تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

يېڭى يازمىنى google ئىزدەش ماتورى نەچچە مىنۇتتىلا قوشۇۋالىدۇ

يوللىغۇچى: Sezgurboy| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-16 12:03| كۆرۈلۈشى: 86| ئىنكاس سانى: 0

يېڭى يازغان ماقالىنى google ئىزدەش ماتورىنىڭ قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ 1كۈن؟ 10كۈن؟ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كىتەمدۇ؟ ئەگەر تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بلوگ يېڭى يازمىسىنى google ئىزدەش ماتورىنىڭ قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى بىلىسىز.
بۇ ئۇسۇلنى مەن سىناپ باقتىم ، ئاۋۋال يېڭى يازغان ۋە نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يازغان يازمىلېرىمنى google دا ئىزدەپ كۆرسەم ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.
شۇنىڭ بىلەن
http://blogsearch.google.com/ping  بۇ بېكەتكە يېڭى يازمامنىڭ ۋە نەچچە كۈن ئالدىدا يازغان يازمىلېرىمنىڭ تور ئادىرسىنى يوللىۋەتتىم.
تەخمىنەن 5مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن google ئارقىلىق قايتا ئىزدەپ كۆردۈم ، ۋاھ ~~~~~~~~~~~ بىردەمدىلا ئىزدەش ماتورى قوشىۋاپتۇ.

google نىڭ بلوگ ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ ئايرىم بىر ping مۇلازىمىتى بار بولۇپ بۇ يەرگە يېڭى يازغان ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى يوللىسىڭىزى ئىزدەش ماتورى دەرھال قوشىۋالىدۇ.
لېكىن ئەسكەرتىدىغىنىم ، يوللىغان ماقالە ئەگەر توردا ئەسلىدە بار بولغان ۋە كۆپىنچە توربەت ياكى بلوگلاردا يوللىنىپ بولغان مەزمۇن بولسا، ئىزدەش ماتورى يوللىغان ماقالە ئۇلىنىشىڭىزنى قۇبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن.

بلوگىر قېرىنداشلارغا google نىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن ، تور ئادىرسى : http://blogsearch.google.com/ping

ھەر قېتىم يېڭى يازما يېزىپ بولغاندا مۇشۇ ئادىرىسقا يازمىنىڭ تور ئادىرىسنى يوللىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

ئۆزگەرتىش:

يۇقىردىكى يازمىدا خاتالىق بار ئىكەن

ھەر قېتىم يېڭى يازما يېزىپ بولغاندىن كېيىن پەقەت بلوگ ئادىرسىڭىزنى يوللىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ،

يەنى گوگلغا بلوگىڭىزدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى مۇشۇنداق ئۇقتۇرساق گوگل دەرھال بلوگنى قايتا تەھلىل قىلىپ

ئۆزگىرىشنى قۇبۇل قىلىدىكەن

مەزكۇر تىمىنى ئارامگاھ بىلوگدىن ئېلىنىدى .

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-3 22:05.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.