- توردا
- 553 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-7
- تىزىملاتقان
- 2010-12-17
- شۆھرەت
- 1769
- تىللا
- 1278
- تۆھپە
- 857
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 6016
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 343
- تېما
- 20
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1026
- تۆھپە
- 857
- تىللا
- 1278
- شۆھرەت
- 1769
|
بۇ ئېلكىتاب كۆرگۈچنىڭ ئەمەس بەلكى باسىدىغاننىڭ ئىشى. يەنى پرىنتىرنىڭ ۋەزىپىسى.
بۇخىل ئالدى-ئارقىغا بېسىشنى ھەرقانداق پرىنتىردا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن.
ئاۋال تەتۈر تەرتىپتە جۈپ بەتلەرنى باسىمىز. يەنى 100-98-96.............6-4-2 تەرتىپتە.
ئاندىن قەغەزنى مۇۋاپىق يۆنىلىشتە پرىنتىرغا سالىمىز.(قاغەزنى قانداق سېلىش بەك مۇھىم، تۆۋەندە سۆزلەيمەن)
ئاندىن يەنە تەتۈر تەرتىپتە تاق بەتلەرنى باسىمىز. يەنى 99-97-95.............5-3-1 تەتىپتە.
پرىنتىردىن چىققان قەغەزنى قولغا ئالسىڭىزلا بولىدۇ. يەنى تۈپلەنمىگەن كىتاب بولىدۇ.
مەن ئادەتتە 三星SCX-4300 باسىمەن. ئوخشاش تىپتىكى ۋە ئوخشاش قۇرۇلمىدىكى پرىنتىرلاردا مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بۇ تىپتىكى پرىنتىردا قەغەز قۇتىسىغا قويۇلغان قەغەزنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكىسىنىڭ ئاستى تەرىپىگە باسىدۇ.
بىرىنجى قېتىم چىققان قەغەزلەرنىڭ ئاستىدا مەزمۇن بار، بەت تەرتىۋى بولسا 100-بەت ئەڭ ئاستىدا، 2-بەت ئەڭ ئۈستىدە.
مەن ئۇنى ئۆرۈپلا پىرىنتىرنىڭ قۇتىسىغا سالىمەن. بۇ چاغدا 100-بەت بار قەغەز ئەڭ ئۈستىگە كېلىدۇ. يەنى كېيىنكى قېتىم ئاۋال ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا 100-بەتنىڭ خوشنىسى بولغان 99-بەتنى ئاۋال بېسىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا 2- قېتىم يەنە تەتۈر تەرتىپتە، تاق بەتلەرنى باسىمىز.(بىرىنجى قېتىم جۈپ بەتلەرنى باسقانىدۇق)
بېسىلىپ بولغاندا شۇنداق قىلىپ پرىنتىردىن چىققان قەغەزنى قولغا ئېلىپ تۈپلىسىڭىزلا بولىدۇ.
باشقا تىپتىكى ۋە قۇرۇلمىدىكى پرىنتىرلاردىمۇ بېسىپ چىقىرىش مۇمكىن لېكىن يۇقارقى تەرتىپلەر ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. كۆپچىلىك سىناپ باقسا بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا osmanturpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-29 20:41
|
|