ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 737|ئىنكاس: 1

قومۇلنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشى ۋە بىر قىسىم تەجىرىبىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قۇمۇلنىڭ « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشى ۋە

بىر قىسىم تەجرىبىلىرى  
     

-------------------------------------------------------------------------------


ئىلاۋە:   2003 - يىلى 3- ئايدا  ئاپتونوم رايۇن 2- نومۇرلۇق ھۆججەتنى («‹ قوش تىللىق› ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش توغرىسىدا قارار») نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرى«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ھۆججەتتە ئۈرۈمچى، قۇمۇل قاتارلىق شەھەرلەردە 2005- يىلى كۈزدىن باشلاپ، قالغان ۋىلايەت، شەھەرلەردە 2007- يىلى كۈزدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 3- يىللىقىدىن ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش، 2011 - يىلىغا بارغاندا  ئاپتونوم رايۇن بويىچە بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىردە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش تەلەپ قىلىنغان. موشۇ تەلەپ بويىچە قۇمۇل شەھرى2005  –  يىلى 9- ئايدىن باشلاپ شەھەر ئىچى باشلانغۇچ مەكتەپ، لۇنېڭ ئۈمىد مەكتىپى، ھېزىزىم مەكتەپ، شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ بۆلۈمى قاتارلىق تۆت مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ماتېماتىكا دەرسىنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتتى، شەھەرلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1- يىللىقىغا قۇبۇل قىلىنغان ئۈچ سىنىپنىڭ ھەممىسىدە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويدى. 11- ئايغا كەلگەندە بۇ سىنىپلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش پراگىراممىسىنىڭ %50 نىمۇ ئورۇندالمايلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلار بىر پۈتۈن ئوقۇشتىن بىزار بولۇشقا باشلىدى، ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالدى، ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىق پىكرى كۈچەيدى، موشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا  ۋىلايەتلىك مائارىپ  ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى قۇربان نىياز ئۆزى باش بولۇپ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ يوقىرىقى تۆت مەكتەپتە تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلىدى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىنىڭ  ماتېماتىكا دەرسى ئانا تىلدا ئوقۇتۇشقا ئۆزگەرتىلدى، شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1- يىللىقىدىكى ئۈچ سىنىپتىن خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ھازىرلانغان ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپ بىر سىنىپ - «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى قىلىنىپ، قالغان ئىككى سىنىپ  ئادەتتىكى سىنىپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سىنىپلارنىڭ ئوقۇ – ئۇقۇتۇش ئىشلىرى نورمال ئىزغا چۈشۈرۈلدى.

مانا موشۇنداق ۋەزىيەتتە، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشقا قارىتا كۆز قاراش، چۈشەنچە، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلىپ، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى مائارىپ قانۇنىيىتى بويىچە ئىلمى يولغا قويۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك مەقسىتىدە خۇلاسە خارەكتىردىكى بۇ ماقالە يېزىلدى ۋە  ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئىچكى جەھەتتە تارقىتىلىدىغان«ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خەۋەرلىرى»(خەنزۇچە نۇسخىسى)دا 2006- يىلى ئېلان قىلىندى.  2007- يىلى «مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق كىتابىمغا كىرگۈزۈلۈپ ئاشكارە تارقىتىلدى. ماقالىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىر ۋە ئۇسۇللار قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ 1992- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە (مەن پىنسىيىگە چىققىچە) بولغان 14 يىللىق «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسىگە ۋە كونكىرىتنى  ئىشلەش ئۇسۇلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تورداشلارنىڭ قۇمۇلنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش جەريانىنى چۈشىنىشى ۋە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىدا پايدىلىنىشغا ياردىمى بوپ قالار، دىگەن مەخسەتتە بۇ ماقالىنى تورداشلارغا سۇندۇم ، بەزى قاراش، پىكىر ۋە سۆزلەردە ئەشۇ شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرىغان تەرەپلىرىم بولىشى مۇقەررەر، تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.(ھازىرقى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارىشلىرىمنى، ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ قالمىسا ، پات ئارىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن).

