- جۇغلانما
- 11478
تىزىملاتقان2011-10-18
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ھازىر فىلەش دىسە كۆپىنچە تورداشلارنىڭ ئويىغا تور بەتكە ئىلان ئىشلەيدىغان ، ئاددىي رەسىم ۋە ئاددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان يومشاق دىتال كىلىدۇ. تىپىك مىسالى سىز كۆپىنچە مۇنبەرلەرگە كىرسىڭىز فىلەشنى رەسىم سۈرەت سەھىپىسىدە ياكى photoshop بىلەن بىر يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. ھەتتا بەزى مۇنبەرلەردە فىلەشكە ئورۇنمۇ بەرمەيدۇ. يەنە قارىسىڭىز بىر قىتىم چىكىپ قويۇڭ دەپ فىلەش ئېلانلارنى ئېسىپ قويىدۇ.
نەق گەپكە كەلسەك فىلەش دىگەن ئاتالغۇ بىزلەرگە جانلىقلىق تۇيغۇسى بەرمەيدۇ. (جانسىز، بوش، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان دىگەندەك ئويلايدۇ.)
ئەمدى مەن بىر فىلەش ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خىل كۆز قاراشقا خاتىمە بەرمەكچى.
تورداشلارنىڭ يادىدا بولىشى مۇمكىن، مەن تۇنجى تىمام ‹‹ئۆزۈم ياسىغان، ئۇيغۇرچە flash ئويۇن›› بىلەن سەيناغا قەدەم باسقاندىن بىرى تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ شۇ ئۇيۇننى قىشتىن بىرى ئاندىرويىد يانفونىغا ماسلاشتۇرۇپ چىقتىم.
بۇ جەرياندا ئويۇن كودىنى AS_2.0 دىن AS_3.0 گە ئۆزگەرتىش جەريانىدا كۆپ قىيلىنىپ قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئىزدە تور لۇغىتىنىڭ ياردىمىدە نۇرغۇنلىغان كودلارنى تەرجىمە قىلىپ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ چىقىپ ئېغىر قەدەملەرنى بىسىپ ئويۇننى سىناش جەريانىدا قىيلىنىپ يۈرەتتىم. بىر كۈنى ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ Flash_cs_6.0 نى تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئېغىر قەدەملىرىم يىنىكلەپ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بۇ ئويۇننى تاماملاپ سىناپ چىقتىم. ھازىر كود بىلەن بىللە يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەر يانفوندا نورمال چىقمىدى، شۇڭا مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلىۋىتىپ ئاندىن تورغا يوللىماقچى . ھازىرچە بۇ ئويۇننى ياساش ۋە سىناش جەريانىنى سىنغا ئىلىپ يوللىدىم. تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىنى سورايمەن.
1. كومپىيوتىردا تەقلىدىي يانفوندا سىنالدى.
2. ئاندىرويىد يانفوندا سىنالدى.
3. يانفون تور كۆرگۈچتە سىنالدى.
مەنبە: ئۇيغۇر فلەش تورى.
تىما كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
مۇكاپات ئارقىلىق بۇ ئوغلانىمىزغا رىغبەت ئاتا قىلايلى !!!!
(قولىمىزدىن كىلدىغىنىمۇ پەقەت شۇ ...) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jesur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-15 23:14
|
باھالاش
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|