ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 992|ئىنكاس: 8

دۆلەت مەخپىيەتلىكىدىن ھالقىغان «كۈچ»

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ئامېرىكا نېۋادا شىتاتىدا بىر پەۋقۇللاددە مەخپىي ھەربىي رايون بولۇپ ، 51 - رايون دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . بۇ رايونغا شۇ يەردە خىزمەت قىلغانلاردىن سىرت ھەرقانداق كىشىنىڭ كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ .

  چارلىز  بىر كۈنى كەچقۇرۇن كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانىنى ھەيدەپ 51 - رايونغا قوندى . ئەسكەرلەر چارلىزنى تېزلىكتە قورشاپ ، ئايروپىلانىنى مۇسادىرە قىلدى . چارلىز سوراقتا لاسۋېگاستىن ئۇچۇپ لېنىيەدىن ئادىشىپ قالغانلىقىنى ، بۇ ھەربىي ئايرودورومنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ، بۇ يەرگە قونمىسا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ، ئەمما 51 - رايوندىكىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي ، ئۇنى كېچىچە سوراق قىلدى  ھەمدە فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئارخېۋىنى تەكشۈردى . ئاخىر چارلىزنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى ،ئۇنىڭ جاسۇس ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ، قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى .

51 - رايوننىڭ قوماندانى ئەتىسى سەھەردە چارلىزنى چاقىرىپ:
        ئېسىڭدە تۇت، بۇ ھەربىي رايون توغرىلىق ھېچقانداق كىشىگە تىنىشىڭغا رۇخسەت يوق . كۆرگەنلىرىڭنى ئۇنتۇپ كەت . بولمايدىكەن ئاخىرقى ئۆمرۈڭنى قاراڭغۇ تۈرمىدە ئۆتكۈزىسەن،-دېدى .

  قوماندان چارلىزغا يۇقىرقىلارنى تاپىلىغاندىن كېيىن ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ ، ئايروپىلانىغا ماي قاچىلاپ ، لاسۋېگاسنىڭ يۆلىنىشنى كۆرسىتىپ يولغا سالدى .

  ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى ، بۇ كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان ئەتىسى 51 - رايون ھاۋا بوشلىقىدا يەنە پەيدا بولدى . بۇ قېتىم ئايروپىلاندا چارلىزدىن باشقا كېلىشكەن بىر ئايال قاپىقىنى تۈرگىنچە ئولتۇراتتى .

ئەسكەرلەر ئۇنى تېزلىكتە قورشاپ ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگە بۇيرۇق قىلدى. چارلىز ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا قوماندانغا :
        كەچۈرۈڭ قوماندان ، گېپىڭىزگە قارشى چىقماي بولمىدى ، مېنى قانداق بىر تەرەپ قىلسىڭىز مەيلى ، لېكىن خاپا بولماي ئايالىمغا كېچىچە مۇشۇ يەردە بولغانلىقىمنى ، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز  - دىدى .


« قانۇنچىلق گېزىتى » دىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2012-4-19 22:57:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرما بۇ؟ ...................
ۋاقتى: 2012-4-19 23:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى راست ۋەقە ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
ۋاقتى: 2012-4-20 01:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچكىمگە دىمەيمەن دەپ تۇرۇپ، ئايالىغا دەپ ساپتۇ دە مەخپىيەتلىكنى؟
ۋاقتى: 2012-4-20 11:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بۇنىڭ كۈلىدىغان يېرى .............
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-20 17:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawaskar218 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 11:10
قېنى بۇنىڭ كۈلىدىغان يېرى .............

مەنغۇ بۇنى يۇمۇر دەپ يوللىمىغان.

ئەسەرنىڭ مەنىسى شۇكى: ئايالىنىڭ كۈندەشلىكى سەۋەبلىك، ھەتتا دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەرىجىسىدىكى قەتئىي مەخپىي رايۇنغا ئىككنجى قېتىم بېرىشقا مەجبۇر بولغان.
ۋاقتى: 2012-4-20 19:00:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawaskar218 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 11:10
قېنى بۇنىڭ كۈلىدىغان يېرى .............

كۈلىدىغان يېرىنى تاپالمىغان بولسىڭىز يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ باقامسىز يا.
ۋاقتى: 2012-4-20 23:21:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alnuri يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 01:14
ھىچكىمگە دىمەيمەن دەپ تۇرۇپ، ئايالىغا دەپ ساپتۇ دە مەخ ...

ئايالىنىڭ كۈچى دۆلەت مەخپىيىتىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەندە ؟؟؟
ۋاقتى: 2012-4-23 14:28:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشى راسىت ، ئاخىرى توقۇلما بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 03:46 , Processed in 0.116249 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat