ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelword
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 271 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1918|ئىنكاس: 3

ئىلىمنىڭ ( بىلىمنىڭ ) زاكىتىنى بىرىش     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
12576
تىللا
17595
شۆھرەت
23230

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 23:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئاي بۇرۇن يولۇچى ئىسىملىك توردىشىمىز ياردەم: بىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش دەپ تېما يوللىغان بولۇپ بۇ يازمىنى توردىن تاپالماي يۈرگەن ئىدىم. UKIJ دىكى بىر تېمىدا بۇ ھەقتە ياردەم سوراپ جاۋاپقا ئىرىشتىم
ئەسلى يوللىغۇچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-7-26 00:24  
http://www.meripet.com/Academy/2009a7_zakat.htm دىن چۈشۈرىۋىلىڭ.


بۇ ئەسلى توردا باركەن، ئۇ ل ۋ فورماتىدا بولغاچقا تاپالمىغان ئىكەنمەن.

ئۇيغۇرئېدىت تىن پايدىلىنىپ ئۆرۈپ قويدۇم



بىر كۈنى ئۇسسۇلۇق ئېلىپ ئىچەي دەپ پاكولتېتنىڭ چايخانىسىغا كىرگەن ئىدىم، قارىسام مەن بىلەن بىرگەوقۇيدىغان بىر قانچە تۈرك ساۋاقدىشىم بىر ئۈستەلنىڭ چۆرىسىدە غۇژمەكلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرۇدىغان، 50 ياشلار چامىسىدىكى ئاق چاچلىق، كىلىشكەن بىر كىشى ئۇلارغا بىر نەرسە سۆزلەپ بىرىۋاتقان ئىكەن. ئىلاھىيەت پاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن پۇتۇمنىڭ ئۇچچىدا دەسسەپ يېنىغا باردىم، ئەمما بۇ تۈركلەر سالاملاشقاندا ھەممىسى دەرىجىدىن تاشقىرى قىزغىن. خەنزۇلارغا ئوخشاش باش لىڭشىتىپ، ياكى ئۇيغۇرلاردەك قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈپلا بولدى قىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈنى كۈرۈشكەندىمۇ قۇچاقلىشىپ، يۈزنى يۈزگە يېقىپ كۈرۈشىدۇ، خوشلاشقاندىمۇ قۇچاقلىشىپ سۈيۈشۈپ خوشلىشىدىغان گەپ. مەن كىلىپ بولغۇچە ساۋاقداشلىرىم ئىسمىمنى چاقىرىپ:
- قانداق ئەھۋالىڭ؟...- دەپ تىنچلىق سورىشىپ كەتتى ۋە مېنى بۇ ئاق چاچلىق، نۇر يۈزلۈك كىشىگە تونۇشتۇردى. بۇ كىشى:
- خوش كەلدىڭ قىزىم! قېنى ئولتۇر. دەرسىمىز تۆگىگەندە سەن بىلەن سۆھبەتلىشىمىز. - دەپ گېپىنى داۋام قىلدى. ئەسلى ئۇلار دەرس ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۈستەل ئۈستىدە ئىنگىلىزچە "ئىسلام شەرىئىتى" (Islamic Law) دىگەن كىتاب ئېچىغلىق ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچى بىر تەرەپتىن ئىنگىلىزچىسىنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئونى تۈركچە ئىزاھلاپ چۈشەندۈرەتتى. بۈگۈنكى تېما "ئىسلامدا توي" يەنى نىكاھ ھەققىدە بولۇپ، ئاياللارغا بىرىلىدىغان مەھىر (تويلۇق) توغرىسىدا دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلار ھەققىدە توختالدى.
ئامېرىكىدا ئۆزى نىكاھ ئوقىغان تويلارنى مىسالغا ئالدى، جانلىق، قىزىقارلىق سۆزلەيدىكەن. شۇنداق بىرىلىپ ئاڭلاۋاتسام،  - بۈگۈنكى دەرسىمىز تۈگىدى. ئەتە ئەتتىگەن ساەت 9:00 دا مۇشۇ يەردە كۆرۈشەيلى، ئاللاھقا ئامانەت! - دەپ كىتابنى ياپتى. ئاندىن مەن بىلەن سۆھبەتلىشىش نۆۋىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدىم.
بۇ يەردە سۆھبەتتە دىيىشكەن گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يېزىپ بۇلالمايمەن، چۈنكى ھازىر ۋاقتىم ئىنتايىن قىس. شۇڭا پەقەت بۇ كىشىنى تۇنۇشتۇراي.
بۇ نۇر يۈزلۈك كىشىنىڭ ئىسمى نۇرەددىن ئۇزۇنوغلى بولۇپ، بۇ يىل 69 ياشقا كىرىپتۇ. (تۇرقىغا قارىسىڭىز تېخى ئەمدىلا 50 ياشقا كىرگەندەك كۈرۈنىدۇ.) 40 يىل ئامېرىكىدا ياشاپتۇ. ئامېرىكىدىكى بىر ئۈنىۋېرسىتتا 30 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىكەن. كەسپى خەلقارا قانۇن بۇلۇپ، مۇشۇ كەسىپتە پرافسسور دوكتور بولغان ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلىقتىن سىرت ئىسلامىي دىنىي كىتاپلارنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىدىكەن، تېلېفوندا باشقىلارنىڭ دىن ھەققىدە ئېنگىلىزچە سورىغان سۇاللىرىغا جاۋاب بىرىدىكەن. خەلقارا مۇناسىۋەت ۋە قانۇنلار، شۇنداقلا ئىسلامىيەت ھەققىدە يازغان نۇرغۇن كىتاپلىرى بار ئىكەن. ھازىر پىنسىيەگە چىقىپ تۈركىيەگە قايتىپ كەپتۇ. ياپۇنىيەدىمۇ بىر ئۈنىۋېرسىتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقى، توكيودىكى ئۆيلەرنىڭ قىستا-قىستاڭلىقى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بەردى. بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ 11-ئايغىچە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ساەت 9:00دىن 12:00 گىچە ئىلاھىيەت پاكولتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلغان "قۇران تەپسىرى"، "ھەدىسلەردىن تاللانما"،  "پەيغەمبەرلەر تارىخى"، "ئىسلام شەرىئىتى" (فىقىھ) دىن دەرس بىرىدىكەن. چۈشتىن كىيىن ساەت 2:00دىن 5:00 كىچە ئوقۇتقۇچىلارغا دىنىي ئاتالغۇلار تەرجىمىسى ھەققىدە دەرس بىرىدىكەن، كەچتە سىرتتا باشقا كۇرسلاردا دەرس ئۆتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ھەركۈنى ئاز دىگەندە 8 ساەت دەرس بىرىدىكەن. مەن خېلى پۇل تېپىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ:
- بىر ساەت دەرس ئۆتسىڭىز قانچە پۇل؟ - دەپ سورىسام، - مەن ھەقسىز دەرس ئۆتىمەن، پۇل ئالمايمەن. - دىمەسمۇ. ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ :" كىتاۋىمنى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ، بىر بېتىگە مانچە دوللار پۇل بىرىمەن." دەپ تۇرىۋاتقان سىياسەتچىلەر، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ھەر خىل ئېقىمدىكى كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەسكەن. ئەمما بۇ كىشى: "مەن ئىسلامغا ئائىت بولغاندىن باشقىنى تەرجىمە قىلمايمەن." دەپ ھەممىسىنى رەت قىپتۇ. (مىنىڭ ئۇنىڭچىلىك بىلىمىم بولغان بولسا، ئەلۋەتتە پۇل تېپىش يولىنى تاللايتتىم.)
بۇ كەمتەر ۋە خوشچاخچاق كىشىگە قىزىقىپ قالدىم. پۇلىسى بەك كۆپ ئوخشايدۇ، شۇڭا پۇل ئالماي ھەقسىز دەرس ئۆتىدىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەتىسى دەرسكە مەنمۇ قاتناشتىم. ئەتتىگەندىن چۈشكىچە بىر ساەت "قۇران"، بىر ساەت "ھەدىس"، بىر ساەت "فىقىھ" دەرسى ئۆتتى. كىتاپ ئېنگىلىزچە، ئۇ ھەم ئېنگىلىزچە،، ھەم تۈركچە ئىزاھلاپ، ئەمىلىي مىساللار بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك 3 ساەت دەرس ئۆتۈپ بەردى. 69 ياشلىق بىر مۆيىسپىت كىشىنىڭ ئۆيىدە ھاردۇق ئېلىپ ئولتۇرماي، بۇ يەردە ھېرىپ-چارچاپ ھەقسىز دەرس ئۆتىۋاتقانلىقىغا قاراپ:
- غۇجام، بىر كۈندە 8 ساەت دەرس ئۆتسىڭىز ھېرىپ قالمامسىز؟ - دىسەم، كۈلۈمسىرەپ:
- مەن ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىۋاتىمەن. ئاللاھ ماڭا ئىلىم بەردى. قىيامەت كۈنى بۇنىڭ ھىساۋىنى چۇقۇم سورايدۇ. قانچە كۆپ كىشىگە ئۆگىتەلىسەم، (يەنى زاكاتنى قانچە كۆپ بەرسەم) شۇنچە ئاسان ھىساپ بىرىمەن. - دىمەسمۇ. بۇنى ئاڭلاپ شوك بولدۇم. ئىمام غەززالىينىڭ "ئىھيائى ئۇلۇمىددىن" ناملىق كىتاۋىدا نەقىل قىلىنغان بىر ھەدىس ئېسىمگە كەلدى. ئۇنىڭدا: "قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا قالىدىغان كىشى - ئىلىمىنى باشقىلارغا ئۆگەتمىگەن (ئىلىمىدىن باشقىلارنى پايدىلاندۇرمىغان) ئالىم." دىيىلگەن ئىدى. بۇ تۈرك ئالىمنىڭ غايىسىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم.  ئۇنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۆيى ئىلاھىيەت پاكولتېتىغا يېقىن يەردە بولۇپ، پاكولتېتتىكى بەزى قىزلار ھەركۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەرس ئۆگىنىدىكەن، تاماق ئېتىپ يەيدىكەن، ئايالى بىلەن مۇڭدىشىپ كىلىدىكەن، بىللە ئوقۇيدىغان قىزلاردىن ئايالىنىڭ مىھماندوستلۇقتا داڭقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مىنىمۇ ئۆيىگە تەكلىپ قىلغاچقا بىر كۈنى ئۆيىگە باردىم. خىيالىمدا تازا بىر ياسىداق ئۆيگە كىرەرمەن دەپ ئويلاپ، شۇ كۈنى پۇتۇمغا يىپ-يېڭى پايپاقلارنى كىيىۋالغان ئىدىم، نەدىكىنى؟! ئاستىغا ئۈرۈمچىدە دۆڭكۆۋرۈكتە بىر مېتىرىنى 7- 8 يۇەندىن ساتىدىغان سىدام يېشىل نىلوڭ گىلەم (رەخىت ياكى پالاس دىسەممۇ بولىدۇ) سېلىنغان، تۆت تېمىنىڭ ئىككىسى لىق كىتاپ تىزىلغان كىتاپ جاۋەنى، بىر تېمى دەرىزە (بىر تېمىدا ئەلۋەتتە ئىشىك بار)،
ئىنتايىن ئاددى-ساددا بىر ئۆيگە كىردىم.
ئىنتايىن ئاددى-ساددا بىر ئۆيگەكىردىم. ئەنقەرەدە مەن ئۆيىگە بارغان تۈركلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيلىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى. ئەمما بۇ ئۆي تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاددى-ساددا ئىدى. ئايالى خوشچاخچاق، مىھرى ئىسسىق بىر ئايال بولۇپ، (تەسۋىرلەشكە سۈپەت تاپالمىدىم) خۇددى يېقىن تۇققانلىرىمدىن بىرى بىلەن كۈرۈشكەندەك بولۇپ كەتتىم. سالام-ساەت، چايدىن كىيىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. يولدىشى (نۇرەددىن ئۇزۇنوغلى) ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ئامېرىكىدا ئىسلامغا ئائىت كىتاپلارنى ئوقۇش دولقۇنى ***ۈرۈلۈپتۇ. (يەنى، ئامېرىكىلىقلار: "مۇسۇلمان دىگەن زادى قانداق خەق؟ ئىسلام دىنى تېرورلۇقنى تەرغىپ قىلامدۇ-يوق؟ بىر بىلىپ باقايلى." دەپ
ئىسلامغا ئائىت كىتابلارنى بەس-بەستە سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ.) بۇ مەزگىلدە نۇرەددىن ئۇزۇنوغلى ئەرەپچىدىن ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلغان "قۇران" تەپسىرىنى كىتاب ساتقۇچىلار 150 دوللاردىن سېتىپتىكەن، بۇنى ئاڭلىغان نۇرەددىن ئۇزۇنوغلى: "ئاللاھنىڭ كالامىنى (مۇشۇنداق قىممەت)پۇلغا ساتسا قانداق بولغىنى؟" دەپ ئازاپلىنىپ نەچچە كۈن يىغلاپتۇ. ئۇ دىنىي كىتابلارنى ھەمىشە ھەقسىز تارقىتىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۈنىۋېرسىتتىن ئالغان پىنسىيە مااشىنىڭ ئاز بىرقىسمىنى ئائىلىسىنىڭ زۈرۈر ئىھتىياجى ئۈچۈن ئايرىپ، قالغىنىغا كىتاب باستۇرۇپ ، ھەقسىز تارقىتىدىكەن. ماڭىمۇ بىر قانچە كىتاب ھەدىيە قىلدى... كۆڭلۈمدە "ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىۋاتقان" بۇ ئالىمغا چىن يۈرەكتىن دۇا قىلغاچ خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم.
("ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش" ناملىق كىچىك تېما تۈگىدى.)
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
12576
تىللا
17595
شۆھرەت
23230

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-7-27 23:28:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1. Ilimning Zakitini Birish
  2. Kona yéziq menbesi: [url=http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=1700]http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=1700[/url]
  3. Bir küni ussuluq élip ichey dep pakoltétning chayxanisigha kirgen idim, qarisam men bilen birgeoquydighan bir qanche türk sawaqdishim bir üstelning chöriside ghujmekliship olturuptu. Yüzliridin nur yéghip turudighan, 50 yashlar chamisidiki aq chachliq, kilishken bir kishi ulargha bir nerse sözlep biriwatqan iken. Ilahiyet pakoltétining oqutquchisi bolsa kérek dep oylidim. Uning gépini bölüwetmeslik üchün putumning uchchida dessep yénigha bardim, emma bu türkler salamlashqanda hemmisi derijidin tashqiri qizghin. Xenzulargha oxshash bash lingshitip, yaki uyghurlardek qol éliship kürüshüpla boldi qilmaydu, belki her küni kürüshkendimu quchaqliship, yüzni yüzge yéqip kürüshidu, xoshlashqandimu quchaqliship süyüshüp xoshlishidighan gep. Men kilip bolghuche sawaqdashlirim ismimni chaqirip:
  4. - qandaq ehwaling?...- dep tinchliq soriship ketti we méni bu aq chachliq, nur yüzlük kishige tonushturdi. Bu kishi:
  5. - xosh kelding qizim! Qéni oltur. Dersimiz tögigende sen bilen söhbetlishimiz. - dep gépini dawam qildi. Esli ular ders oquwatqan iken. Üstel üstide in'gilizche "islam sheriiti" (islamik law) digen kitab échighliq idi. Bu oqutquchi bir tereptin in'gilizchisini oqup, bir tereptin oni türkche izahlap chüshendüretti. Bügünki téma "islamda toy" yeni nikah heqqide bolup, ayallargha birilidighan mehir (toyluq) toghrisida dinimizda belgilen'gen pirinsiplar heqqide toxtaldi.
  6. Amérikida özi nikah oqighan toylarni misalgha aldi, janliq, qiziqarliq sözleydiken. Shundaq birilip anglawatsam, - bügünki dersimiz tügidi. Ete ettigen saet 9:00 da mushu yerde körüsheyli, allahqa amanet! - dep kitabni yapti. Andin men bilen söhbetlishish nöwitining kelgenlikini bildim.
  7. Bu yerde söhbette diyishken gep-sözlerning hemmisini tepsiliy yézip bulalmaymen, chünki hazir waqtim intayin qis. Shunga peqet bu kishini tunushturay.
  8. Bu nur yüzlük kishining ismi nureddin uzunoghli bolup, bu yil 69 yashqa kiriptu. (turqigha qarisingiz téxi emdila 50 yashqa kirgendek kürünidu.) 40 yil amérikida yashaptu. Amérikidiki bir üniwérsitta 30 yil oqutquchiliq qilghan iken. Kespi xelqara qanun bulup, mushu kesipte prafssor doktor bolghan iken. Oqutquchiliqtin sirt islamiy diniy kitaplarni én'giliz tiligha terjime qilidiken, téléfonda bashqilarning din heqqide én'gilizche sorighan suallirigha jawab biridiken. Xelqara munasiwet we qanunlar, shundaqla islamiyet heqqide yazghan nurghun kitapliri bar iken. Hazir pinsiyege chiqip türkiyege qaytip keptu. Yapuniyedimu bir üniwérsitta oqutquchiliq qilghanliqi, tokyodiki öylerning qista-qistangliqi heqqide parang qilip berdi. Bu yil 7-aydin bashlap 11-ayghiche her küni ettigen saet 9:00din 12:00 giche ilahiyet pakoltétining oqughuchilirigha özi én'gilizchige terjime qilghan "quran tepsiri", "hedislerdin tallanma", "peyghemberler tarixi", "islam sheriiti" (fiqih) din ders biridiken. Chüshtin kiyin saet 2:00din 5:00 kiche oqutquchilargha diniy atalghular terjimisi heqqide ders biridiken, kechte sirtta bashqa kurslarda ders ötidiken. Shundaq qilip herküni az digende 8 saet ders biridiken. Men xéli pul tépiwatqan oxshaydu dep oylap:
  9. - bir saet ders ötsingiz qanche pul? - dep sorisam,
  10. - men heqsiz ders ötimen, pul almaymen. - dimesmu. Uni izdep kilip :" kitawimni én'gilizchige terjime qilip biring, bir bétige manche dollar pul birimen." dep turiwatqan siyasetchiler, iqtisadshunaslar we her xil éqimdiki kishilermu az emesken. Emma bu kishi: "men islamgha ait bolghandin bashqini terjime qilmaymen." dep hemmisini ret qiptu. (mining uningchilik bilimim bolghan bolsa, elwette pul tépish yolini tallayttim.)
  11. bu kemter we xoshchaxchaq kishige qiziqip qaldim. Pulisi bek köp oxshaydu, shunga pul almay heqsiz ders ötidiken dep oylidim. Etisi derske menmu qatnashtim. Ettigendin chüshkiche bir saet "quran", bir saet "hedis", bir saet "fiqih" dersi ötti. Kitap én'gilizche, u hem én'gilizche,, hem türkche izahlap, emiliy misallar bilen nahayiti köngüllük 3 saet ders ötüp berdi. 69 yashliq bir möyispit kishining öyide harduq élip olturmay, bu yerde hérip-charchap heqsiz ders ötiwatqanliqigha qarap:
  12. - ghujam, bir künde 8 saet ders ötsingiz hérip qalmamsiz? - disem, külümsirep:
  13. - men ilimning zakitini biriwatimen. Allah manga ilim berdi. Qiyamet küni buning hisawini chuqum soraydu. Qanche köp kishige ögitelisem, (yeni zakatni qanche köp bersem) shunche asan hisap birimen. - dimesmu. Buni anglap shok boldum. Imam ghezzaliyning "ihyai ulumiddin" namliq kitawida neqil qilin'ghan bir hedis ésimge keldi. Uningda: "qiyamet küni eng qattiq azapqa qalidighan kishi - ilimini bashqilargha ögetmigen (ilimidin bashqilarni paydilandurmighan) alim." diyilgen idi. Bu türk alimning ghayisini emdi chüshen'gendek boldum.
  14. Uning enqerediki öyi ilahiyet pakoltétigha yéqin yerde bolup, pakoltéttiki bezi qizlar herküni uning öyige bérip ders öginidiken, tamaq étip yeydiken, ayali bilen mungdiship kilidiken, bille oquydighan qizlardin ayalining mihmandostluqta dangqini anglighan idim. Minimu öyige teklip qilghachqa bir küni öyige bardim. Xiyalimda taza bir yasidaq öyge kirermen dep oylap, shu küni putumgha yip-yéngi paypaqlarni kiyiwalghan idim, nedikini?! Astigha ürümchide döngköwrükte bir métirini 7- 8 yuendin satidighan sidam yéshil nilong gilem (rexit yaki palas disemmu bolidu) sélin'ghan, töt témining ikkisi liq kitap tizilghan kitap jaweni, bir témi derize (bir témida elwette ishik bar), intayin addi-sadda bir öyge kirdim.
  15. Intayin addi-sadda bir öygekirdim. Enqerede men öyige barghan türklerning hemmisining öyliri nahayiti
  16. heshemetlik idi. Emma bu öy tesewwurumdikidin nechche hesse addi-sadda idi. Ayali xoshchaxchaq, mihri issiq bir ayal bolup, (teswirleshke süpet tapalmidim) xuddi yéqin tuqqanlirimdin biri bilen kürüshkendek bolup kettim.
  17. Salam-saet, chaydin kiyin paranggha chüshüp kettuq. Yoldishi (nureddin uzunoghli) heqqide parang qilip berdi. Uning diyishiche, 11-sintebir weqesidin kiyin amérikida islamgha ait kitaplarni oqush dolquni ***ürülüptu. (yeni, amérikiliqlar: "musulman digen zadi qandaq xeq? Islam dini térorluqni terghip qilamdu-yoq? Bir bilip baqayli." dep islamgha ait kitablarni bes-beste sétiwélip oqushqa bashlaptu.) bu mezgilde nureddin uzunoghli erepchidin én'gilizchige terjime qilghan "quran" tepsirini kitab satquchilar 150 dollardin sétiptiken, buni anglighan nureddin uzunoghli: "allahning kalamini (mushundaq qimmet)pulgha satsa qandaq bolghini?" dep azaplinip nechche kün yighlaptu. U diniy kitablarni hemishe heqsiz tarqitidiken. Amérikidiki üniwérsittin alghan pinsiye maashining az birqismini ailisining zürür ihtiyaji üchün ayrip, qalghinigha kitab basturup , heqsiz tarqitidiken. Mangimu bir qanche kitab hediye qildi... Könglümde "ilimning zakitini biriwatqan" bu alimgha chin yürektin dua qilghach xoshliship yénip chiqtim.
  18. ("ilimning zakitini birish" namliq kichik téma tügidi.)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

باھا سۆز

سەيياھ  ياخشى: 0   يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 05:25:42
kuresh  ياخشى: 0
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇزاتقا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتاقىلسۇن ،  يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 05:25:41
Shahdiyar  ئوبدان  يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 00:31:14
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
kuresh 实名认证 

مۇشاۋۇر

كۈرەش

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
730
تىللا
806
شۆھرەت
1619
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 05:25:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ  بۇزاتقا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتاقىلسۇن ،
kuresh 实名认证 

مۇشاۋۇر

كۈرەش

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
730
تىللا
806
شۆھرەت
1619
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 05:34:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تۈرۈكلەرنىڭ قۇچاقلىشىپ سالاملىشىش شەكلىنى بەك ياقتۇرىمەن  ، ئەمما بىزنىڭ بۇيەرلەردە ئۇنداق سالاملاشسا بەزى دوسلىرىمىز تېخى بۇدىگەن ئاياللارچە سالاملىشىش دەپ خاتا قاريدىكەن .

باھا سۆز

nurmamatjan  بىلمنىڭ زاكتىنى بەرگەندىلا ئاندىن دۇرۇس بولىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 11:28:59
WWW.UYS60.COM  ئۇيغۇر يانفۇن  ھەۋەسكارلىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

{:salam:} [color=darkslateblue]ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم[/color] {:salam:} بىلىم سەيناسىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۇق، كىلىڭ بىرلىكتە ئۆگۈنەيلى ھەم ئۆگۈتەيلى. {:salam:}{:salam:}قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى !{:hemkar:} [url=https://uyghur-archive.com/intil/home/thread-93-1-1.html][color=blue]ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىش[/color][/url]نى ئۇنتۇمايلى.

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-31 04:24 , Processed in 0.645977 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش