ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 4

پاتېنت ھەققىدە سۇئال؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1467
تىللا
1296
شۆھرەت
2431

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 00:16:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
مىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى خاتىرەمگە يېزىپ ساقلاپ قويغان پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى نەچچە ئون خىل كەشپىيات پىلانىم بار ئىدى.
يىقىندىن بىرى مىنىڭ بۇ كەشپىيات پىلانلىرىمنى باشقىلارمۇ ھىس قىلىپ يەتكەن چىغى باشقىلار تەرىپىدىن بىر_بىرلەپ ياسىلىپ چىقىۋاتىدۇ.
شۇڭا خاتىرەمدىكى كەشپىيات پىلانلىرىم تۈگەپ كەتمىسۇن يەنە   .
ئەمدى مۇشۇ پاتېنت ھوقوقىغا كەلسەك ئۇنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟ قەيەردىن ئىلتىماس قىلىدۇ؟ قانچە پۇل كىتىدۇ؟ ...
يەنە بىر گەپ: مۇشۇ كەشپىيات لاھىيەسىنى چوقۇم ئۆزىمىز ئەمىليەتتە ياساپ چىقىشىمىز كىرەكمۇ؟
مۇشۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بىرىشىنى سورايمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1315
تىللا
1278
شۆھرەت
1981
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 11:57:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

پاتېنت ئىجادىلەتچىلىرىدىكى بەش تۈرلۈك خاتا ئۇقۇم

نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ياشلىرىمىز كەينى- كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، يېڭىدىن- يېڭى مەھسۇلاتلارنى كەشىپ قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكتە.ئۇلار ئىجاد قىلغان مەھسۇلاتلار مۇئەييەن زامان ۋە ماكان ئالاھىدىكىگە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە تولىمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئەنە شۇ ياش كەشپىياتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە پاتېنت ئىلتىماس قىلىشنى ئەستىن چىقارماي، ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان مەھسۇلاتلىرىغا پاتېنت ئىلتىماس قىلماقتا.

ئەمما، پاتېنت ئىجادىيەتچىلىرىگە نىسبەتەن شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشى لازىمكى، بىر تۈرلۈك پاتېنت ھوقوقى ئالغانلىق ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ھىسابلانمايدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ بېسىلغان بىرىنچى قەدەم بولۇپ، پاتېنتقا ئېرىشكۈچى پاتېنتقا ئېرىشكەن مەھسۇلاتنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.ھەر قانداق ياخشى تۈر بولغاندىمۇ پاتېنت تاۋارغا ئايلانمىسا، جەمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلالمىسا، ئۇ بىر پارچە قۇرۇق قەغەزدىن ئىبارەت.ئۇنداق بولسا قانداق مەھسۇلاتنى قانداق قىلىپ تاۋارغا ئايلاندۇرىمىز؟ قانداق قىلغاندا پاتېنتنى ئۈنۈملۈك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ پاتېنت ئالغۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار مەھسۇلاتنى پاتېنتقا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا خاتا مەشغۇلات قىلماقتا. پاتېنت كېڭەيتىشتىكى خاتا ئۇقۇملارنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

بىرىنچى خاتا ئۇقۇم، دەرەخ تۈۋىدە مىدىرلىماي يېتىپ: «ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۈش دەپ ساخلاش». بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار پاتېنت ئالغاندىن كېيىن ھەممە ئىش پۈتتى دەپ قاراپ سودىگەرلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ سېتىۋىلىشىنى ساقلايدۇ.لېكىن، ھېچكىم سىزنىڭ مەھسۇلات كەشىپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ.شۇنداق ئىكەن، سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلار سىزنىڭ بۇ پاتېنتتىڭىزنى نەدىن بىلسۇن؟ بۇ خىل مۇمكىنچىلىك ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، لاتارىيە ئېلىپ مۇكاپات چىققاندىنمۇ تەس.شۇڭا ساخلاش ئۆلۈمنى كۈتكەنلىك بىلەن باراۋەر بولۇپ، پاتېنت قوغداش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا پاتېنتىڭىزنى باشقىلار ئىگەللىۋالىدۇ.

ئىككىنچى خاتا ئۇقۇم، پادىشاھنىڭ كىنزىكى ئەرسىز قالماس دەپ، «ئۆزىڭىزگە بەك تەمەننا قويۇپ غادىيۋالماڭ». بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ تەتقىقات تۈرىنى تىللا تۆكۈلدىغان دەرەخ دەپ ئويلاپ، مېنىڭ تۈرۈمنىڭ تېخنىكىلىق سالمىقى يۇقىرى، دۇنيادا ھىچكىمدە يوق، سېتىشتىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولىدۇ دەپ، ناھايىتى يۇقىرى باھا قويىۋىلىپ، دېگەن يەرگە بارمىسا ساتمايدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتا قاراش.دۆلەت بىلىم-مۈلۈك ئىدارىسىدا قانچىلىك ياخشى تۈرلەرنىڭ ئىشلىتىلمەي قۇرۇق قەغەز دۆۋىسىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سىز بىلمەيسىز. كونىلار:«ئاق مۈشۈك قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقىنى ياخشى مۈشۈك»دىگەن، دېڭشياۋپىڭ: «تېخنىكا ئەۋزەل، پەن- تېخنىكا قارىشىدىن ئىشلىتىش ئەۋزەل» دىگەن. بازار قارىشىغا جىددى ئۆتۈڭ، يادىڭىزدا بولسۇنكى ياخشى تېخنىكىنىڭ ياخشى بازارغا ئېرىشەلىشى ناتايىن.

ئۈچىنچى خاتا ئۇقۇم، ئالدىراقسانلىق بىلەن قارىغۇلارچە كېڭەيتىش.بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار پاتېنت كېنىشكىسىنى قولىغا ئېلىپلا كېڭەيتىشكە ئالدىراپ ناھايىتى زور مەبلەغ سالىدۇ، ئۆزىنىڭ پاتېنت كېڭەيتىش، كەسپلەشتۈرۈش جەھەتتە بىلىمى ناھايىتى كەم بولغاچقا ئاسانلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئەخمەق بولىدۇ، نەتىجىدە، چىقىم تارتقىنىنى ئاز دەپ پاتېنت كېڭەيتىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ كويىدۇ ۋە ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

تۆتىنچى خاتا ئۇقۇم، ئەجىر قىلماي ھالاۋەتنى ئويلاش.ھەقسىز مۇلازىمەت بولسىلا قالايمىقان قاتنىشىش، ھەق ئالىدىغان مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلماسلىق. مۇنداق بىر تەمسىل بار: «مىھنەتسىز ئاش باشقا چىقار». ھازىر ئاز بولمىغان كارخانا ۋە چەت ئەلنىڭ ۋاكالەتچى ئورگانلىرى دۆلىتىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات ماتېرىيالىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن قانۇنسىز ھالدا دوراپ ياساۋاتىدۇ ياكى ئۆز دۆلىتىدە خەلقئارالىق تېخنىكا قوغداشقا ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ، پاتېنت كېڭەيتىش بەدەل تۆلەيدىغان «پۇل خەجلەش» ئىشى بولۇپ، خەجلىگەن پۇلىڭىز ئەرزىمدۇ، ئەرزىمەمدۇ، دىگەنلەرنى ئەتراپلىق ئويلىشىڭ، پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىڭ، يادىڭىزدا بولسۇنكى، سېلىنما بولمىسا مەھسۇلات بولمايدۇ.

بەشىنچى خاتا ئۇقۇم، كەسپىي بىلىمى كەم بولۇش سەۋەبىدىن ھوقوقىنى قوغداشنى بىلمەسلىك.كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار كەسپى تەتقىقاتچى بولمىغاچقا كەسپى بىلىمى يېتەرسىز،كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئۇقۇملاردىن خەۋەرسىز.مۇمكىنچىلىك دوكلاتى ۋە سودا پىلانى يېزىشنى بىلمەيدۇ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ.مەسىلەن، پاتېنت ئۇقۇمى، ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكىنى پايغا ھىسابلاپ قوشۇش، مۇستەقىل ئىگەللەش...بەزى كەشپىياتچىلار تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىپى ۋە رەسمىيەتلىرىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ تۈرىگە توغرا باھا قويۇشنى بىلمەيدۇ، قايسى ماتېرىيالنى ئاشكارىلاش قايسى ماتېرىيالنى مەخپىي تۇتۇشنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ھوقوقى دەخلى- تەرۈزگە ئۇچرىسا، ئالدانسا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىنى قوغدىيالمايدۇ. شۇڭا، كەشپىياتچىلار پاتېنتىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا چوقۇم كەسپلەشكەن مەسلىھەتچىلىك ئورگانلىرىنى ئۆزىگە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىشى كېرەك.


مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى
2

باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1315
تىللا
1278
شۆھرەت
1981
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 11:57:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتنىت ئادەتتە قوللۇنىشچان يېڭىلىق «实用新型» ۋە كەشپىيات «发明» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
قارىسام سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى قوللۇنىشچان يېڭىلىق تۈرىگە كىرىدىكەن، دىگەنلىرىڭىز بويىچە ئىلتىماس قىلسىڭىز ئاساسەن بېرىدۇ(باشقىلار بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپ باقمىغان بولسلا). ھەتتا بىر نەرسىنى ياسىماي تۇرۇپمۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان نەرسىنى مۇنداق ئۆزگەرتسە مۇنداق بولىدۇ دەپ سېخىمىسىنى سىزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بېرىۋېرىدۇ.
ئەمدى ھالقىلىق گەپ سىزنىڭ ئۈچىنچى سوئالىڭىزدا ، پاتنىت ئىلتماس قىلىشقا نەچچە يۈز كويچەن كىتىدۇ، ئالدىنىقى بىر نەچچە يىلدا سىزگە ئەرزانراق باھادا پاتنىت ھوقۇقىڭىزنى قوغداپ بېرىدۇ. مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا بۇ نەرسىگە بىركىم قىزىقمىسا بولدى بۇ پاتنىتنىڭ سىزگە يۈك بولغىنى بولغان. شۇڭلاشقا پاتنىت ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن ئويلۇنۇپراق قىلىڭ. يوغان يوغان كىنىشكىنى ئېلىپ قويغان بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى يىگىلى بولمايدىكەن. تازا ئوبدان كاللا قاتۇرۇپ ئىجاد قىلغان نەرسىڭىزنىڭ ئەمەلىي قىممىتى بارمۇ يوق ئوبدان مەسلىھەت ئېلىپ بېقىڭ، ناۋادا قىممىتى بولۇش ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن سىز ئالدى بىلەن http://www.sipo.gov.cn/zlsqzn/sqq/ دىن كىرىپ سىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان پاتنىت بارمۇ يوق شۇنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ، ئاندىن ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. ھازىر پاتنىت ئىدارىسى توردا تۇرۇپمۇ ئىلتىماس قىلىشنى يولغا قويۇپتۇ، كۆرۈپ بېقىڭ http://www.sipo.gov.cn/zlsq/200804/t20080418_383686.html
سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
1

باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1467
تىللا
1296
شۆھرەت
2431

تەشۋىقات تۆھپە ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 19:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tawlan12 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-18 11:57
پاتنىت ئادەتتە قوللۇنىشچان يېڭىلىق «实用新型» ۋە كەشپىيات ...

رەھمەت سىزگە !
جاۋابىڭىزدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.
مىنىڭ خەنچە سەۋىيەم بەك تۆۋەن، ئۇيغۇرچە ۋاكالەتچى تور بىكەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرەي.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17234
تىللا
21527
شۆھرەت
30008

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 15:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-8 12:08 , Processed in 0.134834 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش