تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

خاتىرە كومپىيۇتىرنى رىمىنۇت قىلىشنى قەيەردە ئۈگۈنۈش كىرەك ؟

يوللىغۇچى: taxyurak7| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-20 21:29| كۆرۈلۈشى: 132| ئىنكاس سانى: 11

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل سەيناسىدىكى تورداشلار: ياخشىمۇ سىلەر  ؟ مەن قەشقەر دىيارىدىن ئۈرۈمچىگە مەخسۇس خاتىرە كومپىيۇتىر رىمۇنىت قىلىشنى ئۈگەنگىلى كەلگەن ئىدىم ، مانا ھەش پەش دىگۈچە 4 ئاي بولۇپ قالدى ،  مەن دەسلەپ كەلگەن چاغدا خاتىرە كومپىيۇتىرنى رىمىنۇت قىلىشنى زادى نەگە بىرىپ ئۈگەنسەم بولا دەپ ئىككىلىنىپ  يەنى تەربىيلەش ئورۇنلىرىغا بىرىپ ئۈگەنسەم بولامۇ ياكى مەخسۇس خاتىرە كومپىيۇتىر رىمۇنىت قىلىش شىركەتلىرگە بىرىپ ئۈگەنسەم بولامۇ دەپ ئىككىلىنىپ ئارسالدى بولۇپ بىرە ھەپتە تىڭىرقاپ يۈرگەن ئىدىم ، ئاخىرى خاتىرە كومپىيۇتىرنى  مەخسۇس رىمۇنىت قىلىش شىركەتلىرىگە بىرىپ ئۈگۈنۈشنى قارار قىلىدىم ۋە شۇنداق قىلدىم ، مىن ىزىل بايراق رايۇنىدىكى كومپىيۇتىر شەھەرچىسىدىكى مەلۇم شىركەت مىنى قوبۇل قىلدى  ، بۇ شىركەت ماڭا تۇنجى ئايدىلا 560 يۇەن ،  ئىككىنجى ئايدا 760 يۇەن ، ئۈچىنجى ئايدا 900 يۇەن ، توتىنجى ئايدا 1200 مائاش بەردى ، باشقىلار بۇنى كورۇپ ھەجەپ ياخشى شىركەتكەنغۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن ، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ شىركەتنىڭ رىمۇنىت قىلىش ئورنى بىلەن خىرىدارلارنى كۈتۈش ئورنى ئايرىۋىتىلگەن بولۇپ ، مىنى تا ھازىرغىچە رىمۇنىت قىلىش ئورنىغا كىرگۈزمىدى ،  ...مەن تا ھازىرغىچە خاتىرە كوپمپيۇتىر ئاساسىي تاختىسى ئۈستىدىكى ئۈزەكچىلەرنىمۇ تونىمايمەن (ئايرىم  سانلىرىنى تونىيمەن )  ، ئۇنداقتا مىنى نىمە ئىش قىلدىكى دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ؟ مەزكۇر شىركەتنىڭ ماللىرى ئىنتايىن تولۇق ، تىخنىكىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ كۈندە شۇنداق ئالدىراش ، ھەتتا ماڭا تىلىفۇن كىلىپ قالسا تىلفۇن ئالغىدەكمۇ ۋاقىت يوق ...    ئۇنداقتا مەن زادى نىمە ئىش قىلدىم  ؟ مەن كۈندە دىگۈدەك خىرىدارلار رىمۇنىت قىلىشقا ئەكەلگەن خاتىرە كومپىيۇتىرلارنى سوكىمەن ، باشقا تىخنىكىلار رىمۇنىت قىلىدۇ ( ئاساسىي تاختىنى دىمەكچىمەن ) ، بۇ ئارلىقتا مەن يەنە باشقا بىر خاتىرە كومپىيۇتىر سوكىمەن ، يەنە سوكىمەن ، ئاندىن رىمۇنىت قىلىپ بولغاندىن كىيىن مەن قوراشتۇرۇشقا باشلايمەن ، ھەتتا كۈندە سائەت 8 ، 9 لاردا ئىشىتن چۇشىمەن ..... مانا 4 ئاينىڭياقى شۇنىلا ئۈگەندىم ... ئۇنىڭدىن باشقا خاتىرە كومپىيۇتىرنىڭ قىپىنى ئالماشتۇرۇش ، شامالدۇرغۇچنى ئۆزگەرتىش دىگەندەكلەرمۇ بار  ..... مەن بۇ شىركەتتە تۇرىۋەرسەم ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغان بولىدىكەنمەن دەپ بۇ شىركەتتىن چىكەتتىم  .... ئەمما مەن مۇشۇ كەسىپنى ياخشى ئىگەللەش پىلانىم بار .... شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى بەزى تەربىيلەش مەركەزلىرى ۋە مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقىلاشتىم   ، تەربىيلەش مەكتەپلىرى ماڭا توت ئايدىلا ئۈگۈتۈپ بولىدىغانلىقىنى دىدى ...... مەن ئويلىنىپ قالدىم   ، بىزلەردىن شىنجاڭ تەۋەسىدە بىر مۇ خاتىرە كومپىيۇتىر رىمۇنىت قىلىش ئورۇنلىرىمۇيوق  ..... ئەجىبا شۇنداق ئىستىقباللىق بۇ كەسىپنى ، تەربىيلەش مەكتەپلىرى توت ئايدىلا ئۈگۈتۈپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلسا ، بۇ كەسپ بىزلەر ئارىمىزدا ئومۇملىشالمىدى .....  
ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم  خاتىرە كومپىيۇتىرنى رىمىنۇت قىلىشنى تەربىيلەش مەكتەپلىرىدە تەريىيلىنىپ چىققانلارمۇ بارمۇ  ؟ مەسىلەن شىنجاڭ قاشتىشى مەكتىپىدە دىگەندەك ئورۇنلاردا ...ئۇنداقتا مەن خاتىرە كومپىيۇتىرنى قەيەرگە بىرىپ ئۈگەنسەم ياخشى بولار ؟   مەزكۇر كەسىپنى ئۈگەنگۈچىلەر ، ئۈگىنۋاتقانلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى سورايمەن .....  
تىلىفۇن  :13209911411      كوت كوت : 1454996373

يېڭى ئىنكاسلار

Ozhan 7  كۈن ئالدىدا
شىركەت ئاددىرىسىنى قالدۇرغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەنتۇق ، مەن دىمەكچى بولغان شىركەتكە ئوخشاپ قالىدىكەن ، بىزنىڭ بۇرادەرلەرمۇ شۇيەردىن ئۈگەنگەن ئىدى قىزىل بايراق 亿星 كومپىيۇتېر (بەلكىم چامدان كومپىيوتېر) رىمونىت شىركىتى ( 2- قەۋەتقۇ دەيمەن ) ئۇزۇن بولغاچقا تولۇق ئىسىمدە يوق ، بىراق ئىسمى ئىنىق 亿星 ، بىز كۆن ئىزلەش ، ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە مۇشۇ شىركەتنىڭ چامدان خاتىرە كومپىيوتېر رىمونىت قىلىشقا ئەڭ ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلىپ 3 دوستىمىز شۇيەردە ئۈگەنگەن .
تەۋسيە : شۇ يەربىلەن كۆرۈشۈپ بىقىڭ ، مىنىڭچە مەكتەپلەر ياخشى ئۈگۈتەلمەسلىكى مۇمكىن .
Intil 7  كۈن ئالدىدا
قارىغاندا لەپتوپنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنى بىلىپ بوپسىز. ئەمدى بۇ ھۈنەرنى ئۆگۈنۈش سىزگە تەس كەلمەسلىكى مۇمكىن.  خەنزۇچە بىلسىڭىز ئۆگۈنۈشنى باشلاڭ
1-   mpg دەرسلىكنى
بۇنى بېسىپ ئىزدەڭ
2- 笔记本电脑维修快速入门PDF电子书
http://www.ankty.com/soft/8/158/15953.html
3-笔记本维修视频教程下载 بۇ يەردە سەككىز قىسىم دەرس بار. بولسا تەخەيدە چۈشۈرۈڭ، شۈنلېيمۇ بولىدۇhttp://www.jsdata.cn/article/show.asp?id=42581
4- 笔记本维修视频教程 http://www.souxue8.com/Soft/ShowSoft.asp?SoftID=334
5- 《笔记本电脑维修快速入门》图解笔记本教程 PDF电子书
http://www.xp366.com/soft/Teaching/hardware/1504.html
6-  بۇ يەردىمۇ توك يولى ۋە باشقا ماتىرىيال بار. بولسا تەخەيدە چۈشۈرۈڭ، شۈنلېيمۇ بولىدۇ
http://www.vixiu.com/Soft/bj/Index.html
7-  سىندەرس 14 قىسىم
笔记本芯片级维修视频   
http://www.youku.com/playlist_show/id_3276409.html
ياكى http://www.youku.com/playlist_show/id_3357232.html
8- ئەمدى 56 تورىدىكى سىندەرسلەرنى بۇنى بېسىپ ئىزدەڭ
9- سىندەرسنى بەيدۇدىن ئىزدەڭ
10- توك يولى ۋە باشقا تۈرلۈك ماتىرىياللار بۇ يەردە كۆپ . بۇنى بېسىڭ  ( جۇغلانمىڭىز يەتمىسە ئىنكاس قالدۇرۇڭ، ئىنتىلدىكى كۆپ جۇغلانمىلىق تورداشلار ياردەم قىلىمىز)
kapsiz 7  كۈن ئالدىدا
سىزنڭ دىگنىڭىزمۇ توغررا  لىكىن ئۇرۇمچى  شەھەرلىك  ئەزھەر  كەسپى  تېخنىكا تەربىلەش  مەكتىپدىمۇ ئۇگىتدۇ
Intil 7  كۈن ئالدىدا
بولىدىغاندەكمۇ؟
taxyurak7 7  كۈن ئالدىدا
ئىنتىل ئەپەندىگە كوپتىن كوپ رەھمەت ، مەن يۇقارقىدەك دەرسلىكلەرنىمۇ توردىن چۇشۇرۇپ كورۇپ تۇردىم ، ئەمما يەنىلا ئەمىلى تەجىرىبە ۋە نەخ مەيداندا رىمۇنىت قىلىپ كورمىسە ، ئىشقىلىپ بىرەر خاتىرە كومپىيۇتىرنى رىمۇنىت قىلغىلى بولمايدىكەن.... سىزگە كوپ رەھمەت ئىنتىل ئەپەندى....
ئوزخان 亿星  دا تۇرۇپ خىلى جىق نەرسىلەرنى ئۇگۈنۋالدىڭىزمۇ ؟ سىز ھازىر نەدە ، بولمىسا مەن سىزدىنلا ئۈگەنسەم قانداق دەيسىز  ؟  سىز خاتىرە كومپىيۇتىر رىمۇنىت قىلىشنى ئۈگۈنۈپ بولدىڭىزمۇ ؟
Intil 7  كۈن ئالدىدا
ئىنكاس قايتۇرۇش taxyurak7 نىڭ تېمىسى
سىندەرسلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟
   
