- توردا
- 265 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-29
- تىزىملاتقان
- 2010-8-25
- شۆھرەت
- 1230
- تىللا
- 870
- تۆھپە
- 945
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4504
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 229
- تېما
- 26
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 296
- تۆھپە
- 945
- تىللا
- 870
- شۆھرەت
- 1230
|
نوتپەد++ ئىقتىدارى ناھايىتى تولۇق بولغان،ھەقسىز،پروگرامما يېزىش دەپتىرى بولۇپ، مەن كۆپ ئىشلىتەتتىم، ھەم كۆپ پايدىسىنىمۇ كۆردۈم،قوللايدىغان پروگرامما تىللىرىمۇ كۆپ ئىكەن.يەرلىكلەشتۈرۈلگەن تىللارمۇ كۆپ ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئۆز تىلىمغا ئۆزلەشتۈرۈپ بېقىش ئويى بىلەن كۈچۈمنىڭ ۋە سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ چىقىپ،پروگرامما تەمىنلىگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەرجىمىنى ئەۋەتتىم ۋە تىل تاللاش تۈرىگە قوشقۇزدۇم،بۈگۈن قارىسام يېڭى نەشرىدە قوشۇلۇپ تارقىتىلىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆپچىللىككە سۇندۇم.
مەقسەت:
1. بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئېلىنىشىدا مەسىلە ساقلانغان ، بۇنى كۆرۈپ پىكىر تەكلىپ بەرسەڭلا.تۈزۈتۈپ كېيىنكى نەشرىدە مۇكەممەللەشتۈرسەك دىگەن ئۈممۈتتىمەن.
2.بۇ پروگراممىغا ئېھتىياجلىقلار بولسا ئىشلىتىپ پايدىسىنى كۆرسىكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
چۈشۈرۈش بېتى: چۈشۈرۈش
قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان نۇسخىسىچۈشۈرۈش
قاچىلىماي ئىشلىتىدىغان نۇسخىسى چۈشۈرۈش
قاچىلىماي ئىشلىتىدىغان نۇسخىسىنى پرېستىن يېشىپ قوش چېقىپ ئاچساق ،بۇ كۆزنەك چىقىدۇ،بۇنىڭدىن ماس تىزىملىكلەرنى تاللىساقلا خالىغان ئارايۈز تىلىغا ئايلاندۇرغىلى بولۇدۇ.
تۈزۈپ قويدۇم ،بەزى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تەھرىرلەپ قويدۇم.پىكرىڭلەرگە كۆپ رەھمەت.
مۈمكىن بولسا بۇنىڭدىكى ئاتالغۇلار ھەققىدە كۆپرەك تەكلىپ بەرسەڭلار ،كېيىنكى نەشرىگە تۈزۈتۈپ ئەۋەتىپ بېرىمەن. يەرلەشتۈرۈشنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كۆپرەك كۈچ چىقارساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
تەكلىپلەرگە ئاساسەن ئوڭدىن سولغا قىلىدىغان قىلىپ قويدۇم، بۇ ھۈججەتنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەسلىدىكى ھۈججەتنى ئالماشتۇرسىڭىزمۇ ياكى قاچىلىغان نۇسخىسىغا بۇنى قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يېڭىلىش ئۇسىلى:ئاۋال نوتپەد ++ نى قاچىلىغان قىسقۇچقا بېرىپ، بۇيەردىن بۇ يەرگە كىرىپ ،…/notepad++/localization/ ... نىڭ ئاستىغا تىل ھۈججىتىنى كۆچۈرۈپ قويۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ جەرياندا بىر قېتىم پروگراممىدىن چىقىپ،قايتىدىن ئاچىسىز.
بۇنىڭدىكى يېڭىلىقلار:
1.ئوڭدىن سولغا كۆرسىتىدۇ.
2. بەزى ئاتالغۇلار قايتىدىن رەتلەندى،ياكى باشقىچە ئاتالدى،مەسىلەن: clipboard , 粘贴板 ئاتالغۇسى ئامانەت دەپ ئېلىندى،چۈنكى بۇلارنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئوخشىشىپ قالىدىكەن.
يەنى ئىككىلىسىدىلا باشقىلارغا ھاۋەلە قىلىپ ئامانەت قويۇپ قويۇدىكەنمىز، ھەر ئىككىسى ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىدۇ، لازىم بولغاندا ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.يەنى ئىككىلسى ۋاقىتلىق باشقىلارغا ساقلاپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغان ئەھۋاللاركەن.
يەنى,copy to clipboard, past(copy) from clipboard دىگەندەكلەرنى ئامانەتكە كۆچۈرۈش، ئامانەتكە چاپلاش، ئامانەتتىن كۆچۈرۈش دىگەندەك ئىشلەتسەك دىمەكچى.
ئۇيغۇرچە تىل ھۈججىتىنى چۈشۈرۈش
uyghur.xml
(47.13 KB, چۈشۈرۈش سانى: 43)
بۇ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ئۈنۈمى
بۇ بۇ پروگراممىنىڭ ئىقتىدارىدىن بىر كۆرۈنۈش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا afrasiyab تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 15:25
|
-
4
باھا خاتىرىسى
-
|