ياغاچچى قوشنام بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
ناھىيىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كەڭ كۆلەمدە قۇرلۇش ئېلىپ بېرىلغاچقا ناھىيە دائىرىسى كېڭىيىپ ئەتراپىتىكى بىرقىسىم شەخسىي تۇرالغۇلار رەتكە سېلىندى. ھەمدە رەتكە سېلىنغان ئاھالىلەر ئۈچۈن ناھىيە ئەتراپىدىن ئۆي سېلىشقا مۇۋاپىق جاي كۆرسىتىلدى.
2010_ يىلى بىزمۇ شۇ قاتاردا كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ئۆي سېلىپ مۇقىم ئورۇنلىشىۋالدۇق.
بۇلتۇر كۈزدە يېنىمىزدىكى بوش جايغا ئۆي سېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشى بىلەن ئادەتتىكى قوشنىلاردىن بولۇپ ئۆتتۇق.
قىشىنچە ئۈچ چاقلىق توكسېلىت ھەيدەپ كىرا قىلغان قوشنام بۇ يىل باھارنىڭ كېلىشى بىلەن ھويلىسىدا كونا ھۈنىرى ياغاچچىلىقنى باشلىۋەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئارامچىلىق بولمىدى.
قانداق دەمسىز؟ تىمىنىڭ داۋامىنى كۆرۈڭ ئەمىسە.
بۇ قوشنام سەھەر تۇرۇپ ئىشىغا چۈشۈپ كەتسە كەشكىچە توختىماي ئىشكاپ، جەۋەن دىگەندەك ئائىلىدە ئىشىلتىدىغان بۇيۇملارنى ياسايدۇ، ھەتتا بەزى كۈنلىرى خېلى كەشكىچە ئىشلەپ كىتىدۇ.
ئىشلىسە نىمە بوپتۇ دەمسىز؟ ھەممە گەپ دەل مۇشۇ يەردە...
بۇ قوشنامنىڭ ياغاچچىلىققا ئىشىلتىدىغان ھەرخىل توكلۇق ئۈسكىنىلىرى ، مەسىلەن: چىباڭ ، بوچاڭ ، يەنە بىرنىمە چاڭ دىگەندەك... ئۈسكىنىلىرى كۆپ بولغاچقا كۈندە دىگىدەك ئۈزۈلدۈرمەي ئىشىلتىدۇ. بۇ ئۈسكىنىلەرنىڭ قۇۋىتى يۇقىرى بولغاچقا توكقا چېتىپ قوزغىتىشى بىلەنلا تەڭ بىزنىڭ كومپىيوتېر ئۆچۈپ قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ. كومپىيوتېردىن باشقا ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى بولسا نورمال ئىشلەۋىرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق بولغاچقا ئەتىگەندىن كەشكىچە كومپىيوتېرنى بەش مىنۇت نورمال ئىشىلتەلمەيمەن، كۆپىنچە چاغلاردا بولسا كومپىيوتېرنى قوزغاتسام ئۈستەل يۈزىنىمۇ كۆرەلمەيمەن . نە ئامال قوشنام ھېرىپ چارچاپ كەشتە ئۇخلىمىغىچە مەن كومپىيوتېرنى ئاچالمايمەن.
ئەمدى قوشنامنى ياغاچچىلىق قىلمىسۇن دىسەم جان باقمىسا بولمايدۇ. مەنمۇ تور ھەققىنى تۆلەپ خالىغان چاغدا تورغا چىقالمىسام مىنىڭمۇ ئاچچىقىم كىلىدۇ_دە . دائىم يېرىم كىچىگە يېقىن تورغا چىققىلى بولمايدۇ_دە. . . . .
مۇشۇ تىمىنىمۇ قوشنامنىڭ بىكار بولۇپ ئارام ئېلىشىغا قاراپ ساقلاپ تۇرۇپ يازدىم.
مۇشۇ جەھەتتىن كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ، زىقمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولارمۇ؟
تورداشلار مەسلەھەت بەرسەڭلار . . .
ياغاچچى قوشنامنىڭ ئىشىنى ھەل قىلدىم.
تەپسىلاتى 22_ قەۋەتتە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyflash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 01:02
|