ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىتاليدە ئوقۇش پۇرسىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3068
تىللا
2735
شۆھرەت
5013

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 22:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گىئولوگىيە كەسپىدە ئىتاليدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى

2012-يىل 23-مارت



كامىرىنو ئۇنىۋىرستىتى (Università degli Studi di Camerino )   ئىتاليەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن  ئۇنىۋىرستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ  بولۇپ گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبىي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋىرستىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىندۇ. بۇ ئۇنۋىرسىتىت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كىلۋاتماقتا.

مۇناسىۋەتلىك پروفىسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋىرسىتىتنىڭ گئولوگىيە ۋە كومپيۇتىر كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بىرىلگەن بولۇپ بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۇچلۇك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ ھىساپلىندۇ.

ماگستر پروگراممىلىرىغا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇرلار:

گئولوگىيە كەسپىدىكى ماگستىرلىق پروگرامىسىنىڭ نامى Geo-Environmental Resources and Risks بولۇپ ئۇنىۋەرسىتىتنىڭ پەن-تىخنىكا مەكتىپى، گئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئىلىپ بىرىلدۇ. بۇ پروگرامما گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن ئۇنىۋىرسىتىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بىرىلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتا بىر يىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتىن ماگسترلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قىسقا مۇددەت ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋىرسىتىتلاردا ئوقۇپ كىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كورۇڭ:
http://www.unicam.it/geologia/unicam-lmu/unicam-lmu.htm
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قويۇلدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكچە:

1. چوقۇم كەسپى دەرسلەردە نەتىجىسى ياخشى بولغان بولىشى، تىرىشچان، جاپاغا چىدايدىغان،ئوقۇش مۇددىئاسى ئىنىق ھەم گەئولوگىيە كەسپىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بار بولغان بولىشى كىرەك.

2. گئولوگىيە كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم گئولوگىيە، موھىت ئىلمى،موھىت ئىنجىنىرلىقى دىگەن كەسىپلەردە ئوقۇغان ۋەياكى گىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مىنىرالوگىيە، پەترولىگىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن كەسىپتە ئالي مەكتەپ دىپلومى ئالغان بولىشى كىرەك. ئۇندىن باشقا ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە(ئىنورگانىك) قاتارلىق پەنلەردىن پۇختا ئاساسى بار بولىشى كىرەك.

3. ئىنگلىز تىلدىن ياخشى ئاساسى بولىشى كىرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەڭ توۋەن دىگەندە ئالي مەكتەپ ئنگىلىس تىلى ئىمتىھانلىرى(CET-4,6) دىن ياخشى نەتىجە ئالغان بولىشى شەرت.

ئەگەر سىز بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ كامىرىنو ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇپ قالسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پايدىلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز:

1. ئىقتىسادي جەھەتتىن كامىرىنو ئۇنىۋىرسىتىدا ھەر يىلى نەتىجىسى ياخشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلى بار ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى (Borsa di Studio) بار بولۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسى جەھەتتىن بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى بىر يىللىق (ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىلنى ئوز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەقسىز ياتاق، تاماقتىن سىرىت يەنە 1600 ياۋرو ئەتراپىدا مۇكاپات پۇلىنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ سىز بۇ مۇكاپات بىلەن ھىچقانچە قىينالماي ئوقۇيالايسىز. بۇ مۇكاپاتنى ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى(Grant for excellent students) دىگەن يەنە بىر مۇكاپات تۇرى بار بولۇپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن، ئەمما نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كامىرىنو كىچىك شەھەر بولۇپ تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن، شۇڭا تەتىل مەزگىلدىمۇ سىزگە كوپ ئىقتىسادى بىسىم بولمايدۇ.

2. ئىتالىيە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ مائارىپى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەم تەتقىقات شارائىتى ياخشى. سىز ئىككى يىللىق ماگسترلىقنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى تاپالايسىز.

3. ئىتالىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئاسان، ئەلچىخانىدا قويۇلدىغان تەلەپلەر يۇقىرى ئەمەس ھەم ئاساسى جەھەتتىن ۋىزا ئالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيە ياۋروپا ئىتپاقىغا ئەزا دولەت، بۇ سىزنىڭ كىيىنكى ئوقۇش ياكى تۇرمۇش پىلانلىرىڭىزغا پايدىلىق شارائىتلارنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن.

يۇقارقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كىلدىغان ھەم چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن ئالاقىلشىشنى ئۈمىد قىلمىز.

ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ماتىرىياللار:

ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV)، ئالي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئالي مەكتەپ ئۇنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى، ھەم نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىر پارچە ئىلتىماس خىتى (motivation letter)نى ئىنگلىزچە يىزىپ تۆۋەندىكى ئادرىسنىڭ خالىغان بىرىگە ئىۋەرتسە بولىدۇ:

marziya.mamat@yahoo.com

maierziyagu.maimaiti@unicam.it

بۇ ئوقۇش 10-ئايدا باشلىندىغان بولۇپ ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم 5-ئايدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپ بولىشى كىرەك. بۇ ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق سۇئاللار بولسا خەت يازسىڭىز بولىدۇ.



--------------------------------------------------------------------------------

Jeck ئەسكەرتىشى: ئۇچۇردا ئىزاھلانمىغان يەرلەر بولسا ئالاقە ئادېرسى ئارقىلىق بىۋاستە شۇ ئىشقا ياردەم قىلىۋاتقانلار بىلەن ئالاقە قىلىڭ. ئەگەر ھەممە ئادەم بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك سۇئاللار بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز مەن يەتكۈزۇپ قويىمەن.

مەنبە: جېك بلوگى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-5-1 08:55 , Processed in 1.208636 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش