- توردا
- 979 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-2
- تىزىملاتقان
- 2011-2-22
- شۆھرەت
- 8839
- تىللا
- 3289
- تۆھپە
- 3344
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 25373
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 11
- يازما
- 1062
- تېما
- 130
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1699
 
- تۆھپە
- 3344
- تىللا
- 3289
- شۆھرەت
- 8839
|
بۇ ئەسلى karaok ئىشلەيدىغان دېتال بولۇپ، ناخشىنىڭ مۇزىكىسى بىلەن ناخشا ئاۋازىنى ئايرىپ، بەنزو ئىشلەشكە ئىشلىتىۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشتى. بۇلتۇر نورۇز بايرىمى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان پەيتتە نۇر دېسكىدىكى ناخشىنى كومپىيوتىرىمغا كۆچۈرەلمەي ماۋۇ تېما نى يوللىغان ئىدىم. ناخشىنى كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە كۆچۈرىۋالغان بولساممۇ، ئاساسى مەقسىدىم بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسى بىلەن ئاۋازىنى ئايرىش ئىدى. شۇنۇڭ بىلەن بېشىمغا يەنە كۈن چۈشتى. بۇ قىيىنچىلىقىمنىمۇ تېما قىلىپ يوللاپ ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن، ۋاقىت قىستاپ قالغاننىڭ ئۈستىگە يەنە تورداشلارغا مۇراجەتنامە يوللاشتىن خىجىل بولۇپ، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بىر مۇنچە دېتال چۈشۈردۇم ۋە سىناپ باقتىم. ئاخىرى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلغان ئىدىم. گەرچە، نەتىجە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، يەنى، مۇزىكىنىڭ جاراڭلىقلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋە ناخشىنىڭ ئاۋازى غۇۋا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ تاماششىبىنلار سىزىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. شۇڭا، قىيىنچىلىقىم شۇنۇڭ بىلەن ھەل قىلىنغان ئىدى.
بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىدىمۇ يەنە شۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ، بىرمۇنچە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدىم ۋە مەكتەپنىڭ باشقىلارغا مۇزىكا چالدۇرۇپ ئۈن ئېلىشقا كىتىدىغان خېلى كۆپ چىقىمىنى تىجەپ قالدىم. . .
قىسقىسى، بۇ دېتالنىڭ ئۈنۈمى يۇقۇرى بولمىسىمۇ باشقا كۈن كۈن چۈشكەندە خېلى ئەسقېتىپ قالىدۇ. |
|