تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

Google دىن ئىزدەش ماھارەتلىرى

يوللىغۇچى: Sezgurboy| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-16 12:01| كۆرۈلۈشى: 76| ئىنكاس سانى: 0

گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر Google دىن ماتېريال ئىزدەپ تېپىشنى بىلسىمۇ لىكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئىزدەش ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى Google  نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ياكى پايدىلانمىغانلىقىدا .
يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ Google نىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن بۇ ماقالىنى تەييارلىدىم .

1- ئىزدەش ماتورىنى ھېساپلىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىش  
ئۇسۇلى :  ئىزدەش رامكىسىغا بىۋاستە ھالدا ھېساپلاش ئپادىسىنى ( مەسلەن 5*16+20) كىرگۈزسەكلا نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيمىز .
ناۋادا Google  دا بار بولغان قورال ستونى دېتاللىرى قاچىلانغان بولسا تور كۆرگۈچنىڭ ماس ئورنىغا بىۋاستە كىرگۈزسەكلا بولىدۇ . بۇنىڭدا Google تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىش ھاجەتسىز .  بۇ ھېساپلىغۇچ يۇقىرقىدەك ئاددى بولغان تۆت ئەمەل ئىپادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن سىرىت  كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۇندۇرۇپ ھېساپلاش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدۇ .  

2- « OR » نى خاتا چۈشىنىپ قېلىش  

« OR » بولسا نۇرغۇن ئىزدەش ماتورلىرىدا «ياكى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ بىر قانچە ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق بىرلىكتە ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . ئەمما بىر قىسىم تورغا چىققۇچىلار Google  بېكىتى « OR » نى قوللىمايدۇ دەپ قارايدۇ ، سەۋەبى « OR » نى ئىشلىتىپ ئىزدەش ئېلىپ بارغاندىن كىيىنكى نەتىجە ئوخشاش بولمىغان . بۇنداق بولىشى « OR » نىڭ چوڭ - كىچىك يېزىلىشغا دېققەت قىلمىغانلىقتىندۇر . ئادەتتىكى ئەھۋالدا Google  دا ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا ھەرىپنىڭ چوڭ - كىچىك يېزىلىشى ئىتبارغا ئېلىمنايدۇ ، ئەمما « OR » بونىڭ سىرتىدا .  مەسلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا « تارىخ OR مەدەنىيەت » ۋە «تارىخ or مەدەنىيەت»نى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندىكى سان جەھەتتىكى نەتىجىدە خېلى چوڭ پەرق بار ، چۈنكى ئالدىنقىسىدا ئىككى ھالقىلىق سۆز ئىچىدىكى پەقەت بىرسىلا بولسا بولىدۇ ، كىيىنكىسىدە ئىككى ھالقىلىق سۆزنىڭ ھەر ئىككىسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ .  

3- مۇلازمىتىرنى قانداق تاللايمىز ؟
Google   نىڭ ئىنتىرنىتتا نۇرغۇن تەسۋىرى بېكەتلىرى (镜像站点) بار بولۇپ ئىزدەشكە ئىشلىتىلىدىغان مۇلازمىتىرلىرىمۇ نۇرغۇن . ئەمما ئۇلارنىڭ ھەر خىل تىلدىكى يېڭىلىنىش سۈرىتى ئوخشاش ئەمەس شۇنداقلا مۇلازمىتىرلارنىڭمۇ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئوخشاش ئەمەس ، قوللىنىلغان يېڭىلىنىش شەكلى ئادەتتە گرادىئېنتلىق ئۇسۇل (梯度式进) بويىچە ئېلىپ بېرلىدۇ .( ئاۋال بىر قىسىم مۇلازمىتىرلارنى يېڭىلاپ ئارقىدىن پۈتۈنلەي يېڭىلايدۇ )  خەنزۇتىلى بىلەن ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا تۆۋەندىكى بېكەتنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ۋە سۈرئىتى بىرقەدە ياخشى بولىدۇ . http://www3.google.com ,  چۈنكى http://www.google.com نى ئىشلىتىپ تېپىلمىغان بىر قېسىم ماتىرياللارنى http://www3.google.com ئارقىلىق تېپىشقا بولىدۇ. شۇڭا ئىزدەش ئېلىپ بارغاندا باشقا مۇلازمىتىرلارغىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئىزدەپ بېقشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

4- ئالاھىدە ھۆججەت ئىزدەش  
google ئالاھىدە بولغان ھۆججەت ئىزدەش ئىقتىدارىنى قولايدۇ .  (ئىزدەش شەكلى: filetype  )  بۇ بىر ناھايتى كۈچلۈك بولغان ئەمما كۆپ قىسىم تورداشلار ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئۇسۇلدۇر .  بۇ خىل ئۇسۇلسا يېزىق ھالەتتىكى ھۆججەتلەرنى ئىزدەشكە بولۇپلا قالماي يەنە ئىككىلىك سېستىما ھالەتتىكى ھۆججەتلەتنىمۇ ئىزدەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .  مەسلەن بىز توردىن تۇغۇلغان كۈنگە ياكى مۇھەببەتكە ئائىت Flash ھۆججىتى ئىزدىمەكچى بولساق  «birthday filetype:SWF » ياكى «loveyou filetype:SWF » دەپ كىرگۈزسەك  بىزگە پەقەت  Flash ھۆججەتلىرىنىلا چىقىرىپ بېرىدۇ ، بۇنىڭدا بىز نۇرغۇن ۋاقىتنى تىجەپ قالىمىز .

ئەسەر مەنبەسى:دەرسلىك قانىلى  ئاپتۇرى:قاينام

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-3 22:07.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.