ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 878|ئىنكاس: 17

تەۋسىيە: ئۇبۇنتۇ ھەققىدە بىرقانچە ساۋات ۋە سىندەرس     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 12:56:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇبۇنتۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ئۇندىن باشقا بۇنىڭدىكى openoffice مۇ ئۇيغۇرچە بولۇپ بولدى دەڭلار. ئۆزى ھەقسىز، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بۇنداق سىستېمىنى ھېچ بولمىسا بىر سىناپ باقمىساق ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ.

قۇتبەگنىڭ تۆۋەندىكى بىلىم- ساۋاتلىرىغا نەزەر سېلىڭ

ئوبۇنتۇ سېستىمىسى ھەققىدە چۈشەنچە

مەن ئوبۇنتۇ مەشغۇلات سېتىمىسنى بىلەن تۇنۇشقىلى 2 يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ئۇنى قاندق ئىشلىتىش جەھەتتىن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىردىم ھەم توردىن ماتىرىيال كۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەسسلىلەرنى ئۈۈم ھەل قىلدىم .بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى ،بىلىك تورى ، ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەميىتى تور بەتلىردىن  نۇرغۇنلىغان ياخشى يازمىلارنى كۈرۈپ بەزى مەسسلىلەرنى ھەل قىلدىم .

تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق بىز ئۇيغۇرلاردا تور بەتلەر شۇنداق كۆپ .كونىلارنىڭ گىپى بۇيچە بولغاندا تور بەتلەر ساماندەك لىكىن كىشلەرگە پايدىلىق بولغان مەلۇم ساھە ۋە تۈرلەرنى ئۈزگە نىشان قىلغان تور بەتلەر بولسا بارماق بىلەن سانغۇچىلىكلار چىقىدۇ.

بۇ بەلكىم بىزلەرنىڭ ئۇيۇن تاماشىغا ئامراق ئىكەنلىكىمز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. مېىنڭچە شۇنداق بولغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بۇلۇشى مومكىن .چۈنكى شۇنداق بولغاندا ئاندىن كىشلەر ئاستا -ئاستا دۇنياغا بولغان قارشى ئۆزكىرىپ ئۆزنىڭ مىڭۋاتقان يولغا ۋە ماڭماقچى بولغان يولىغا قاراپ چىقىشقا مۇۋەپەق بۇلىدۇ.

مەن بەزى توپ ۋە تور بەتلەردە ئوبۇنتۇ توغۇرلۇق تەشۋىقات قىلسام بەزىلەر سەن ئوبۇنتۇغا شۇنچە ئامراقمۇ ئۇنىڭ زدى نېمىسى ياخشى دەپ نۇرغۇن سۇئاللارنى قويدى .بەزلەر ھەتتا مىنى مازاق قىلغانمۇ بولدى. لىكىن مەن ئۇلاردىن قىلچىلىك خاپا بولمىدىم .چۈنكى ئۇلار ئوبۇنتۇنىڭ ھەقىقى نىملىكىنى بىلگەن بولسا ئىدى بۇنداق دىمەسلىك مومكىن ئىدى.

ئوبۇنتۇنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىپ قالغان يىرى ئۇنىڭ ھەقسىز ،ئۇچۇق كودلۇق سېستىما بولغانلىقىدا (يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ھالال كشىنڭ ھەققى ئارلاشمىغان نەرسە.بۇنداق دىسەم بەزىلەر ۋىندوس ۋە ئىكىس پىنىمۇ شۇنداق ھەقسىز ئىشلىتىمىزغۇ دەيدۇ .لىكىن ئۇنىڭ ھەقلىق تارقىلدىغان كىشنىڭ ھەققى سىڭگەن نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ .ئەملىيەتتە مەيلى ئالما ياكى ۋىندوس سېستىملارنىڭ ھەممىسى ھەقىلىق .)ئۇنىڭدىن باشقا ئوبۇنتۇ سېستمىسى ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىزنى شۇنداق ياخشى قوللايدۇكى بۇنى كۈرۈپ ھەيران قالسىز.ماڭا ئەڭ بەك يارغان يېرى دەل مۇشۇ ئانا يىل يىزىقىمىزغا بولغان چەكلىمىسزلىكى.ئۇنداقتا ئوبۇنتۇ دېگەن زادى نېمە ؟بۇ توغۇرلۇق ئازراق چۈشەنچە بىرۋىتەي.

ئوبۇنتۇ دېگەن نېمە؟

ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ GNU/Linux ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺯﯗﻟﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﯞﺳﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‹ubuntu› ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‹ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ›، ‹ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯘﻡ›. ﺋﯘ  ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ“ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.  Ubuntuﺑﻮﻟﺴﺎ Debian ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯞﻩ GNOME ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، Debian ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﮬﻪﺭ 6 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ.  ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ 18 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. LST ئۈچ يىللىق تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: Ubuntu 8.04 LTS  ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯧﺘﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. Ubuntu ﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ، ﮬﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ. Ubuntu ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. KUbuntu ﯞﻩ XUbuntu ﺑﻮﻟﺴﺎ Ubuntu ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ KDE ﯞﻩ Xfce ﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ KDE ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰKUbuntu ﻧﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ Xfce ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ XUbuntuﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ GNOME ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. EdUbuntuﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ.  ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ Unicode ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.(يۇقارقى مەزمۇنلار ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگدىن ئىلىندى).

ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى كۈرۈپ باقايلى.

بۇ سېستىما چوڭ ھالەتتىكى كۈرنۈشى

بۇ سېستىما تەڭشىكى رايۇنى

بۇ سېستىمىنىڭ يىڭلانغان ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاۋاتقاندىكى كۈرۈنۈشى

بۇ سېستىمنىڭ ھەرقايسى دىسكا رايۇنىنىڭ كۈرۈنۈشى

بۇ سېستىمىغا قاچىلانغان دېتاللار تىزىملىك رايۇنى

بۇ ئوفىس يومشاق دېتالى

بۇ ئوبۇنتۇ ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئوبۇنتۇدىكى 5 جىلىق ھەقسىز بوشلۇق كىرىش ئېغىزى


ئاخىرىدا ئوبۇنتۇ سېستىمىسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن توختىماي تەر تۈكۈۋاتقان مىللەت سۈيەر ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرگە ئالى ئىھتىرام بىلدۇرىمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن.جاپا چەكتىڭلار.خەلقىمىز سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خالسانە ئەمگىكىڭلارنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ.


يازما ئەسلى مەنبەسى :قۇتبەگ بىلوگى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 12:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىلوگدا ۋە بىلوگىمىز  چ چ توپىدا ئوبۇنتۇ سېستىمىسنى قەيەردىن چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى جەھەتتىن سورالغان سوئاللار بەكمۇ كۈپىيىپ كەتتى .شۇنىڭغا قارىغاندا ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ بىقىشقا قىزقىدىغانلا خىلى كۈپەيگەندەك .شۇڭا بۈگۈن مەن ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى جەھەتتىن بىر تىما يوللاشنى ئويلاشقان ئىدىم .لىكىن بۇنداق تىما ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگىدا يېزىلىپ بولغاچقا مەن يەنە قايتا يېزىپ ئولتۇرۇشنى لايىق تاپمىدىم .شۇڭا شۇ بىلوگدىكى يازما ئۇلىنىشنى بۇ يەردە ئۇلىنىش قىلىپ قويماقچىمەن. ئەگەر ئاشۇ تىمىلارنىمۇ كۈرۈپ يەنە قاچىليالمىغان تورداشلار  بىلوگىمدا ياكى   بىلوگ  چ چ  توپدا ئىنكاس قىلسا ھەر ۋاقىت ئوبۇنتۇ سېتىمىسىنى قاچىلاش ئۈچۈن ياردەمدە بۇلىمەن.
چۈشۈرۈش ئورنى:
http://www.ubuntu.com.cn
http://www.ubuntu.com
يۇقارقى تور بەتلەرگە(بىرسى ئىنگىلىزچە ،يانا بىر خەنچە) كىرىپ تۈۋەندكى رەسىمنى چەككەندىن كېيىن




تۈۋەندىكى رەسىمدىكى بەلگە قۇيۇلغان ubuntu دىگەن خەتنى چەكسىڭز







ھەقىقى چۈشۈرش ئورنى چىقىدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:




بۇ يەردىن ئۈزىڭز خالغان نۇسىخىدىكى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭز بۇلىدۇ.يەنى بۇ يەردە 32 بىتلىق ۋە 64 بىتىلىق دە ئايرلىغان ئۇندىن باشقا ئوبۇنتۇ 10.04 نىڭمۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمنىلەنگەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبۇنتۇ ھەققىدە

ئوبۇنتۇ 11.10 نى تۇنۇشتۇرۇش

ئوبۇنتۇ 11.10 نى قاچىلغانىدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىمىز

ئوبۇنتۇدا 3D ئۈنۈملەر

ئوبۇنتۇ سېستىمىسدا ئاندىرويىت ئىشلىتىش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش

بۇ يازما ئارقىللىق مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇشنىلا ئەمەس مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلىۋالالايسىز.

يېقىندا Ubuntu, OpenOffice, Firefox قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى تەرجىمە قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سىناپ پىكىر بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ خىزمەتكە ئاساسەن ئاۋاز قوشىدىغانلار چىقمىدى. ئاساسلىق سەۋەبلەر بەلكىم Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشتە كۆپچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن.

مەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جەريانلارنىڭ رەسىملىك، تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈش ماتىرياللىرىنى تەييارلاپ چىقتىم. بۇ ماتىريال تۆۋەندىكى 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان:

[1] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش يۇمشاق دېتالى Oracle VM VirtualBox نى قاچىلاش


[2] Oracle VM VirtualBox يۇمشاق دېتالى بىلەن مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش


[3] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىغا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش


مەۋھۇم كومپيۇتېر بولسا، سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان نۆۋەتتىكى ھەقىقى، فىزىكىلىق (كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان) كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان (بىر قانچە) كومپيۇتېر بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرلارنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ. يەنى بۇلار ھەقىقى كومپيۇتېرلار ئەمەس. لېكىن بۇلارنى ھەقىقى كومپيۇتېرلارنى ئىشلەتكەندەك ئىشلەتكىلى، جۈملىدىن، توكىنى ئۇلاش، قوزغىتىش، قاتتىق دىسكىسىنى فورماتلاش، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش، ئۆچۈرۈش... قاتارلىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تەرىپى ھەقىقى كومپيۇتېرلاردىن ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ.


مەۋھۇم كومپيۇتېر سىزنىڭ ھەقىقى كومپيۇتېرىڭىزدا ئىجرا بولىۋاتقان يۇمشاق دېتال شەكلىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، خۇددى باشقا يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتمىگەندە، ئۇلارنى تاقىۋەتكەنگە ئوخشاش، ھاجىتىڭىز چۈشمىگەندە، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرلارنى تاقاپ قويغىلى، ھاجىتىڭىز چۈشكەندە ئاندىن قوزغىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

مەۋھۇم كومپيۇتېر پەقەت سىزنىڭ فىزىكىلىق كومپيۇتېرىڭىزنىڭ مەلۇم قاتتىق دىسكا بوشلۇقى ۋە باشقا CPU ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ بايلىقىنى ئىشلەتكەندىن باشقا، فىزىكىلىق كومپيۇتېرىڭىزغا باشقا تەسىرى بولمايدۇ. ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتاللار ۋە باشقا ھۆججەتلەر قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

خۇددى بەزى ھاجىتىڭىز چۈشمىگەن يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرىڭىزدىن سۆكۈۋەتكەندەك، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرلارنىمۇ ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزدىن سۆكۈپ تاشلىۋېتىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەسلى كومپيۇتېرىڭىز بولسا مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇشتىن ئاۋالقى ھالىتىگە تولۇق قايتىدۇ.

كومپيۇتېرىڭىزدا، قانچە دانە مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرغىلى بولىدىغانلىقى ۋە مەۋھۇم كومپيۇتېر ئىجرا بولۇۋاتقاندا، ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قانچىلىك ئاستىلايدىغانلىقى (چۈنكى مەۋھۇم كومپيۇتېر ھەقىقى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بەزى بايلىقلىرىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا سەل ئاستىلاش بولىدۇ) بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئەسلى فىزىكىلىق كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنىڭ سەۋىيەسىگە باغلىق بولۇپ، ئەسلى CPU قانچە تېز، ئەسلى ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز قانچە چوڭ بولسا، بۇ تەسىرمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ.


مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ بىز ئۈچۈن ئەڭ زور پايدىلىق تەرىپى، يېڭىدىن بىر سىناق كومپيۇتېر سۇپىسى ھاسىل قىلىپ، بۇ سۇپىدا يېڭى نەرسىلەرنى سىناپ كۆرۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتۇر.


مەسىلەن، سىز Windows XP ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، Windows Vista, Windows 7, Ubuntu قاتارلىق باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، مۇنداق ئىشلار بېشىڭىزغا كېلىشى مۇمكىن:

[1] ناۋادا سىزنىڭ بىردىن ئارتۇق قاتتىق دىسكىڭىز بار بولسا، بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى بۇ ئارتۇق قاتتىق دىسكىغا قاچىلاپ، سىناپ بېقىش.

بۇ گەرچە بولىدىغان چارە بولسىمۇ، بۇ ئارتۇق قاتتىق دىسكىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش، فورماتلاش، ۋە كومپيۇتېرغا چېتىش ۋە ئۈزۈش جەريانىدا ئەسلى كومپيۇتېرنىڭ ساندۇقىنى ئېچىپ، قاتتىق دىسكا سىملىرىنى ئۈزۈش ۋە ئۇلاش مەشغۇلاتلىرى … ۋە سىناقتىن كېيىن، بۇرۇنقى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە يۇقۇردىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قەدەملەرنى بېسىش... بۇ جەرياندا ئاۋارىچىلىقمۇ ئاز ئەمەس، بىرەر مەشغۇلاتنى خاتا قىلسىڭىز، قىممەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىھۇدە، ئارتۇق، تەكرار مەشغۇلاتلار كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالىدۇ.

[2] ناۋادا بىرلا قاتتىق دىسكىڭىز بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىنىماقچى بولغان يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەسلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۈستىگە ياكى پاراللىل قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۈستىگە قاچىلىسىڭىز ئەسلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىڭىز يوق بولىدۇ. پاراللىل قاچىلىسىڭىز، قوش سىستېما بولۇپ شەكىللىنىپ، كېيىن، قوشۇلغان سىناق مەشغۇلات سىستېمىڭىزنى ئۆچۈرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇرۇنقى سىستېمىڭىزنىڭ قوزغىلىشى ھالىتى تەسىرگە ئۇچراپ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن. بۇ جەرياندىمۇ، بۇرۇنقى ئۇچۇرلارنىڭ دىققەتسىزلىكتىن يوقاپ كېتىشى (تەساددىپى ئۇقۇشماي خاتا مەشغۇلات قىلىش سەۋەبىدىن، ئۇچۇرلارنىڭ يوقىتىۋېتىش) مۇمكىن. نىمىلا دېمىگەن بىلەن يۇقۇردىكى 2 ئۇسۇلنىڭ ئاۋارىچىلىقى ئاز ئەمەس.


يۇقۇردىكىلەرگە قارىغاندا، ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزغا مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇپ، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا سىنىماقچى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ سىناپ كۆرسىڭىز، ئەسلى كومپيۇتېرىڭىز، ئۇنىڭ ئەسلى مەشغۇلات سىستېمىسى، ئەسلىدىكى ئۇچۇرلار قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ساندۇقىنى ئاچمايسىز، بىرەر تال سىمنىمۇ ئۇياق-بۇياققا قىلمايسىز، ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قاتتىق دىسكىنى فورماتلاش... ