ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1216|ئىنكاس: 16

مەنمۇ ئېلېكترونغا تازا قىزىققان

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغ ( 80- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمى) دا كاللامغا مۇنداق بىر تەسەۋۋۇر پەيدا بولغان ئىدى.
شۇ چاغلاردا ئېلېكترونلۇق قول سائىتى بەك ئومۇملاشقان ئىدى، مەن بىر كۈنى «ياش رادىئو ھەۋەسكارلىرى»مىكىن «bala tokqi» دېگەن كىتابتىنمىكىن 3a×81b دەيدىغان ئۈچ قۇتۇپلۇق يورۇقلۇق سەزگۈچى ئېلېكترون لامپىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ساۋاقداش ۋە ئۇستازلاردىن سوراپ بۇنىڭ يورۇقلۇق ئۆتكەندە قارشىلىقىنىڭ ئۆزگۈرۈدىغانلىقىنى بىلىپ كاللامغا «ئېلېكترونلۇق سانىغۇچ» ياساش خىيالى پەيدا بولغان ئىدى.
1- لايىھە: 3a×81b ۋە ئېلېكترونلۇق قول سائىتىدىن پايدىلىنىپ ياساش.
پىرىنسىپ: بىر تەرەپكە كىچىك نۇر مەنبەسىنى يەنە بىر تەرەپتىكى  3a×81b  تىپلىق ئۈچ قۇتۇپلۇق يورۇقلۇق سەزگۈچى ئېلېكترون لامپىغا ئۇدۇللاپ قويۇش.
ئوتتۇرۇرىدىن ئادەم ياكى چارۋا ئۆتسە نۇر توسۇلۇدۇ دە، نۇرنىڭ چۈشۈش- چۈشمەسلىكىدىكى ئەھۋالدا  3a×81b  تىپلىق ئۈچ قۇتۇپلۇق يورۇقلۇق سەزگۈچى ئېلېكترون لامپىدىن ئۆتكەن توك ئۆزگۈرۈشى بىلەن ئېلېكترونلۇق قول سائىتىدىكى سان ئۆزگۈرۈدۇ.
كەمچىلىك : 60 قىچىلا سانىيالايدۇ، ئارىلىقتىن بىر- بىردىن ئۆتمىسە خاتالىق چىقىدۇ.
2- لايىھە: بېسىمدىن پايدىلىنىش.
بۇ ئاددىي تەسەۋۋۇرۇم بولۇپ بۇنىڭدا كىرىش ئېغىزىدىكى يەرگە ھەركەتچان تاختا ئورنىتىش، ئېغىزدىن ئۆتكەندە پەيدا بولغان بېسىم بىلەن توك ئۆتۈپ سائەتكە توك يوللايدۇ شۇنىڭ بىلەن بىلەن ئېلېكترونلۇق قول سائىتىدىكى سان ئۆزگۈرۈدۇ.
كەمچىلىك : 60 قىچىلا سانىيالايدۇ، ئارىلىقتىن بىر- بىردىن ئۆتمىسە خاتالىق چىقىدۇ.

شۇ چاغلاردا قەشقەردە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە رىمۇنت قىلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىرلا دۇككىنى بارتى ، ئورنى شۇ چاغدىكى «قول-سانائەت بىناسىنىڭ ياۋاغ تەرەپتىكى دوقىسىدا بولۇپ خېلى تارىخى بار بۇ دۇككان كىشىلەرنىڭ ئېلېكتىر موتۇر، رادىئو دېگەندەك ئۈسكۈنەلىرىنى رىمۇنت قىلدۇرۇشتىكى بىردىن- بىر دۇككان ھېساپلىناتتى.
بۇ دۇككاندىكى ئۇستاملارنىڭ ئېلېكترون ھەققىدىكى بىلىمى گەرچە  سىستېمىلاشمىغان بولسىمۇ  قەشقەر شەھرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى مۇشۇ خىل رىمۇنت ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىكى بىردىن- بىر دۇككان ئىدى.
بۇ يەردىكىلەردىن  3a×81b  تىپلىق ئۈچ قۇتۇپلۇق يورۇقلۇق سەزگۈچى ئېلېكترون لامپىنى سوراپ تاپتىم. تاپقىنىم مېتال قاپلىق بولۇپ چىققاچقا مەقسىتىمگە يېتەلمىدىم.
رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ھويلىسىدا بىر خەنسۇنىڭ ئېلېكترون ئۈسكۈنەلىرى رىمۇنت دۇككىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن  3a×81b  تىپلىق ئۈچ قۇتۇپلۇق يورۇقلۇق سەزگۈچى ئېلېكترون لامپىنى سورىسام يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ھازىر ئويلاپ باقسام شۇ تەسەۋۋۇرلىرىم خېلى بوپتىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدا ئەڭ دەسلەپ ياسىغان نەرسەم ۋىلسىپىتنىڭ زۇۋاينىكى (قولدا چالىدىغان قوڭغۇراق) قالپىقىتىن پايدىلىنىپ  ياسىغان ئېلېكترونلۇق قوڭغۇراق ئىدى.
كېيىنچە  تۈس ئەينىكى ۋە رەڭلىك قەغەزدىن پايدىلىنىپ «سېھىرلىك دۇربۇن»، پىرىسكوپ (ئاكوپتىن باشنى چىقارماي تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈدىغان دۇربۇن)، باتارىيەسىز رادىئو، رادىئو قوبۇللىغۇچ، تۇخۇمنى پاردان قىلىپ ياسىغان پار كۈچىدە ماڭىدىغان كىمە، ئىككى كىشىلىك سۆزلىشىش ئاپاراتى...
سىزنىڭمۇ تەسەۋۋۇرلىرىڭىز بولغىيتى؟
ۋاقتى: 2012-4-8 22:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر ئېلىكتورون ھەۋەسكارى بولۇپ، بۇ قىزىقىشىم 4 ياش ۋاقتىمدا ماگېنىت ئارقىلىق پەيدا بولغان ئىدى.
كىيىنچە بۇ قىزىقىشىم بارا بارا كۈچىيىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ چىققاندا بولسا مەكتەپكە تونۇلغان بولۇپ  فىزىكا بىلەن خىمىيە دىن باشقا دەرىسلەردە ناچار ئىدىم. چۈنكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمىغاچقا دەرىسىگە كىرگىم كەلمەيتتى.
بالىلىق چاغلىرىمدىكى تەسەۋۇرۇم:
2001_ يىلى يەنى 11 ياش ۋاقتىمدا ماڭا ئوخشاش بىر ئېلىكتورون ھەۋەسكارى دوستۇم بىلەن يولدا كىتىپ بارساق بىر مۇتور ئورنىتىۋالغان كونا ئەرەنچە ۋېلسىپىتنى كۆرۈپ قىلىپ كاللىمىزدا ئاككۇمۇلياتور بىلەن ماڭىدىغان ۋېلسىپىت ياساش ئويى پەيدا بولۇپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن دەپتەرگە كاللىمىزدىكى لايىھەنى سىزىپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىزغا كۆرسەتسەك بىزنى ماختىغان ئىدى.
شۇ خۇشاللىقىمدا كەچتە ئۆيگە بىرىپ دادامغا كۆرسەتسەم باشقا ئىشلارغا زېھنىڭنى چاچماي ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇغىن دەپ قىزغىنلىقىمغا سوغۇق سۇ سەپتى. شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن توكسېلىت ياساش پىلانى مەغلۇپ بولدى.
بەش يىل ئۆتۈپ 2006_ يىلى توكسېلىتلار ناھىيىمىزگە بىر بىرلەپ كىرىپ كەلدى.
شۇ چاغدىلا ئوزۈمنىڭ كىچىك بولساممۇ بىر ئۇلۇغ پىلاننى ئويلاپ چىققانلىقىمدىن پەخىرلەنگەن ئىدىم.
شۇنىڭدىن باشلاپ كاللامدا ئويلاپ چىققان نۇرغۇن لايىھەلىرىمنى خاتېرەمگە يېزىپ ساقلاپ قويۇۋاتىمەن.
تا ھازىرغىچە شۇلارنىڭ ئىچىدىن ياسېلىپ بولغانلىرى: ھاۋا ۋە سۇ يېقىلغۇلۇق مۇتور ، توكسېلىت . . . .  قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەر . . . . .
ھازىرغۇ ئۆيىمىزدىكى ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىدىن كاشىلا چىقسا ئۆزۈم بىر قوللۇق ئوڭشايمەن.
ئاددىي كاشىلا چىققان يانفونلاردىن تارتىپ . . .

باھا سۆز

70-80- يىللاردا قەشقەردە بىرلا ئادەمنىڭ شەخسى (ئۈچ چاقلىق) موتوسى بارتى، كېيىنچە موتومۇ كۆپەيدى. 90- يىللاردا ۋېل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-4-8 22:52
ۋاقتى: 2012-4-8 22:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن كاللامدىكى لايىھەلىرىمنى كومپىيوتېردا فىلەشتىن پايدىلىنىپ سىزىدىغان بولدۇم.
كىيىنچە فىلەشنىڭ سىھرىي كۈچىنى ھىس قىلغان بولسام كېرەك، شۇنىڭ بىلەن فىلەش بىلەن دوست بولۇپ قالدىم.
ۋاقتى: 2012-4-8 22:52:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3a×81b  بۇ لامپىا بىلەن مەنمۇ خېلى ھەپىلەشكەن .  سىز دىگەندەك مىتال قاپلىقىنى تېپىپ ( ئەينەك قاپلىقىمۇ بولىدىكەن .سىرتىنى قارا سىر بىلەن بوياپ قويىدىكەن .بىراق ئەينى چاغدا بۇندىقىنى تاپالمىغانتىم ....)  مىتال قاپنىڭ چوققىسىدىن كىچىك بىر تۆشۈك ئاچقان ئىدىم . بىراق تەجرىبىنى تۈگىگىچە داۋاملاشتۇرالمىغانىدىم .
مەن توك يولى خەرىتىسىگە قاراپ مۇستەقىل ياسىغان نەرسە «سىمسىز مىكرافۇن » بولدى ..........

باھا سۆز

ھە راست، ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا مەنمۇ تۆشۈك ئاچقاندەك قىلغان سىناقتا ئۈنۈمى بولمىغاچقا بۇزۇپ قويۇپتىمەن دەپ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-4-8 23:01
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-8 22:52:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyflash يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 22:42
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر ئېلىكتورون ھەۋەسكارى بولۇپ، بۇ  ...

70-80- يىللاردا قەشقەردە بىرلا ئادەمنىڭ شەخسى (ئۈچ چاقلىق) موتوسى بارتى، كېيىنچە موتومۇ كۆپەيدى. 90- يىللاردا ۋېلسىپىتنى مايلىق موتۇردا ماڭىدىغان قىلىۋالغانلارنى كۆرسەك ھەيران قالاتتۇق.
تەسەۋۋۇرىڭىز  چاغدىلا ئەمەس ھازىرمۇ قىممەتكە ئىگە ھېچ بولمىغاندا شۇ چاغدا يىتىلگەن تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز، كاللىڭىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
شۇڭا flash تا ئەڭ دەسلەپ ماشىنا ئويۇنى ياسىغانغۇ دەيمەن.
ۋاقتى: 2012-4-8 22:59:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مۇتور ئورنىتىۋالغان كونا ئەرەنچە ۋېلسىپىتنى كۆرۈپ قىلىپ كاللىمىزدا ئاككۇمۇلياتور بىلەن ماڭىدىغان ۋېلسىپىت ياساش ئويى پەيدا بولۇپ قالدى
خام خىيالمۇ بىر خىل بايقاش يولى بۇرۇنقىلار ئۇچۇشنى بىر خام خىيال دەيتتى ئەمما ھازىرقى زاماندا ئۇچۇشمۇ بىر ئادەتتىكى .ئىش بوپ قالدىغۇ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-8 23:01:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 22:52
3a×81b  بۇ لامپىا بىلەن مەنمۇ خېلى ھەپىلەشكەن .  سىز دىگەن ...

ھە راست، ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا مەنمۇ تۆشۈك ئاچقاندەك قىلغان سىناقتا ئۈنۈمى بولمىغاچقا بۇزۇپ قويۇپتىمەن دەپ يەنە بىرنى سېتىۋېلىشقا پۇل يىغىپ بولغۇچە ئىمتاھان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قېلىپ تاشلىنىپ قالغانتى.
ۋاقتى: 2012-4-8 23:11:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا flash تا ئەڭ دەسلەپ ماشىنا ئويۇنى ياسىغانغۇ دەيمەن.

راس دەيسىز، ئەمدى شۇ ماشىنا ئويۇنىنى ئاندىروئىد يانفون ئويۇنىغا ئۆزگەرتەي دىسەم فىلەشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەشىرىنى تاپالمايۋاتىمەن.
توردىن بەك كۆپ چۈشۈرۈپ كەتتىم ھىچقايسىسى دىگەن يىرىمدىن چىقالمىدى.
نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تىما يوللاپ ياردەم سورىسام سىز 6.7 گىگابايىت چوڭلۇقتىكى بىرسىنى تەۋسىيە قىلغانتىڭىز ئۇنى چۈشۈرسەم قاچىلاش باش ھۆججىتى يوق چىقتى.  خېلى بولدى مۇشۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ قالدىم.

باھا سۆز

Adobe Flash Pro CS5.5 نىڭ باھاسى http://product.pcpop.com/000328085/Index.html ۋە http://product.yesky.com/product/761/761380/ دا 5390 يۈەن دەپتۇ. ئىگە تەرەپ http://w  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-4-9 00:18
ۋاقتى: 2012-4-8 23:13:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راس فىلەشنىڭ ھەقىقىي نەشىرى قانچە پۇلدۇ ؟
ئىپىدا بولۇپ قالسا سېتىۋالامدىمەن تېخى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jesur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 09:22  

ۋاقتى: 2012-4-8 23:57:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 23:01
ھە راست، ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا مەنمۇ تۆشۈك ئاچقاندە ...

مەن تېخى 3a×81b  بىلەن بىر ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش قورۇلمىسىنىڭ خەرىتىسىنىمۇ سىزغان . شۇ چاغدىكى فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز كۆرۈپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان .بىراق ئۆيدىكىلەر مىنىڭ بۇنداق «ئارتۇقچە  »ئىشلارنى قىلغۇزمايتتى ..........
  
پىرىنسىپى :   ئۈسكىنىنى بىر جايغا قويۇپ قويىمىز .نۇر چۈشكەن ھامان چىقىراپ كېتىدۇ . ئەلۋەتتە ئوغرى دىگەن قاراڭغۇدا ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدۇ . پىرىژىكتىرنىڭ يورۇقى چۈشكەن ھامان چىقىراپ كېتىدۇ.
ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك بۇنداق ئىلغار ئۈسكىنىلەر يوق ئىدى ،ئەلۋەتتە ..........................
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-9 00:18:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyflash يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 23:11
راس دەيسىز، ئەمدى شۇ ماشىنا ئويۇنىنى ئاندىروئىد يانفو ...

Adobe Flash Pro CS5.5 نىڭ باھاسى
http://product.pcpop.com/000328085/Index.html  ۋە http://product.yesky.com/product/761/761380/
دا 5390 يۈەن دەپتۇ.
ئىگە تەرەپ http://www.adobe.com/products/flash.html
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-9 00:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلېكترونغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ قوشۇپ قويغۇم كەلدى.  شۇ چاغلاردا قۇلۇپقا ئاچقۇچ ياساشنىمۇ ئۆگەنگەن ئىدۇق.
ۋاقتى: 2012-4-9 22:14:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 00:38
ئېلېكترونغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ قوشۇپ قويغۇم كەلدى.   ...

ئىنتىلكا ،مەن سىزدىن خېلىلا كىچىك .
بىراق بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭىز مېنىڭكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشكەن-دىسە ؟؟؟
مەن تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىدا يوقارقىلار  بىلەن ھەپىلەشكەن . شۇ چاغدا قولۇپقا (ئادەتتىكى ) ئاچقۇچ ياساشنى ئۆگەنگەن...............
ۋاقتى: 2012-4-10 09:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىلسىپىتنىڭ زۇۋاينىكى (قولدا چالىدىغان قوڭغۇراق) قالپىقىتىن پايدىلىنىپ  ياسىغان ئېلېكترونلۇق قوڭغۇراقنى مەنمۇ ياسىغان ئىدىم .....
ۋاقتى: 2012-4-11 14:38:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 00:38
ئېلېكترونغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ قوشۇپ قويغۇم كەلدى.   ...

  مەن قۇلۇپنى ئىچىش بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەنىدىم،لىكىن ئاخىرىغا چىقىرالمىدىم،ئوغۇرلۇقچە قولۇپ ئىچىشقىمۇ خىلى تىخنىكا كىتىدىكەن.مۇشۇ توغرىسىدا يەنە ئۈگەنگۈم باتتى.

باھا سۆز

قۇلۇپ ۋە قۇلۇپنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=9478&fromuid=10  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-4-11 14:48
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-6 19:25 , Processed in 0.205782 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat