ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 4

ئېكران ئۇچۇرلىرى ئوڭ سولغا پىلدىرلايدۇ،سەۋەبى نېمە،ئامالى بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

arwah 实名认证 

ھەمكار

ۋولقان

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1001
تىللا
1497
شۆھرەت
2126

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا پىداكار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 21:44:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىكى ئىشلىتىۋاتقان سەپلىمە كومپىيۇتىرىمنىڭ تاكى ئاساسى تاختىسىدىن تارتىپ قاتتىق دېسكىسى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچىسىغىچە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ ئاپىراتنى ساندۇقى بىلەنلا تاشلىۋىتىپ ئامالسىز كونا پاسوندىكى بولسىمۇ باشقا ئاساسى ئاپىراتنى ئىشلىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇرى بولدۇم.بۇ ئاساسى ئاپىرات پەقەت كۈزىتىش ئۈسكۈنىسىگە ئۇلىنىپ 2يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەن،كۈزىتىش ئاپىراتى رولىدىن باشقا ئىشقا ئاساسى جەھەتتىن ئىشلىتىلمىگەن.بۇ ئاپىراتنى ئېكرانغا ئۇلىغاندىن كېيىن بۇرۇن شۇنداق سۈزۈك ۋە مۇقىم ئىشلەيدىغان 19 سۇڭلۇق سۇيۇق كىرىستال ئېكراندا خۇددى نېمە دەپ تەسۋىرلەي ئەمدى،ئىشقىلىپ دىيەلمىدىم،سۇ يۈزىدە مەيىن شامال چىقسا سۇ بىر خىل دولقۇنلىغانغا ئوخشاش لىپىر-لىپىر،پىلدىر-پىلدىر قىلىدىغان ئالامەت باركەن.ئېكراندىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئوڭ-سولغا بىرخىل يىنىك تەۋرىنىدۇ،يېڭى قارىغاندا ئانچە بىلىنمەيدۇ،ئەمما بىر قانچە مېنۇت قاراپ مەشخۇلات قىلسىڭىز كۆزنى ئاغرىتىدۇ،قانچە يېقىن قارىسىڭىز مەسىلە شۇنچە رۆشەن كۆرۈنىدۇ،يەنە داۋاملىق بىرەر سائەت مەشخۇلات قىلسىڭىز باشنى بىرخىل قايدۇرغاندەك،كۆزنى چارچىتىپ ئاغرىتقاندەك ئېنىق سېزىم پەيدا بولىدۇ... ئەمما تۇرۇپ-تۇرۇپ بىرقانچە مېنۇت  ئوڭشىلىپ قالىدۇ-يۇ بىردەمدىن كېيىن يەنە ئاتام ئېيتقان بايىقى...
قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئېكرانLG ماركىلىق سۇيۇق كىرىستاللىق 19 سۇڭ ئېكران،ئېنىقلىقى 50000:1
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ Intel(R) Celeron(R) CPU 2.80GHz
كۆرسىتىش كارتىسى ئاساسى تاختىغا توپلاشتۇرۇلغان 128 مېگابايتلىق ساقلىغۇچىسى بار كۆرسىتىش كارتىسى،ئۇچۇرى:  intel(R)82945G
قاتتىق دېسكا يېڭىدىن سەپلەنگەن سەنشىڭ ماركىلىق 500G لىق قاتتىق دېسكا
ئىچكى ساقلىغۇچىسى كونا پاسوندىكى 512مېگابايتلىقتىن ئىككى دانە ئىچكى ساقلىغۇچ.
ئىشلەتكەن سېستىما XP  (قايسىلا ماركىدىكى گوسىت سېستىمىلارنى قاچىلاي ئۈنۈم ھەممىسىدە ئوخشاش).
ئېكراننى ئاساسى ئاپىراتقا ئۇلايدىغان ئۇچۇر سىمى ئېكراننىڭ بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەسلى ئۇچۇر سىمى(بۇنى نەچچە ئون قېتىم چىقىرىپ قايتا-قايتا ئۇلاپ باقتىم)
بۇ خىل ئەھۋالغا بۇرۇن زادىلا ئۇچراپ باقماپتىكەنمەن،بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇرچە تور دۇنياسىدىن بىرەر سائەت ماتېرىيال ئىزدىگەن بولساممۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب يوق،شۇڭا يەنىلا كومپىيۇتىر ئۇستىلىرى توپلاشقان ئىنتىل سەيناسىغا مۇراجىئەت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.ھېلىمۇ ئۈچ كۈندىن بۇيان كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرسام كۆزۈم سەل ئېچىشىدىغان بولۇپ قالدى،موشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ھازىرمۇ تاقاۋاتقان كۆز ئەينىكىم نەچچە ھەسسە قېلىنلاپ كېتىدىغان چىراي
بولسا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى ياكى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىدىغان ئۇستاملارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 21:49  

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
229
تىللا
959
شۆھرەت
583

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 23:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئېكراندا مەسلە بولمىسا ، مەنبەدە بۇلۇشى مۇمكىن . مەنبەنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بىقىڭ .  .

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
arwah  ياخشى: 5
رەھمەت سىزگە  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 17:51:46
دۇنيا ساڭا باقمىسا ،   سەن دۇنياغا باق.
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
3006
تىللا
3019
شۆھرەت
5580

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 23:37:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېكراننى يۆتكەپ بېقىڭ . يەنىلا شۇنداق بولسا ئانا تاختىدىكى توپلاشتۇرۇلغان سىنكارتا ئەتراپىدىكى كوندىستاتورلارغا قاراپ بېقىڭ .كۆپۈشۈپ قالغانلىرى بارمۇ يوق .بولسا يۆتكىۋېتىڭ .نەچچە يۈئەنلىك نەرسە ئۇ .بۇنىڭدىمۇ ئوڭشالمىسا بىر سىنكارتا سەپلەڭ . ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىشتىن (كۈزىتىش ئۈسكۈنىسىگە ) سىنكارتىنىڭ  قاتتىق دىتال قىسمى  بۇزۇلۇپتۇ .سىزگە ئامەت تىلەيمەن !!!!

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
arwah  ياخشى: 5
رەھمەت سىزگە!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 17:52:03
ياخشىمۇ سىلەر قېرىنداشلار!!!
arwah 实名认证 

ھەمكار

ۋولقان

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1001
تىللا
1497
شۆھرەت
2126

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا پىداكار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 17:52:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-26 23:37
ئېكراننى يۆتكەپ بېقىڭ . يەنىلا شۇنداق بولسا ئانا تاختى ...

رەھمەت سىزگە،دىگىنىڭىز بويىچە بىر سىناپ باقاي

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
420
تىللا
610
شۆھرەت
915
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 09:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىكرانىڭىز سۇيۇق يۇق كىرىستاللىق بولسا ئىكراننىڭ ئۆچۈرۈش كونۇپكىىنىڭ يىنىداauto-setDدەيدىغان كونۇپكا بار،شۇنى باسسىڭىز ئۇزى تەڭشەيدۇ.بۇرۇن مەنمۇ كۆرسىتىش كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندا ئىكراندىكى خەتلەر توختىماي تىتىرگەندەك بىلىنەتتى،بىردەمدىلا كۆزنى ئاغرىتىپ قۇياتتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-18 16:55 , Processed in 0.208386 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش