ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تورداشلار .
‹‹بىلگىنىڭنى خەقتىن ئايىما ، بىلمىگىنىڭنى بىلمەن دەپ كايىما›› دەپتىكەن كونىلار ، شۇڭا مەنمۇ ‹بىلىمەن› دەپ پو ئاتقۇچىلىكىم بولمىسىمۇ ، ئەمما ئازراق چۇشەنچىگە ئىگە بولغان ھەمدە ھازىرىقى زامان ئىلغار پەن_تىخنىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان يەككە پىلاستىنكىلىق ئۆزەك (单片机)بىلەن كونتىرول قىلىنىدىغان ‹‹سىزىق بويلار روبوت››توغۇرلۇق دوسلار بىلەن بۇ ئازغىنە بىلىمىمنى ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم . ئەگەر سىلەر روبوت ياكى يەككە پىلاستىنكىلىق ئۆزەك توغرۇلۇق تىخىمۇ يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولساڭلار بىز بىلەن ئورتاقلاشقايسىلەر.
سىزىق بويلار روبوت تىخنىكىسى جەھەتتە ياپونىيە ، ئامىرىكا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . تەيۋەننىڭمۇ تىخنىكىسى خىلى ئىلغار . ئۇلارنىڭ روبوتلىرىنىڭ ئالدىغا يۇقىرى سەزگۈرلۈكتىكى رەسىم تارتىش ئاپپىراتى ئورنىتىلغان . ئاپپارات يەرنى بەلگىلىك دەۋرىي ۋاقىت ئىچىدە بىر قىتىم رەسىم تارتىپ باش مىڭىگە يوللايدۇ . باش مىڭە رەسىمدىكى ئاق قارا سىزىقلارنى ئانالىز قىلىپ ، بىر قاتار مۇرەككەپ تەسۋىر بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بارغاندىن كىيىن چىققان نەتىجىگە ئاساسەن تۇراقلىق توك ماتورىنىڭ سۇرئىتىنى ، ماشىنىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىدۇ . تۆۋەندىكى ۋىدىئونى كۆرۈپ باقسىڭىز ئۇۇلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاپپىراتىنىڭ ماشىنىدىن تەخمىنەن ئون سانتىمىىتىر ئالدىدا تۇرغىنىنى ھەمدە يۆنىلىشىنى ماشىنىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىدىغىنىنى بايقايسىز . بۇ ماشىننىڭ يولنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىش ئۇچۇرنى بالدۇراق ئىگىلەش ۋە دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالىشى ئۈچۈندۇر .
ياپونىيەنىڭ سىزىق بويلار روبوت مۇسابىقىسى
تەيۋەننىڭ سىزىق بويلار روبوتى
ئامرىكىنڭ سىزىق بويلار روبوتى ،بۇلارنىڭ سەل ئۆزگىچىرەكى ئىكەن
جۇڭگۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارا ئۆتكۈزىلىدىغان ‹‹فىسكار››سىزىق بويلار روبوت مۇسابىقىسى
بۇ بىزنىڭ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئۈچ ئۇيغۇر بالا بىللە ياسىغان روبوت . بۇ ماشىنىغا بىز رەسىم ئاپراتىنىڭ ئورنىغا ئون ئالتە دانە سىنزور ئىشلەتتۇق . بۇ سىنزورنىڭ سەككىزى ئۇلترا بىنەپشە نۇر تارقىتىشقا ، قالغان سەككىزى قوبۇل قىلشقا مەسئۇل . چۈنكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ئاق رەڭدىن قايتىپ قارا رەڭدىن ئاساسىي جەھەتتىن قايتىمغانلىقتىن ، قارا رەڭنىڭ ئۇدۇلىدىكى سىنزورنىڭ قارشىلىق ئىنتايىن يۇقىرى ، ئاق رەڭنىڭ ئۇدۇلىدىكى سىنزورنىڭ قارشىلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىنزورلارنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى توك بىسىمى ئوخشاش بولمايدۇ . بۇ ئىككى خىل توك بىسىمىنى سىلىشتۇرغۇچتا بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن 1 ۋە 0 دىن ئىبارەت رەقەملىك ئۇچۇرغا ئىرىشەلەيمىز . مۇشۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن يەككە تىپلىق ئۆزەك قارا سىزىق يەنى يولنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھۆكۇم قىلىپ ماتورنى ۋە يۆنىلىشنى باشقۇرىدۇ . |