- توردا
- 774 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-5
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 5044
- تىللا
- 2753
- تۆھپە
- 3084
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 17001
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1076
- تېما
- 482
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 5
- UID
- 176
- تۆھپە
- 3084
- تىللا
- 2753
- شۆھرەت
- 5044
|
لەۋگە قاراپ بىلگىلى بولىدىغان كېسەللىكلەر
لەۋ قېنىق قىزىل رەڭدە بولسا. بۇ بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، چىش بىلەن باش ئاغرىش، باش قېيىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاچچىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى شۇنداقلا توخۇ، قوي گۆشىنى يېمەسلىك كېرەك.
لەۋ سۇس ئاق رەڭدە بولسا. بۇ قان كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاساسەن چارچاش، دولىسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۆش تۈرىدىكىلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش بىلەن بىللە، يەر ياڭىقى يەپ بېرىش كېرەك.
لەۋ سۈزۈك قارا رەڭدە بولسا، بۇ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دېمى سىقىلىش، كۆكرىكى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كۈندە يېرىم سائەت چېنىقىپ بېرىش، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
لەۋ ئەتراپى قارىدىغان بولسا. بۇ بەدەندە نەملىك ئېشىپ كېتىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋلدا تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، تاماق يەپ بولۇپ ئۇخلىماسلىق، دائىم پۇتىنى قىزىق سۇغا چىلاپ بېرىش كېرەك.
لەۋ يېرىلغان بولسا. بۇ بەدەندىكى ماي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ئىپدىسى. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، كۈندە ئۈچ تال مايمۇن شاپتۇل يەپ بېرىش، ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.
مەنبە:ساغلاملىق لىنىيەسى تورى |
|