  



قۇمۇل ۋىلايىتىنڭ « قوش تىللىق» ئوقۇتۇشى ۋە بىر قىسىم تەجرىبىلىرى
  

  

(ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم)  

  .

  

1.  قۇمۇل ۋىلايىتىدە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

قۇمۇل ۋىلايىتى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، 1994-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپلەر «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتىنى باشلاپ، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدا ۋىلايەت دەرىجىلىك «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، پۇتۇن ۋىلايەتنىڭ ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەر «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلدى؛ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ دەرىجىلىك «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، مەكتەپنىڭ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتىگە كونكرېت مەسئول بولدى.  1994- يىلىدىن2000- يىلىغىچە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ ھەر يىلى كۈزدە تولۇقسىز ئوتتۇرا 1- يىللىققا بىر سىنىپ(50 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى) «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق سىنىپى قوبۇل قىلىپ، كەسپى خەنزۇ تىلىنى ئالدىن ئوقۇتۇش(دەرسلىكنى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزدى)، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىنى خەنزۇ تىلىدا، قالغان دەرسلەرنى ئانا تىلدا ئۆتتى(بۇ ئالتە يىل جەريانىدا  ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئولى ھەريىلى 9- ئايدا تولۇق بىر ئاي مەكتەپتە تۇرۇپ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا  يىتەكچىلىك قىلدى). ۋىلايىتىمىزدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، 2000- يىلى كۈزدىن باشلاپ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق دائىرىسى قۇمۇل شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ، ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە كېڭىيىپ، سىنىپ ۋە ئوقۇغۇچى سانى داۋاملىق ئېشىپ باردى. ھازىر(2005-، 2006- ئوقۇش يىلىدا) ۋىلايەت بويىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا  «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى سانى 25 كە، ئوقۇغۇچى سانى 1034 كە؛ تولۇق ئوتتۇرا  «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى سانى 10 غا، ئوقۇغۇچى سانى441 گە؛ پۈتۈن ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى سانى 35 كە، ئوقۇغۇچى سانى 1475 كە يېتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانى ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدىكىگە قارىغاندا ئايرىم – ئايرىم  %9. 29 ، %7. 51 ، %7. 35 ئاشتى. ئومۇمەن، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى سانى يىلىغا %30 ئەتىراپىدا مۇقىم ئېشىپ باردى.

2000- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە جەمئىي ئالتە قارار، ئالتە سىنىپ ، 250 نەپەر «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئوقۇغۇچىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالى مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 234 نەپىرى مەملىكەت بويىچە نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە، 15 نەپىرى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە، 1 نەپىرى ئالى تېخنىكومغا قوبۇل قىلىندى.

قۇمۇل ۋىلايىتىدە  باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتى 2001- يىلى باشلاندى. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق ئەندىزىسى _ 1- يىللىققا يىتەرلىك خەنزۇ تىلى ئاساسى بار ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ بىر سىنىپ قىلىپ، يەنە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا ماتېماتىكا دەرسى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلدى. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىدىن يىتەرلىك ئاساسى بولمىسا بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ۋە قۇمۇل شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرى 1992- يىلى كۈزدىن باشلاپ شەھەر تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1- يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى سىناق قىلىپ يولغا قويدى. تەجرىبە توپلاش، ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ئاساسىدا 1997- يىلى كۈزدىن باشلاپ پۈتۈن ۋىلايەت تەۋەسىدە (مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ مەكتەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولغا قويۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 2001- يىلى كۈزدە ئاساسەن ئومۇملاشتى. بۇ ئاساستا 1998- يىلىدىن باشلاپ شەرت- شارائىتى يار بەرگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەر (مۇھىمى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى ھەل قىلالىغان مەكتەپلەر) تەييارلىق سىنىپتىن باشلاپ خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاش_سۆزلەش مەشىق دەرسى (ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن بەش سائەتكىچە) ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھازىر پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئاساسەن ئومۇملاشتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار تەدبىرلەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى، شۇنداقلا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىقىنى يولغا قويۇشقا ئاساس سالدى. ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى كۈندىلىك خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.2001- يىلى چاقىرىلغان ۋىلايەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىقىنى باشلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇ يىلى كۈزدىن باشلاپ قۇمۇل شەھرى شەھەر ئىچى باشلانغۇچ مەكتەپ (ھازىرقى شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ)، شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ (ھازىرقى لۇنىڭ ئۈمىد مەكتىپى)، ئارا تۈرۈك مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردە 1- يىللىق «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش تەجرىبە سىنىپلىرى ئېچىلدى. ھازىر ۋىلايەت بويىچە 1- يىللىقتىن 5- يىللىققىچە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىدىن 12 سى، 300 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار.

ئومۇمەن، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىشتا، ئالدى بىلەن ئىككى مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك: يەنى- بىرىنچىدىن، تىرىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنى بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا دەرس ئاڭلىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ لاياقەتلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى، بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

قۇمۇلدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىنىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقىدىن، شارائىتى بار مەكتەپلەردە تەييارلىق سىنىپلىرىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاش – سۆزلەش مەشىقىنى يولغا قويۇش، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش سىنىپلىرىنى ئېچىش، ئائىلە تەكرارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر قولىنىلىپ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بولۇپمۇ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتى تىز ئۆستۈرۈلۈپ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش كۆلىمىنىڭ يىلمۇ يىل كېڭىيىشىگە ياخشى ئاساس سېلىندى.

«قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ يىتشتۈرۈشتە، دەسلەپتە مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن مەكتەپ ئىچىدە تەربىيىلەش، مائارىپ – مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ، ۋىلايەت دەرىجىلىك «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىناق خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگەشتۈرۈپ تەربىيىلەش، سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىۋاستە تەربىيىلەش، يۆتكەپ كىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار قوللىنىلغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ – مەمۇرىي تارماقلىرى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تۈركۈملەپ ئۆز ئورۇنلىرىدا، ئۈرۈمچى ياكى ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ كوللېكتىپ تەربىيىلەۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان ئېھتىياج سان جەھەتتىن ئاساسەن ھەل قىلىندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايۇن «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش سالمىقىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. 2003 – يىلى 3- ئايدا  ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «‹ قوش تىللىق› ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش توغرىسىدا قارار» نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرى«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى؛ 2005- يىلى 12- ئايدا ئېچىلغان« ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرى‹قوش تىللىق› ئوقۇتۇش خىزمىتى يىغىنى» دا  ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى:  « ئاپتونوم رايۇنىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹ قوش تىل › مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى »نى تارقاتتى. «پىكىر» دە ئېنىق قىلىپ ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئەسلى بىر يىللىق تۈزۈمدىكى تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئىككى يىللىققا ئۆزگەرتىپ ، نوقتىلىق ھالدا  ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا قارىتا خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاش_سۆزلەش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئالاقە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش ئۈچۈن تىل ئاساسى ھازىرلاش كېرەكلىگى كۆرسىتىلگەن؛ «پىكىر»دىن يەنە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار« قوش تىل» مائارىپىنىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش، يىتىشتۈرۈش، بالىلارنىڭ تامىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سېلىنمىنى زور مىقتاردا ئاشۇردىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يىغىپ ئېيىتقاندا، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئون نەچچە يىل سىناق قىلىنىش، تەدرىجى كېكەيتىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىدەك ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى.

