- توردا
- 37 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-5
- تىزىملاتقان
- 2010-9-13
- شۆھرەت
- 326
- تىللا
- 233
- تۆھپە
- 238
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 1167
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 44
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 384
- تۆھپە
- 238
- تىللا
- 233
- شۆھرەت
- 326
|
مەن چەتكە ئوقۇشقا چىقىش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن يول مېڭۋاتقان ئىدىم. ھازىر قولۇمدا تەرجىمە قىلىنغان مەكتەپ چاقىرىقى، تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ (رايۇننىڭ) شۇ يەردە تۇرغانلىق ئىسپاتى، شىركەت ئىسپاتى، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى، سالاھىيەت گوۋاھنامەم، نوپۇس ئىسپاتى دىگەندەك بىر قاتار پاسپورىتقا لازىم بولغان نەرسىلەر بار. بىراق بىر قانچە كۈن بولدى تۇرۇشلۇق رايۇننىڭ ساقچىسى ماڭا ئۆي ئىگىسىنى باشلاپ كەلمىسەڭ جىنايەت خاتىرسى بار، يوقلۇق ئىسپاتىنى چىقىرىپ بەرمەيمەن دەپ تولا ھارغۇزۋەتتى. ئۇنىڭ گەپ يەيدىغان يېرى يوق. ئۆي ئېگىسى بولسا بەك ئالدىراش ئادەم. ئۇ ئادەمنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش دىگەنلىك مەن پۇتۇن پاسپورىت چىقىرىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلدىنمۇ كۆپ زىيان ئۇرۋىتىمەن دىگەن گەپ شۇڭا بۇنىڭدىن ئۆمۇد يوق.
ئۆزۇم تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىدىكى خادىملار بىلەن مۇناسىۋەت جەھەتتىن قىينچىلىقىم يوق. (بۇرۇن ئاتام ئەدەلىيە ئورگىنىدا 20 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان، تونۇش بىلىشلەر بار.ئۈرۇمچىدىمۇ بىر رايۇندا بىر نەۋرە ئاكام باش ساقچىخانىنىڭ موئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى.) ئۇلار ماڭا شۇ ئىسپاتنى ئېلىپ كەلسەڭلا قالغان ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقىتتا جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى بولىشى كىرەك دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتا كەلدىم. بىراق تۇرۇشلۇق رايۇندىكى ساقچىنىڭ مۇئاملىسى تولىمۇ قوپال. مەن بارلىق ئىسپاتلارنى ئاپارسام ئاخرىدا بۇ ئۆي ئېگىسىنىڭ ئىشىنى چىقاردى.
بۇ تېمىنى يوللىشىمدىكى مەخسەت:
بىرىنچىدىن: تۇرۇشلۇق رايۇن ساقچىسىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟
ئىككىنچىدىن : مۇشۇ ئىشلارنى ماڭا ۋاكالىتەن ھەقلىق يۇسۇندا بېجىرىپ بېردىغان قانۇنىي ۋاكالەتچى تەكلىپ قىلىشىمغا بولامدۇ؟ تەكلىپ قىلسام قانداق تەكلىپ قىلىمەن؟
مۇمكىن بولسا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار بىلەن بولىۋاتقان قانۇن ئورۇندىكى باللار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا مۇۋاپىق ھەق بېرىپ بۇ ئىشلارنى ماڭا ۋاكالىتەن ھەل قىلىشنى تاپشۇرسام دىگەن ئويۇم بار.
بۇرۇن بىزدە قانۇنى ئىشلارغا مەسلىھەت بېردىغان بىر تور بېكەت بولدىغان، ئىزدەپ تاپالمىدىم. مۇمكىن بولسا مۇشۇ بېكەتنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار. رەھمەت.
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرىم :15276666642 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhtar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-9 13:36
|
|