ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!
Windows سېستىمىسى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان مۇشۇ كۈنلەردە، مىكروسوفت شىركىتى 29-ھۇت Windows 8 سىستېمىسى خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېلان قىلدى.
بۇ سىستېمىسدا بىز توغرۇلۇق ئاز بولمىغان يېڭىلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىپ بېقىش ئارزۇسى تۇغۇلدى.
بۇ سېستىما مۇكەممەل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سېستىمىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قوش سېستىما قاچىلاش مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. بەزىلەر مۇۋاپىقىيەتلىك قىلالىدى. يەنەبەزىلەر قىلالمىدى.
ئاساسلىق سەۋەبلەر سىستېما نورمال قاچىلانسىمۇ قوزغىلىش تىزىملىكىدە كۆرۈنمەسلىكى ئىدى. بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك.
توردا بۇ توغرۇلۇق ماتىرىياللارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. لېكىن ئىزدەپ تېپىپ پايدىلىنالايدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە مەزكۇر دېتالنى ئېلىپ كەلدىم.
Windows كۆپ سېستىما قوزغىتىش تىزىملىكى رىمونتلىغۇچ
دېتال چوڭلۇقى:678KB
خىزمەت مۇھىتى: NT يادرولىقىدىكى بارلىق سېستىمىلار. Windows 2000 / XP / 2003 / Vista / 7 / 8
ئاساسلىق ئىقتىدارى: نامىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، كۆپ سىستېما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ سېستىما قوزغىتىش تىزىملىكىنى ئاپتۇماتىك رىمونت قىلىدۇ.
قاتتىق دېسكىڭىزغا قاچىلانغان بارلىق سىستېمىلارنى تىزىملىككە قوشۇدۇ.
كۆرۈنمە يۈزى:
چۈشۈرۈڭ |