- توردا
- 9 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-30
- تىزىملاتقان
- 2010-8-25
- شۆھرەت
- 293
- تىللا
- 214
- تۆھپە
- 173
- ھوقۇقى
- 0
- جۇغلانما
- 1043
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 70
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 296
 
- تۆھپە
- 173
- تىللا
- 214
- شۆھرەت
- 293
|
ئىنتىل تورىغا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قىسمىي تورى قۇرغۇلى بولارمۇ؟
ئىنتىل تورىدا كومپيۇتېر ئۇستىلىرى خېلى كۆپ يىغىلغان. ساندانلىق توربېتى ياسىيالايدىغانلارمۇ پەرىزىمچە خېلى كۆپ.ئۇزۇندىن شۇنداق بىر ئويۇم بارتى،ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ساندانلىق تورىنى قۇرۇپ چىقىش.لېكىن قولۇمدىن كەلمىگەچكە خىيال پېتىلا قېلىپ قېلىۋاتاتتى.بۈگۈن خىيال بولسىمۇ،چوقۇم ئىنتىلدىكى كومپيۇتېر ئۇستىلىرىنىڭ قولىدىن چوقۇم كېلىدۇ دىگەن ئۈمۈت بىلەن بۇ خىيالىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بىزدە خېلى كۆپ خىل تور بېكەتلەر ،توربەتلەر قۇرۇلغان بولسىمۇ،ھازىرغىچە كىشى ئىسىملىرىنى ئىزدەشكە بولۇدىغان تور بەت قۇرۇلمىدى.
بۇ ھازىرچە بىر بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا.بەلكىم بولۇشىمۇ مۈمكىن لېكىن مەن ئۇچراتمىغان بولۇشۇم مۈمكىن.
بىز دائىم ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلەرنىڭ بالىلىرىغا مۇۋاپىق ئىسىم ئىزدەپ ، كىتاپ ئىزدەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ،ئاڭلاپ تۇرىمىز،لېكىن بىزدە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان،بىرنەچچە كىتاپتىن باشقا ،ئىزدەشكە ئەپلىك ئىسىملار توپلىمى چىقىپ باقمىدى.
مەنمۇ بەزىدە دوستلىرىمنىڭ تۇققانلارنىڭ ھاۋىلىسى بويىنچە كىتاپلارنى ئاختۇرۇسىپ بېرىمەن. ياكى چەتنىڭ تورلىرىنى ئىزدەپ مۇۋاپىق ئىسىملارنى نامزات قىلىمەن. ھەمدە بىزدە بۇنىڭ بىر بوشلۇق ئىكىەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ قالىمەن.
شۇڭا مۈمكىن بولسا ،ئىنتىل توىدىكى ئەزىمەتلەر بىرلىشىپ بۇ ئىشنى روياپقا چىقارغان بولسا،بۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولار ئىدى .
ئىزدەش ئۇسۇللىرى:
1.بىرىنجى ھەرىپنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگىلى بولۇدىغان.
2.جىنس ئايرىمىسى بويىنچە ئىزدىگىلى بولۇدىغان .
3.ڭ 32 ھەرپنى بېرىپ قويساق ،خالىغان ھەرپنى چەكسە .ماس ئىسىملار توپلىمىنى چىقىرىپ بېرىدىغان.
مەزمۇنى:
1.ئىسىم،
2.مەنىسى
3.خەنزۇچە يېزىلىشى نامزات شەكىلدە.
4.ئىسىمنىڭ تىل تەۋەلىكى
باشقا ئىقتىدارى
1.يېڭى ئىسىملارنى قوشقۇلى بولۇش.
2.تورخەت ئارقىلىق باشقىلارنى ئىسمىنى قوشۇشقا تەكلىپ قىلىش.
بۇنى ئىنتىلدىكى كومپيۇتېر ئۇستىلىرى قىلالايدۇ دىگەن ئىشەنچ بىلەن تەكلىپ بېرىپ تۇرۇپتىمەن.
|
|