Ozhan 7  كۈن ئالدىدا
ئىنكاس قايتۇرۇش taxyurak7 نىڭ تېمىسى
مەن ئۈگەنمىدىم، بىراق دوستلىرىم ئۈگۈنۈپ دۇكان ئىچىۋاتىدۇ يەكەندە .

   
taxyurak7 7  كۈن ئالدىدا
سىن ھۆججەتلىرىنىمۇ چۇشۇرۇپ ، ئوزلىكىدىن ئۇگىنۋاتىمەن ......   ئازراق بىر نەرسىلەرنى چۇشەنگەندەك بولدۇم ، بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇشۇ كومپىيۇتىرلارنى رىمۇنىت قىلىشقا دائىر بىرەر تور بەت ، بىرەر چوڭراق شىركەت ئىچىلغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ، مەسىلەن : ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىدەك ..............بىزدە ھازىر يۇمشاق دىياللارغا ئائىت شىركەتلەر خىلى كوپ  ، ئەمما رىمۇنىت قىلىشقا (维修)  بىزدە يا شىركەت يوق ، ياكى تور بەت .......  مەن يەنىلا بىرەر شىركەتكە بىرىپ ئەمەلىي مەشغۇلاتقا قاتنىشپ ئۈگەنگىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ   ، لىكىن  ماۋۇ ئادەملەر ئالدىراپ بىزگە تىخنىكا ئۈگەتمەيدىكەن ئەمەسما .......   يەنىلا تىرىشپ ئۈگىنەي...... سىزگە كۆپ رەھمەت ئىنتىل ئەپەندى....ياخشى ئىنكاسلار بولسا يوللاپ تۇرارسىز
Intil 7  كۈن ئالدىدا
توغرا ئىتتىڭىز، بىزدە قاتتىق دىتالغا ئائىت توربەت يوق دېسەكمۇ بولىدۇ ( ئىنتىلدا قاتتىق دىتالغا ئائىت ئايرىم سەھىپە ئىزچىل بار)
turan 5  كۈن ئالدىدا
http://www.uqur.cn/html/213893.shtmlبولمىسا ماۋۇ تور بەتتىكى يەرگە بېرىپ سۆزلىشىپ بېقىڭ!!!!!
irpan 3  كۈن ئالدىدا
ئالدىراپ قاپسىز بۇرادەر. ناۋايلىققا ھۆنەرگە كىرسىمۇ ئالدى بىلەن  ئوتۇن يارىدۇ.ئوت قالايدۇ.خېمىر يۇغۇرىدۇ.زولا تاۋلايدۇ.نان ئاچىدۇ،ئاىردا تونۇر بېشىغا كېلىدۇ .
سىز بۇياقتىن كەپ بولغىچە ئۇياقتىن  باشقا ئىشلىرنىمۇ  ئۈگۈتۈپ بولسا  چوقۇم تولۇق ئۈگۈنەلمەيسىز.بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ ....

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-28 18:49.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.