تور ئېلخەت سېستىمىلىرىدا ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللاش
ئاپتورى: Saqal يوللىغان ۋاقىت: 2008-2-12 مەنبە : ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى تورى
Outlook قاتارلىق ئېلخەت دىتاللىرىدىن پايدىلىنپ ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللىغىلى ھەم كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىقتىدار ھەر ئىككى تەرەپتە ئۇيغۇرچە فونتنىڭ ھەم كىرگۈزگۈچنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئېلخەت دىتاللىرىدىن ئەمەس، بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان تور ئېلخەت سېستىمىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە ئېلخەت يېزىش ۋە ئوقۇش مەقسىدىگە يىتەلەيمىز.
سىناق قىلىنغان سېستىمىلار : Gmail, 163.com, Yahoo mail,Hotmail
1. ئەگەر سېستىمىغا ئۇيغۇرچە (بىۋاستە)كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان بولسا، ئاۋۋال Word قاتارلىق تەھرىرلىگۈچتە يازماقچى بولغان خېتىمىزنىڭ ھەممىسىنى يېزىۋېلىپ، خەت يۆنۈلۈشى ۋە فونتنى تاللىۋېلىپ، تور ئېلخەت سېستىمىلىرىنىڭ يېزىش كۆزنىكىگە چاپلىساق بولىدۇ. ياكى ئالدىنقى بىر سۆزىنى يېزىۋېلىپ، ئۇنى چاپلىغاندىن كىيىن، ئاشۇ كۆزنەكتە داۋامىنى يازساق بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ، تور ئېلخەت سېستىمىلىرىنىڭ تەھرىرلىگۈچلىرى بىزگە لازىملىق ئوڭدىن-سولغا يېزىش، ۋە ئۇيغۇرچە فونتنى تاللاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.بىز Word قاتارلىق تەھرىرلىگۈچلەردە بۇ خاسلىقلارنى تاللىۋىلىپ، كۆچۈرۈپ چاپلىساق، مەزمۇن html ھالىتىدە، خاسلىقلىرىنى يوقاتمىغان ھالدا چاپلىنىدۇ. يېزىپ بولغاندىن كىيىن ئەۋەرتسەك ، قارشى تەرەپنىڭ ئېلخەت سېستىمىسى html شەكلىدە ئېچىشنى قوللىسىلا، ھەم قارشى تەرەپتە بىز ئىشلەتكەن فونت بولسىلا، قارشى تەرەپ نورىمال كۆرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئېلخەت دىتاللىرىدىن پايدىلىنپ يېزىش بىلەن ئوخشاش، پەقەت تور ئېلخەت سېستىمىلىرىنىڭ تەھرىرلەشتىكى كەمچىلىگىنى Word قاتارلىق تەھرىرلىگۈچلەر ئارقىلىق تولدۇرىمىز، Outlook لارنى تەڭشەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
2.كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىدىغىنى، يەنىلا ئۇيغۇرچە فونت بولمىغان شارائىتتا نورىمال ئەۋەرتىش ۋە نورىمال ئوقۇش بولسا كېرەك. ھازىرغىچە بولغان سىناقلاردىن مەلۇمكى، خەت يازغاندا چوقۇم ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە نۇسخىسى چىرايلىق بولغان خەت نۇسخىسىنى تاللاپ يېزىش كېرەك،شۇندىلا نورىمال يازغىلى ۋە ئوقۇغۇلى بولىدۇ. يۇقارقى تور ئېلخەت سېستىمىلىرىدىن، 163 نىڭ ئېلخەت سېستىمىسى تەھرىرلىگۈچى يازغاندا فونتنى تاللاش ئىقتىدارىنى تەمىنلىمەيدۇ.قالغانلىرىنىڭ بۇ ئىقتىدارنى تەمىنلەيدۇ. Gmail بولسا Arial, Times New roman,Georgia قاتارلىق فونتلارنى تاللايدۇ، سىناق نەتىجىسى بۇ فونتلارنىڭ ياكى بولمىسا ئۇيغۇرچە ھەرىپ-بەلگۈلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالمىغان،ياكى بولمىسا خەت نۇسخىسى سەت ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى.
Hotmail(Live mail)
نىڭ تەھرىرلىگۈچى بولسا ، بىزگە ناھايىتى ياخشى بولغان بىر فونتنى تەمىنلىگەن. بۇ فونتنىڭ ئىسمى Lucida Handwritting، تەھرىرلىگۈچتە مۇشۇ فونتنى تاللاپ يازساق، قارشى تەرەپتە باشقا ئۇيغۇرچە فونتلار بولمىغان تەقدىردىمۇ خېتىمىزنى نورىمال ئوقۇيالايدۇ. ئەگەر كومپيۇترىمىزغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىغان بولسا، تۆۋەندىكى تور بەتكە يېزىۋېىلىپ، چاپلىساق بولىدۇ:
http://www.yulghun.com/imla/
3. Gmail,hotmail ،Yahoo قاتارلىق سېستىمىلار خەت ئەۋەرتكەندە utf-8, ۋە text/plain,text/html شەكلىنى ئىشلىتىدۇ(ھەم تېكىست،ھەم htmlشەكلىدە).
Content-Type: text/html; charset="utf-8"
Content-Transfer-Encoding: base64
Content-Type: text/plain; charset="utf-8"
Content-Transfer-Encoding: base64
دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىز ئۇيغۇرچە فونتنى تاللاپ ئىشلەتكەنمىز، قارشى تەرەپنىڭ ئېلخەت سېستىمىسى خەتنى html شەكلىدە ئېچىشنى قوللىمىسا ، شۇ خىل فونت سېستىمىدا بولغان تەقدىردىمۇ خەت نورىمال كۆرۈنمەيدۇ. ئەپسۇسلىنارلىغى Gmail سېستىمىسى كەلگەن خەتنى html شەكلىدە ئەمەس، plain text شەكلىدە ئوقۇيدىكەن.شۇڭا 1-خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان خەتلەر نورىمال كۆرۈلمەيدۇ.ھەم Gmail نىڭ تەھرىرلىگۈچى بىزنى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدىغان فونت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. بۇلارنى ئويلاشقاندا،ئۇيغۇرچە يېزىش ۋە ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئېلىخەت سېستىمىسى يەنىلا Hotmail,Livemail بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىگى، Hotmail ئارقىلىق Lucida Handwritting فونتىنى تاللاپ يېزىلغان خەتلەر يۇقاردىكى ھەرقانداق ئېلخەت سېستىمىسىدا نورىمال كۆرۈنىدۇ، سېستىمىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، پەرىزىمچە Lucida Handwritting خەت نۇسخىسى كۆپىنچە كوميۇتىرلاردا بار.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرچىنى ئەڭ ياخشى قوللايدىغان،ئۇيغۇرچە مەشغۇلات يۈزىلىك ئېلخەت سېستىمىسى يەنىلا يۇلغۇن تور ئېلخەت سېستىمىسى ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر يۇلغۇن ئېلخەت سېستىمىسى ئەۋەرتىشتە ئىشلەتكەن فونتلارنىڭ قاتارىغا MS Uighur, Lucida Handwritting قاتارلىق ئۇنۋېرسال فونتلارنى قېتىۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا يۇلغۇندىن ئەۋەرتكەن خەتنى ئۇيغۇرچە فونت بولمىغان كومپيۇترىلاردىمۇ نورىمال ئوقۇغۇلى بولىدۇ.
دىققەت: ئۇيغۇرچە ئېلخەتلەرنى ئوقۇغاندا، زىيارەتچىىنڭ تور بەت كۆرسىتىش كودىنى Unicode,UTF-8 قىلىپ تاللاشنى ئۇنۇتماڭ.
مەنبە http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=273 |