- توردا
- 107 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-15
- تىزىملاتقان
- 2010-8-12
- شۆھرەت
- 3064
- تىللا
- 1440
- تۆھپە
- 1906
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 10233
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 759
- تېما
- 194
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 2
- UID
- 213
- تۆھپە
- 1906
- تىللا
- 1440
- شۆھرەت
- 3064
|
تەرجىمە قىلغۇچى : dawanqi
●ئەرلەر جەميەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى،شۇڭا ئۇلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بۇلىشى كېرەك.
●25ياشتىن ئىلگىرى مۇھەببەت كۆپىنچە ساختا بۇلۇپ چىقىدۇ ياكى سىزنىڭ تەسەۋۋۇرڭىزدىكىدەك ئۇزۇن داۋاملىشىپ كىتەلمەيدۇ،ئەگەر سىز 25ياشتىن ھالقىغان بولسىڭىز بۇ قائىدىنى چۈشىنىپ يىتىشىڭىز كېرەك.
●تاماق يىگەندە قورسىقىڭىز70%تويسا ئەڭ راھەت بۇلىدۇ،قىز دوستىڭىزغا بولغان قىزغىنلىقىڭىزنىمۇ70%دىن ئاشۇرۋەتمىگىنىڭىز ئەۋزەل.
●30ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى بەدىنىڭىزنى ئوبدان ئاسىراڭ،چۈنكى دەسلەپكى30يىلدا سىز كىسەلنى تاپىسىز،كىيىنكى 30يىلدا بولسا كىسەل سىزنى تاپىدۇ.
●كەسىپ بىلەن مۇھەببەت ئوخشاشلا مۇھىم،ئەگەر كەسىپتىمۇ مەڭگۈلۈكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىسا ئۇ ھالدا مۇھەببەت لاپ قىلىپلا ئۈچۈپ قالدىغان بىر تال سەرەڭگە تېلىدۇر.
●كەينىڭىزگە كىرۋالغان قىز بالىنى يەڭگىللىك بىلەن قۇبۇل قىلماڭ،بولمىسا كىيىنكى كۈنلەردە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقىڭىزنى،نۇرغۇن نەرسىلەردىن قۇرۇق قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز.
●شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى پۇل ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بۇلىدىغان مەسىلە ھەرگىزمۇ مەسىلە ئەمەس.
●ئاكتىپلىق بىلەن توختىماي يۇقىرى ئۆرلەڭ،ھەر قانداق ئەر كىشىنىڭ سۈيۈملۈك يەرلىرى بار،تۇرمۇشقا ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلەنمەسلىكتىن ئىبارەت سۈيۈملۈك ئەمەس يەرلىرىمۇ بار.
●بىر قىز بالىنىڭ كۆڭلىگە ئۇدا ئىككى قېتىم ئازار بەرمەڭ،«يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس،يىگىت سۆزىدىن»دىگەن گەپ بار،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشنى ئەستايىدىل ئويلانغان ئىكەنسىز،ئۇنداقتا كۆزىڭىز قىيمايدىغان ھەر قانداق ھەركەتتە بولماڭ.
●ئەگەر ئىلگىركى قىز دوستىڭىز بىلەن كىيىنكى كۈنلەردە ئادەتتىكى دوسلارغا ئايلىنىپ قالسىڭىز،ئۆز ئۆزىڭىزدىن«بۇ نىمە ئۈچۈن»دەپ سوراپ بېقىڭ،بىر قىز بىلەن ئايرىلىپ كىتىپ يەنە دوس بۇلۇش مۇنداق ئىككى مەسىلنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ:بىرى،سىلەر ئەينى ۋاقىتتا پەقەت كۆڭۈل خوشلۇقى ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىپ بىر-بىرىڭلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بەرمىگەن.يەنە بىرى ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلىگەن.
●قىز دوستىڭىزنىڭ مۇھەببەتلىشۋاتقان مەزگىلدە قىلغان شىرىن-شىكەر سۆزلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ.
●تەققى-تۇرقىڭىز ۋە بوي بەستىڭىزدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ،ئۆزىڭىزنى بەك تۆۋەن چاغلىماڭ،تۇغما شەرت-شارائىت ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشىڭىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ،قەلىبنىڭ مەڭگۈ چىرايدىن ئۈستۈن تۇردىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
●ئاقكۆڭۈل قىزلارنى ئالدىماڭ،بۇ دۇنيادا ئاق كۆڭۈل قىزلار بەك ئاز.
●پۇل ھەممىگە قادىر دەپ قارىماڭ،پۇل ھىچ بولمىغاندا ئەيدىز كىسىلىنى ساقايتالمايدۇ.
●چۇقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ،سىز ئۆزىڭىزمۇ بىر مەنزىرە،شۇنداق بولغان ئىكەن خەقنىڭ مەنزىرىسىگە بۇيۇن سوزۇپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز!
●مۇھەببەتنىڭ تارازىغا ئايلىنىشى مەڭگۈ مۈمكىن ئەمەس،مۇھەببەتنىڭ ئىچىدە بەخىتلىك بۇلۇشنى ئويلىسىڭىز،كۆڭلىڭىزنىڭ ئازار يىيىشىگە رازى بۇلىشىڭىز كېرەك.
●باشقىلار ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدىغان ئادەم بىلەن دوس بۇلۇپ قالسىڭىز،ئەڭ ياخشىسى بۇنداق دوسلۇقتىن ۋاز كىچىڭ.ھىچكىم-ھىچكىمگە ياخشىچاق بۇلۇشقا قەرىزدار ئەمەس،ئەگەر ئۇ بۇ قائىدىنى بىلمىسە،بۇ ئۇنىڭ باشقىلارنى قەدىرلەشنى ئەسلا بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۇردۇ.
●بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ئىش بولمايدۇ،قانداق قىلغاندا مەڭگۈلۈك بولىدۇ؟دىگەن سوئالنى ئوتتۇرغا قۇيۇپمۇ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەڭ.تۇرمۇشتا ئامالسىز ئىشلار تولىمۇ كۆپ،ئەڭ ياخشىسى ئىمكانقەدەر تۇرمۇشىڭىزنى بېيىتىپ،ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسىراڭ.
●30ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كۆڭلىڭىز خالىمىغان ئىشلارغا ياق دىيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!
-ئىزدىنىش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-15 12:06
|
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|