  

2.قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ«قوش تىللىق»ئوقۇتۇشىدىكى بىر قىسىم تەجرىبىلىرى                           

«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش كۈلىمىنىڭ ئۆزلۈكسىز كېڭىيىشى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جېددى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇلار ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى – ئوقۇتۇش سۈپىتىدىن ئىبارەت. مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى:«موشۇ بىر-ئىككى يىلنىڭ بۇياقى«قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى چۈشۈپ كەتتى،يەنە داۋاملىق چۈشۈۋاتىدۇ»، - دەپ ئىنكاس قىلىشىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. موشۇنداق بولىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى- «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ تەلىپىگە يەتمىدى، يەنى ئۇلار خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ئېغىر تەسىر يىتىۋاتىدۇ، بۇخىل ھالەتنىڭ ئۇزىرىشى ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىغا  سەلبى تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى، شۇنداقلا باشقا پەنلەرنى ئۈگىنىش ئاكتىپچانلىقىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتتى؛ سەۋەپلەرنىڭ يەنە بىرى – نۇرغۇن «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى، ئۇلار ئۆزلىرى گەرچە خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاپ چۈشىنەلىسىمۇ،خەنزۇچىنى ئوقۇپ بىلەلىسىمۇ، خەنزۇچە خەتنى يازالىسىمۇ، لېيكىن ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ئۇلار دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن، چىگىش نوقتىلىرىنى خەنزۇ تىلىدا تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىدى، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاڭلاپ چۈشىنەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئانا تىلدا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەشكە مەجبۇر بولدى (بەزىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىگەن ۋاقتى بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىنىڭ %50 ىدىن ئېشىپ كەتتى)، بۇ خىل ئەھۋال ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئون نەچچە يىللىق ئەمەلىيەتتىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىشتا جەزمەن مائارىپ قانونىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىلمى پوزىتسىيىدە بولۇش كېرەك؛ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىشتا ئالدىراپ كېىتىشكە بولمايدۇ؛ شۇنداقلا ساقلاپ ئولتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش؛ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا مەسئول بولۇش پوزىتسىيىسىدە بولۇش كېرەك. مېنىڭچە،  «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرىنچىدىن،كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپ تۇتۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىشنىڭ ئالدىنقى زۆرۈر شەرتىنى ھازىرلاش، بىر سىنىپ ئېچىشقا شەرت ھازىرلانغان بولسا، بىرلا سىنىپ ئېچىش، ھەرگىز ئىككى سىنىپ ئاچماسلىق كېرەك؛ بىر مەكتەپتە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپى ئېچىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلانغان بولسا، شۇ مەكتەپكىلا كېڭەيتىش، ھازىرلانمىغان بولسا قەتئىي كېڭەيىتمەسلىك كېرەك. «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان مەكتەپ ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىش ئوبيېكتىغا قارىتا ئەسايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىدە ھازىرلىغان ئالدىنقى شەرتىگە ئاساسەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئوقۇغۇچغا مەسئول بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى تۈزۈش ۋە پىلانغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كېرەك (ئوقۇتۇش جەريانىدا خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەسلىك سەۋەبىدىن دەرستە يىتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان سىنىپلارغا تەڭشىۋېتىش، ئۇلارنىڭ «ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك). نۆۋەتتە ۋە خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش بىلەن « ئانا تىلىدا » ئوقۇتۇشنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. يەنى ھازىرقى مىللى ئوقۇتقۇچىلارنى «بىر جايغا يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش»نىڭ ئورنىغا خەنزۇ مەكتەپلىرىدە «ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگەشتۈرۈپ تەربىيىلەش»، «سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بىۋاستە تەربىيىلەش»، «مەكتەپتە تەربىيىلەش» قاتارلىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە تەربىيىلەشتەك ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىش، تەربىيىلىنىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، تەربىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ نوقتىلىق ھالدا ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغان  «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر نەپەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ياكى «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش  ئوقۇتقۇچىسىنى مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرگۈزۈپ، خەنزۇ تىلى ۋە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى داۋاملىق يوقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچى، ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرى خەنزۇ تىلى بولۇپمۇ «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشقا قارىتا قاراتمىلىقى بولغان «‹قوش تىللىق› ئوقۇتۇش بويىچە دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇسابىقىسى»، «سائەتلىك پىلان ئۇستىدا مۇلاھىزە مۇسابىقىسى»، «خەنزۇ تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى،  ئۆزئارا ئۈگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنىڭ كەسپى سەۋىيىسىى، بولۇپمۇ خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بەشىنچى، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان مەكتەپلەر، رايونلار ئوزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۈگىنىش، ئۆزئارا تولۇقلاش ئارقىلىق «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

10 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسى ھازىرلانسا ۋە ئوقۇتقۇچى مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنسا، بىر قىسىم پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشنى («قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى) تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ يولغا قويغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ نەتىجىلىك بولىدۇ. لېكىن، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش – ئۇ، يەنىلا بىر يېڭى شەيئى، ھازىرچە ئۇنىڭ ئېنىق بولغان ئەندىزىسى ئورتىغا قويۇلغىنى يوق، شۇنداقلا بىز پايدىلانغىدەك بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان تەجرىبىمۇ يوق، شۇڭا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ، بىر قەدەر قىيىن بولغىنى باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى قانداق يولغا قويۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. يەنى ئانا تىلىنى ئەندىلا ئۈگىنىۋاتقان يەتتە ياشلىق بالا ئانا تىل – يېزىقىنىڭ ھەرىپلىرىنى، ھەرىپلىرىنى قوشۇپ ئوقۇش – يېزىشنى ئۈگىنىشى كېرەك، يەنە خەنزۇ تىلىنى ئۈگىنىشى، خەنزۇ تىلىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن پىنيىننى ئوقۇش ، يېزىشنى ئۈگىنىشى كېرەك، بۇنىڭغا ماتېماتىكىنى خەنزۇ تىلىدا ئۈگىنىش قوشۇلسا ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش يۇكى ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىرلىشىپ، ئۈگىنىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتەمدۇ – يوق،...... قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىزغا، تەتقىق  قىلىشىمىزغا، بولۇپمۇ پېداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيە مۇيەخەسسىسلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق  قىلىپ كۆرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يولداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆتكەنكى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتمەيدىغان ھەم ئىلمى بولغان، ھەم يولغا قويۇش قۇلايلىق بولغان ئامال تېپىلىدۇ.

خەنزۇ تىلىنى قانداق ئوقۇتۇش، «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشنى قانداق يولغا قويۇش، «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇراۋان» بولۇشنى قانداق قىلىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ  ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى يولداش قۇربان نىياز يېتەكچىلىگىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ ۋىلايىتىمىزگە تەۋە بولغان %80 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق تىلى سىستېمىسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى خەنزۇ تىلى ۋە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش ئەھۋالى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىمكانىيىتىگە قارىتا ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يولداش قۇربان نىياز شۇ ئاساستا تۆۋەندىكىدەك تەپەككۈر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يولداشلار پايدىلانسا بولىدۇ: تەييارلىق سىنىپلىرى «قوش تىل» تەربىيىسىدە بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلى تەلەپپۇز ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەر خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت تونۇش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر «قوش تىللىق» ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش؛ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش،«ئانا تىلدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» (ئۆزمىللىتىنىڭ تىلى،يېزىقى،تارىخى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى پۇختا بىلىش بىلەن بىرگە،خەنزۇ مىللىتىنىڭ تىلى،يېزىقى،تارىخى، مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنىمۇ بىلىدىغان) بولغان ئازسانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 1984-يىلى ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە «ئانا تىلدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان»بولۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى تەسىس قىلدى؛ 1992-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئازسانلىق مىللەتلەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش سىنىقى خىزمىتىنى باشلىدى.

مەنبە:باغداش تورى
ۋاقتى: 2012-5-21 20:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش تىللىق  دەپ قويۇم ھەممىنى خەنسوچە قىلماقچى بۇ مۇناپىقلار .
مەن بۇنداق قوش تىلغا بەك ئۆچ .
ئۆتكەندىكىن قوش تىل دىگەن گەپكە تولۇق ئەمەل قىلىپ ، ئۇيغۇرچە ھەم خەنچە دەرس سۆزلىسە بولاتتى .
بۇ قوش تىلنىڭ ھېمايىسىدە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز بەك خارلىققا قېلىۋاتېدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lotun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-22 07:59  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 15:39 , Processed in 0.139481 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat