ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 5

چاپاق فىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
38
تىللا
35
شۆھرەت
51
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 10:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
..
ئەگەر سىزمۇ بىزگە ئوخشاش چاپاق فىلىم كۆرۈپ زېرىككەن بولسىڭىز،ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل فىلىم يوللاش تورى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىڭىز تېمامنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ.

باشقۇرغۇچىلانىڭ تېمامنى تەستىقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك دۇنياغا داڭلىق فىلىم ئورتاقلاش تور بېكەتلىرى قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولمىسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى تەرەققىيات ۋە يىڭىلىنىش سۆرىتى كىشىلەرنىڭ كونا ئۇچۇر تەشۋىقات كوزنىكى بولغان تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە يازما مەتبەھەلەرگە زور رىقابەت كۈچى ئىلىپ كەلدى.دۆلىتىمىزدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش توربەتلەردىن تۇدۇۋ ، يۇۋكۇ ، 56 دىگەندەك بىكەتلەرمۇ ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ،جوڭگو خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ بىيىشىغا شۇنداقلا ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگىلەش يوللىنىڭ كىڭىيىشىگە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشۇپ كىلىۋاتىدۇ .

بىزدە شۇنداق بىكەتلەرنىڭ قۇرۇلىشى شۇنداق زۆرۈرمۇ؟
بۇنىڭدىن كىيىنكى تور مىدىيا تېخنىكىسىنىڭ يۈزلىنىشىگە ۋە تەرەققىياتىغا قارىساق، ئۆز ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش، بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئۆزىنى نامايەن قىلىش ياكى جەمئەتتە يۈز بىرىۋاتقان مالۇم بىر ياخشى ئىللەتنى رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ياكى يامان ئىشلارنى تەنقىدلاش تور فىلىم يوللاش تور بىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا ئايلىنىۋاتىدۇ، بۇ تۈردىكى ئۈچۈرلار ئۆزىنىڭ ئەمىلىيەتچان،تېز ۋە موللىقى بىلەن زىيارەتچىلكەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشىپ، بۇ خىلدىكى تور بىكەتلەرنىڭ ئاددىي بىر تەشۋىقەت ۋاستىسىلا بولماستىن ئزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتقان ئۇچۇر ئامبىرىغا ئايلىنىشقا يۈزلەنمەكتە. يۇقىردىكى يىغىنچاقلانغان ئانالىزغا ئاساسلىنىپ شۇنداق دىيەلەيمىزكى تور تەرەەقىياتى ھەر قانداق ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەشتىكى كەپ بولسا بولمايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تاللاش يولى بولۇپ قالغۇسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپىيوتېرلاردا ئومۇملىشىشى بىزگە تور تېخنىكىسىدىكى تۇنجى ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى. . يات تىلدىكى لۇغەتكە ئۇيغۇر تىلىنى يۈكلەپ قىلىش ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرم قامۇس ياسىغانغا تەڭ بولالمايدۇ.

بىزدە نىمە ئۇچۇن شۇنداق بىكەتلەر قۇرۇلمايدۇ ؟
بۇ تۇردىكى بىكەتلەرگە مەبلەغ سالدىغان شىركەت ياكى شەخىس يوق دىيەرلىك چۈنكى كىتەرلىك رەسمىيەتلەر كۆپ ، بىجىرمەك تەس. بۇنىڭغا ئوخشاش بىكەتنى ماڭدۇرۇشقا كىتىدىغان مەبلەغ كۆپ ، تەلەپ قىلىدىغان تېخنىكا يۇقىرى . ۋەھاكازالار.

ئەمدى بىز مۇشۇ يەردە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ "بىز بارلىق سەۋەبلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ، شۇنداق بىر بىكەتنى ياساپ چىقتۇق"- دەپ خەۋەر قىلماقچى .

توربەتنى ياساشتىن مەقسەت ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش.
تور زىيارەتچىلەرنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يىڭى يول ئىچىش، ئۆز ئارا ئۇچۇر ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاش.
بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز ناخشا – مۇزىكىلارنى يوللاش ئەمەس.
تورداشلارغا ئۆزىنى دۇنياغا نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش.
دەرىسلىك فىلىملەرنى يوللاپ ، دوستلارغا بىلىم ئىگەللەيدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش.
داڭلىق كىشلىلەرنىڭ ئادەمنى قايىل قىلدىغان نۇتۇقلىرىنى يوللاپ ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇق دەرىسلىك تۈزۈشكە يول ئېچىش.


بەتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك:
بەتنىڭ كۆرۈنىشى كۆركەم ، ئاددىي ، ئىخچام ، سۈرئىتى تىز.
فىلىم يوللاش ، قۇيۇش قۇلايلىق ، تىز.
يوللانغان فىلىملەرنى باشقا مۇنبەر بىلوگ تور بىكەتلەرگە يوللاش قۇلايلىق.
ھەرقايسى فىلىمنىڭ ئاستىدا فىلەش كودى بار. فىلەش قوللايدىغان ھەرقانداق يەرگە يوللىغىلى بولىدۇ.
يوللانغان فىلىملەرنى سۈزۈكلىكى يۇقىرى ، بارلىق فىلىملەرنى mp4 شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقىدا ئۆزىمىزنىڭ قويغۇچىسىدا قويىدۇ.
يانفۇن نۇسخىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلاردا نۇرمال قۇيۇلىدۇ.
بىكەت بىخەتەرلىكى يۇقىرى ، يوللانغان فىلىملەر تەستىقلانغاندىن كىيىن باش-بەتتە كۆرۈنىدۇ. ئېلخەت ئادرىسى جەزىملەش تۈزۈمى بار. تىزىملاتقاندا ھەقىقىي ئېلخەت ئادرىسىنى تولدۇرۇڭ .
تېخنىكا جەھەتتە بىز ئىشلەتكەن تېخنىكىلار باشقىلارنىڭكىدىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ .


ھۆرمەت بىلەن : Ugonline info tech گۇرۇپىسى
ئالىي ئۇيغۇر تورى
تورئادرىسىمىز : http://www.ali.ug
شىنلاڭ دەلىللەنگەن بىلوگ : http://www.weibo.com/ugonline


1

باھا خاتىرىسى

jesur   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

باشقۇرغۇچى

ئالاھىدە خادىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1574
تىللا
1075
شۆھرەت
3411

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 13:49:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى قوللايمىز!

ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز بەكمۇ زۆرۈر...

باھا سۆز

aliuyghur  رەھمەت ، ماقۇل ، ئىنكاس يوللاشتىن بۇرۇن تەھرىرلىۋېتىمەن ئەمدى  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 08:25:13

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
402
تىللا
760
شۆھرەت
879
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 15:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. لېكىن بىر ئىش پەقەت ياخشى بولماپتۇ. ھازىر كۆپ قىسىم ماز تور بېكەتلەر بېكەت ئادرىسىنى كاللامدەك قىلىپ كىنوغا چاپلاۋاتىدۇ. كىنونى ئالا بالداق خەتلەر ئارىسىدا كۆرۈۋاتىمىز.  سىز باشقىلار قىلمىغاننى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە يوللانغان كىنودىن بىرنى قويۇپ باقتىم. ئۇ فىلىمگە سىزنىڭ تور ئادرىسىڭىز چاپلىنىپ چىقىدىكەن. تور بېتىڭىزگە كىنو تور بېتى بارلار تور بەت ئادرىسى يوغان قىلىپ چاپلانغان كىنودىن بىرنى يوللىسا. ئۇنىڭغا تور بېتىڭىزنىڭ ئادرىسى قوشۇلۇپ چاپلىنىپ چىقسا سىزچە بۇ چاپاق كىنوغا كىرمەسمۇ؟ بولسا سىز ئۇلارنى دورىماي ئۇيغۇر كىنو تور بېكىتىنىڭ يېڭى بىر قەدىمىنى بېسىپ ئاشۇنداق تور بەت ئادرىسى چاپلانغان چاپاق كىنولارنى يوللاشقىمۇ قارشى تۇرسىڭىز. پاكىز سۈزۈك كىنولارنىڭ يوللاش شوئارىنى قويسىڭىز . ئاندىن تور بېتىڭىز باشقا تور بەتكە ئوخشىمايدۇ. ھازىر تور بېتىڭىزنىڭ باشقا (گۇاڭگاۋكەش) تور بېكەتلەردىن نىمە پەرقى قالدى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  بۇنى سىزنىڭ سەمىمى تەكلىپ دەپ چۈشىنىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

Rank: 4

تۆھپە
147
تىللا
249
شۆھرەت
251
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-10 21:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اتوربېتىڭىزدىكى فىلىملەر ھەقىقەتەنمۇ سۈزۈككەن . (چوقۇم دوسلىرىمغا تەۋسىيە قىلىمەن )
ئەمما ie6دە نورمال كۆرۈنمەمدۇ قانداق ؟
فىلىمنىڭ چۈشۈش سۆرىتى بولدىكەن ئەمما توربەتنىڭ ئېچىلىش سۆرىتى ئاستىكەن .
ئىش دىگەن شۇنداق بىر بىرلەپ كېلىدۇ نەدە توغۇلۇپلا ماڭدىغان ئىش بار ؟
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن بولسا پىكىر ئاماشتۇرۇپ تۇرايلى qq نومۇرۇم : 307694233

Rank: 2

تۆھپە
38
تىللا
35
شۆھرەت
51
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 08:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawaskar218 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-10 15:21
بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. لېكىن بىر ئىش پەقەت ياخشى بولماپتۇ.  ...

بەرگەن تەكلىپىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

ئالىي ئۇيغۇر تورىغا يوللانغان بارلىق فىلىملەرگە تامغا بېسىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . تامغا بار فىلىملەر بىر تۇتاش تەستىقلانمايدۇ.

كۆرۈپ بېقىڭ ، قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز .

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
uyflash  ياخشى: 5
ناھايىتى ياخشى ئىش قىپسىز. سىزنى قوللايمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 01:02:39
1

باھا خاتىرىسى

Rank: 2

تۆھپە
38
تىللا
35
شۆھرەت
51
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 08:28:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2012-5-10 21:21
اتوربېتىڭىزدىكى فىلىملەر ھەقىقەتەنمۇ سۈزۈككەن . (چوقۇ ...

بىكەتنىڭ ئېچىلىشى ھەقىقەتەن سەل ئاستا ئىكەن . لىكىن ئىچكىرىدە سۈرئىتى خېلى ياخشى بولغاچ ، بىز شىنجاڭدىمۇ مۇشۇنداق تېز بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپتۇق .

بىكەت داۋاملىق تازلىنىۋاتىدۇ . بىزگە كېرەك بولمايدىغان قىسىملىرى چىقىرىلىپ بىكەتنى يىنك ، سۈرئىتىنى تىز قىلىۋاتىمىز .

قوش لىنىيىەلىك سىم باغلانغان بۇلۇپ ، بىز يەنە مەبلەغ سېلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقاريسى ئۆلكىللىرىدە تارقىتىش نوختىسى سېتۋېلىشنى قارار قىلدۇق .

دۇشەنبە كۈنى رەسمىي ئىشلەشكە باشلايدۇ .

تورداشلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ - پىكىرلىرىگە  ئاساسەن ، بېكەت سۈرئىتى تىزلەشتۇرۇلىدۇ .

ئالىي ئۇيغۇر تورىغا يوللانغان بارلىق فىلىملەرگە تامغا بېسىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . تامغا بار فىلىملەر بىر تۇتاش تەستىقلانمايدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-9-15 22:34 , Processed in 0.163160 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش