ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 15272|ئىنكاس: 70

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ساندانى قۇرۇش تەكلىپى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىنتىل تورىغا  ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قىسمىي تورى قۇرغۇلى بولارمۇ؟
ئىنتىل تورىدا كومپيۇتېر ئۇستىلىرى خېلى كۆپ يىغىلغان. ساندانلىق توربېتى ياسىيالايدىغانلارمۇ پەرىزىمچە خېلى كۆپ.ئۇزۇندىن شۇنداق بىر ئويۇم بارتى،ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ساندانلىق تورىنى قۇرۇپ چىقىش.لېكىن قولۇمدىن كەلمىگەچكە خىيال پېتىلا قېلىپ قېلىۋاتاتتى.بۈگۈن خىيال بولسىمۇ،چوقۇم ئىنتىلدىكى كومپيۇتېر ئۇستىلىرىنىڭ قولىدىن چوقۇم كېلىدۇ دىگەن ئۈمۈت بىلەن بۇ خىيالىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بىزدە خېلى كۆپ خىل تور بېكەتلەر ،توربەتلەر قۇرۇلغان بولسىمۇ،ھازىرغىچە كىشى ئىسىملىرىنى ئىزدەشكە بولۇدىغان تور بەت قۇرۇلمىدى.
بۇ ھازىرچە بىر بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا.بەلكىم بولۇشىمۇ مۈمكىن لېكىن مەن ئۇچراتمىغان بولۇشۇم مۈمكىن.
بىز دائىم ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلەرنىڭ بالىلىرىغا مۇۋاپىق ئىسىم ئىزدەپ ، كىتاپ ئىزدەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ،ئاڭلاپ تۇرىمىز،لېكىن بىزدە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان،بىرنەچچە كىتاپتىن باشقا ،ئىزدەشكە ئەپلىك ئىسىملار توپلىمى چىقىپ باقمىدى.
مەنمۇ بەزىدە دوستلىرىمنىڭ تۇققانلارنىڭ ھاۋىلىسى بويىنچە كىتاپلارنى ئاختۇرۇسىپ بېرىمەن. ياكى چەتنىڭ تورلىرىنى ئىزدەپ مۇۋاپىق ئىسىملارنى نامزات قىلىمەن. ھەمدە بىزدە بۇنىڭ بىر بوشلۇق ئىكىەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ قالىمەن.
شۇڭا مۈمكىن بولسا ،ئىنتىل توىدىكى ئەزىمەتلەر بىرلىشىپ بۇ ئىشنى روياپقا چىقارغان بولسا،بۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولار ئىدى .
ئىزدەش ئۇسۇللىرى:
1.بىرىنجى ھەرىپنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگىلى بولۇدىغان.
2.جىنس ئايرىمىسى بويىنچە ئىزدىگىلى بولۇدىغان .
3.ڭ 32 ھەرپنى بېرىپ قويساق ،خالىغان ھەرپنى چەكسە .ماس ئىسىملار توپلىمىنى چىقىرىپ بېرىدىغان.

مەزمۇنى:
1.ئىسىم،
2.مەنىسى
3.خەنزۇچە يېزىلىشى  نامزات شەكىلدە.
4.ئىسىمنىڭ تىل تەۋەلىكى
باشقا ئىقتىدارى
1.يېڭى ئىسىملارنى قوشقۇلى بولۇش.
2.تورخەت ئارقىلىق باشقىلارنى ئىسمىنى قوشۇشقا تەكلىپ قىلىش.

بۇنى ئىنتىلدىكى كومپيۇتېر ئۇستىلىرى قىلالايدۇ دىگەن ئىشەنچ بىلەن تەكلىپ بېرىپ تۇرۇپتىمەن.
ۋاقتى: 2010-9-19 23:14:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇشقا بولىدۇ، مۇھىمى بەت پروگراممىسىنى تەييارلاش.
ۋاقتى: 2010-9-20 02:36:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇنىڭغا بەت پروگراممىسىغا ئانچە كۆپ ۋاقىت كەتمەسلىكى مۇمكىن، ۋاقىت كۆپ كېتىدىغىنى ھەم بەك قول تۇتىدىغىنى دەل ئۇنىڭ ئامبار ھۆججىتى. مەندە «ئۇيغۇرسوفت»نىڭ 2005 لۇغىتىدە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تېكىست ھۆججىتى بار، بۇنىڭدا 2000چە ئادەمنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. بۇنى تەمىنلىسەم «ئۇيغۇر سوفت»نىڭ نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسگە چېتىلىپ قېلىشىم مۇمكىن. بۇنى ئالىم ئەھەد ئەپەندى بىلەن كېلىشىپ باقساق بولىدۇ. ئەمما بۇ تىزىملىكتە پەقەت ئادەم ئىسمىلا بولۇپ، ئىسىمنىڭ كونكرېت مەنىسى يوق ئىكەن.
ۋاقتى: 2010-9-20 10:43:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن. ئەمدى بەت ياسىيالايدىغانلاردىن ئاڭلىساق بولغۇدەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-9-20 11:13:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يەردە بىرنەچچە بەتلەر باركەن،مۇسىۇلاردىن ئورنەك ئالساق بولارمۇ؟كۆرۈپ بېقىڭلار.ئېنگىلىزچىكەن.
http://www.babynamesgarden.com/
http://www.babyhold.com/[url][/url]
ئەمدى بۇلارنىڭ ئەسلى كودىنى تېپىپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولاتتى.
بۇنىڭ بىلەن بىرىنجى قەدەم يەنى بەت ياساش ئىشى تاماملىناتتى.
ئاندىن ئىككىنجى قەدەم ئىسىم كىرگۈزۈش ئىشىنى كۆپچىللىك بىرلىكتە ئېلىپ بارساق بولاتتى.
ۋاقتى: 2010-9-20 11:42:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇشقا بولىدۇ، مۇھىمى بەت پروگراممىسىنى تەييارلاش.
Intil يوللانغان ۋاقتى  2010-9-19 23:14


بەت پروگراممىسى ئاسان گەپ ...ئادەتتىكى بىر لۇغەتتىن پەرقى يۇق....مۇھىمى يەنىلا شۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ بۇنىڭ ....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-9-20 12:57:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا ئىنتىل ئەپەندى باش بولۇپ روياپقا چىقارسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن.بۇنىڭغا ئىنتىل ئەپەندىنىڭ ۋاقتى چىقارمۇ؟ناۋادا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئىش بولسا بۇنى مەن ئۈستۈمگە ئالاي.
مېنىڭچە ئالىم ئەپەندى بۇ ئىشنى قوللايدۇ.
ۋاقتى: 2010-9-20 13:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Omar14 بۇ ئىشقا سىز بىر كۈچەپ بەرسىڭىز قالغىنىغا ھە-ھۇ دېمەيمىزمۇ؟
ئىنتىل ئەپەندىم كىنونى ئازراق كۆرسە  قىلىۋىتىدۇ بۇ ئىشنىمۇ.
ۋاقتى: 2010-9-20 14:35:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ مەن ۋاقىت چىقىراي.
بەت پروگراممىسى تەييار بولسىلا باشقا ئىش تەس ئەمەس.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-9-20 15:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا ئىنتىل ئەپەندى بۇنى بىر قوللۇق باشقۇرسا،ئۆمەر14 ئەپەندى بەتنى ياسىسا،قالغانلىرىمىز،بەت پۈتكەندە ئىسىملارنى كىرگۈزسەك،ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقارساق بولۇدۇ.
مۈمكىن بولسا تەييار ئىسىملار ساندانى بولسا تەمىنلىسەك ياخشى بولاتتى.
ۋاقتى: 2010-9-20 23:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەت پۈتسە تەييار ساندانمۇ تېپىلىپ قالار.
ۋاقتى: 2010-9-21 22:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسى ساندانى
ئىسىم
جىنسى
مەنىسى
قوبۇل قىلىنغان تىل
خەنزۇچىسى
قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپسا بولا ؟
ۋاقتى: 2010-9-21 23:48:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بولىدىغاندەك تۇرۇدۇ.  afrasiyab قارارلىسۇنمىكىن.
راست: ئاتالغۇ بېتىنىمۇ بىرلەشتۈرۈۋەتسەك قانداق بولا؟  ( بىر بەتتە ئىككى تۈر)

[چاقىرىق] كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى يىغىپ لۇغەت تۈزسەك !
سەھىپە:تەرجىمە\ئاتالغۇ, يوللىغۇچى: turan

ۋاقتى: 2010-9-22 11:34:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بولىدىغاندەك تۇرۇدۇ.  afrasiyab قارارلىسۇنمىكىن.
ر ...
Intil يوللانغان ۋاقتى  2010-9-21 23:48


ئۇنداق قىلساق بولماسمىكىن ...ئىككىسى بەت قۇرۇلما جەھەتتىن كۆپ پەرىق قىلىدۇ. ئارقا سەھنىدە باشقۇرۇشمۇ  تۈپتىن پەرىق قىلىدۇ.ئۇنىمۇ ئايرىم قىلىمىز (ئەمەلىيەتتىغۇ قىپمۇ بولغان  لىكىن شۇ ............)

ۋاقتى: 2010-9-22 12:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلىسى ئاتالغۇغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندىكىن مېنىڭچە مۇمكىن .
مەسىلەن: 1- نىڭ كۆرسىتىدىغى ئالتە مەزمۇن بولسا 2- نىڭ ئۈچ بولسا
2- سى كۆرسىتىدىغان مەزمۇننى 1-2-6- قاتاردىن ئوقۇپ چىقارسا ...
شۇنداق قىلىشقا بولامۇ؟ مۇمكىن بولمىسا سىز دېگەندەك ئىككى سانداندا بىر تەرەپ قىلسىمۇ مەيلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 02:40 , Processed in 0.172077 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat