ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 5

5 سۇئالغا 5 جاۋاپ لازىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1403
تىللا
7876
شۆھرەت
2363

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 18:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. مېنىڭ ئاكامنىڭ ئۆيىدىكى كومپىيوتىردىن دائىم تارىلدىغان ئاۋاز چىقىدۇ . مەن كومپىيوتىرنىڭ قېپىنى ئېچىپ ئاساسى تاختىدىكى ئۇلاشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىقتىم .  توك مەنبە ، CPU نىڭ شامالدۇرغۇچى ، ئىچكى ساقلىغۇچ ، قاتتىق دېسكا قاتارلىقلاردىمۇ پەقەت مەسىلە يوق . كومپىيوتىرمۇ نورمال ئىشلەيدۇ . بىراق شۇ تارىلدىغان ئاۋاز ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىكەن .
سۇئال : كومپىيوتىردىن چىقىۋاتقان تارىلدىغان ئاۋازنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدۇ ؟

2. مەندە ئىككى دانە بارماق دېسكا بولۇپ ئۆيۈمدىكى ۋە ئىدارىدىكى باشقا كومپىيوتىرلاردا نورمال ئىشلەيدۇ . ئەمما ئۆزەمنىڭ ئىشخانسىدىكى 联想 ئۈستەل كومپىيوتىرىدا بارماق دېسكىنى چاتسام 我的电脑  دا ۋە كومپىيوتىر ۋەزىپە ئىستونىدا بارماق دېسكىنى تونۇيدۇ . لېكىن ھۆججەت كۆچۈرگىلى ياكى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . مۇشۇ كومپىيوتىردا شۇ بارماق دېسكىنى فورماتلىغىلىمۇ بولمايدۇ . كومپىيوتىرنىڭ USB قوزغۇتۇش پىروگىراممىسى نورمال . كۆچمە دېسكىنى شۇنداق ياخشى تونۇيدۇ . بىراق باشقا كومپىيوتىرلاردا نورمال ئىشلىگەن بارماق دېسكامنى ئىشخانامدىكى كومپىيوتىرىمدا نورمال ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن .  بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمىدۇ ؟

3. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ 2.2 ، 2.3 ، 3.8 ۋە 4.0 قاتارلىق روملىرىنىڭ زادى قانداق پەرقى بار ؟

4. بىز دائىم ئىشلىتىدىغان 搜狗输入法  سوگۇ خەت كىرگۈزگۈچنى قاتتىق دېسكىنىڭ باشقا رايۇنىغا قاچىلاپ ، مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن بۇ كىرگۈزگۈچنى باشقىدىن قاچىلىمىسا نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن . ئەمما باشقا يۇمشاق دېتاللارنى مەسلەن : كومپىيوتىر ئويۇنى ، ئېكراننى سۈرەتكە ئېلىش دېتالى ......... قاتارلىق باشقا دېتاللارنى سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ باشقىدىن قاچىلىماي نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن .
سۇئال : 搜狗输入法  سوگۇ خەت كىرگۈزگۈچنى سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن باشقىدىن قاچىلىماي تۇرۇپ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇسۇل بارمۇ ؟ ( باشقىدىن قاچىلاش ئاسان ، بىراق مۇشۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش زۆرۈر)

5. ناخشا تېكىستىنى تونۇيدىغان ئۈن-سىن قويغۇچلارغا ئۆزىمىز ئالدىن يېزىپ تەييارلاپ قويغان ناخشا تېكىستىنى قانداق ئۇسۇل بىلەن تونۇتىمىز ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 18:34  

1

باھا خاتىرىسى

‹‹ ئىنتىل سەيناسى ›› ھەقىقەتەن بىر بىلىم باغچىسى ئىكەن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
877
تىللا
1407
شۆھرەت
1850
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 19:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1- بەلكىم قاتتىق دېسكىنىڭ ئاۋازى بولىشى مۇمكىن، بەزى سۈپەتسىز قاتتىق دېسكىلاردا ئاۋاز چىقىدىغان ئەھۋاللارنى تولا ئۇچراتتىم.

2- بىلەلمىدىم.

3- كومپيوتېرنىڭ سېستىمىسىغا ئوخشاش، يەنى Windows 8 ،Windows 7 ،Windows XP دېگەندەك. 2.2 ، 2.3 ، 3.8 ۋە 4.0 قاتارلىقلار سېستىمىنىڭ نەشر نومۇرى بولۇپ، يېڭى نەشرىدە كونىسىدىكى خاتالىقلار تۈزۈتۈلۈپ، يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ.
4.0 سېستىمىسىدا بىزگە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلاردىن بىرى بولغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ نورمال ئۇلىنىشى ھەل قىلىنغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ « 4.0 نى قاچىلىسا ئۇيغۇرچىنى نورمال تونۇيدۇ» دېگىنى شۇ سەۋەبتىن.

4- 搜狗输入法نى ئۇقمايدىكەنمەن، لېكىن مەن ئىشلىتىۋاتقان 谷歌输入法 نى، سېستىمىنى قاچىلاپ بولۇپ قاچىلانغان ئورۇندىكى مەلۇم بىر ھۆججەتنى تۇنجى قېتىم بىر قېتىم قوزغىتىپ قويسىلا بولىدۇ، كېيىن قوزغىتىش ھاجەتسىز.

5- 千千静听نىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار.
ئاۋال ناخشىنى قويۇسىز، تېكىست كۆرسىتىش رايۇنىنى ئېچىپ، ئوڭ كونۇپكىنى بېسىپ، تىزىملىكتىن «编辑歌词» نى باسسىڭىز، تېكىست تەھرىرلەش ئىقتىدارى ئېچىلىدۇ.
تەييارلىۋالغان تېكىستنى چاپلاپ، ھەر بىر مىسرانىڭ بېشىغا شۇ تېكىستنىڭ ناخشىدىكى ۋاقتىنى كىرگۈزىسىز، ئۇسۇلى مۇنداق:
ئاۋال ناخشىنى چاپتۇرۇپ شۇ مىسراغا ئەكېلىسىز، كەلگەن ھامان تېكىست تەھرىرلەش ئورنىدىكى [ + ] كونۇپكىسىنى باسسىڭىز نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى قىستۇرىدۇ.
ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   osmanturpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 19:06  

باھا سۆز

خەنجەر  پايدىلىق ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 12:58:06
2

باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
775
تىللا
1181
شۆھرەت
1487
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 19:07:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئەگەر كومپيۇتىر قوزغالغاندا چىققان ئاۋاز بولسا، چۇقۇم قاتتىق دىسكىدىكى ئوقۇش سۈرئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ قاتتىق دىسكىدا ئازراق مەسىلە بار دىگەنلىك، ئەگەر كومپيۇتىر نۇرمال قوزغىلىپ يەنە مۇشۇنداق ئاۋاز كۆرۈلسە، شامالدۇرغۇچلارنى تەكشۈرۈڭ، توك مەنبەسى، سىپىيۇ، كۆرسىتىش كارتىسى دىگەندەك، يەنە بىر ئىش ئەگەر كومپيۇتىر بۇرۇنقى يىللاردىكى سەپلىمە بولسا، ئۇنىڭدا يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ بولسىمۇ يەنە شۇنداق كارتىلدىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ.
2. سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى كومپيۇتىرنىڭ تىزىملاش جەدۋىلىدە مەسىلە باركەن، يەنى يېزىشتىن ساقلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت، شۇڭا تىزىملاش جەدىۋىلىنى بىلمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلاڭ.
3. يانفۇن ھەققىدىكى ساۋاتىم بەك ئاز ، يەنىلا سەينادىكى جەسۇر ئەپەندىدىن ياردەم سۇراڭ.
4. كىرگۈزگۈچ مەخسۇس سېستىما ھۆججىتىگە تايىنىدۇ، ئۇيغۇرچىدىمۇ شۇغۇ. شۇڭا ئاۋارىچىلىق كۆرمەي قايتىدىن قاچىلاڭ.
5. ناخشا تىكىسىتىنى تۇنۇتىدىغان يۇمتاللار توردا كۆپ، لېكىن ئۇيغۇرچىنى تۇنىتىدىغان دىتالنى مەنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم.

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
خەنجەر  ياخشى: 5
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 13:00:56
2

باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
294
تىللا
479
شۆھرەت
525
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 21:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتېردىكى تارىلدىغان ئاۋاز بەلكىم توك مەنبەنىڭ شامالدۇرغۇچىدىن چىققان بولۇشى مومكىن  ، راس شۇنداق بولسا توك مەنبە ئۈستىگە نەچچە مۇش ئۇرۋەتسىڭىز ئوڭشۇلىدۇ .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1662
تىللا
1696
شۆھرەت
2845

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 21:24:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2012-5-21 21:06
كومپىيوتېردىكى تارىلدىغان ئاۋاز بەلكىم توك مەنبەنىڭ ش ...

مەنمۇ بەزىدە شۇنداق قىلاتتىم.
راسلا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بۇ  
ئاندىرويىد ۋە ئالما ئويۇنى ياساشقا قىزىقىدىغانلار بارمۇ؟

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
37
تىللا
135
شۆھرەت
78
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 22:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ شۇنداق قىلاتتىم   شامالدۇرغۇچنى ياغلىۋەتسەم ئوڭشالدى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-22 12:34 , Processed in 0.093074 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش