- جۇغلانما
- 343
تىزىملاتقان2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈزۈل-كېسېل ھەل بولۇپتۇ
بۈگۈن مەن photoshop cs6 خەنزۇچە نەشىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتپ پوتوشوپتا ئۇيغۇرچە كىر گۈزۈشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولغانلىقنى بايقىدىم ، xp سېستىمىسى ئىشلەتكۈچىلەركومپىيوتىرىڭىزدا ئۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەردىن ئويغان،ئەلكاتىپ،ئالىپ كىرگۈزگۈچىسى قاتارلىقلاردىن بىرى بولسىلا ئۇيغۇرچە ناھايتى بىمالال كىرگززەلەيسىز، windows7 سېستىمىسى ئىشلەتكۈچىلكەر سېىستىمىدا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۈچنى ۋە خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ، ئۇنىكودلۇق بولغان بارلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى ۋە سېستىما تەمىنلىگەن كۆپ قىسىم ئەرەپچە خەت نۇسخلىرىدا بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىكەن. دىمەك پوتوشوپتا ئۇيغۇرچە كىىرگۈزۈش ئۈزۈل كېسىل ھەل بوپتۇ،پوتوشوپ رەسىم بىرتەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دىتال بولۇپ ،بۇنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ئۆز تىل-يېزىقىنى سۆيىدىغان ھەربىر ئۇيغۇرنى خۇشھال قىلىدۇ.
Photoshop cs6 نى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن تەھرىرلەش(编辑 ) كۆزنىكىدىن ئالدىن تاللايدىغان تۈرلەر( 首选项) دىن يېزىق (文字 ) نى تاللايسىز، ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن ئوتتۇرا شەرق( 中东) دىگەن تۇرگە بەلگە قويۇپ جەزىملەش (确定 ) نى بېسىۋىتىپ پوتوشوپنى قايتا قوزغۇتۇپ ،ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۇچكە توغرىلاپ خەت يازسىڭىزلا بولىدۇ.
يەكەن ئەلقەلەم يېزىق-تەسۋىر مۇلازىمەت ئورنى تەييارلىدى. 2012/5/11
|
باھالاش
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|