- توردا
- 4278 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-5
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 29551
- تىللا
- 21243
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 16943
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 104972
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 86
- خاتىرە
- 14
- يازما
- 7664
- تېما
- 1204
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 31
- UID
- 10
- تۆھپە
- 16943
- تىللا
- 21243
- شۆھرەت
- 29551
|
بىئولوگىيە ئالىمى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى -- ئابباس بۇرھان
ئابباس بۇرھان 1932-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەم íيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىسى بولغان، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 1-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزاسى، 2-، 3-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 1-، 2-، 3-نۆۋەتلىك رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزاسى، 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە شىخەنزە (تاشئېرىق) يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، زور تۆھپە قوشقان. شىنجاڭ ۋە مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىدە كاتتا تەسىرگە ئىگە بولۇپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخستۇر.
1983-يىلى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەمگاك-كادىرلار مىنىستىرلىكى ئۇنىڭغا «ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» دەپ نام بەرگەن ۋە تەقدىرلىگەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1980—1982-يىللىرى «بىلىم---كۈچ» ۋە «پەن ۋە تۇرمۇش» زھۇرنىلىنى، «پەن-تېخنىكا نەشرىياتى»نى قۇرۇپ، باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
10 پارچە كىتاب يازغان، 31 پارچە كىتابنى ۋە 3 پارچە لۇغەتنى تەھرىرلىگەن. مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىدا مۇكاپاتلانغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «نەتىجىسى ئەڭ زور پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ئاكتىپ بولغان بولۇپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بەلگىلىك خەلقئارا شۆھرەتكە ئىگە بولغان.
40 نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرىدىن 300 پارچىدىن ئارتۇقنى ئېلان قىلغان، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىدىن 352 پارچىنى تەھرىرلىگەن. يازغان ئۇيغۇرچە كىتابلىرى 10 پارچە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مىللەتلەر نەشرىياتى، جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، پەن-تېخنىكا نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. نۇرغۇن ماقالە ۋە ئوقۇشلۇقلىرى ئارقىلىق پەن-تېخنىكىنىڭ رولىنى تەشۋىق قىلغان. كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياخشىلاشقا بېغىشلانغان «ئېرسىيەت ۋە ئېرسىيەت قۇرۇلۇشى»، «ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش»، «مىكرو جانلىقلارنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى»، «ھاياتلىق ۋە مۇھىت»، «پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىي پەن-تېخنىكا»، «بىئولوگىيە تېخنىكىسى» قاتارلىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرغان.
«دېھقانچىلىققا پايدىلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلار»، «دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ سىرى»، «مۇھىت ئاسراش»، «گاۋ شىچى بوۋا»، «زوئولوگىيە»، «جىنسىيەت بىلىملىرى»، «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟ (ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ماددىلار، يېزا ئىگىلىكى قىسىملىرى)»، «ئادەم ئاناتومىيىسى بىلىملىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان.
ئۇ «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە بىئولوگىيە لۇغىتى»، «دېھقانچىلىق بىلىملىرىگە ئىزاھلار»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە پەن-تېخنىكا لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەن ۋە تۈزگەن، «يېزا پەن-تېخنىكىسى» زھۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىنى قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلغان ۋە باشچى بولۇپ قۇرغان. كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇلارنىڭ ئاساسلىقى: 1983-يىلى «مەملىكەتلىك ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» بولغان؛ 1984-يىلى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ «ئېرسىيەت ۋە ئېرسىيەت قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتابى «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئەسىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەنبە:ئاچقۇچ مۇنبىرى
|
|