- توردا
- 789 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-29
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 5247
- تىللا
- 2951
- تۆھپە
- 3188
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 17738
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1105
- تېما
- 505
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 5
- UID
- 176
- تۆھپە
- 3188
- تىللا
- 2951
- شۆھرەت
- 5247
|
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى سەتمۇ؟
بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن، ياغلۇقار، ئالىپتېكىن، تۆمۈر، بۇلاق، ئۆردەك، ئوماق، ئارسلان، كۆلبىلگە..... دىگەندەك ئىسىملار ئۇيغۇرلىرىمىزغا سەت كۆرۈنۈپ قالدىمۇ قانداق، ئۇلار ئومۇمىيۈزلۈك ئىسىم ئالماشتۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ چاغدا ئەڭ مودا بولغان ئىسىملار مۇھەممەد، ئابدۇللاھ، ئابدۇسەمەد، سەئىد، رەشىد، ئائىشە، فاتىمە، دىگەندەك كىتاپتا بار ئىسىملار ئىدى.
ئەمما ئىسلامغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئاجىزلىشىشمۇ ياكى باشقا ئۆزگىرىش بولدىمۇ .... ھەي. ئەڭ ئاساسلىقى ئاسانلا ئېغىزىمىز مايماق كېتىدۇ. بۇ ئىسىملارنى سەتلەشتۈرۈپ، ياكى ئاسانلاشتۇرۇپ.....
مۇھەممەد - نى مەمەتكە ئۆزگەرتىپ قويدۇق. يەنە مەت\مەم مۇ دەپ قويىمىز. مەتتۇرسۇن، مەتغوجا، مەمتېلى دىگەندەك. شۇنداق قىلىپ بۇ يوسۇندا بارلىق چىرايلىق، گۈزەل، ئوماق ئىسىملار مايماقلاشتۇرلۇپ، ئابدۇسەمەد - سەمەتكە، فاتىمە - پاتەم، پاتەك، پاتخان، پاتى غا؛ خەدىچە خەلچەمگە؛ ئابدۇلھەمىد ھىمىتقا، سەئىد سىيىتقا، رەشىد رىشىتقا، ئابدۇلئەھەد ئەھەت، ئەخەت، مەخەت، سەخەتكە ئۆزگىرىپتۇ......
ئاقىۋەتتە قانداق بولدى؟
بارغانسىرى سەتلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ ئىسىملارنى كىشىلىرمىز ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالدى.
ئۆتكەندە بىر قىزنى ياندىكى بىرسى «ھەجەخان» دەپ چاقىرغانتى، قولىقىمغا شۇنداق سەت ئاڭلىنىپ كەتتى. بۈۋى ھاجەر دىگەن بۇنداق ئوماق، بۇنداق چىرايلىق ئىسمنى نىمە دەپ شۇنچە سەتلەشتۈرۋالغاندىمىز.
ئىسىملىرىمىز بارغانسىرى سەتلىشىپ، پەرزەنتلەر شۇنداق ئىسىم قويۇلۇپ قالغانلىقىدىن نومۇس قىلىدىغان ھالەتكە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئاتا ئانىلار يا كىتابتا يوق، يا تۈزۈكرەك مەنىسى يوق،ئالپىرە، گۈلسارە، ئەلقەم،پەلقەم،ئەلناز دىگەندەك مودا ئىسىملارنى پەرزەنتلەرگە قويۇشقا باشلىدى. بۇ ئسىملارمۇ ناچار ئىسىملار ئەمەس، ئەمما بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىمىزدەك ياكى كېيىنچە تېپىۋالغان ئەرەبچە ئىسىملارنىڭ ئەسلى شەكلىدەك چىرايلىق مەنا ئاڭلاتمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بىر-دىنبىر ئالاھدىلىكى ئۇلارنى بۇزغىلى بولمايدۇ. مايماق قىلغىلى بولمايدۇ.
سەتلەشتۈرمە ئىسىملىرىمىز كىملىك-نوپۇسلارغا تىزىملىتلىپتىكەن، تېخىمۇ سەت بىر نىمىلەرگە ئايلىنىپ قالدى.
买买提, 赛买提,阿衣夏木 دىگەندەك سۆزلەر خۇددى كىرگۈزگۈچ خالىغانچە تىزىپ قويغاندەك.
بىز بىلەن ئوخشاش ئىسىملىك چەتئەللىكلەر 穆罕默德 بولسا بىز 买买提 بوپ قالدۇق.
------------------
بىر مۇھىم ئەسكەرتىش:
ئادەمنىڭ ئىسمى شۇ ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى بەلگىلەيدۇ. (پەرزەنتىڭلارغا گۈزەل ئىسىملارنى قويۇڭلار.) . ئىشەنمىسەڭلار بالاڭلارغا ئوغرى، تەخەي، ساخلاندى، دەپ ئىسىم قويۇپ بېقىڭلار !
ئالىپ ئەرتۇڭا، ئاتتىلا، باھادىر، دانىشمەن دەپ ئىسىم قويۇپ بېقىڭلار.
-----------------------------
ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندە قەدىمقى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىن قويىۋاتقانلار كۆپىيۋاتىدۇ. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى ئەسلەۋاتىدۇ. پات-پات قۇندۇزئاي، ئالىپ، تۆمۈرخان دىگەندەك ئىسىملارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز.
يۈكسەل بلوگ بىر قىسىم قەدىمقى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى بىلەن تەمىنلەپتۇ
ئۇيغۇرلاردىن مەھمۇد، ئەركىن، شۆھرەت، ئابدۇقادىر، كۆكبۆرە دىگەندەك بۇزۇلمىغان ئىسىملاردىن داڭلىق شەخسلەر چىققان بىلەن، غوجەك، خەلچەم، قادىيخان دىگەندەك سەتلەشتۈرمە ئسىىملاردىن ياكى مايماق كەتكەن ئىسىملاردىن بىرەر داڭلىق شەخس چىقماپتۇ.
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ياشلار ئەتراپىدىكى مودا ئىسىملارنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئىچى ئاغرىدى ۋە سەل نومۇس قىلىشقا باشلىدى. ئاھ قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىسىم ئۆزگەرتىۋالسا بولمايدۇ... مېنىڭ نىمىشقا بۇنداق چىرايلىق ئىسمىم يوقتۇ دەپ ئويلىغان ياشلار ئىسىمنى چىرايلىقلاشتۇرۇشقا باشلىدى. مەسلەن:
مارىگۈللەر - مېھراي، مېھرىبان غا ئۆزگەردى.
پاتەمخانلار - ئايپاتەم، گۈلپاتەم لەرگە ئۆزگەردى.
سەمەت - شاھ سەمەت كە، مەمەت - غوجا مەمەتكە، نىياز - ئاقنىيازغا ئۆزگەردى....
مەھەللەمدە نېگىرلاردەكلا قارا بىر ئاداش بار ئىدى. ئىسمى نىياز، كۆرۈشمىگىلى بىر نەچچە يىل بوپتىكەن. سىرىتلارغا چىقىپ كىرىپلا ئىسمى ئاقنىياز بوپتۇ. ئەمما كىملىكتىكى ئىسمى ئېنىقكى نىياز.
ئەلۋەتتە كىمنىڭ ئۆزىنى قانداق گۈزەل (سەت) ئىسىم بىلەن ئاتىشى ئۆزىنىڭ ئىشى!
ئەمما دىققەت قىلايلى ! ئىسمىمىزنى سەتلەشتۈرمەيلى ! بۇزمايلى. ئەنئەنىۋى ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەسلى شەكلى چىرايلىق.
كونا ئۇيغۇر ئاتلىرى چىرايلىق. خانتۆمۈر، ياغلۇقار، تاش، تۇغلۇق، قۇتلۇق، يۇلتۇزئاي، پەرى دىگەندەك.
ئەرەبچە ئاتلار ھەم چىرايلىق بۇزۇلمىغان شەكلى بىلەن: فاتىمە، ساراھ، ھەبىيبۇللاھ، مالىك، ئابدۇمەجىد... دىگەندەك.
ھەممىمىزنىڭ ئىسمى چىرايلىق !
