- توردا
- 446 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-18
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 1294
- تىللا
- 1168
- تۆھپە
- 552
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4508
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 200
- تېما
- 20
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 31
- تۆھپە
- 552
- تىللا
- 1168
- شۆھرەت
- 1294
|
ھەركىم ئۆزىگە قارشى كەلگەنلەرنى يېڭىمەن دىسە، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە پايدىلىق شارائىت، ۋاقىتنى تاللايدۇ.شۇنداق بولغاندا يېڭىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. سىز ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ،بۇ خىل ناتوغرا ئىشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىگىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ،ئورۇنسىزتارتقان زىيىنىڭىزنى تولدۇرۋالماقچى . ئۇنداق بولغاندىكىن،ئالدى بىلەن سىزگە زىيانلىق ئىشلار ياكى سەۋەپلەر بىلەن ئۇلارغا تۇتۇلۇپ قالماڭ،دىققەتسىزلىك ياكى بىپەرۋالىقتىن كىلىپ چىققان سەۋەنلىكىڭىز ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز مۇشۇنداق ‹ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىم › دەپلا ئۆتۈپ كىتىسىز بۇ جاھاندىن.
مىنىڭچە سىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ‹كىلىشمەسلىك›كە ئۇچرىشىڭىز 1-قېتىم ئەمەس.ئىسىمدە قېلىشىچە بۇندىن بۇرۇنمۇ ئىككى قېتىم دەردىڭىزنى تۆككەن ئىدىڭىز. مۇنبەردىكى قېرىنداشلار سەمىمى مەسلىھەتلەرنى بەرگەن ئىدى.بۇ قېتىمقى پالاكەتچىلىكمۇ شۇلارغا ئوخشايدىغان يەرلىرى باردەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.بۇ خىلدىكى ئىشلار سىزگىلا كىلەمدۇ بۇ دۇنيادا؟!!!...بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى ئىچىدە سىزگىمۇ چېتىشلىق بىر يەرلىرى بارمۇ نىمە؟ ...بۇ ئىشلارنىڭ مۇشۇنچىلىك بولۇپ كىتىشىدە سىزدىن كەتكەن يەرلىرىمۇ بارمۇ-قانداق؟!...بۇ خلدىكى ئىشلارغا نەچچە قېتىم ئۇچرىدىڭىز،ئەجىبا ئۇسۇلنى،مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى باشقىدىن ئويلىنىپ بېقىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟
‹زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق›دىگەنمۇ گەپ بار،شۇ يەردە شۇنداق شارائىتتا ئىشلەۋاتقان پەقەت سىزلا ئەمەس،سىزنىڭ توغرا،ئۇلارنىڭ يۈزدە-يۈز خاتا بولۇپ كىتىدىغانغا مىنىڭچە سىزمۇ ئەۋلىيا ئەمەس،سىزدىمۇ بەلكىم بەزىبىر يىتەرسىزلىكلەر بار!!!...قەددىڭىزنى رۇسلاپ، كەيپىياتىڭىزنى ئوبدان تەڭشەپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىڭ !
ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتقاي قېرىندىشىم!...سىزگە دىسەم-سىزنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن مېھنەت ھەققىڭىزگە چاڭ سالىدىغانغا ئۇلارنىڭ ھەققى يوق ،سىزدە ئۆتكۈزۈپ قويغىنىمۇ يوق ! ئەمما سەۋەنلىك سىزدىن كەتسە ئۇ پۇلنى تۇتۇشقا خېلى-خېلى ئادەمنىڭ ھوقوقى بار!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 17:10
|
|