ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم سەينا ئەھلى :
ئەبەيكام ئوقۇغان شىئىرنى مەنمۇ ئۇقاپ باقاي دەپ . ئوقۇغىلى تۇرسام ھىچ توختىيالايدىغاندەك ئەمەس . شۇڭا ئىلھامىمنى كومپىيۇتېر ئۈستىلىگە باغلاپ قويۇپ يازغىلى چۈشتۈم .....
كەلمەيدۇ ياشلىق كەتسە بىر قىتىم .
تۈگەيدۇ بۇ كىنو كۈندە ئۈچ قىسىم .
ئاچ قالدى قوسۇقۇم پىشمىغاچ ئىشىم.
چۈشتىن كىيىن كەپتۇ تازنىڭ ئەقلى .
ئاغىنەم تۈنۈگۈن ساراڭ ئەمەستى .
بۇ دىگەن ئۈزۈم تال باراڭ ئەمەستى.
ئوغۇرلىغان پۇلمۇھارام ئەمەستى .
تەرەت قىلغان قايسى شۇم ئىشىك ئالدىغا.
ئەر-خوتۇن ئارىدا باردۇر يىقىنلىق .
ياڭراتقۇ شۇ قەدەر ئۈنلۈك يىقىملىق .
يا بىلىسەن ئاغىنەم مىنىڭ سۆزۈمنى .
بەش موچەنلىك ئۆرۈككە كىم تويىدۇ.
ۋاقتىڭىزنى ئۆتكۈزمەڭ ھەرگىزمۇ بىكار.
ئىشلەيدۇ چۈمۈلە يازدا مەدىكار.
تەستەك يىدى ئوسۇرغاق ئىنىم .
قاراڭلار ئاسماندىن يامغۇر يىغىپتۇ.
يەنە بىرنى ئىلىۋالدىم خوتۇندىن .
ئوتتىن ئەمەس زىرىكتىممەن ئوتۇندىن.
تىرىمىساڭ بۇغداي ئۆزى ئۈنمەيدۇ.
سەن ئۇرمىساڭ خەق قاپاقنمى تۈرمەيدۇ.
بەلكىم تىتىقسىز بىر نىمىلەرنى يازغاندىمەن .
يا بەلكىم ئەۋرەز قۇدۇقى قازغاندىمەن .
يا قىرىپ 80 دىن ئاشقاندىمەن .
بەك قىزىق تۇيۇلدى ئۆزۈم ئوقىسام .
ئەمدى مۇنۇ يازغانلىرىمنى تىتىقسىز بىھۇدە دىسەڭلارمۇ مەيلى . ئاچچىقىڭلار كەلسە ئۇرساڭلارمۇ مەيلى. ئەمما قوي دىگەننىمۇ شۇنداق ئۇرغان بارمۇ ؟ئۆلۈپ قالسا كىم ساڭا تاماق ئىتىپ بىرىدۇ ؟ سەنمۇ بەك رەھىمسىز بوپ كەتمە ، ئاچچىقىم كەلدى دەپ بىر ئۆگزىگە شۈنچە لاي چىقىرىۋەتكەن بارمۇ ؟ ئەمما ئۆگزەڭ بەك پىششىق بولۇپ كىتىپتۇ ، شۇ پىتى ئالتە ئاي ئۇچاڭدىن سالماي كىيسەڭمۇ ، كىرلەشمەيدۇ . كىرلەشمىدى دەپ بۇغداي ئۇنىنى يۇماي تۇرۇپ خىمىر يۇغۇرۇپ سالما . يىقىندىن بىرى لاي ئەتكەن داگۇڭلار توختىماي باج يىغىۋاتىدۇ . سەنمۇ ئايىغىڭنى مايلاپ كىيمىسەڭ چوقۇم ئىغىر باج تۆلەپ كىتىسەن . ئەمما قورقمىغىن . بىزنىڭ ئۆيدە يوغان توقۇمدىن بىرسى بار شۇنى ئۇچاڭغا ئارتىۋالساڭ قىش ۋاقتىدا قار ئۆتمەيدۇ . ئۆتمىسىلا ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كىتىدۇ دەپ بەك خاتىرجەم بولۇپمۇ كەتمە . چۈنكى خاتىرجەم يۈرىۋەرسەڭ ئېشىكىڭگە ھەلەپنى كىم ئىتىپ بىرىدۇ . ئەڭ ياخشىسى سەن چەتئەلنىڭ ئىلغار ھەلەپ ئىتىش ماشىنىسىدىن بىرنى سىېىتىۋال شۇچاغدا ئاشخاناڭنىڭ ئاقمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي . بەك ئىقىپ كىتىپ سۈزەلمەي قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۆستەڭنىڭ ئاخىرىغا توردا سۈزگۈچ ياسىۋال . شۇنىڭدا سەن كۈل كۆمۈر بىلەن چوڭ كۆمۈرنى ئوڭاي ئايرىيالايسەن . ئايرىش ئوڭايكەن دەپ ئاپاڭ بىلەن داداڭنى ئايرىپ يۈرمىگىن يەنە .
ئۇلارنىڭ سەندە ھەققى كۆپ . ھەققى كۆپ بولمىسا ئىككى ئاي ئىشلەپلا ئىشەك سىتىۋالالامتى . سىتىش-سىتىۋىلىش دىگەن پۇل بىلەن بولىدىغان ئىش . سىتىشنى بىلىپ سىتىۋىلىشنى بىلمىسەڭ ئۇ چاغدا دۇكىنىڭدا بىرمۇ سۈپۈرگە قالمايدۇ . قالمىسا سوداڭ كاساتلىشىدۇ . قۇرۇق دۇكاننى ئىچىپ توڭلاتقۇ ساتىمەن دىسەڭ خەق سىنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دىمەمدۇ ؟ ساراڭ دىسە دەۋەرسۇن ئەمما سەنمۇ ساراڭ بولساڭ تۈزۈك بول بولمىسا ئورنۇڭغا ئادەم بار ............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jesur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-21 23:46
|