتقۇچى.
پورتىدىنننىڭ ھاياتى،ئىجتىمائىي پائالىيىتى توغرۇلۇق ئېنىق ماتېرىيال يوق.بەزى مەنبەلەردىن قارىغاندا،ئۇ قەدىمكى تۇرپانلىق بولۇپ،مىلادىنىڭ232-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان.كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بۇددا مائارىپى بويىچە نىسبەتەن ئەتراپلىق تەلىم ئېلىپ،ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا بىلىم ئىگىسگە ئايلىنىپ،زور شۆھرەت قازانغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ نام چىقارغان.ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىكى ماھارىتى،نىسبەتەن يۇقىرى بىلىمى ئۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تونۇتقان.شۇڭا،مىلادىنىڭ310-يىلى(غەربىي جىن سۇلالىسى)78يېشىدا پادىشاھ يۈەنجانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لوياڭغا بېرىپ38يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ116يېشىدا ۋاپات بولغان.
پورتىدىن ئىچكى ئۆلكىلەردە ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا893ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىنى(ئوقۇللىرىنى)تەسىس قىلىپ چىققان.ئۇ،لوياڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىللەردە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا،ھىندىستان،چاڭجىياڭنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىن ھەر يىلى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار لوياڭغا كېلىپ ئۇنىڭ دەرسى ۋە تەپسىرىنى ئاڭلىغان.پورتىدىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئونمىڭلىغان شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن بولۇپ،بۇلار ئىچىدە جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىمالىرىغا ئايلانغان داۋئەن،فايا،فاتەي،فاخې...قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.
تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى پورتىدىنننىڭ پۈتكۈل پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش،ئېنىقلاش ئىشى ئۇيغۇر قەدىمكى(كلاسسىك)مائارىپىنىڭ پورتىدىن ياشىغان دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تارىخىنى چۈشىنىشتە بىزنى ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئىشىنىمىزكى،تەتقىقاتچىلارنىڭ تىرىششى ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە چوقۇم يەتكلى بولىدۇ.

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-24 23:48.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.