- توردا
- 4140 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-30
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 28183
- تىللا
- 20356
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 16050
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 100052
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 82
- خاتىرە
- 13
- يازما
- 7260
- تېما
- 1161
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 31
- UID
- 10
- تۆھپە
- 16050
- تىللا
- 20356
- شۆھرەت
- 28183
|
بۈگۈن ئانىلار بايرىمى (Google نىڭ خەنسۇچە بېتى) http://www.google.com.hk
http://player.youku.com/player.php/sid/XMzk1NzkyOTE2/v.swf
http://player.56.com/v_NjgyMzUzMzQ.swf
(bing نىڭ خەنسۇچە بېتى) http://cn.bing.com
ئالياسكا شىتاتىدىكى ئانا قىزىل تۈلكە- 阿拉斯加州红狐妈妈
( نېمە ئۈچۈن «ئالياسكا شىتاتىدىكى ئانا قىزىل تۈلكە» نىڭ رەسىمى چىقىرىلغاندۇ؟)
Google نىڭ ئېنگلىسچە بېتى جىمجىت
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئانىلار بايرىمىنىڭ بارلىققا كېلىشى
ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىدى ئانىلارغا بولغان ھۆرمەتنى ۋە سېغىنىشنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان خالقئارالىق بايرام . بۇ بايرامنىڭ بارلىققا كېلىشى تۆۋەندىكىچە:
ئانىلار بايرىمى دەسلەپتە ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. 1906-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر شەھرىدە ئاننا جامىس ئىسىملىك قىز تۇيۇقسىز ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ، ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى بۇ قىزغا بەكلا ئېغىر كەلگەن بولغاچقا ئۇ شۇ ۋاقىتتا بىر ئانىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىپ ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا بىر يىل بولغان كۈنى ئۇ جەمئىيەتتە ئانىغا بولغان سېغىنىش، ئانىغا بولغان ھۆرمەت، ئانىغا كۆيۈنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ھەر يىلى ئىزچىل تۈردە بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 1913-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگە كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ سابىق زوڭتۇڭى ۋېيئېرسون بايانات ئېلان قىلىپ ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 2-يەكشەنبە كۈنىنى بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. شۇندىن ئىتىبارەن خەلق ئارادە بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ بايرامنى قوللاپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. 1948-يىلى ئاننا جامىس ۋاپەت بولغانغا قەدەر خەلقئارادا بۇ بايرامنى دۆلەت جەمئى 43 كە يەتكەن.
ياپونىيەدىمۇ بۇ بايرام 5-ئاينىڭ 2-يەكشەنبىسى ئۆتكۈزۈلۈپ ، بۇ كەندە ئانىلىرىغا «红石竹» قىزىل تاش بامبۇك گۈلىنى ئانىلىرىگە سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئانىسىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
فىرانسىيىدە 1928-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ ، شۇ كۈنى مىليونلىغان ئانىلار قىزغىن شاتلىق ئىلكىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشكەن.
تايلانتتا 1976-يىلى8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. ھەم بۇ كۈن تايلانت خانىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كەلگەن. بۇ بايرام كۈنى پۈتۈن دۆلەت ئىچىدە « ئىلغار ئانىلار» نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، پەرزەنتلەر خۇشپۇراق « 茉莉花» مولى گۈلىنى سوۋغا قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن.
بىر قىسىم ئەرەپ دۆلەتلىرىدە بولسا ئانىلار بايرىمىنى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى باھارنىڭ باشلىنىشى يىلنىڭ گۈزەل چېغى باھاردىن باشلىنىدۇ دەپ . ئانىلارنى شۇ ئىللىق باھارغا ئوخشۇتۇپ شۇ كۈننى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. ( خۇددى بىز ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزگەندەك) .
پورتۇگالىيە ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.
ھېندىنوزىيە 12-ئاينىڭ 22-كۈنىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن .
بىزنىڭ دۆلىرىمىزدە ئانىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئەڭ دەسلەپ شاڭگاڭ ، ئوۋمېن ، تەيۋەندە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان . ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى 1988-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان، خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە 1989-يىلى ئۆتكۈزىشكە باشلاپ ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاياللار بىرلەشمىسى ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، « ياخشى ئانىلار» نى سايلاپ چىقىش بۇ كۈندىكى پائالىيەتنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولغان.
ئانىلار بايرىمىدا كۆپۈنچە كىشىلەر « 康乃馨 » كاڭ نەي شىن گۈلىنى سوۋغا قىلىپ كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن.
1934-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىدا ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پوچتا ماركىسى ئىشلەپ چىقارغان. پوچتا باركىسىدا ئولتۇرغان بىر ئانىغا پەرزەنتى تىزلىنىپ تۇرۇپ « 康乃馨 » گۈلىنى قوش قوللاپ سۇنۇۋاتقان سۈرەت چۈشۈرۈلگەن. شۇندىن ئېتىۋارەن « 康乃馨 » گۈلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئانىغا كۆڭلىنى ئىپادىلەش گۈلىگە ئايلىنىپ قالغان . شۇندىن بېرى ھەر قايسى دۆلەتلەردە بۇ بايرام قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. |
|