مۇناسىۋەتلىك دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
1. بالا تېپىپ بولغاندىن كېيىنلا چوڭ ئىش قىلغان بولمايسىز. ئۇنىڭغا چىرايلىق ئىسىمدىن بىرنى قويۇڭ. ۋە دەرھال ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇڭ. تىزىمغا ئالدۇرغاندا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بالىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، پاسپورت بولسا ئېنگلىزچە يېزىلىشىنى ئۆلچەملىك يازدۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇڭ. مەسلەن:
ئەلى دىگەن ئىسىمنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى:
ئەلى (ئۇيغۇرچە) - 阿里 (خەنزۇچە) - Ali (ئېنگلىزچە)
ئەلى دىگەن ئىسىمنىڭ ئۆلچەمسىز شەكلى ياكى خاتا شەكلى:
ئېلى (ئۇيغۇرچە) - 艾力 (خەنزۇچە) - Aili (ئېنگلىزچە)
جامال دىگەن ئىسىمنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى:
جامال(ئۇيغۇرچە) - 贾玛尔 (خەنزۇچە) - Jamal (ئېنگلىزچە)
جامال دىگەن ئىسىمنىڭ ئۆلچەمسىز شەكلى:
جامال(ئۇيغۇرچە) - 家马力 (خەنزۇچە) - JiaMaLi (ئېنگلىزچە)
ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىدە تېخىمۇ كۆپ گۈزەل ئۇيغۇرچە ئىسىملار بار.
2. بالىڭىزنىڭ كېيىنكى ئاتىلىشىغىمۇ ئىگە بولۇڭ. مەكتەپكە تىزىملاتقاندا، ۋە باشقا ھەرقانداق ئورگانغا تىزىملاتقاندا قولىدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ، ئەسلى ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كېلىڭ. ئەگەر تىزىملىغان ئەپەندىلەر مۇھەممەدنى مەمەت دەپ تىزىملاپ قويسا ئوقۇتماڭ ئۇنداق مەكتەپتە، بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئوڭشاپ يازالمىغان ئوقۇتقۇچى بالىڭىزغا بىر نەرسە ئۆگىتەلمەيدۇ! ئەلۋەتتە سىز ئۇلاردىن دەل ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە بولىدۇ. كېيىن پەرزەنتىڭىز سەتلەشتۈرمە ئىسىملار بىلەن ئاتىلىپ قالمايدۇ.
3. ئۆيدە ۋە ھەرقانداق ئورۇندا، سورۇندا بالىڭىزنى ئىسمىنىڭ ئەسلى شەكلى بىلەن چاقىرىڭ.
ئابدۇقادىرنى «قادىيجان بالام! قادىيەم، قادىر، قېدىر، » دەپ ئۆزگەرتمەڭ! ئابدۇقادىرجان، ياكى ئابدۇقادىر پېتى تۇرىۋەرسۇن!
ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنى ئەركىلىتىدىغان، ياكى ئىسىملارغا ئۇلىنىدىغان، جان، خان، گۈل دىگەندەكلەرنى قوشىۋەرسەك ئىسىملار ئۆزگىرىپ كەتكەن بولمايدۇ.
4. باشقىلار ئىسمىڭىزنى ئۆلچەملىك چاقىرمىسا ئاڭلىماڭ. بالىڭىزمۇ ئاڭلىمىغاي.
بەزى قىزلار بۇنىڭغا بەك ئۇستا ! بۆشۈكۈمنى تەۋرەتمىگەندىكىن «گۈل» نى قوشۇپ دەڭ دەپ قوياشلىرى بار !
ئەگەر سىزنى خەق رىشىت دەپ چاقىرسا ئۇنىڭغا : كەچۈرۈڭ. مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇرەشىد. دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.ئەگەر تۈزەتمىسە مۇئامىلە قىلماڭ ئۇ ئادەم بىلەن. ئىسمىڭىزنىمۇ بىلمىسە يەنە پـوق بارمۇ ! ئۇنداق ئادەمگە ھە دەپ !
ئىشقىلىپ ئىسمىمىزدىن باشقا بەك چوڭ نەرسىمىزمۇ يوق! بۇنى بولسىمۇ ئاسرايلى. يەنە 20 يىلدىن كېيىن نەۋرىلىرىمىزگە جون، جورجىي، ئالېكس، مايكول دەپ ئىسىملار قويۇلمىسۇن يانا !
قېنى دوستلار ھەممىڭلارنىڭ ئىسمىنى باھالاپ باقمامدۇق ! ئەمسە خالىغانلار ئىسمىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يېزىپ بېقىڭلار ! سەتمۇ؟ چىرايلىقمۇ ؟ ھې ھې ھې !
مېنىڭ ئىسمىم : باھادىر
مەنبە:ئالمىزار مۇنبىرى |
-
2
باھا خاتىرىسى
-
|