ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2039|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىلادىيىدىن 4 ئەسىر بۇرۇنلا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان. ھىندىستاندا مىلادىيە 1200-يىللىرى يېزىلغان «ھەدىقەتۇل ئەفالىم» ناملىق كىتابتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: ھېكىم غازباي خوتەن رايونىدىكى «312 خىل ئوت-چۈپ دورا قامۇسى»نى يازغان، بۇ كىتابقا يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون يۇقىرى باھا بەرگەن.
3-، 7-ئەسرلەردە «خوتەن تېببىي تېكىستلىرى» بارلىققا كەلگەن. 8-ئەسردە خوتەنلىك مەشھۇر تېۋىپ شىراخان تۈبۈتلەر پادىشاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوردا تىۋىپى بولغان، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىگە ئاىت «خوتەنلىكلەرنىڭ بويۇن زەخمىسىنى داۋالاش ئۇسۇلى» قاتارلىق 70 نەچچە كىتابنى يازغان.
«چاشتانى ئلگ بەگ» داستانىدا 6-، 7-ئەسرلەردە دىيارىمىزدا تارقالغان ۋابا كېسىلى ۋە ئۇنىڭغا قارشى داۋالاش تەدبىرى خاتىرىلەنگەن. سۈي سۇلالىسى دەۋرلىرىدە «غەربىي دىيار ھۈكۈمالىرىنىڭ رېتسېپلىرى»، «غەربىي دىيار تىۋىپلىرىنىڭ تۈت جىلدلىق مۇھىم رېتسېپلىرى توپلىمى» قاتارلىق كىتابلار يېزىلغان.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتۈلگەن «تاشقى كېسەللىكلەر يوچۇن رېتسېپلىرى» ناملىق كىتابتا زەھەرلىك ئىششىقنى بەدىيەن سۈيىنى سىقىپ ئىچىپ، قالدۇقىنى ئىششىققا چېپىش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدىغانلىقى يېزىلغان. 659-يىلى تاڭ ئوردىسى تۈزگەن «تۈزىتىلگەن گىياھنامە» ناملىق كىتابتا غەربىي دىياردىن كەلتۈرۈلگەن قەلەمپۇر، ئەتىرگۈل سۈيى، موزا، سەۋزە قاتارلىق دورا ئۈسۈملۈكلىرى تونۇشتۇرۇلغان. «زىزھى توڭجىئە»دە: تاڭ گاۋزۇڭ 683-يىلى دەۋۋار كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، ئۇيغۇر تىۋىپ چىمەنقۇلى داۋالىغان دېيىلگەن.
«سۇڭ سۇلالىسى تارىخى: ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، «خوتەن تەزكىرىسى» قاتارلىق مەنبەلەردە پوستى شىرىن ئىپار، زاراڭزا، بۈكەن مۈڭگۈزى، نوشۇدۇر قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى تىلغا ئېلىنغان. «تىنچ جاھاننامە» ناملىق كىتابتا 958-يىلى غەربىي دىياردىن 115 شىشە قىزىلگۈل ئەترىسى كەلتۈرۈلگەنلىكى، موملانغان شىشىلەرگە قاچىلانغان بۇ ئەترىلەرنىڭ ھىدى ئون نەچچە كۈنگىچە يوقالمايدىغانلىقى يېزىلغان.
«تاڭنامە: غەربىي دىيار تەزكىرىسى»، «تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر تىۋىپلار تەزكىرىسى»، «قامۇسنامە» ناملىق كىتابلاردا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ باش سۈڭىكىنى يېرىپ خالتىلىق قۇرتنى ئالغانلىقى، كۈزنى ئوپېراتسىيە قىلىپ روشەنلەشتۈرگەنلىكى يېزىلغان.
قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەشھۇر تېبابەتشۇناس ئىمادۇدىن قەشقەرى «شەرھىي ئەلقانۇ» ناملىق ئەسەرنى يازغان ھەمدە ئىبىنسىنا تېبابەتچىلىكىنى شەرققە تونۇشتۇرۇشقا، راۋاجلاندۇرۇشقا تۈھپە قوشقان. ئۇيغۇر ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى (870—950-يىللار) «ئادەم بەدىنى توغرىسىدا» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئەسەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۈھپە قوشقان.
سامانى شاھى نوھ ئىبن مەنسۇر فارابىنى «2-ئۇستاز» دەپ ئاتىغان («1-ئۇستاز» ئارستوتىل). شۇ دەۋردە ياشىغان تېبابەت ئالىمى ئىبنسىنا «ئەلقانۇ» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرگەن.
11-ئەسردە مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەد ئىمىن يەركەندى «زىيائۇلقۇلۇپ» ناملىق كىتابنى يازغان. ئەينى چاغدىكى مەرىپەت بۈشۈكى بولغان قەشقەردە ئالىي بىلىم يۇرتى -- «ساچىيە»  (نۇر چاچقۇچى) مەدرىسى بارپا قىلىنغان، 1057-يىلى ئاتۇشتا ئۇنىڭ شۈبىسى «شاخ» مەدرىسى قۇرۇلغان. 13-ئەسردە بۇ مەدرىستە ئوبۇل خازىل بىن مۇھەممەد غازىلنىڭ «سوراھ» لۇغىتى تۈزۈلگەن.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ماخاۋ، چېچەك، كېزىك، كۈزنىڭ پەردىلىنىشى، ئاشقازان ياللۇغى، زۇكام، جاراھەت، داغ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر تىلغا ئېلىنغان؛ ئالۇچىن، ئىگىر، كەكرى، ئىت ئۈزۈمى، پىستە قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى توغرىسىدىكى بىيىت-قوشاقلارمۇ بار.
12-ئەسردە خوتەنلىك مەشھۇر تىۋىپ ئەللامە ئالائىددىن «زەبدەتۇل قەۋانىل ئىلاج» ناملىق تېببىي ئەسەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى قارىقاش ئاقسارايلىق جامالىددىن ئاقسارايى «ئاقساراي» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.
يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىۋىپ تارىم 1307-يىلى ئوردىدىكى مۇسۇلمانلار دورىخانىسىنىڭ دورغاچى بولغان، شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناسى قۇسقۇي «يېمەك-ئىچمەكلەر مۇھىم نۇقتىسى»نى يازغان.
14-ئەسردىكى خوتەنلىك تىۋىپ زەينۇل ئەتتار «ئىختىياراتى بەدىئىي»نى يازغان، داڭدار تىۋىپ موللا ئارىپ خوتەنى «تۈركىي دەستۇرۇل ئىلاج» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.
17-ئەسردىكى كۇچالىق مەشھۇر تىۋىپ خۇدۇيۇمخان ھاجى 36 جىلدلىق «مۇسۇلمانلارنىڭ دورا رېتسېپلىرى» ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان، 18-ئەسردىن بۇيان «ئەغراز تىببىيە» قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن.
قالدۇرۇلغان خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 20-ئەسرنىڭ 10-يىللىرى خوتەندە سىلاق (ۋابا) يامرىغان، بۇ تۈپەيلى كۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئادەم سانى 3000 غا يەتكەن. خەلقارا قۇتقۇزۇش ئۈمەكلىرى كەلگەن بولسىمۇ. لېكىن خوتەنگە بارالمىغان. شۇنىڭ بىلەن خوتەنلىك تىۋىپلار تاۋۇز سۈيىدىن بىر خىل سۇيۇق دورا ياساپ، ۋابانى يۈگەنلىگەن.

ahtu.cn
ۋاقتى: 2012-5-8 13:20:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدە خوتەندە يۈزبەرگەن ۋاباغا دائىر تولۇق مەلۇمات بارمۇ؟ بولسا ئورتاقلاشساق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-17 00:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tiwep164 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-8 13:20
سىزدە خوتەندە يۈزبەرگەن ۋاباغا دائىر تولۇق مەلۇمات با ...

خوتەندە سىلاق (ۋابا)  ھەققىدە توردا ماتېرىيال يوق ئىكەن. كەچۈرۈڭ.
ۋاقتى: 2013-11-29 18:20:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلغەم خىلىتى ۋە بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەر
خىلىتى پۈتۈن بەدەننى سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، ماددىلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ئېقىتىش ،زەھەرسىزلەندۈرۈش، قاننى تولۇقلاش، بوغۇملار ھەرىكىتى ۋە ئەزالارنىڭ ئارىلىقلىرىنى تولدۇرۇپ ، سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئارتۇق ماددىلارنى قان ئېقىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى سۇ .

بەلغەم خىلىتلىق كىشىلەر ئېغىر – بېسىق ، سېزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن ، كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ . ئۇيقۇچان كېلىدۇ ، سىياسى ئىشلارغا ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا  قىزىقماي ئۆز ئىشى بىلەنلا  بولىدۇ.

تەپەككۇرى ئاستا ،ئۇنتۇغاق ، بىراق مۇقىم قاراشقا ئىگە . مۇقىم ۋە تەرتىپى ئېنىق بولغان مەشغۇلات خاراكتېرىدىكى خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، رەھبەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنرەك بولىدۇ.

قىياپىتى خام سېمىز ، چىرايى ئاققا مايىل ، گەۋدىلىك .

تېرىسى ئاق ، يۇمشاق ، سىلىق ، پارقىراق بولىدۇ. سېزىملارنى ئاز سېزىدۇ . تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.

تىلى ئۈستىدە ئاق سۈزۈك گەز بار بولۇپ ، ئېغىزى تەمسىز كېلىدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكى : سۆز قىلغاندا ئاشۇ ، ئاۋۇ ، چۇ . ھە ...دېگەندەك قۇشۇمچىلارنى قۇشۇپ سۆزلەيدۇ، سوئال بولمىسا گەپ قىلمايدۇ.

يىمەك – ئىچمىكى : گۆشكە ئامراق ، تۇزلۇق مايلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ . كۆكتات ۋە سۇيۇقلۇقلارنى ئانچە  ياخشى كۆرمەيدۇ . تاماقنى ئاستا ۋە كۆپ يەيدۇ ، قورسىقى ئاچسا چىدىمايدۇ .

خەت- يېزىق ئالاھىدىلىكى : خەتنى چوڭ ، قۇر ئارىلىقىنى يېراق ، ئاستا ، چىرايلىق ، كۆركەم يازىدۇ. يازىدىغان نەرسىلەردىن زېرىكمەيدۇ.

يول مېڭىشى : ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ . سەپەردىشى بىلەن يۆلىنىپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەر ئۈستىدە كۆپ گەپ قىلمايدۇ .

كىشىلىك مۇئامىلىسى : كىشىلەرگە ئاسانلا سۇغۇق چىراي كۈرۈنۈپ قالىدۇ . بېراق ئاق كۆڭۈل ، ساددا بولۇپ ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ ھەم باشقىلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ . باشقىلارنى رەنجىتىشنى خالىمايدۇ . تەۋەككۈلچىلىكتىن خالىي بولىدۇ ۋە ئىرادىسى بوشراق كېلىدۇ .سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ .دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ ، ئىناۋىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئۇيقۇسى كۆپرەك ، تولا ئەسنەيدۇ .

ھالەت ئۆزگىرىشى : ئىنكاسقا نىسبەتەن دەرھاللا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ .

تۇرمۇش ئادىتى : تۇرمۇش رېتىمى ئاستىراق بولسا ، ناھايىتى تەرتىپلىك بولىدۇ ، تىز بولسا سۆرىلىپ ھېرىپ قالىدۇ ، باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇزۇقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.  

ئىللىتى : ۋەزىيەتنى ۋە ئېھتىياجنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئېغىر ، ھەر ئىشنىڭ ناچار تەرىپىنى چوڭ ھېسابلايدۇ .

كېسەللىككە مايىللىقى : ئۆپكە كېسەللىكلىرى ۋە رېماتىزم قاتارلىقلارغا مايىل كىلىدۇ ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ .

كۈتۈنۈشى : ھاراق –شاراب ۋە سۇيۇق نەرسىلەر زىيان قىلىدۇ . شۇڭا قۇرۇق ئىسسىق ۋە دورا دەرمانلىق تاماقلار خىل كېلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار  : يازدا ئىسسىق ۋە قىشتا سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە پايدىلىق .

مەنبە : http://kukyal.blogbus.com
ۋاقتى: 2013-11-29 18:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇپەسسەل بايان

بۇ تېما ھەققىدە پايدىلىنىدىغانلار پايدىلانغاي ، ئەمما ئارتۇق گەپلەر بولۇنمىغاي .
جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش ھەققىدە مۇپەسسەل بايان

بۇ ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقى ، رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، ئۇزۇن مەزگىل ئاغرىپ يېتىپ قېلىش ۋە شۇ كېسەلنىڭ ئاسارەتلىرى ، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق، تاناسىل ئەزانىڭ مىزاجى ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى ، تاناسىل ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ، ئۇرۇقداننىڭ زەخمىلىرى، مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ، چىكىملىكنىڭ تەسىرى ، روھىي زەربىگە ئۇچراش ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇست بولۇش، ، ساغلام بولغان جىنسىي كۆز قاراش يېتىلدۈرمەسلىك ، سۈپەتسىز جىنسىي ئالاقىدە بولۇش ، سېرىق مەزمۇندىكى كىتاپ ، لېنتىلارنى كۆرۈش ، ساغلام بولمىغان ئېنتىرنىت مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش ،ۋە شۇ مەزمۇندىكى پاراڭلارنى تولا قىلىش ،  ئانانىزىم قاتارلىقلارنىڭ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، ۋاقتىدا ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا بارا – بارا ئېغىرلىشىپ بارىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، جىنسىي ئىنتىلىش سۇسلىشىش ، رىغبەت ئازىيىش ، لەززەتلىنەلمەسلىك ياكى لەززەتنىڭ سۇست بولۇشى ، قوزغىلىش سۇس بولۇش ۋە بوشاپ كېتىش ياكى  قوزغالماسلىق  ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .
قەدىمقى ھەكىملەردىن شەيخ ئىبىن سىنا جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن :
بۇنىڭ سەۋەبى يا ئالەتنىڭ ئۆزىدە يا ئۇرۇق ئەزالىرىدا ياكى باشقۇرغۇچى ئەزالاردا ۋە ئۇلارغا قوشنا ئەزالاردا ، ياكى باشقۇرغۇچى ئەزالار بىلەن جىنسىي ئەزالار ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇچى ئەزالاردا بولىدۇ . بەزىدە بۇ مەخسۇس قوشنا ئەزالاردىكى سەۋەبتىن ، ياكى بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ ھەممىسىدە دەمنىڭ كەملىكىدىن بولىدۇ .
ئالەتنىڭ ئۆزى سەۋەب بولىدىغان نۇقسان ئالەت مىزاجىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ياكى ئۇنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى بوشىشىدىن بولىدۇ . ئالاقە خاھىشىنىڭ ماياكلار ۋە ئۇرۇق ئىدىشلىرى (ئۇرۇقدانلىرى) سەۋەبلىك كېمىيىشى ئۇلاردىكى مىزاجنىڭ ساددا ھالدا ياكى قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلىشىپ ھەددىدىن تاشقىرى بۇزۇلىشىدىن بولىدۇ ، بۇ كىيىنكىسى ئەڭ ياماندۇر . ياكى بۇنىڭدا تەنھا قۇرۇقلۇقنىڭ ئۆزى غەلىبە قىلغان بولىدۇ . بۇ نۇقسان بەزىدە ئۇرۇق ھەرىكتىنىڭ سۇستلۇقى ۋە قوزغاتقۇچى ئېچىشتۇرۇش تەسىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىدىن بولىدۇ . بەزى كىشىلەردە ئۇرۇق كۆپ بولسىمۇ ، ئۇلار ئالاقە قىلغانلىرىدا ئۇرۇق قۇيۇقلۇقى سەۋەبلىك تۆكۈلمەيدۇ ، لېكىن كېچىلىرى ئېھتىلام بولىدۇ ، چۈنكى بۇلاردا ئۇرۇقدان كىچىسى قىزىيدۇ ، ئۇرۇقمۇ قىزىپ سۇيۇلىدۇ .
باشقۇرغۇچى ئەزا سەۋەبلىك بولغان كەملىككە كەلسەك ، بۇنىڭ سەۋەبى قەلب(يۈرەك)تىن بولۇشى مۇمكىن ، بۇنىڭدا ئالەتنى كېڭەيتكۈچى روھ ۋە يەل ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ سەۋەب جىگەردىن بولغىنىدا ، ئۇرۇق ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ سەېەب مېڭە تەرەپتىن بولغىنىدا سېزىشچان قۇۋۋەتنىڭ ماددىسى كېسىلىپ قالغان بولىدۇ ؛ بۇنىڭغا سەۋەب بۆرەكنىڭ سۇۋۇشى ، ئۇرۇقلىشى  ۋە بۇنىڭ مەلۇم كىسەللىكلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن ؛ بۇنىڭغا بەزىدەھەزىم قىلىش ناچارلاشقاندا ئاشقازانمۇ سەۋەب بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى يا باشلانما ئەزانىڭ كۈچسىزلىكى سەۋەبلىك ياكى باشلانما ئەزالار بىلەن جىنسىي ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى يوللارنىڭ توسۇلۇشى سەۋەبىدىن بولىدۇ . مېڭە سەۋەبلىك بولغان جىنسىي زەئىپلىك كۆپىنچە ئۇرۇلۇش ياكى يېقىلىش سەۋەبلىك بولىدۇ .
ئالاقە قابىلىيىتىنىڭ كەملىك سەۋەبى تۆۋەندە جايلاشقان ئەزالاردا بولۇشىغا كەلسەك ، بۇلاردا مىزاج ئىنتايىن سۇغۇق يا ئىنتايىن ئىسسىق ياكى قۇرۇق بولۇپ ، نەتىجىدە دەملىگۈچى يەل يوقىلىدۇ . دەملىنىش قوزغىلىشقا ياخشى ياردەمچىدۇر . ھەتتا ، قېرىندىكى دەملىك ، ئەگەر ئۇ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ ئەلەم بەرمىسە ، ئالەتنى قوزغىتىدۇ . سەۋدايى كېسەل كىشىلەردە دەملىنىش كۆپ بولۇشتىن  ئالەت كۆپ قوزغىلىدۇ.
قوشنا ئەزالاردا بولىدىغان كېسەللەرگە كەلسەك ، مەسىلەن بۇۋاسىرنى كېسىشتە ئۇنىڭ ئارقا تۆشۈكىگە ئەلەم يېتىپ ، بۇ ئارقا تۆشۈك ۋە ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى بىلەن ئالەت ئەزالىرىنى تۇتاشتۇرغان ئەسەبكە زەرەر قىلغان بولىدۇ . ئۇيۇلۇش ۋە تۈرلۈك خىياللارمۇ جىنسىي ئالاقىنى سۇستلىتىدىغان ، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسىلەردىن سانىلىدۇ . بۇلار  مەسىلەن ، ئالاقە قىلىدىغان ئايالنى يامان كۆرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئۇيۇلۇش ، ياكى ئالاقىدىن بۇرۇن ئالاقىگە كۈچسىز ۋە ئاجىز بولۇپ قالىمەن دەپ يۈرەكتە قورقۇنچ پەيدا بولۇش – بولۇپمۇ ئالدىدا ئۇنىڭدا تاسادىپىي شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا ھەر قېتىم ئالاقە قىلماقچى بولغىنىدا بۇ نەرسە كۆز ئالدىغا كېلىپ ئالاقىگە ئاجىز بولىدۇ . ئالاقىنى تەرك قىلىشمۇ زەئىپلىككە سەۋەب بولىدۇ ، بۇنىڭدا نەفس ئۇنى ئەستىن چىقىرىپ ، ئەزالار ئۇنىڭدىن قايتىدۇ ۋە تەبىئەت ئۇرۇق تۇغدۇرۇش بىلەن كەم شۇغۇللىنىدۇ . بۇ بالىنى سۈتتىن ئايرىغان ئايالدا تەبىئەت سۈت تۇغدۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماي قالغىنىغا ئوخشايدۇ.
بىلگىنكى، ئالەتنى قوزغىتىدىغان سەۋەب ئۇرۇقتىن ياكى باشقا نەرسىدىن قوزغالغان يەلدۇر ، سۇغۇق ۋە ئىسسىق ئىككىلىسى  يەلگە زىتتۇر ، چۈنكى سۇغۇق يەلنىڭ تۇغۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، ئىسسىق بولسا يەل ماددىسىنى تارتىپ چىقىرىۋېتىدۇ . يەلنى تۇغدۇرۇشقا مۆئدىتىل رۇتۇبەت (ھۆللۈك) ۋە ئۇنىڭغا يارىشا ھارارەتكە تەڭ كېلىدىغان نەرسە يوقتۇر . ئەتەيلەپ ئاتقا مىنىش، ئادەت قىلغان كىشىلەرگە ھەمدە بۆرەك ۋە ئۇنىڭغا يېقىن يەرلىرى ھۆل مىزاجلىق ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوغۇق بولغان كىشىلەرگە  بۇ جەھەتتىن پايدا قىلىدىغان  نەرسىلەردىندۇر . لېكىن بۆرىكى قۇرۇق ۋە ئىسسىق مىزاقلىق كىشىلەردە ئاتقا مىنىشنى مۆئدىتىللىك بىلەن ئىشلەتمىگەندە ، بۇ نەرسە زەرەرلىك بولۇپ نەسىلسىزلىككە سەۋەب بولىدۇ .
بەلگىلىرى :
جىنسىي زەئىپلىك ئالەتنىڭ بوشاشقانلىقى ۋە ئەسەب مىزاجىنىڭ سۇغۇقلۇقتىن بولغانلىقى ، ئالەت تارتىلىپ تۇرماسلىقىدىن ۋە سۇغۇق سۇدا قورۇلماسلىقىدىن بىلىنىدۇ . بەزىدە ئۇرۇق كۆپ بولۇپ ، تىزلىك بىلەن چىقىدۇ ۋە بەزىدە ئالەت قوزغالماستىن ئۇرۇق تۆكۈلىدۇ . كۆپىنچە بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەن ئورۇقلايدۇ ۋە زەئىپلىشىدۇ ، بېراق شەھۋەتتە نۇقسان بولمايدۇ .
ماياك ۋە ئۇرۇق ئەزالىرى سەۋەبلىك بولىدىغان خىنسىي كۈچسىزلىك ئەگەر بۇ ئەزالارنىڭ سوۋۇشىدىن بولسا ئۇرۇق كېمەيمىسىمۇ قىيىنلىق بىلەن چىقىدۇ ۋە ئالىتىنى تۇتۇپ كۆرگەندە سۇغۇق تۇيۇلىدۇ . ئەگەر بۇ ئەزالارنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئۇرۇق كەملىكىدىن بولسا ، بۇنىڭدا ئۇرۇق كەم بولۇپ ، قىيىنلىق بىلەن چىقىدۇ . بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بەدىنى ئۇرۇق ۋە كەم قان بولۇپ ، ھاممامغا چۈشۈش ۋە ئۇزۇقلىنىش بىلەن بەدەننى ھۆللەش ئۇلارغا پايدا قىلىدۇ .
جىنسىي ئەزالىرىدىن ئىلگىرى تۇرغان ئەزالىرى سەۋەبلىك بولىدىغان زەئىپلىكتە سەۋەب جىگەر ۋە بۆرەكتە بولسا ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ ، ھەزىم ، ئىشتىھا ۋە قان تۇغۇلۇشى مۇناسىپ رەۋىشتە بولمايدۇ . ئەگەر بۇ يۈرەكتە بولسا ئالەتنىڭ قوزغىلىشى كەم بولىدۇ ۋە بەزىدە ئۇرۇق چىقىرىش ئالەت قوزغالماستىنمۇ بولىدۇ ، تۇمۇر سوقۇشى كۈچسىز ۋە يۇمشاق بولۇپ ، بەدەن ئىسسىقى كەم بولىدۇ .
ئەگەر جىنسى زەئىپلىكنىڭ سەۋەبى مېڭىدە بولسا ئۇرۇق ھەرىكىتىنى سېزىش كەم بولىدۇ . ئالاقىنى تەلەپ قىلغۇچىدا قاتتىقلىنىش ۋە ئارزۇ بولمايدۇ . بۇ ھېسلارنىڭ ئەھۋالى ، بولۇپمۇ كۆزنىڭ ھالىدىنمۇ بىلىنىدۇ . خۇسۇسەن زەئىپلىك مېڭىگە يەتكەن ئۇرۇلۇش ياكى يېقىلىپ چۈشۈشتىن كېيىن بولسا شۇنداق بولىدۇ . جىگەر ، يۈرەك ۋە مېڭىدىن ھەر بىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگىلەر ئېيتىپ ئۆتۈلدى. بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى بار ، ئۇ ئۆز يېرىدە قارالسۇن . تۆۋەن ئەزالىرىدا دەمنىڭ ئازلىقىدىن بولىدىغان زەئىپلىككە كەلسەك ، ئۇنىڭ بەلگىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى  ، بۇنىڭدا ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى ساغلاپ بولۇپ ھەمدە يۈرەك ، جىگەر ، كۆڭۈل تارتىش ۋە ئۇرۇق كۈچلۈك تۇرۇپ زەئىپلىكنى پەقەت ئالەتنىڭ قوزغىلىشىدىن كۆرىسەن . ئىچىنى دەم قىلغۇچىلار ئىشلىتىلسە ، كېسەل ئۇلاردىن پايدىلىنىدۇ . ئۇرۇق ھەرىكىتى ۋە قىتىقلىنىشنىڭ كەملىكىدىن كەلگەن زەئىپلىكنىڭ ئالامىتى ئالاقە ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا قاتقان ئۇرۇقنىڭ چىقىشىدۇر ؛ بۇنىڭ كۆپچىلىكى سۇغۇق مىزاجدىن كېلىپ چىقىدۇ . بەزىدە ئۇرۇق كۆپ بولۇپ ، لېكىن ئېيتقىنىمىزدەك ئىنتايىن ھەرىكەتسىز ۋە قاتقان بولىدۇ .
سېمىز كىشىلەر ئۇرۇق كىشىلەرگە قارىغاندا ئالاقىغە ئاجىزراق بولىدۇ . ئالاقىنى كۆپ قىلىشنى ئىستىگۈچىلەر ئۇمۇمەن تەرلەش ۋە تەرلىتىدىغان ھاممامغا چۈشۈشنى كېمەيتىش ۋە مۇمكىن قەدەر تۇمۇردىن قان ئېلىشنى تەرك قىلىشى لازىم ، شۇنىڭدەك ئىككى پۇت ئالقىنىنى ئىسسىق ياغلار بىلەن ئىشقىلاش كېرەك ، چۈنكى بۇ بۆرەك ۋە ئۇرۇقداننى قۇۋۋەتلىك قىلىدۇ .
شەيخنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۇشۇ يەرگىچە داۋام قىلدۇق .
ئەمدى كىسەللىك سەۋەبلىرىگە كەڭرەڭ سورۇن ھازىرلىمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى .
ئۇلار تۆۋەندىكىچە
1.مىزاج بۇزۇلۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ .
1) خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات ئىچكى تاشقى جەھەتتىن ئورگانىزىمغا زىيادە تەسر قىلغاندا ، پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇستلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە جىنسىي ئەزالاردىكى تەبىئىي ھارارەتنى سۇندۇرۇپ ، جىنسىي ئەزالارنى بوشاشتۇرۇپ ،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ جىنسىي ئەزالارغا يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) تەمسىز بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي  بەلغەم خىلىتى قان ئايلىنىش  ئارقىلىق ، ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىغا تەسىر قىلغاندا ، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە كەيپىيات جەھەتتىكى تەسىرى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى ان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇستلاشتۇرۇپ ، تەبىئىي ھارارەتنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئەزالارنىڭ مۇسكۇل ۋە پەي ، تارامۇشلىرى بوشىشىپ ، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي ئىنكاسنىڭ سۇستلىشىشىنى يەنى باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3) قان خىلىتى كېمىيىپ كېتىشنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
تۈرلۈك سەۋەبلەردىن  قان خىلىتى كېمىىيىپ كەتكەندە ، ئورگانىزمنىڭ ھەر قايسى قىسمىدىكى ئەزا ، توقۇلمىلارغا جۈملىدىن جىنسىي ئەزالارغا ئۇزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
2. ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ياكى ھەزىم ئەزالىرىنىڭ سۈمۈرۈش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى  سەۋەبىدىن ئۇمۇمىي بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەي ، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ . ، بۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ ، جىنسىي ئەزالار خىزمىتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپ ، جىنسىي ئىنكاس سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ.
3. ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرىدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
مەنىي ئېقىپ كېتىش ، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ، زەكەر بوشىشىپ كېتىش ، مەزى بېزى ياللۇغى ، ئۇرۇقدان ياللۇغى ، ، ئۇرۇقدان يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن مەنىينىڭ سان ۋە سۈپەتكە لايىق ئىشلەپچىقىرىلماسلىقى  ، مەني كۆپ چىقىپ كېتىپ ، جىنسىي ئەزالارنىڭ زىيادە كۈچىنىشى ياكى جىنسىي ئەزانىڭ يىتەرلىك قايىم بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .
4. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
1) مىڭە كىسەلىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
مېڭىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان مەركەزلەرنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .
مەسىلەن : مېڭىگە سىرتتىن سۇغۇق تېگىش ياكى بەك ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش ، مېڭىگە سىرتتىن زەخمە تېگىش يەنى ئۇرۇلۇش ، سوقۇلۇش ۋە قاتناش ھادىسىلىردە كۆرۈلىدىغان زەخمىلىنىش قاتارلىقلار .ئۇزۇن مۇددەت روھىي بېسىمغا ئۇچراش ، بىر نەرسىدىن ئازار يېيىش ياكى قاتتىق خورلىنىش سەۋەبلىك مېڭىدە ئاجىزلىق يۈز بېرىدۇ ، مەركىزىي نىرۋا سىستىمىسىدىكى ئىنكاس تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ ۋاقىتتا بىمارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ تەدرىجىي جىنسىي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ھەر خىل مەست قىلغۇچى دورىلار ؛ھاراق ، نەشە ، خىروئىن ، كوكايىن، مورفىن ،ئەپيۇن  ۋە ھازىرقى بالىلار يەۋالىدىغان ئاتالمىش مەجۈنلەرنى يىيىش، ئىچىش ،چىكىش سەۋەبلىك  مېڭىنىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلەپ جىنسىي ئاجىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك مېڭىگە قۇۋۋەت يېتىشمەي مېڭىنىڭ ئىنكاسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ باھ زەئىپلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ.
نېرۋىلاردا توسۇلۇش بولغان سەۋەبلىك مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشقا بولغان ئىنكاسى تۆۋەنلەپ ئاقىۋەت جىنسىي ئىنتىلىشنى تۆۋەنلىتىدۇ .
بەدەننىڭ پالەچلىنىشى ، جۈملىدىن چوڭ مېڭىنىڭ پالەچلىنىشى سەۋەبلىكمۇ جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ .
2) يۈرەك كىسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش خىزمىتى ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارغا قان ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەي ، تەدرىجىي باھ ئاجىزلىقى كىلىپ چىقىدۇ .
بەزىدە شەھۋەتنىڭ ئاجىزلىقى يۈرەك كىسەللىكلىرى ۋە ھارارىتى ، تەبىئىتىنىڭ چەكتىن ئارتۇق سەرپ قىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ سادىر بولىدۇ . ئۇزاق كىسەللىك تارتىش ، زىيادە ئۇرۇقلاپ كىتىش ۋە پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى يۈرەكنىڭ پۈتۈن بەدەننى قان بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكىگە زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ . يۈرەكتە كېسەللىك بولسا ، قان بىلەن تەمىنلەشكە ئەلبەتتە تەسىر يېتىدۇ . نەتىجىدە بەدەندە، جۈملىدىن ، تاناسىل ئەزالار خىزمىتىدە زەئىپلىك يۈز بېرىدۇ . شەھۋەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى كۆپ يېيىش سەۋەبلىك يۈرەكنىڭ ھەرىكىتى دائىمىي جىددىي بولۇپ تەدرىجىي ئاجىزلاشقا باشلايدۇ . قاتتىق قورقۇش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك  ياكى سۇغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىستىمال قىلىپ يۈرەكنىڭ مىزاجى بۇزۇلۇش سەۋەبلىكمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
) جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
جىگەرۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن جىگەر سان ۋە سۈپەتكە لايىق بولغان خىلت ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن جىنسي ئەزالارنىڭ سان – سۈپەتكە لايىق خىلىت بىلەن  تەمىنلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي جىنسىي ئىنكاس سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ھەزىم قىلىش خىلىتلارنى ئاجرىتىش ، ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ باھنىڭ ئاجىزلىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. جىگەر ۋە ئاشقازان مىزاجلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ، ھۆل ، قۇرۇق ، ئىسسىق ، سوغۇقلارنىڭ جىگەر ۋە ئاشقازان مىزاجلىرىنى بۇزۇشى سەۋەبلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى تۆۋەنلەپ ، تەدرىجىي ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلاش سەۋەبلىك باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تۈرلۈك بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، ھىپوپىز بېزىنى غىدىقلىغۇچى ۋە ئۇرۇقدان خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھىپوپىز بېزىنىڭ جىنسىي ئىنكاسنى قوزغىتىش خىزمىتى ۋە ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاخىرىدا باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
ئومۇمىي بەدەننىڭ ئاجىزلىقىدىن بۆرەككە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇقلۇق يىتىشمىسە شەھۋەت تۆۋەنلەيدۇ، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرى ، بۆرەك ياللۇغى ، بۆرەك جاراھىتى ، بۆرەك راكى ، بۆرەك سىفلىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ، بۆرەكتە ئاجىزلاش يۈز بېرىپ بۆرەك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
بۆرەك مىزاجىنىڭ ھۆل ، سوغۇق ، قۇرۇق ، ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى سەۋەبلىك بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش ، بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان ياغ ئېرىپ  تەدرىجىي ئورۇقلاش، بۆرەك ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىقلار بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىندۇر . قاتتىق روھىي بېسىمغا ئۇچراش ، باشقىلاردىن دائىم ئازار يېيىش ئۆز نۆۋىتىدە بۆرەككە  ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇدە نېرۋا خارەكتىرلىك بۆرەك ئاجىزلىقى يۈز بېرىپ ، ئاقىۋەت بۆرەك ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. دائىم دېگۈدەك ناچار تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش ، ھاراق –شارابنى كۆپ ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ بۆرەك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ . بۆرەكتىكى تاشلارنى ئېرىتكۈچى ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىكمۇ بۆرەك مەنبەلىك باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .
دېئابىت كېسەللىكىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
دېئابىت كېسەللىكىدە قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ، ئەمما  ھۈجەيرە توقۇلما ئارىلىقىدا قەنتنىڭ مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئەزا ، توقۇلمىلار ، جۈملىدىن ئەرلەر جىنسىي ئەزالىرى يېتەرلىك مىقداردىكى قەنت بىلەن ئوزۇقلىنالماي، قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتى سۇستلىشىپ باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن جىنسىي ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ ، جىنسىي غىدىقلىنىشنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە جىنسىي ئىنكاسنىڭ سۇستلىشىشى نەتىجىسىدە  باھ  ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
جەلەقنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
جەلەق (قولدا ئىشقاپ لەززەتلىنىش) ئەسەبىي كېسەللىكلەرگە تەۋە بولغان سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان خۇمارداش خارەكتىرىدىكى بىر خىل كىسەللىك ياكى كېسەللىك ئالامىتى ،مېنىڭ قارىشىمدا؛ كېسەللىك ئالامىتى دېيىشتىن مۇراد شۇكى، بۇ ئىشقا كۆنۈپ قالغان بىمارلارنىڭ تولىسىدا مېڭە ، نېرۋا ئاجىزلىقى كۆرۈلىدۇ ، ۋە مىڭە ، نىرۋا كۈچەيتىلسە بۇ ئىشتىن ساقلىنالايدۇ . كۆپلىگەن كىتابلاردا ۋە تېۋىپلەرنىڭ قارىشىدا بۇ يەنىلا بىر خىل كىسەللىك. ياشلار بالاغەتكە يېتىش ئالدىدا ۋە بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتلاردا توغرا بولغان جىنسىي قاراش يېتىلدۈرمىگەنلىكى ، بۇزۇق ، ئەخلاقسىز  كىشىلەرنىڭ ئۆگىتىشى ئارقىسىدا ياكى شۇ ئىشلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆگىنىپ قالىدىغان يامان سانىلىدىغان ئادەتنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەقتە باشقا  يازمىلار بولغانلىقى سەۋەبلىك ۋە شۇنداقلا ئۆزىمىزمۇ ئايرىم توختالماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن جەلەق ھەققىدىكى بايانلىرىمىزنى مۇشۇ يەردە تۈگەللىمەكچىمىز.        

ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار ۋە دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇ ھەقتە مېڭە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق بابىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەچكە تەپسىلاتى ھەققىدە شۇ يەرگە قارالسۇن .
ياش ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.  
ياش ئامىلىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، پۈتۈن بەدەندە ماددا ئالمىشى سۇسلىشىپ ، بەدەن ئاجىزلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي جىنسىي غىدىقلىنىش سۇستلىشىپ ، جىنسىي ئىنكاس تۆۋەنلەپ ، ئاخىرىدا باھ ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
روھىي ئامىلنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كۆپ غەم – ئەندىشە قىلىش ، مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەسلىك ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق ، تۇنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇش ، ئايالى ياكى مەشۇقىدىن نەپرەتلىنىش ، ئايالىنىڭ شەخسىي تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى  ۋە شۇنداقلا جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ، بىر – بىرىگە كۆيۈنمەسلىك ، مۇھىت ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارمۇ باھ ئاجىزلىقىغا سەۋەبچى ئامىللاردىن سانىلىدۇ.
ئاياللاردىن نەپرەتلىنىش، ئۆچلۈك سەۋەبلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئايالىدىن يېراقلىشىش ، سەسكىنىش ، ياكى ئايالىنى كۆپ ئاياش ، ياكى قورقۇش ۋە ياكى ئەيمىنىش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئايالىغا (بارا-بارا باشقا ئاياللارغىمۇ)نىسبەتەن كۆڭۈل يۈرگۈزمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ .
دۇنيالىق چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرىن نەپرەتلىنىش قاتارلىقلارمۇ مەلۇم كىشىلەردە ۋاقىتلىق ياكى ئۆمۈرلۈك باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
مۇناسىۋەتتىن قورقۇش، ئۆزىنى كەمسىتىش، ۋە مۇناسىۋەتتە تولا مەغلۇپ بولۇشلارمۇ بۇ كىسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر ھەققىدىكى بايانىمىز تۈگىدى .


نىسىپ بولسا بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى ۋە داۋالىرى ھەققىدىكى تېمىمىزنى يېزىشقا تۇتۇنىمىز .
  تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن : كۆكيال
پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار :
تېبابەت قانۇنى
ئىكسىرى ئەزەم
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى (تۆتىنجى قىسىم)
ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكوم دەرسلىكلىرى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار
ۋاقتى: 2013-11-29 18:22:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە خوتەنلىكلەر

ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە خوتەنلىكلەرخوتەن قەدىمىي يىپەك يۇرتى تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۆشۈكى. تارىخىي كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 2000 يىللار ئىلگىرى خوتەنلىكلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيتى داۋامىدا، ئۆسۈملۈك، مېنرال ماددىلار، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ شىپالىق تەرەپلىرىنى بايقاپ، كېسەل داۋالىغان ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، سودا كارۋانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، قەدىمكى يۇنان ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تېبابەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بىر قىسىم  دورا ئۆسۈملۈكلەرنى كىرگۈزۈپ ۋە ئۆزلىرىنىڭكىنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى راۋاجلاندۇرغان ھەم ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە رېتسىپلارنى ئىجاد قىلىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات قەدىمى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن داڭلىق تېۋىپلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ بۇ قەدىمكى يۇرتنى يىراق – يېقىنغا تونۇتقان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ تومۇر تۇتۇش ئۇدۇمى، بىر قىسىم يۇقىرى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە مەخپىي رېتسىپلىرى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، شاگىرىتلىرى تەرىپىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن. ھازىر خوتەندە بۇرۇنقى كوچا – كويلاردا، ئۆيلەردە تومۇر تۇتۇپ، دورا بېرىشتىن تەرەققىي قىلىپ، قەۋەت – قەۋەت بىنالاردا كېسەل كارىۋىتى تەسسس قىلىنغان، شەخىسلەر ئىگىلىكىدىكى نەچچە ئون ھەتتا 100 گە يېقىن خىزمەتچىسى بار مۇنتىزىم مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى قەد كۆتۈردى.

خوتەنلىكلەر تۇرمۇشى تېبابەت بىلەن زىچ باغلانغان. خوتەنلىكلەرنىڭ كۆپ قىسىمى تېبابەتنى چۈشىنىدۇ ھەم بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تومۇر تۇتۇپ كېسەل داۋالىيالمىسىمۇ، يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق مىجەزىنى تەڭشىيەلەيدۇ، تۈرلۈك مۇراببا، گۈلقەنتلەرنى ياسىيالايدۇ. بەزى كېسەللەرگە ئۆزلىرى دورا سېتىۋېلىپ يەيدۇ ياكى خۇرۇچنى سېتىۋېلىپ ئۆزلىرى ياساپ، كېسەللىرىنى داۋالىيالايدۇ. مەسىلەن، چوڭلار بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتسە، قان بېسىمى ئۆرلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ دەرھال قېتىق ئىچىپ، قارا ئۆرۈك، ئەينۇلا قاتارلىق تەبىئىيتى سوغۇق مېۋىلەردىن ياسالغان مۇراببا، شەربەتلەرنى ئىچىپ، قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرۇشىنى؛ ئەرلەر كېسەللىكىلىرىنى ھېس قىلسا يەرلىك غاز، توخو تۇخۇملىرىنى، پاخلان، ئوغلاق كاۋاپلىرىنى يەپ، سوغۇق ئىچىملىك، ئاچچىق – چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدىغان تېبابەت دورىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى داۋالاشنى؛ ئاياللار ئۆز كېسەللىرىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشتىن سىرت، ئانار گۈلقەنتىنى يەپ قان تولۇقلاشنى، ئائىلىدە ئىسسىقلىق دورىلىرىنى قاينىتىپ ھوردىنىپ، بىر مەزگىل سوغۇق سۇدىن ئۆزىنى چەكلەپ بەدىنىدە كۆرۈلۈۋاتقان زەئىپلىكنى داۋالاشنى؛ ئانىلار بوزۇغا، موزا، جوزا قاتارلىق ئىسسىقلىق دورا بىلەن، ئوغۇل تۇغقان ئانا بىلەن قىز تۇغقان ئانا سۈتىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنىنى سوغۇق ئېلىش، قۇلىقى ئاغرىش، يىغلاڭغۇلۇق، ئۇيقۇسى ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللەرنى؛ ئاپتاپقا قاقلاش، بالىلارنى يۇمشاق توپىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق كالىتسىي كەملىكنى داۋالاشنى بىلىدۇ. ئانىلار قىزلىرىغا بۇ ئۇسۇللارنى ئۈگىتىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. يەنە ھەممە ئائىلىلەردە ھەرخىل گۈللەردىن گۈلقەنت تەييارلاش، دورىلىق چاينى ئۈزۈپ قويماسلىق، ھەسەلنى ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق ھەم پارچە كېسەلگە شىپا ھەپ ئىستېمال قىلىش ئادەتكە ئايلانغان.
ئادەتتە خوتەنلىكلەر ئىچىدە دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنىدىغانلاردىن تېۋىپقا كۆرۈنىدىغانلار كۆپ.
ۋاقتى: 2013-11-29 18:22:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى _ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى
    ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺧﯘددى «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ»ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺗﺎرﯨﺦ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚز ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. 2500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﺎﻛﻰ ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮرۇن ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ داۋالاش، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﻐﯘﭼﻪ (ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻏﻪرب ﻣﯩﺴﻴﯘﻧﯩﺮﻟﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮﻟﺠﺎ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ راﻳﻮﻧلارﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن، 1940 - ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮرۇن ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ داۋالاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن) ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﮬﻪر ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، داۋالاش، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺳﺎﻏلام ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚز ﺋﻮرﻧﻰ ۋە ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺷﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﺮاس ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە، ﮔﻪرﭼﻪ ﻏﻪرب ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﯧﻨﯩﻨﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە، ﻣﺎﻟﯧﻜﯘلا ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘرۇپ ﻛﯚزﯨﺘﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩلالاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ داۋاﻟﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪۋﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟى دورﯨلار ﺑﯩﻠﻪن داۋالاﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﻪدەﻧﺪە ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎدا ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘپ، «ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﺋﯘﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﮕﻪ زﯨﻴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟاﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮ - ﺋﻪﺳﺮاﻟﯩﺮى ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰدەﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق زۆرۈرﯨﻴﻪت ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻰ، ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻧﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؛ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪت دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻜﯩﻨﻰ «80 ﺧﺎﻟﺘﯩﭽﻰ» دەپ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎراﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎراش ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ دۇﻧﻴﺎﻗﺎراش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ؛ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە داۋالاش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلام ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜرەش ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ داۋاﻣﯩﺪا ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘلارﻧﻰ ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ دەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜپ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن. ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﺰاج، ﺧﯩﻠﯩﺖ، ﺋﻪزا، ﻗﯘۋۋەت، روھ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش زۆرۈر ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺷﺨﯩﺲ (دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘش) ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى، داۋالاش ﻗﺎﺋﯩﺪە - ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮى، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك، ﻛﯜﺗﯜﻧﯜش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﻛﻠﯩﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ. ﺗﯘرﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎرﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 1000 - 1400 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨلا ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻛﯚز، ﻗﯘلاق، ﺑﯘرۇن ۋە ﺑﻮﻏﯘز ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﭼﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻧﯧﺮۋا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻧﻪﭘﻪس ﺋﻪزاﻟﯩﺮى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﻳﯜرەك ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﮬﻪزﯨﻢ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر، ﺳﯜﻳﺪۈك ﻳﻮﻟﻰ،ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪزا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﺟﺎراﺳﯩﻢ (ﻣﯩﻜﺮۇپ) ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ۋە ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 12 ﭼﻮڭ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎن. ﺑﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨلا ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ داﺋﯩﻢ زﯨﭻ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﻪڭ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮت، ﮬﺎۋا، ﺳﯘ، ﺗﯘﭘﺮاﻗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘلار زﯨﺪدﯨﻴﯩﺘﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ داﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘلارﺳﯩﺰ ﻣﺎددﯨلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ. ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎن ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻮت ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ؛ ﮬﺎۋا ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ؛ ﺳﯘ ﮬﯚل ﺳﯘﻏﯘق؛ ﺗﯘﭘﺮاق ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ . ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ زﯨﺖ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪززا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﻪدەﻧﺪە ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘق، ﮬﯚﻟﻠﯜك، ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺗﯚت ﺧﯩﻞ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎرﯨﻤﯘﻗﺎرﺷﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﻣﯩﺰاج ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪۋﺟﯘدادلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﻣﻪۋﺟﯘدادلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاج ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﻰ دەۋر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﺰاﺟﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻧﯩﯔ رەﯕﮕﯩﺮوﻳﻰ ، ﻗﻪددى - ﻗﺎﻣﯩﺘﻰ، ﺧﯘﻟﻖ - ﻣﯩﺠﻪزى، ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ، ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻏﺎ ﺋﺎلاﻗﯩﺪار ﺗﯩﭙﯩﻚ ﭘﻪرﻗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪزﯨﻨﻰ ﺗﯜزەﺷﻜﻪ ﺧﺎم ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨلاش ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﺧﯩﻠﯩﺖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا ۋە ﻣﯩﺰاﺟلار ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗلار ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻛﯚزﻗﺎراﺷلار ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ داۋالاﺷﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺗﯚت ﺧﯩﻠﯩﺘﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪدەﻧﺪﯨﻜﻰ زاﮬﯩﺮى، دەپ ﺷﻪرﮬﻠﻪﻳﺪۇ. ﺗﯚت ﺧﯩﻠﯩﺖ (ﺳﻪﭘﺮا، ﻗﺎن ، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪۋدا) ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق، ﺳﯜﻣﯜرﮔﻪن ﮬﺎۋا ۋە زاﻣﺎن، ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪە ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﻪزالاردا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺑﻪدەﻧﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗلاردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﺑﻪﻟﻐﻪﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق، ﺳﻪۋداﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘلار ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚز ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻖ ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎزﯨﺮلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﺪۇ، ﺗﻮﻟﯘﻗلاﻳﺪۇ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ، زﯨﺪدﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺧﯩﻠﯩﺘلار ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﻰ، ﺳﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪدەﻧﺪە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺧﯩﻠﯩﺘلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ، ﺳﺎن - ﺳﯜﭘﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚت ﺋﺎﻧﺎﺳﯩﺮ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ: ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﮔﻪۋدە، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺋﻮرﻧﻰ ۋە روﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ، ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪزا ۋە ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪزالار دەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪۇ. ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯧﯖﻪ، ﻳﯜرەك، ﺟﯩﮕﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪزا (رەﺋﯩﺲ ﺋﻪزا)لار؛ ﺋﯚﭘﻜﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان، ﺗﺎل، ﺋﯜﭼﻪي، ﺑﯚرەك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪزالار ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﯨﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﻪزالارﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ روﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﻰ، ﮬﻪم ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﻐﯘﭼﻰ ﺋﻪزالار ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﯨﺪۇ. ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر، ﺳﻪزﮔﯜ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ، ﻳﻪﻧﻰ روﮬﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰى؛ ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ (روﮬﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻰ)ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ؛ ﺟﯩﮕﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰى، دەپ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪۇ. ﺋﺎدەم ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣلاﻧﻐﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ۋە ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪر ﺳﻪۋەﺑﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﻣﯩﻞ ﻗﯘۋۋەﺗﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ (ﻗﯘۋۋەﺗﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻰ،ﺋﻮرﻧﻰ ﻳﯜرەﻛﺘﻪ)، روﮬﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ (ﻗﯘۋۋەﺗﻰ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﻰ، ﺋﻮرﻧﻰ ﻣﯧﯖﯩﺪە)، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ (ﻗﯘۋۋەﺗﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ، ﺋﻮرﻧﻰ ﺟﯩﮕﻪردە) دەپ ﺋﯜﭼﻜﻪ ۋە ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻛﯜﭼﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ- ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪرﯨﭙﻠﻪپ ﺷﻪرﮬﻠﻪﻳﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎۋا، ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك، ﮬﻪرﯨﻜﻪت، دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯘﺧلاش، ﺋﻮﻳﻐﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺗﯘش ۋە ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ۋە روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﺋﺎدەﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘزاق ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﻮﻧﯘپ ﮬﯚﻛﯜم ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺑﯩﺮ ﻳﯜرۈش ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﺎراش ۋە ﺋﯘﺳﯘﻟلارﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﻮﻧﯘپ دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯘش، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ دەل، ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ داۋالاپ، ﺳﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻨﯩﯔ ﺗﯜپ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ، ﻣﯩﺰاج، ﺧﯩﻠﯩﺖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ، ﻗﯘۋۋەت ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﺴﻰ ۋە ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﻪزاﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﻠﯩﺮى ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، زﯨﺪدﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪە، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﺎرﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ - ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺳﻪۋەب ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎلاﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ۋە ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻠﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ دﯨﺌﺎﮔﻨﻮز ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎراپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﯩﯖﺸﺎپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺳﻮراپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﭘﯘراپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺳﯩﻴلاپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﻮﻣﯘر ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﺗﻪرەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش، ﻗﯘﺳﯘق، ﺧﻪﭘﺮۈﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ داۋالاش ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮى ﺗﯚت ﭼﻮڭ ﻣﺎددا، ﻣﯩﺰاج، ﺧﯩﻠﯩﺖ ۋە ﻗﯘۋۋەت ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯚﭘﺮەك ﻣﯩﺰاﺟﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﯩﺖ (ﻣﺎددا)ﻟﯩﻖ ۋە ﺧﯩﻠﯩﺖ (ﻣﺎددا)ﺳﯩﺰ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯜزﯨﺘﯩﺶ، ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻪدەن ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈش، ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯘﺳﯘﻟلار ﺑﯩﻠﻪن داۋالاﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ، ﭘﻪرۋﯨﺶ ۋە روﮬﯩﻲ ﭼﺎرﯨﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش، ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش، دورﯨلار ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش، ﻗﻮل ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش دەپ ﺗﯚﺗﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﺴﻪل داۋالاش ۋە ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن داۋالاﺷﺘﺎ، ﺋﻮزۇﻗلار ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرۇش ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪر روﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻏﯩﺰاﻳﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق (ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق روﻟﯩﻨﯩلا ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎﻣﺎﻗلار)، ﻏﯩﺰاﻳﻰ داۋاﺋﻰ (ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﮬﻪم داۋاﻟﯩﻖ روﻟﻰ ﺑﺎر ﺗﺎﻣﺎﻗلار)، داۋاﻳﻰ ﻏﯩﺰاﻳﻰ (داۋاﻟﯩﻖ روﻟﻰ ﺑﺎر ﺗﺎﻣﺎﻗلار) دەپ ﺋﯜﭼﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺗﺎﻣﺎق ﺑﯘﻳﺮۇﻟﯩﺪۇ.
دورا ﺋﯩﻠﻤﻰ ۋە ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. دورﯨلار ﺋﯩﻠﻤﻰ دورا ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘش، ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش، ﻳﯩﻐﯩﺶ، ﺳﺎﻗلاش، ﭘﯩﺸﺸﯩﻘلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت، دورﯨلارﻧﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ۋە ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزالارﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪۇ ﮬﻪﻣﺪە ﺗﯜرﻟﻪر ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ دورﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺗﻪﺳﯩﺮى، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە ﻣﯩﻘﺪارى، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮى، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜزﯨﺘﯩﺶ ﭼﺎرﯨﻠﯩﺮى، دورﯨلارﻧﯩﯔ ﺑﻪدﯨﻠﻰ (ﺋﻮرۇﻧﺒﺎﺳﺎرى)، دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﯨﺪۇ.
ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺗﯧﺒﺎﺑﻪت ﭘﯧﺸﯩﯟاﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ دورﯨلارﻧﻰ ﺳﺎﻗلاش، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ۋە ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﯕﺎي ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪب، ﺳﯘﭘﯘپ، ﻗﯘرس، ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻤﺎ، ﭼﯩلاﻧﻤﺎ، ﻗﯩﻴﺎم، ﺷﻪرﺑﻪت، رۇپ، ﻣﻪﺟﯘﻧﺎت، ﺋﻪرەﻗﯩﻴﺎت، زﯨﻤﺎد، ﻣﻪﻟﮭﻪم، ﻗﻪﺗﺮە (ﻛﯚزﮔﻪ ﺗﺎﻣﺪۇرۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن دورا)، ﭘﻪرزﯨﺠﻪ، ﮬﻮﻗﻨﻪ، ﺷﯩﻴﺎف ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩلارﻏﺎ ﺑﯚﻟﯜپ ﻳﺎﺳﺎپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن. ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ دورا ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺧﯧﻤﯩﺮ دورﯨلار، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دورﯨلار، ﺗﺎﻟﻘﺎن دورﯨلار، ﺳﯘﻳﯘق دورﯨلار، ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨلار دەپ ﺑﻪش ﺗﯜرﮔﻪ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺗﯜرى ﻳﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ، ﻳﻪﻧﻰ ﺧﯧﻤﯩﺮ دورﯨلار ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﭘﯩﻞ، ﺋﺎﻳﺎرەج، ﺗﻪرﻳﺎق، ﻟﻮﺋﯘق، ﺟﺎۋارﯨﺶ، ﻣﻪﺟﯘﻧﺎت، ﻟﻮﺑﻮﭘلارﻏﺎ؛ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دورﯨلار ﺑﺎﻧﺎدۇق، ﮬﻪب، ﻗﯘرﺳﯩلارﻏﺎ؛ ﺗﺎﻟﻘﺎن دورﯨلار ﺳﯘﭘﯘپ، ﺳﯘﻧﯘن، ﺳﯜرﻣﻪ ۋە ﺳﻪﭘﻤﯩﻠﻪرﮔﻪ؛ ﺳﯘﻳﯘق دورﯨلار ﺷﻪرﺑﻪت، ﺋﻪرەق، ﻣﯘراﺑﺒﺎ،ﮔﯜﻟﻘﻪﻧﺖ، ﭼﯩلاﻧﻤﺎ، ﻟﻮﺋﺎﭘلارﻏﺎ؛ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن دورﯨلار ﻳﺎغ، ﻣﻪﻟﮭﻪم، زﯨﻤﺎد، ﮬﻮﻗﻨﻪ، ﺗﺎﻣﭽﯩلارﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘر ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮق، داۋالاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ۋە دورﯨﻠﯩﺮى ﻗﺎلاق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺟﺎن ﺑﯧﻘﯩﺶ ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯜﻧﻪر - ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﯟى ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ، ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ داۋالاش ۋە دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻤﺪۇر. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﻮﻧﯘپ، ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ رﯦﺌﺎل دۇﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﺎددﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈﺷﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلاﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.


( ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﯩﺪا)
ۋاقتى: 2013-11-29 18:23:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان تېكسىتلىرى - تېبابەتكە ئائىت قەدىمىي يادىكارلىق
تۇرپاندىن تېپىلغان ‹‹تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىقلارنىڭ پارچىسى››نىڭ تەرجىمىسى
مەزكۇر تېمىنى يوللاشتىن مەقسەت ئۇنىڭدىكى رېتسىپلاردىن پايدىلىنىشتىن كۆرە تارىخىي  قىممىتىنى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى  كۆزدە تۇتىمىز.
بۇ يازما يادىكارلىقلار ئورخۇن دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى دەۋردىكى قىممەتلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئەينى دەۋردىكى تېبابەت ۋە ساغلاملىق چۈشەنچىسىگە  ۋەكىللىك  قىلىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ يادىكارلىققا ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بۇ يەردە سۆزلەنگەن رېتسىپلارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيەمۇ قىلمايمىز . كىيىنچە مۇشۇ يادىكارلىقتا سۆزلەنگەن رېتسىپلار بىلەن ھازىرقى رېتسىپلارنى سېلىشتۇرغان ماقالىمىزنى يوللىغان ۋاقىتتا ئاندىن ئىشلەتسە بولىدۇ .
‹‹تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىقلارنىڭ پارچىسى›› ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات؛
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق  پارچىلىرىنى گېرمانىيەنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تۇرپان ئارخولوگىيە ئەترىتى  تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ  ئېلىپ كەتكەن ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا.
بۇ يادىكارلىق گەرچە قۇچۇ (ئىدىقۇت) ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن دورىگەرلىكىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . شۇڭا بۇ ھەقتە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە مەسىلىلەر بار.
تۈركىيىلىك رەشىت رەھمەت ئاراتى 1930-يىلى   SBAW  ( بېرلىن پرۇسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ كونفېرنسىيەسىدە قىلىنغان دوكلاتىنىڭ پەلسەپە تارىخ قىسمى) نىڭ 1، 451-473 بەتلىرىدە ۋە 1932-يىلى
SBAW 2  نىڭ 401-448- بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئۆز تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان.

يۈرەك سىقىلىش ۋە دەم بوغۇلۇشنىڭ داۋاسى ؛ ئانار ئۇرۇغى ، قارا تۇز ، پىششىق سىڭىر ، سىرىچاقان(سېرىق چاكاندا) لارنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ، شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، يۈرەك سىقىلىش ، دەم بوغۇلۇشنى ساقايتىدۇ.
قورساق ئاغرىقىغا ئەم (داۋا): ئىككى سۇڭۇك (مىقدار سۆز) ئۆچكە گۆشىنى بىر قاچا مۇسەللەس ، بىر قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ سۈيى سۇۋۇغاندىن كېيىن ئىچسە قورساق ئاغرىقى كېتىدۇ(توختايدۇ). (ئۇنىڭدىن باشقا) يەنە قارا چىڭسەيدىن تۆت باقىر (مىسقال؟) نى ۋە بىر بۇلۇڭ (چارەك؟) پاتمان قۇدۇنمۇقنى (؟) ئېرىتىپ ، ئاچ قورساققا ئىچىپ ئۇخلىسا قورساق ئاغرىقى توختايدۇ.
ئايال كىشى (قورسىقىدىكى) بالىنى چۈشۈرىۋېتەي دېسە ، ئىت سۈتىنى ئىچسۇن ، تىز چۈشىدۇ. بالا ھەمرىيى چۈشمىسە ، قىچا ئۇرۇغىنى كۆيدۈرۈپ چاترىغىنى ئىسلاپ بەرسە تېز چۈشىدۇ.
كۆز ئاغرىقىنىڭ ئەمى(داۋاسى): قارا ياغاچ قوۋزىقىنى ئادەم ئۆتى ، چوشقا ئۆتى ، ئۆچكە ئۆتى ، توشقان ئۆتى (بۇ تۆتىنىڭ قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ) بىلەن كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ، كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە تېز ساقىيىدۇ.
كىمنىڭ قولتۇغى پۇرىسا ، ئۆپكىنى يەنجىپ ، ئۇدا ئۈچ كۈن قولتۇقىغا يېقىپ(سۈرتۈپ) بەرسە ، پۇرىمايدىغان بولىدۇ.
بەش – ئون يىلغىچە ساقايمىغان جاراھەتكىمۇ ، ئۆپكىنى يەنجىپ سۈرتۈپ بەرسە ، ساقىيىپ كېتىدۇ . ئەگەر بۇنىڭ بىلەنمۇ ساقايمىسا قارا ئۇننى يار تۇزى بىلەن يۇغۇرۇپ ، خېمىرنى جاراھەتكە تېڭىپ بەرسە ساقىيىدۇ.تۆت تادۇ
قايسى كىشى كېچىسى ياخشى كۆرمىسە ، (نامازشام قارىغۇسى بولۇپ قالسا) قارا ئۆچكىنىڭ يېتىم (ئوغلىقىنىڭ ) جىگىرىنىڭ ئىچىگە قارىمۇچ سېلىپ ، ئوتكا كۆمۈپ كۆپۈگىنى ئېلىپ كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كېچىسى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.
قايسى كىشىنىڭ سۈيدۈك يولى توسۇلۇپ قالغان بولسا ، تۈكلۈك ئۆرۈكنىڭ پوستىنى ئېلىپ ، سۈيدۈك يولىغا كىرگۈزسە ، سۈيدۈك يولى ئېچىلىدۇ.
قايسى كىشىنىڭ يانپېشى ئاغرىسا ، ياۋا كەپتەرنىڭ مايىقىنى قارا ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، يۇغۇرۇپ ، خېمىرىنى يانپېشىغا ئۈچ كۈن يېقىپ بەرسە ساقىيىدۇ.
ئېغىز ئالمايۋاتقان يارىغا  ئىنەكنىڭ ، قوينىڭ مۈڭگۈزىنى سوقۇپ يېقىپ بەرسە ، پات ئېغىز ئېلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ.
تولغاق بولۇپ ساقايمىسا ، سۇڭپىيازنىڭ پوستى بىلەن يىلتىزىنى سوقۇپ قېتىققا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ساقىيىدۇ.
چىش ئاغرىقىغا داۋا: ئۈچ ياشلىق قارا كالىنىڭ تېزىكىنى تاۋىدا قۇرۇتۇپ ، چىشقا ياقسا ئاغرىقى توختايدۇ.تۆرت تادۇ
قايسى كىشى ئالا ئەت (پىسە ) بولۇپ قالسا بېدىياننى يېرىپ ، ئىزىپ سۈيىنى پىسە بولغان يەرگە سۈرۈپ بەرسە ئالىسى يوقايدۇ .(پىسە ئاق كېسەلنى كۆرسىتىدۇ تۆت تادۇ).
كەكلىك ئۆتىنى شىكەر بىلەن تەڭ ئۆلۈشتە قوشۇپ ، كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز يەنە ئېچىلىدۇ ، ساقىيىدۇ.
يەنە كەكلىك ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، مۇسەللەس ياكى بوزىغا قوشۇ ئىچىپ بەرسىمۇ(بۇنداق مۇسەللەس ياكى بوزا مەست قىلمايدۇ تۆت تادۇ) كۆرمەس بولۇپ قالغان كۆز ساقىيىدۇ.
تۆگە سۈيدۈكىنى باشقا سۈركىسە ، باشتىكى كېپەك يوقايدۇ.
ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەمگە بۇغا مۈڭگۈزىنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۇ بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
قۇلاققا كىر توشۇپ قالسا ، قارىغۇ چاشقاننىڭ ئۆتىنى تېمىتىپ بەرسە ، قۇلاق ئېچىلىدۇ. يەنە ئۆلۈك مۈشۈكنىڭ  يېغىنى ئېرىتىپ ، سۈرۈپ بەرسىمۇ ئېچىلىدۇ. يەنە ئادەم گۆشىنى بۆرىلىك كۆز(؟) گە سۈرتسە ئېچىلىدۇ.
تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ ، سوقۇپ ، تاسقاپ، دېمى سىقىلىدىغان كىشىگە ئىچۈرسە ساقىيىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ قورسىغىدىكى بالىسى ئۆلۈپ قالسا ، بىر سەر ئىت سۈتىنى ئىچۈرسە ، چۈشۈپ كېتىدۇ.
غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىگە ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يېگۈزسە ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچ كۈنلۈك ئاچ قورساققا بىر قاچا زىغىر مېيى ئىچۈرسە ياخشى بولىدۇ ، كۆز قاراڭغۇلىشىپ ، كۆپ ياش ئاقسا ، زىغىر مېيىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ھەيز كۆپ كېلىپ توختىمىغان ئايالغا ، زەپەر ، ئىپار ، قوناق ئۇنلىرىنى مۇسەللەسكە  قۇشۇپ ئىچۈرسە  ساقىيىدۇ.
يۈزىنى دانىخورەك بېسىپ كەتكەندە توخۇ تۇخۇمى بىلەن ئۆتىنى سۈرۈپ بەرسە يوقايدۇ.
چىشىنى قۇرت يېگەندە ئۈزۈم سىركىسى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرگەندە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
سىيگەك كىشىگە تۆگە گۆشىنى ئارپا يارمىسى بىلەن قاينىتىپ ئۈگرە قىلىپ بەرسە ئوڭشىلىدۇ.

كىمنىڭ تېنىگە سۈگەل چىقسا ، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرتسە سۆگەل يوقايدۇ.
بۆرىنىڭ سۆڭىكى بىلەن تىلىنى قۇرۇتۇپ ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
قايسى كىشىگە يامان يارا چىقسا ، نۈشۈدۈر يىلىمىنى قۇرت بىلەن قۇشۇپ ، يارا ئۈستىگە سېپىپ بەرسە يارا ساقىيىدۇ.
تەرەتتە قان كەلگەننىڭ داۋاسى: ئۈژمە ، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەر كۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە  ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
كۆز داۋاسى باشلاندى: كۆز غۇۋالىشىپ كۆزدىن سوغاق ياش كۆپ ئاقسا ، كالا ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە ، كۆز ئېنىق كۆرىدىغان بولىدۇ. يەنە داۋا: ئەگەر كۆزدىن ئىسسىق ياش ئاقسا ، خام شېكەر بىلەن سېرىق ماڭگونى ئارىلاشتۇرۇپ ئىنەك يېغى بىلەن قۇشۇپ بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
يەنە داۋاسى : توشقان مېڭىسى ۋە كالا ئۆتىنى ئىنەك مېيى بىلەن قوشۇپ ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
يەنە داۋاسى : قىزىل چىندان ، ئاق چىندان ، قۇشدى(بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكنىڭ نامى) ، تېۋىلغا، سېرىق كۈجىلەرنى ئىككى باقىردىن ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنخۈت يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ  ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە باش ئاغرىقى توختايدۇ.
قايسى ئايال قىردى كېچىرىر (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) بولۇپ قالسا قالغاچ گۆشى يېسۇن ، يەنە زەپەر ، قوناق ئۇنى ، ئىپارلارنى مۇسەللەس بىلەن ئىچسۇن ، يارىشىدۇ( ساقىيىدۇ)
قورساق ئاغرىقىغا داۋا: قالغاچ ئۇۋىسىدىكى توپىنى سۈت بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ساقىيىدۇ.
چىش ئاغرىقىغا داۋا: قارا كالا تېزىكىنى سىركە بىلەن قۇشۇپ ( ياكى) يايلاقتىكى  تۆگە مايىقى بىلەن قىزىل تۇزنى سۇقۇپ مۇسەللەس  بىلەن قۇشۇپ تاۋىدا ئىسسىتىپ بوز خالتىغا سېلىپ ، كۈنجۈت مېيى قۇشۇپ ، ئاغرىغان چىش ئۈستىگە يېقىپ بەرسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ . يەنە سېرىق ئۈرۈك مېغىزىنى سۇقۇپ مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
بەزگەككە داۋا: بۆرى مايىقىنى كالا سۈيدۈكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈپ بەرسە ، ساقىيىدۇ.
كەنجى ئۇغۇل ئاجىز بولۇپ قالسا ، ئەشكەك تۇزى(بىر خىل ئۆسۈملۈك) نى بېشىغا تېڭىپ بەرسە ساغلام ئۆسىدۇ.
سۈتنى كۆپەيتىشنىڭ ئۇسۇلى: ھەشقىپىچەك گۈلىدىن بەش باقىرنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى سۈزۈۋېلىپ ياغ ، سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچسە سۈت كۆپىيىدۇ.
ئېغىر ئاياق ئايال بوشىنالمىسا ، دارچىننى سىماب سۈيى بىلەن قۇشۇپ ئىچسە تۇغۇتى ئوڭايلىشىدۇ. ئەگەر قورساقتىكى بالا ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ ، تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.
يەنە داۋا : يىلان قاسرىقىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى مۇسەللەس بىلەن قۇشۇپ ئىچۈرسە  ، بالا ئاسان چۈشىدۇ.
كىمكى قورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولسا ، يېرىم باقىر ئاق كۈجە بىلەن بەش باقىر قارا كۈجىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ  شورپا  بىلەن ئىچسە ، يەنە قۇرۇق بارا(بولو؟) نى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە  ياكى قورۇلغان كۈنجۈت بىلەن يار تۇزىنى ئىسسىق سۇدا ئىزىپ ئىچسە  بالا ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. يىلان تېرىسى ، تۆت كوچىدىكى توپا، ھەسەل ۋە كالا ئۆتىنى سىركە بىلەن قۇشۇپ ئىچسە ، قورساقتىكى بالا ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. يەنە ئىت تۈكى ، توشقان تۈكىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى پىچاق ئۇچىدىكى توپا بىلەن قۇشۇپ سۇدا ئىزىپ ئىچسە ئوڭاي تۇغىدۇ.
كۆكسى ئىششىپ قالغان ئايال سېرىق ماڭگو ، تېرىق ئۇنى ، قۇلۇم گۈلى، ئاق ئۇن قاتارلىقلارنى ئادەم سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ ، خېمىرىنى كۆكسىگە تېڭىپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ كىندىكى ئاغرىسا ، كەندىر شېخىنى ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ ، بىر قاچا مۇسەللەس ، ئىككى قاچا سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىنەك يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كىندىكىگە يېقىپ بەرسە ساقىيىدۇ.
كىمگە شامال دارىپ كېتىپ كۆزى ، ئاغزى مايماق بولۇپ قالغان بولسا ، قۇندۇز قەھرىنى سۇدا ئىزىپ سۈرۈپ ، ئەينەككە قاراپ بەرسە ، تۈزىلىپ كېتىدۇ.
بۇرۇن قانىغانغا داۋا : (:) ياش كۈنجۈت ئۇرۇقىنى سۇقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ بۇرۇنغا ئۈچ قېتىم تېمىتسا قان توختايدۇ.
كىمىكى قان سىيىدىغان بولۇپ قالسا ، پىيازنى پىشۇرۇپ ، ھەسەلگە مىلەپ يەپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
بۇرۇن قانىغاندا داۋا : كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە قان توختايدۇ ، يەنە داۋا:
ئېلان بېشى مونچاقنى (:)  كۆيدۈرۈپ ، يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە ، قان توختايدۇ. يەنە داۋا : كۈنجۈت يېغىنى ئۇپا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن بۇرۇننى پاكىز يۇيۇپ ، بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە قان ناھايىتى تېز توختايدۇ.
چىش ئاغرىقىغا داۋا: بىر مىسقال قارىمۇچنى سىركە بىلەن قاينىتىپ ، سۇۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ . يەنە داۋا: پىششىق سىڭىزنى سۇ بىلەن قاينىتىپ  ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .
پۇت ئاغرىقىغا داۋا : كۈنجۈتنى قورۇپ ياخشى سوقۇپ ، قوي سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىغان يەرگە يېقىپ بەرسە ، يەلدىن بولغان پۇت ئاغرىقى ئوڭشىلىدۇ.
قورساقتا ئۆلۈپ قالغان بالىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: ئىت سۈتىنى مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە ، چۈشۈپ كېتىدۇ.
بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە گۆش ئۈسۈپ ، نەپەس قىيىنلاشسا ، قىزىل باغىر(قىزىل مىس) بىلەن يار تۇزى ئىككىسىنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئاندىن ئۇنى ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ بۇرۇن ئىچىگە كىرگۈزۈپ بەرسە ، ئۆسمە گۆش چۈشۈپ كېتىدۇ .
تۇمۇ(زۇكام) تېگىپ ساقايمىسا ، پىياز يىلتىزى بىلەن سامساق يىلتىزىنى سوقۇپ ، ئۇنىنى پاكىز ماي بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئىسلانسا ھەر قانداق تۇمۇغا پايدا قىلىدۇ.
كىمنىڭ ئۈنى پۈتۈپ قېلىپ ئاۋازى چىقماي قالسا ، بىر سۇڭچە ئۈزۈم شېخىنى دەل ئوتتۇرىدىن يېرىپ ، ئازراق ئويۇپ ئوتتۇرىسىنى ئوي قىلىپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە قىداي سىمىقىنى (بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى) چالا – بۇلا سوقۇپ ، ئۈچ – تۆت چىمدىم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سېلىپ ئاندىن ئۈزۈم شېخىنى جىپسىلاشتۇرۇپ  يىپ بىلەن تېڭىپ، ئۇنىڭ سىرتىغا قەغەز يۆگەپ ، ئىسسىق كۈلگە كۆمۈپ ، يېرىلغان يېرى تۇتاشقاندىن كېيىن قەغەزنى سۇيۇۋېتىپ ، ئوتتۇرا چىش بىلەن چىشلەپ ، ئېغىزنى ئاچماستىن شەرۋىتىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم شورىسا ئۈنى ئېچىلىپ كېتىدۇ . بۇ سىنالغان داۋا.
كۆز ئاغرىقىنىڭ داۋاسى : كۆز زورۇقۇپ ياشاڭغۇرىسا ، بېلىق ئۆتىنى كۆزگە ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ .
كۆز زەخمىلىنىپ كۆرمەس بولۇپ قالسا ، چۇۋىت(مۇلەن)نى سۇدا ئىزىپ ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە ئوڭشىلىپ  كېتىدۇ.
قىزىل  ۋە ئاق چىندانلارنى قارىمۇچ ، ئىنەك يېغى  بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ماڭلايغا سۈرتۈپ بەرسە  ، باش ئاغرىقى ساقىيىدۇ ، يەنە داۋا ، كۈنجۈت مېيى بىلەن ئىپارنى ئازراق قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ساقىيىدۇ .
دەم سىقىلىشقا  داۋا : قارا تۇبىن يۇمغاقتىن(بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى) ئىككى باقىرنى ئىككى باقىر  پىششىق سىڭىز بىلەن قوشۇپ ، ھەر كۈنى سەھەردە بوزا ياكى مۇسەللەس بىلەن ئىچىپ بەرسە ، دەم سىقىلىش ساقىيىدۇ.
دوۋسۇن ئاغرىقىغا داۋا : قارا تۈۋى ئارىرى (؟) تېنبار يۇسى(؟) نى تۆگە سۈتى بىلەن تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ  ئىزىپ ، ئۇنى بىر باقىر ياكى يېرىم باقىر ئىنەك سۈتىگە سېلىپ ئىچىپ بەرسە ، ساقىيىپ كېتىدۇ.
قوتۇرنىڭ داۋاسىدىن سۆز ئاچايلى : يولدۇرغان ( بىر خىل دورا ئۈسۈملۈكى)نىڭ ياش چېچىكىنى يۇمشاق سوقۇپ بىر قۇشۇقچە ئېلىپ ، ئۇنى بىر ئاپقۇر قېتىققا قوشۇپ ، ئاچ قورساققا ئىچسە ساقىيىپ كېتىدۇ .
يەنە يولدۇرغاننىڭ قۇرۇق چېچىكىدىن بىر باقىرنى يۇمشاق سوقۇپ ئۇسسىغاندا ئىچىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن كۆپ ئىچىۋەتسە بولمايدۇ .
يەنە چىقۇ تېشىنى (؟) ئۇششاق سوقۇپ ئىزىپ ، مىس تاۋىدا سارغايغۇچە قورۇپ ، كۈنجۈت مېيىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتۈپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. يەنە قۇتۇرنىڭ داۋاسى: چوشقا ئۆتىنى ئۇدا ئۈچ سەھەر ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە ، قوتۇر ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئېغىز  يارىسىنىڭ داۋاسى  : بىر ئاز قۇرۇق سىرىنى(؟) پىشۇرۇپ ، بىر كىچە تالادا قۇيۇپ  سۇۋۇتۇپ ، ئىككىنچى كۈنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ ، يۇمشاق سۇقۇپ يارىغا سىپىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاتتىن يېقىلىپ ياكى قامچا يەپ ۋە ياكى تامدىن يېقىلىپ زەخمىلىنىپ ئىچىگە قان چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەرگە داۋا: تۇخۇ تۇىۇمىدەك توغراق يىلىمىنى يۇمشاق سۇقۇپ ....(ئەسلى نۇسخىدا ئۆچۈپ كەتكەن) بىلەن ئىچىپ بەرسە ئوڭشىلىپ  كېتىدۇ.
بۇ سىنالغان داۋا.
يەنە دەم سىقىلسا (توغراق يىلىمىنى ) يۇمشاق سۇقۇپ بۇغۇزغا قۇمۇش بىلەن پۈركۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
مەيدە ئاغرىقىغا داۋا: نۇقۇتچا(پۇرچاقنىڭ بىر خىلى) نى يۇمشاق سۇقۇپ ، سوغاق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە مەيدە ئاغرىقى ساقىيىپ كېتىدۇ.
بۇغۇز ئىچىگە يارا چىقىپ ئېغىز ئالمىسا تىڭشۇ(؟) نى كۈيدۈرۈپ كۈل قىلىپ بۇغۇز ئىچىگە پۈركىسە ، ئېغىز ئالىدۇ . ئۇ ئېغىزدىن پۈركۈلىدۇ. ئىچ سۈرۈشكە داۋا : ئىت ئۈزۈمىنىڭ قاسرىقىدىن بىر باقىر ، ئاق ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن بىر باقىر، ئۈزۈم يىلتىزىدىن بىر باقىر  ...قاچا  سۇغا بىر ...سېلىپ بىر قاچا قالغاندا  بۇ ئۈچ بۇ ...بىرگە سېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ، كىمىكى ...كەچتە ياتقاندا ئىچىشى كېرەك . بۇ سىنالغان داۋا.
ئايال كىشىنىڭ كۆكسى ئىششىپ ئاغرىسا تىڭ...نىڭ تۇ....نى پۇرچاقتەك (يۇمۇلاق) ....ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ ........
................................
.......................تامام.

تەييارلىغۇچى: تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادېر كۆكيال.
ۋاقتى: 2013-11-29 18:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرتېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى پەرەز قىلىش

تېرە رەڭگىگە قاراش

تېرە رەڭگىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھا بېرىش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتى تەشخىش ئىلمىنىڭ مۇھىم تۈرىدۇر.  
رەڭگى ھەر قايسى مىزاجدىكىلەرنىڭ ئەسلى مىزاجىغا بەلگە بېرىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ.  
1- بەدەن تېرىسىنىڭ سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ئۆت يولىدىكى كېسەللىكلەر ھەم جىگەر راكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.  
2- بەدەن تېرىسىنىڭ قارىغا مايىل سېرىق بولۇشى جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدىكى كانالدا توسۇلۇش بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
3- تېرىنىڭ كېپەكلەشكەندەك بولۇپ،چۈشۈپ تۇرىشى يەڭگىل بولسا ئۆرەك كىزىك، ئېغىر بولسا دائۇلھەييەنىڭ ئالامىتىدۇر.  
4-قول-پۇتلارنىڭ ،پېشانە كۆكرەكلەرنىڭ قىزىرىپ،قارىداپ تېرە تاشلاش ئەھۋالى بولسا چالاش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
5- تېرىدە ئاق،نۇرسىز داغلارنىڭ بولۇشى ئاقكىسەلنىڭ ئالامىتىدۇر.  
6- تېرە يۈزىدە نېپىز داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندە كۆيگەن خىلىتلارنىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
7-تېرە يۈزىدە قىزىل ئەسۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قىزىل كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
8- تېرە يۈزىدە ئۇچى ئۇچلۇق ئاقارغان ئەسۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى دانىخورەكنىڭ، ئۇچى ئاقارماي سۇ چىقىشى سوغان كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
9- تېرە ئۈستىدە، بولۇپمۇ پېشانە يۈز ساھەسىدە قىزىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇش، قىچىشىش ۋە سۇ چىقىش بولسا بۆرە چاقىسىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر قورساق ساھەسىدە كۆرۈلۈپ، ئېچىشىش پەيدا بولسا، بۇ بەلۋاغسىمان قوقاق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
10- تېرە ئۈستىدە قىزىل قاپارتقۇلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىچىشىشپ تۇرىشى دېئابىت كىسىلىدىن دېرەك بىرىدۇ.  
11- تېرە يۈزىدە كۆككە مايىل قىزىل ئەسۋىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچەي قارا كېزىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
12- تېرە يۈزىدە قارا چېكىتسىمان مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇشى سەپكۈن كېسىىلىنىڭ، قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى، داغ چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
13- تېرە رەڭگىنىڭ ئاق نۇرسىز بولۇپ قېلىشى كەم قانلىقتىن بولغان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  

روھى ھالىتىگە قاراش
  
كىسەلنىڭ روھى ھالىتىنى تەكشۈرگىنىمىزدە .كېسەلنىڭ ئەس -ھوشىنىڭ ،گەپ-سۆزلىرىنىڭ جايىدا ،چىرايىنىڭ ئۇچۇق، كۆز نۇرىنىڭ روشەن بولۇشى ،كېسەللىكنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ئەمما تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  
1-كېسەلدە ئەس-ھوشىنى يوقىتىش بىلەن بىرگە قول-پۇتلىرىنىڭ ھەرىكەتسىز بولۇپ خارقىراپ يېتىشى مېڭىگە قان چۈشۈش،پالەچ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
2-كېسەل ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھەمدە تارتىشىپ قالغان ،ھوشىغا كېلىش ئالدىدا تىللىرىنى چايناپ ،ئېغىزىدىن كۈپۈك چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇ سەرئى كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.  
3-كېسەلنىڭ روھى ھالىتىنىڭ سۇسلۇقى ،چىرايىنىڭ خۇنۇك بولۇپ،گەپ-سۆزلىرىنىڭ قالايمىقىان بولۇشى مالىخولىيا كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

چىرايىغا قاراش
  
بىمارنىڭ جىمغۇر بولۇپ قېلىشى،ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ئېغىر ئۇيقۇ ۋە پىكىر خىيالىنىڭ بۇزۇلۇش كېسىلىدىن ئىبارەت.  
1-چىرايىنىڭ بولۇپمۇ ئىككى مەڭزىنىڭ قىزىرىپ پارقىراپ قېلىشى كېسەلدە قىزىتما بارلىقىغا ھەم ئۆپكە ئىششىقى،ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى،ئۆپكە سىل كېسىلى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.  
2-كۆز ئېقىنىڭ تەكشى سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ۋە ئۆتتە توسالغۇ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر قورساق كۆپۈش،قورساققا سۇ چۈشۈش ،بەدەن قىچىشىش،ھۆل بولۇشلار بىرگە كەلسە جىگەر راكىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
3- چىرايىنىڭ نۇرسىز،تاتىراڭغۇ،لەۋلىرىنىڭ ئاق گەز باغلىشى قان ئازلىق،يۈرەك ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
4-چىرايىنىڭ قارىداپ،يۈزى ئىششىپ قالغاندەك كۆرۈنۈشى، يۈرەك ۋە ئۆپكە ئاجىزلىشىپ ،جىگەر قېتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ۋە سۈيدۈكنىڭ بەدەنگە تاراپ،بەدەننى زەھەرلىگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
5- چىرايىنىڭ نۇرسىز،پېشانە بۇرۇن ئەتراپىدا مۇدۇر-چۇقۇرلارنىڭ پەيدا بولۇشى غەيرى تەبىئى بەلغەمدىن بولغان جىگەر ئىششىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
6- چىرايىنىڭ ئاقىرىپ تۆۋەن قاپاقلارنىڭ ئىششىپ قېلىشى يۈرەك قېپىغا،قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
7- چىرايى ۋە كالپۇكىنىڭ كۆكىرىپ،قارىغا مايىل بولۇپ قېلىشى رېماتىزىم خارەكتىرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
8-ئىككى مەڭزى قىزىرىپ،كالپۇكلىرىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
9- كۆز ئەتراپىنىڭ كۆكىرىپ،كۆز تۇمۇرلىرىنىڭ قىزىرىۋېلىشى نېرۋا ئاجىزلىق،مەقەت بۇۋاسىرى،بالىياتقۇ بۇۋاسىرى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
10-چىرايىنىڭ قارىغا مايىل سېرىق بولۇشى جىگەر بىلەن ئۆت ئوتتۇرىسىدا ھەم جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولغان كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردۇر.  
11-كېسەلنىڭ چىرايىنىڭ ئاققا مايىل كۆك بولۇپ قېلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا نەپەس قىستاش،بۇرۇن قاناتلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى بىرگە كەلسە يۈرەك قان تۇمۇرىدا قېتىش ھەم قۇيۇلۇش،قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
12-كېسەلنىڭ چىرايىدا تەڭگىسىمان قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ ،چىرايىنىڭ قورقۇنچلۇق بولۇپ قېلىشى،جوزام كىسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
13-كىسەلنىڭ پىشانە،يۈز قىسمىدا قىزىل مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىچىشىشىش،تاتىلىغان يەرلەرنىڭ زېدىلىنىڭ قارا داغ بولۇپ ساقىيىشى بۇيۇن بەز ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
14-كېسەلنىڭ يۈزىدە قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ،پېشانە مويلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى،ئۇدۇل ئۈستۈن چىشىنىڭ ھەرە چىشىسىمان سارغىيىشى سېفلىس كىسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.  
15-چىرايىنىڭ قارامتۇل،نۇرسىز بولۇپ قېلىشىغا تىلىنىڭ كۈكۈچ بولۇپ قېلىشى بىرگە كەلسە جىگەر قېتىش،جىگەر يىگىلەش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.

روزىباقى ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنىڭ تۇنۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.

كۆزدىكى ئۆزگىرىشلەر

كۆزنىڭ ئەسلى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:


1- قان مىزاج ئادەملەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى قىزىلغا مايىل ئاق كېلىدۇ.

2- سەپرا مىزاجدىكىلەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى سېرىققا مايىل كېلىدۇ.

3-بەلغەم مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كۆكۈچ،ئېقى پارقىراق كېلىدۇ.

4- سەۋدا مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى قارا، ئېقى كۆكۈچكە مايىل بولىدۇ.  

5- كۆزدە كۆك قان تۇمۇر، قىزىل قان تۇمۇر، قىل قان تۇمۇرلار بولىدۇ. بۇ تۇمۇرلار بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا تۇمۇرلىرى بىلەن تۇتاش بولغاچقا ، كۆزدە ھەر قايسى ئەزانىڭ نۇقتىلىرى  
بولىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن تۇمۇرلاردا ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.بۇ ئۆزگىرىش ئالامەتلىرىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھابەرگىلى بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەر تۆۋەندىكىچە:


1-كۆزنىڭ قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ تەكشى قىزىرىپ ئېسىلگەندەك بولۇپ قېلىشى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
2- كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ كېڭىيىپ،ئادەتتىكىدىن قىزىرىپ قېلىشى،يۈرەك تاجىسىمان قان تۇمۇرىدا بوتقىسىمان قېتىش پەيدا بولغانلىقىدۇر.
3- كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قىزىل قان تۇمۇرى ئوتتۇرىسىدا كۆكۈچ داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، يۈرەك سول دالانچىسىنىڭ كۆك قان تۇمۇردىن قىزىل قان تۇمۇرغا قان ئۆتۈش يولىدىكى قىل قان تۇمۇردا توسۇلۇش بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
4- كۆز قۇيرۇقىدا قىزىل تۇمۇرلارنىڭ كاللەكلەشكەن ھالەتتە كۆرۈنۈشى ھەم كۆزنىڭ بېلىق كۆزىدەك سىرتقا پۇلتايغان ھالەتتە بولۇپ قېلىشى رېماتىزىم خارەكتىرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
5-كۆزقۇيرۇقىدا قىزىل تۇمۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئاق داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى،بۆرەككە تاش چۈشكەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتىدۇر.
6-كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا سېرىقلىق بولۇپ،سېرىقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆك داغنىڭ بولۇشى ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر،
7-كۆز ئېقىنىڭ تەكشى سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ئۆت يولى تۇسۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
8-كۆز ئېقىنىڭ بوزغا مايىل كۆكۈچ بولۇپ قېلىشى بۆرەككە سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
9- كۆز قۇيرۇقىدا كۆك داغ پەيدا بولۇپ،ئۈستىدە سېرىق داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بالىياتقۇ راكى كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
10-كۆز قۇيرۇقى ئەتراپىدا تەكشى كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى داس بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر كۆك داغ شارسىمان بولۇپ ،بېغى باردەك كۆرۈنسە ، بالىياتقۇدا خالتىلىق سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغانىلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
11-كۆزنىڭ ئۈستىن قاپاق ئاستىدا كۆك سەپكۈندەك چىكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى تولغاق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
12- كۆز ئېقىنىڭ ئۈستىدە چېكىتسىمان سېرىق داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆپكە سىل كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
13- كۆز ئېقى كۆكىرىپ،ئۈستىدە چىكىتسىمان داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۈچەي سىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
14-كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قىزىل قاننىڭ ئۇيۇپ قالغاندەك كۆرۈنۈشى مېڭىگە قان چۈشكەن كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتتۇر. ئەگەر ئوڭ كۆزدە بولسا سول تەرەپكە، سول كۆزدە بولسا ئوڭ تەرەپكە چۈشكەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇ تەرەپ ھېس ھەرىكەتتىن قالغان يەنى پالەچلەنگەن بولىدۇ.
15- كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا بىر ياكى ئىككى تۇمۇرنىڭ تۇتۇق بولۇپ قېلىشى مېڭە قان تۇمۇرلىرىدا تۇسۇلۇش بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
16-كۆزنىڭ ئۈستىن قاپاق ئىچىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى مېڭىدە سۇلۇق ئۆسمە پەيدا بولغانىلىقىنڭ ئالامىتىدۇر.
17-كۆزنىڭ قىزىرىپ چاپاقلاشقاندەك بولۇپ قېلىشى، ئۆپكە ئىششىغان ۋە قۇرۇق ئىستىسقا كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
18-كۆز ئېقىنىڭ كۆكىرىپ، ئوڭ تەرەپ قۇيرۇقىدا بويىغا سىزىلغان سېرىققا مايىل سىزىقنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ، ئوڭ قول بىلەيزۇك قىسمىدا تۇمۇرلارنىڭ كۆكىرىپ كۆپۈپ قېلىشى جىگەر سۇلۇق ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
19-كۆزنىڭ بۇرۇن تەرىپىنىڭ سېرىققا مايىل كۆكىرىپ قېلىش ئاشقازان يارا كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
20- كۆز ئېقىنىڭ ئاقىرىپ،چىرايىنىڭ تاتىرىپ نۇرسىزلىنىپ قېلىشى قان ئازلىق سەۋەبىدىن يۈرەك قېپىغا ۋە قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
21-كۆز جىيىكى قىزىل تۇمۇرنىڭ قارىداپ قېلىشى يۈرەك دالانچە قان تۇمۇرىدا توسۇلۇش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
22-كۆز ئېقى تەكشى قىزىل بولۇپ،كېسەلدە خارقىراپ نەپەسئېلىش پەيدا بولسا مېڭىگە قان چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
23-كۆز ئېقىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىكىتسىمان كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.
24-كۆز قۇيرۇقىدىكى تۇمۇرلارنىڭ قىزىرىپ كۆپۈپ قېلىشى نۇقرەس،مۇپاسىل كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
25-كۆزنىڭ قۇيرۇق تەرەپتىكى ئېقىنىڭ تۆۋەنگە مايىل تەرەپتە كۆك چېكىتسىمان داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئاياللار تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

مەنبە: تۆت تادۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-29 18:40  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 06:39 , Processed in 0.152466 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat