كۆپ قىسىم توداشلار Google نى ئىشلىتىپ ماتىريال ئىزدەشنى بىلسىمۇ ، لىكىن بىز بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «ئىپتىدائى» ئىزدەش ئۇسۇلىنى ئىشلتىشى مۇمكىن ، تۆۋەندىكى ماقالىدە google دىن ماتىريال ئىزدەشنىڭ بىر كاتار ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . بۇ ئارقىلىق google دىن تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .
1 . Google ئىزدەش ماتورىنى تېخىمۇ تولۇق ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يۇقىرى دەرجىلىك ئىزدەش . يەنى مەلۇم ئۇچۇرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندىن كىيىن ئوڭ تەرەپتىكى 搜索 كۇنۇيپكىسىنىڭ يىنىدا 高级搜索 دەپ بىر ئۇلىنىش بار ، مۇشۇنىڭ ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق ئىزدىگىلى بولىدۇ . 2 . Google يۇقىرى بولغان سۆز بېرىكمىسى ئىزدەش ئىقتىدارىغا ئېگە بولۇپ ، ئىزدىگەندەئىزدىمەكچى بولغان سۆز ئىچىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بولغان سۆز بېرىكمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ، تېخىمۇ رازى قىلارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . 3 . يۇقىرى دەرىجىلىك ئىزدەش (高级搜索) ئارقىلىق ، بىر پارچە بەت يۈزىدە قانچە تال ئۇچۇر كۆرىنى كېرەكلىكىنى بېكىتكىلى ، ئىزدىمەكچى بولغان تىل ۋە ھۆججەت شەكلىنى بېكىتكىلى بولىدۇ . 4 . يۇقىرى دەرىجىلىك ئىزدەشنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەندىكى بېكەتلەردىن ئىزدەيمەن (搜索以下网站或网域) نى بېكىتىش ئارقىلىق ئىزدەش دائىرسىگە چەك قويغىلى بولىدۇ . 5 . " ۋاقىت ، ئىشلىتىش ھوقوقى ، سان دائىرسى " قاتارلىقلارنى بېكىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىزدەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . 6 . google دا AND ئارقىلىق ئىككى سۆزنى بېرىكتۈرۈپ ئىزدەشكە بولىدۇ . مەسلەن : ئۇيغۇر ۋە قەشقەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتىريال ئىزدىمەكچى بولسىڭىز "ئۇيغۇر AND قەشقەر" دەپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ . 7 . ئەگەر "ئۇيغۇر ياكى قەشقەر" دەپ ئىزدىمەكچى بولسىڭىز "ئۇيغۇر OR قەشقەر" دەپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ ، ياكى | نى OR نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ . 8 . يۇقىردىكى OR بىلەن AND نى چوڭ كىچىك يېزىشنىڭ پەرىقى بەك چوڭ ، شۇڭا بۇلارنى چوقۇم چوڭ يېزىش كېرەك . 9 . ئىزدىمەكچى بولغان ئاساسلىق بىر سۆزنى كىرگۈزۈپ ئاندىن ، كەينىگە تىرناق ئېچىپ ، تىرناق ئىچىگە مۇناسىېەتلىك بىر قانچە سۆزنى يېزىپ ئىزدەشكە بولىدۇ . مەسلەن : ئۇيغۇر (قەشقەر ، ئۈرۈمچى ، مەكىت ) دەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق قەشقەر ، ئۈرۈمچى ، مەكىتكە مۇناسىېۋەتلىك بولغان ئۇيغۇرغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىشقا بولىدۇ . 10 . مەنىسى يېقىن بولغان مەزمۇنلارنى ئىزدەش ئۈچۈن مەزمۇننى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن كەينىگە بىر دولقۇنلۇق سىزىق قوشساق بولىدۇ . مەسلەن : "دەرسلىك قانىلى~ " دەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرسلىك قانىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تېپىشقا بولىدۇ . 11 . ئېلىش بەلگىسى ئارقىلىق مەلۇم مەزمۇننى ئىزدەش دائىرسىدىن چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ . مەسلەن : 最新货 -Ebay دەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ، Ebay غا مۇناسىۋەتسىز بولغان ئەڭ يېڭى مال ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ . 12 . I , and , than , if قا ئوخشاش سۆزلەر ئىتىبارغا ئېلىنمايدۇ . ئىزدىگەندە بۇنداق سۆزلەرنى سۈزىۋېتىدۇ . لىكىن قوشۇش (+) بەلىىسى قوشۇپ قويۇلسا بۇلارنىمۇ ئېتىبارغا ئالىدۇ . مەسلەن : fish +and chips 13 . Google دا يەنە * بەلگىسىنى ئىشلىتىپ قىسقارتىپ ئىزدەشكە بولىدۇ . مەسلەن : دەرسلىك قانىلى * 14 . سان دائىرسى ئىقتىدارى ئارقىلىق مەلۇم سان دائىرسىدە ئىزدىگىلى بولىدۇ . مەسلەن : nokya $100..$200 دەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق باھاسى 100 دوللار بىلەن 200 دوللارنىڭ ئارىسىدىكى nokya مەھسۇلاتلىرىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ . 15 . يۇقىرى دەرىجىلىك ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، Google تونىيدىغان 13 خىل ھۆججەت شەكلىنى ئىزدەشكە بولىدۇ . بۇلار Office ئائىلىسىگە تەۋە ماتىرياللار Lotus ، Postscript ، shockwave Flash ۋە Text قاتارلىقلار (شۇخىل ھۆججەتلەتنىڭ كىڭىيتىلگەن نامى بويىچە ئىزدەيدۇ) ، ياكى ئىزدەش كۆزنىكىگە بىۋاستە كىرگۈزسەكمۇ بولىدۇ . مەسلەن : ASP.Net filetype:swf دەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ASP.Net قا ئائىت swf ھالەتتىكى ماتىرياللارنى ېپىشقا بولىدۇ . ئەڭ كەينىدىكى swf نى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ماس ھالەتتىكى ماتىريالنى ئىزدەشكە بولىدۇ . مەسلەن : يۇقارقىنى ASP.Net filetype:doc دەپ ئۆزگەرتسەك Word ھۆججەتلىرىنى ئىزدەيدۇ . 16 . ئەگەر مەلۇم ھۆججەت شەكلىنى چىقىرۋېتىپ ئىزدىمەكچى بولساق ئالسىغا - بەلگىسىنى قويساقلا بولىدۇ ، مەسلەن : ASP.Net -filetype:doc قىلىپ يېزىش ئارقىلىق doc بولمىغان ھۆججەتلەرنى ئىزدەشكە بولىدۇ . 17 . ئەمەلىيەتت سىز كىرگۈزگەن ھالقىلىق سۆزدە گىرامماتىكىلىق خاتالىق بولمىسىلا يۇقارقى bool تىپلىق ئەمەللەرنى ئارلاش ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . مەسلەن : ”sausage and mash” -onions filetype:doc 18 . inurl بۇنىڭ ئارقىلىق پەقەت تور بەتنىڭ ئادىرىسىنىلا تېپىشقا بولىدۇ . مەسلەن : inurl photoshop 19 . inanchor بۇ ھالقىلىق سۆز بىر قەدەر ئالاھىدە ، بۇنىڭ ئارقىلىق پەقەت كەينىدىكى پارامىتىر ئۇلىنىش قىلىنغان بەتلەرنىلا ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ . مەسلەن : inanchor:darslik.com دەپ كىرگۈزسەك ، darslik.com ئۇلىنىش قىلىنغان بەتلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ . 20 . قانچىلىك ئۇلىنىشنىڭ بىر ئادىرېسنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولساق ، link نىڭ كەينىگە ، بېكەت ئۇلىنىشىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ . مەسلەن : link:www.darslik.com 21 . يەنە related ئارقىلىق ئوخشاش دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ . مەسلەن : related:www.microsoft.com 22 . info ئارقىلىق مەلۇم بېكىتىلگەن بەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپقىلىق بولىدۇ . 22 . ئەگەر مەلۇم بىر بېكەتتىن ئىزدىمەكچى بولساق search xp site:www.microsoft.com دەپ كىرگۈزسەك بولىدۇ ، بۇ يەردىكى xp بولسا ئىزدىمەكچى بولسان سۆزنى ، كەينىدىكى ئادىرېسى بولسا ماتىريال ئىزدەيدىغان بەتنى كۆرسىتىدۇ . 23 . Google دىن سۈرەت ئىزدىگەندە ، site ئارقىلىق مەلۇم بىر بېكەتتىنلا ئىزدەشكە بولىدۇ . مەسلەن : photoshop site:darslik.com 24 . شۇنداقلا photoshop site:.com دەپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق com نى ئىسىم قىلغان بېكەتلەردىنلا ئىزدىگىلى بولىدۇ . ماس پارامىتىرلىرىنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ ، ئەلۋەتتە . مەنبە : http://darslik.com/view.asp?id=472 |