ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قويىنى كۆرگەنمىدىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
279
تىللا
788
شۆھرەت
626
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 23:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قويىنى كۆرگەنمىدىڭىز.
ئافغانىستاننىڭ ۋاھاڭ ساپ سورلۇق قويى يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى باھانى يېڭىلىدى.
يېقىندا يېڭىساردا بىر ئافغانىستاننىڭ ۋاھاڭ ساپ سورتلۇق قويىغا 12 مىليونلۇق يۇقىرى باھا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قوي تارىختىكى ئەڭ قىممەت قوي بولۇپ قالدى. ئۇنداق بولسا قانداق نەسىللىك قوي 12 مىليوندەك مۇنچىۋالا يۇقىرى باھاغا ئېرىشەلەيدۇ؟ مۇخبېر يېڭىسارنىڭ ماڭشىن يېزىسىنىڭ 3- كەنتىدە بۇ ئافغانىستان ۋاھاڭ قويىنى كۆرگەندە شۇنچىلىك ھەيران قالدى. بۇ قوي ئىنتايىن بەستلىك، بەئەينى بىر كالىغا ئوخشايىتتى. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.4 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق ئىدى. پۇت- قولىنىڭ شۇنچىلىك جېنى بار بولۇپ، بۇنى قارچۇغىنىڭ بۇرنىدەك چىرايلىق، قۇلىقى بولسا ھەم چوڭ ھەم قېلىن، كۆزى شۇنچىلىك نۇرلۇق ھەم چوڭ ئىدى. قوينىڭ ئىگىسى پەرھات مۇنداق دەيدۇ: بۇ قوينى ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا ئالغان، ھازىر 11 ئاي بولدى. بۇ قوينىڭ سورتى ئىنتايىن ساپ بولۇپ، قۇلىقى 40 سانتېمېتردىن ئۇزۇن، كەڭلىكى 20 سانتېمېتىر، بۇنداق قوي 1- دەرىجىلىك رەڭلىك ئاق قوي ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل قوي 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا 130 كىلوگرامدىن 140 كىلوگرامغىچە سەمرىيدۇ. بۇ قوينى پەرھات ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا ئافغانىستاندىن كىرگۈزگەن ساپ ۋاھاڭ قويى. ھازىر بۇنداق ساپ نەسىللىك قوي ناھايىتى ئاز، دۆلىتىمىزدە ھازىر پەقەت پەرھاتنىڭ ئۆيىدىلا بۇ قوي بار. نەچچە كۈن بۇرۇن، كورلىلىق سودىگەر ئالاھىدە بۇ قوينى دەپ كەلگەن بولۇپ، 12 مىليون باھا قويغان. بىراق پەرھات بۇ قوينىڭ ئۇرۇقلاندۇرۇش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سېتىشتىن ۋاز كەچكەن. پەرھات مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭمۇ بۇ قوينى ساتقىم بار. بىراق ھازىر دۆلىتىمىزدە پەقەت مەندىلا بۇ قوي بار. باشقا يەردىن تاپماق تەس. ئۇلار ھازىر بىر قوينى 500 يۈەندىن تاتىپ 1000 يۈەنگىچە سېتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ قوي شالغۇتلاشتۇرۇلسا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بىز دېھقانلار ھەممىمىز قوي بېقىشنى ياخشى كۆرىمىز، ئەگەر ئۇلارغا ھەقسىز ياردەم بېرىپ، ھەربىر ئائىلىگە بىردىن شالغۇتلاشتۇرۇپ بەرسەم، بۇ يېڭىساردىكى دېھقانلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا دولان قويى باقىدىغان ئادەت بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇلار ئادەتتىكى قويلارنىلا باقماستىن،بەلكى سورتى ساپ بولغان قويلارنى بېقىشقا يۈزلەندى. بۇنىڭ بىلەن ۋاھاڭ قويىدەك ياخشى سورتلۇق قويلار ناھايىتى كۆپ پۇلغا ياراپ كەتتى. 12 دولان قويىغا مىليوندەك مۇنچىۋالا يۇقىرى باھا قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى، بىر تەرەپتىن سانىنىڭ ئازلىقى، ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئاران 1000 نەچچە دولان قويى بار ئىكەن، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەرلىكلەرنىڭ دولان قوي سودىسىنى مۇنچىۋالا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشى بۇ قوينىڭ ئون نەچچە مىليونلۇق باھاغا چىقىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئۈچ يۈز مىڭ يۈەنلىك دولان قويلىرى بولسا دائىم ئۇچرايدىغان باھالار ھېسابلىنىدۇ.
http://www.uyghurbiz.com/news//2012/0427/883.html
22031QE8-0.jpg

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1184
تىللا
1386
شۆھرەت
2463
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 20:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قوينىڭ باھاسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس.......
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2985
تىللا
3003
شۆھرەت
5529

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-9 00:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوپئوچۇق قىماردەكلا بىلىنىۋاتىدۇ-ماڭا !!1
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-13 19:37 , Processed in 0.198702 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش