ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 883|ئىنكاس: 34

ياردەم: C دېسكىدىن باشقا قاتتىق دىسكا رايۇنى يوق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
385
تىللا
308
شۆھرەت
577
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 17:00:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا كومپىيۇتېرىم قاتتىق سەت ۋېرۇسلىنىپ كىتىپتۇ .. تازلاپمۇ تۈگىتىپ بولالماي. ئاخىرى گوسىت قاچىلىغانىدىم . قاچىلاپ بولۇپلا قارىسام  س  دېسكىنىڭ سىغىمى 49گىبايت  . س دېسكىدىن باشقىسى يوق يەنە ۋېرۇسمۇ تازىلاپ باقتىم ئۈنىمىمۇ يوق بولدى .ئەسلى بارلىق دېسكىنىڭ سىغىمى 500 گىبايت ئىدى . ھەرقانچە قىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم . سەينادىكى مۇشۇنىڭغا ئائىت مەزمۇن يوللانمىلارنى كۆرگەن بولساممۇ ئەپلەشمىدى  DiskGenius  دىگەن دىتالنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمەي قاچىلىغان پىتى قالدى.  بۇ ئىشنى ئۈنۈملىك ساق -سالامەت ھەل قىلىش يولىنى تەپسىلى  كۆرسەتكەن بولساڭلا  . .
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىدىن،ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىدىن،مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن .
ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1348
تىللا
1509
شۆھرەت
2349

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 19:33:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىرياللاغا چىدىيالىسڭىز قايتىدىن رايۇنغا ئايرىپلا باش ئاغرىقىدىن ساقىيىڭ!
چىدىمىسڭىز مەن قايسى كۈنى سەيناغا بىر گوڭجۈ يوللىغان شۇنى سىناڭ، ئادىرىسى ماۋۇ شۇمىكى:
https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-9317-1-1.html
گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن!

Rank: 4

تۆھپە
170
تىللا
290
شۆھرەت
302
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 19:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىخ دىسكىنى باشقىدىن رايۇنغا ئايرىپ ىقىڭە

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1531
تىللا
1366
شۆھرەت
3415

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:53:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق ۋىرۇسلانغىدەك نىمە ئىش قىلغان؟ سىرىق تور بەت خاككىرغا ئائىت تور بەتلەرگە چىققانما؟ ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇڭ.ئامال بار winpe بار ئوپتىك دىىسكىدا قوزغۇتۇپ مەشغۇلات قىلىڭ،قايتا ئۇچۇر يىزىشتىن ساقلىنىڭ بولمىسا بۇرۇنقى ئۇچۇرلارنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ.مۇنبەردىن ئىزدەپ بىقىڭ بۇرۇنقى تىمىلاردا ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار.

كونا ئەزا

دوستانە

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
502
تىللا
728
شۆھرەت
978

ئاكتىپ تەشۋىقات پىداكار داڭدار تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدىغۇ ؟ تېما ئىگىسى جاۋاب يازماپتۇ .تورداشلار توغرا دەيدۇ ،مەنچىمۇ ئۈزۈل-كىسىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۇسۇل قاتتىق دېسكىنى قايتىدىن رايۇنلارغا ئايرىش ،يەنە بولمىسا xpنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلاڭ ،مەسىلە چوقۇم ھەل بولىدۇ ،سىزگە ئامەت تىلەيمىز .

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
385
تىللا
308
شۆھرەت
577
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 02:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yulhun  ئەدەپلىك بولۇڭ ھە  ...!  نىمە  ئۇ سېرىق تور بەت دىگەن .. ئۇنداق نەرسىنى سىزدەكلەر كۆرمىسە بىز ،كۆرۈش ئەمەس . ئاڭلىغۇمىزمۇ كەلمەيدۇ . يامان گەپ سۆز بار يەردىن ئەزەلدىن يىراق بىز . سىز كۆرۈپ پىشىپ كەتكەن ئوخشايسىز  .. كۆڭلىڭىزگە ئاللاھ ئىنساپ بەرسۇن .. ئۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمەڭ ..!   بىز رەسۇلىللاھنىڭ  ئۈممىتى بولۇشقا تىرىشىپ كىلىۋاتىمىز ..


____________________-

Yeshilnur  كۆپ ئاۋارە قىپتىمەن .   بىراق سىزدىگەن دېتالنى چۈشۈردۈم . باشقا ھەرقانداق پىرىسلانغان دېتال يىشىلىۋاتىدۇ ھەم ئىسىمنى ئۆزگەرتكىلى بولىۋاتىدۇ . لىكىن سىز تەۋسىيە قىلغان دېتالنى يەزسەم ھىچنىمە يوق ھەم ئىسىمنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايۋاتىدۇ . لىكىن سىغىمى 25.8 مىگابايت ئىكەن . ئەستا .. نۇرغۇن مۇھىم نەرسىلىرىم بارتى .. يوقاپ كىتەرمۇ .  ؟ ياكى باشقىدىن باشقا نۇسخىدىكى سېستما قاچىلاپ كۆرسەم بولامۇ  ؟
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىدىن،ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىدىن،مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن .

Rank: 4

تۆھپە
172
تىللا
317
شۆھرەت
373
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىزدە سىستېما ئوپتىك دىسكىسى ياكى U پەن بولسا شۇ ئارقىلىق Winpe سىستېمىسىغا كىرىپ،شۇنىڭ ئىچىدىكى Diskgenius ياكى  PTDD دىن پايدىلىنىپ رايونلىرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۋېلىڭ.
مەنبە:
http://bbs.ghtt.net/thread-128155-1-1.html
http://hi.baidu.com/zzuhpc/blog/ ... db100abaa1674d.html
http://www.uyghurjava.com/

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
947
تىللا
967
شۆھرەت
1847
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:52:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cukkunt يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 11:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىزدە سىستېما ئوپتىك دىسكىسى ياكى  ...


توغرا دەيدۇ  دۇرۇس دىتاللار توپلىمىدا بۇھەقتە يۇمۇتال بار ptddنىڭ ئقتىدارى بىرئاز بۇپقۇيدۇ لازىم بوسا دۇرۇس دىتاللار توپلىمى ئالاقىلىشى ئادىرسىنى قالدۇرۇڭ مەن يوللاپ بىرەي دۇرۇس دىتاللار توپلىمىدا يوقكەن مەن سۇرەتلىك دەرسىنى يوللاپ قويدۇم لېكىن قاتتىق دىسكىڭىزغا زىينى بۇلشى مۇمكىن كىپ چققان زىيانغا مەن ئگەئەمەس جۇمۇ?ئەڭ ئاخىردا ساقلاش كۆزنىكى گە كەلگەندە باشقا قاتتىڭقدىسكىغا ساقلىسىڭىز ياخشى بولارمىكىن منىڭ قاتتىق دىسكامنىڭ بىر رايۇنى كۇرۇنمەس بۇپقالغاندا مۇشۇنىڭدا ئەسلىگە كەلتۇرۋالغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 14:44  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1531
تىللا
1366
شۆھرەت
3415

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 15:21:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
islamjan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-5 02:33
yulhun  ئەدەپلىك بولۇڭ ھە  ...!  نىمە  ئۇ سېرىق تور بەت دىگەن . ...

ھازىرقى ۋىرۇسلارنىڭ مۇتلەق كوپى سىز ئىزدىمىسىڭىز ئۇلار سىزنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ. ۋىرۇسلار ئادەتتە سىرىق تور بەت خاككىرغا ئائىت تور بەتلەردە بۇلىدۇ.مۇشۇ تور بەتنى ياسايدىغانلار كىشلەرنىڭ قىزىقشىدىن پايدىلىنىپ  ۋىرۇس دىگەنلەرنى ئىسىپ قىستۇرۇپ قۇيىدۇ.نورمال تور بەتلەردە باشقىلار ئوغىرلىقچە ۋىرۇس قىستۇرۇپ قويمىسا ئادەتتە ۋىرۇس بولمايدۇ.يەنە بىرسى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولسا بەزەن تور بەتلەردە بەزەن دىتاللارنىڭ چۇشەندۇرىشىدە يالغان نەرسىلەرنى كوپتۇرۇپ سوزلەپ چىقىرىپ قۇيىدۇ،.شۇڭا تورغا چىققاندا ياخشى بولغان ئادەتىنى يىتىلدۇرۇش پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم.ياخشى بولغان ۋىرۇسخورلارنى ئوتتاملارنى ئورناتقاندىلار ۋىرۇسلارنىڭ ئاۋارىچىلىقدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
320
تىللا
283
شۆھرەت
492
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 17:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇ يەرگە كىرىپ بۇ تىمىنى تەپسىلى كۈرۈپ بېقىڭ!
ئىشىڭىز ھەل بوپ قالا :  http://www.uighurboy.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=245

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
385
تىللا
308
شۆھرەت
577
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 19:18:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yulhun   ___  ئادەتتە سىز سېرىق توربەت ئارقىلىقلا جاھاندارچىلىق قىلىپ كەپسىزدە ھەم شۇنداق پاسكىنا دومىلە توربەتلەرنى سىز ئىزدەپ يۈرىدىغان ئوخشايسىز ..   بىز ئاللاھ خالىسا ئىچىمىزدىن تىشىمىزغىچە پاكىز .. كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ .

قايسى كۈنى رەىسىمخانىدىكى بۇرادىرىمنىڭ كومپىيۇتېرىدىن بارماق دېسكامغا ۋېۋىسكىنىڭ لاھىيەسىنى كۆچۈرۈپ كەلگەنتىم .شۇنىڭ بىلەنلا ................
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىدىن،ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىدىن،مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن .

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
44
تىللا
64
شۆھرەت
66
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 15:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىسكىڭىزنى ئوڭشاپ بولغان بولمىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن.شۇنداقتىمۇ ئىككى ئېغىز مەسلىھەت كۆرىستەي.
سىستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن س دىسكا سىغىمى 49Gئايرىلغانمۇ؟‹دىسكا رايونى قايتا ئايرىلغان ئەھۋال بارمۇ يوقمۇ؟ ئەگەر رايۇن قايتا ئايرىلماي سىستىما قاچىلانغان بولسا دىسكا بەلگىسىنى قايتا قويساقلا بولىدۇ 1.دىكىدەك ناھايتى ئاسان. ئەگەر رايۇنى قوشۇۋىتىلگەن بولسا 2.دىكىدەك ئۇسۇللاردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . ئىچىدىكى ماتىرياللارنى ساقلاپ قىلىشقا كەلسەك ، ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ،لىكىن نورماللىقى سىزنىڭ دىسكا ئوڭشاش جەريانىدا دىسكا رايۇنلىرىغا(س دىسكىدىن باشقا) ئىچىگە ماتىريال كۈچۈرگەن كۈچۈرمىگەنلىكىڭىزگە ئاساسەن بەلگىلەشكە بولىدۇ.ماتىريال كۈچۈرگەن بولىسڭىز ماتىريالنىڭ نورمال ئىچىلىشىغا تەسىر كۆرىستىدۇ،ماتىريال كۈچۈرمگەن بولسىڭىز نورمال ئىچىلىشى ياخشى بولىدۇ.سىناقتىن ئۆتكەن ›
1.ئايرىم ھاللاردا گوست ياندۇرۇلغاندا  س دىسكىدىن باشقا دىسكا ناملىرى بەلگىلەنمەي،يوشۇرۇن بولىۋالىدۇ (بولۇپمۇ xp غا win7 قايتۇرۇلغاندا ).  سىناپ بىقىڭ  : مىنىڭ كومپىيوتىرىم سىنبەلگىسىنى ئوڭ چىكىپ  ‹باشقۇرۇش <管理 >  ›تۈرىدىن ‹دىسكا باشقۇرۇش <磁盘管理 > ›نى ئىچىپ دىسكىنى تاللاپ  ئوڭ چىكىپ ‹更改驱动器名和路 › بۇيرۇقى ئارقىلىق كۈرۈنمىگەن دىسكىلارغا ئايرىم -ئايرىم قايتىدىن نامىنى بەلگىلەپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
2.رايۇنى قوشۇۋىتىلگەن بولسا  سىز DiskGenius  دىتالى ئارقىلىق( بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان يېشىل دىتاللىرىمۇ بولىۋىرىدۇ،قانچە يېڭى نەشىرى بولسا شۇنچە ياخشى،لىكىن منىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم :DiskGenius 3.1.0  نەشىرى  ئىشىلتىش قولاي ) دىسكا رايۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇيرۇقى ئارقلىق ئەسلىدىكى رايۇنلارنى تېپىش ئارقىلىق ،دىسكىدىكى خاتالىقلارنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ. DiskGenius ئارقىلىق ‹فورماتلىغاندىن كىيىن ماتىريالنى قايتۇرۇش›  ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ رايۇن ئىچىدىكى ماتىريالنى ئىزدەپ تېپىپ باشقا (س دىسكىغا)دىسكىغا ياندۇرۇساق بولىدۇ. قايتۇردىغان ۋاقىت دىسكارايۇنى سىغىمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.دىسكا رايۇن سىغمى كىچىك بولسا(يېرىم سائەتتىن بىر سائەت ئەتراپىدا) ۋاقىت ئاز كىتىدۇ دىسكا رايۇن سىغىمى چوڭ بولغانسىرى ۋاقىت (ئۈچ- تۆت سائەت ئەتراپىدا)كۆپرەك كىتىدۇ. قايتۇرغان ماتىريالنى چوقۇم ۋاقتىدا باشقا دىسكىغا كۆچۈرۋېلىڭ DiskGeniusنى تاقىغان ھامان يەنە قايتا ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ . ئىچىدىكى ماتىرياللار باشقا ماتىريال بىلەن قاپلىۋىتىلمىگنلا بولسا بۇرۇنقىدەك نورمال ئېچىىلىدۇ.  بۇ مەشغۇلاتنى PE مەشغۇلاتىدا قوزغىتىپ تۇرۇپ بىجىرىسىز.
3. باشقا ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىتاللىرىدىن پايدىلىنپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىزدىنىپ بىقىڭ.
4. ئەگەر رايۇنى بۇزۇلۇپ قايتا رايۇنغا ئايرىلغان بولسا ،ماتىريالىڭىز ئانچە مۇھىم بولمىسا ،ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ.زاپاس ساقلىغانلىرىڭىزنى كۈچۈرۇپلا ئىشىلتىڭ. ۋاقىت ئىسراپ بولىدۇ، چارچاپ كىتىشىڭىز مۇمكىن. تىت - تىت بولۇپ يۈرەك كىسىلى بولۇپ قېلىشىڭىز،تەرسا ،چېچىلغاق بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
5. ماتىريالنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دىسىڭىز چوقۇم سەۋىرچان بولىشىڭىز ،بىر مەشغۇلاتنى تولۇق تاماملاشقا تەخىر قىلىشىڭىز ،بۇ ئاقمىسا باشقا دىتالىنى ئىشىلتىشكە ئاندىن ئۆتشكە چىدىيالىشىڭىز كىرەك. مايمۇننىڭ تاغدىن چۈشۈشىدەك ئىش قىلسىڭىز نەتىجە چىقمايدۇ.
سىزگە ئامەت تىلەيمەن. بىلمىسىڭىز سۆز قالدۇرۇڭ.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
385
تىللا
308
شۆھرەت
577
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 20:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق .. دېسكا پەقەت 49 جىلا . يۇقارقى دېرىسلىكتىكى ۋە باشقا كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلغان بولساممۇ يەنىلا شۇنداق .
دېمەك بۇ ئىش ھەل بولمىدى
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىدىن،ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىدىن،مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبىرىم بولغانلىقىدىن مەمنۇنمەن .

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
320
تىللا
283
شۆھرەت
492
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 22:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diskgenius  نىڭ رايۇننى ئىزدەش ئىقتىدارى بار ئىدىغۇ؟
ئۇمۇ ھەل قىلالمىدىما؟

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
44
تىللا
64
شۆھرەت
66
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 19:59:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسقۇچلارنى رەسىملىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان ئىدىم،بىراق مىنىڭ رەسىم يوللاش ھوقۇقۇم ھازىرچە يوقكەن،شۇڭا رەسىم يوللىيالمىدىم.
ئەھۋالغا قارىغاندا سىز مەشغۇلاتنى قىلالمىغان ئوخشايسىز،
مىنىڭ كومپىيوتىرىم سىنبەلگىسىنى ئوڭ چىكىپ  ‹باشقۇرۇش <管理 >  ›تۈرىدىن ‹دىسكا باشقۇرۇش <磁盘管理 > ›نى ئىچىپ  كۈرۈنمىگەن دىسكىنى تاللاپ  ئوڭ چىكىپ ‹更改驱动器名和路 › بۇيرۇقى ئارقىلىق  چىققان كىچىك كۆزنەكتىن‹  قوشۇش ‹添加› › كۇنۇپكىسىنى چىكىپ چىققان يەنە بىر كىچىك كۆزنەكتىن دىسكا بەلگىسىنى(ئادەتتە سىستىما ئاپتۇماتىك بەلگىلەپ بىرىدۇ) بەلگىلەپ ‹ جەزىملەشتۈرۈش‹确定› › كۇنۇپكىسىنى بىسىپ يەبىر‹ جەزىملەشتۈرۈش‹确定› › كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ. بۇخىل باسقۇچنى باشقا كۈرۈنمىگەن دىسكىلارغا ئايرىم -ئايرىم بىجىرىپ قايتىدىن نامىنى بەلگىلەپ چىقسىڭىز بولىدۇ. ئاخىرىدا كومپىيوتىرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
DiskGenius  نى قوزغاتقاندا دىسكىلارنىڭ نامى بارمىكەن؟ بۇرۇنقى رايۇنلىرى نورمال ئەمما دىسكا نامى D ,E دىكەندەك ناملاركۈرۈنمەي 分区3ياكى分区4 ...دىكەندەك كۈرۈنەمدۇ؟ئەگەر مۇشۇنداق بولسا بۇرايۇننىڭ ئۈستىگە ئوڭ چىكىپ DiskGenius نىڭ 分区نىڭ ئىچىدىكى  驱动器号  (يەنى盘符)نى  تاللاپ  جەزىملەشتۈرۈش كونۈپكىسىنى باسىسىز ،ئايرىم ئايرىم مۇشۇنداق بەلگىلەش ئىلىپ بارسىڭىز بولىدۇ ،قايتا قوزغىتىش ھاجەتسىز.
رايۇنغا ئايرىلمىغان بولسا قايتىدىن رايۇنغا ئايرىش ئىلىپ بارىسىز،بۇنىڭدا ھجججەتلەر يوقاپ كىتىدۇ.ئويلىنىپ بىقىڭ.ئەگەر يەنە ئەپلەشمىسە DiskGenius نى قوزغىتىپ  ئىكراننى رەسىمگە تۇتۇش ئارقىلىق  دىسكىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى رەسىم ئارقىلىق بىزگە كۆرىستىڭ ،كۆپچىلىك ياخشى ئوسۇللارنى كۆرىستىپ بىرىشى مۇمكىن.

باھا سۆز

tohtibil  ئۇستام دېگەن ئۇسۇلدا دىسكا رايونىنى يوشۇرغىلى بولىدۇ، مۇھىم نەرسە بولسا  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:26:08
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-10-4 08:53 , Processed in 0.128434 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش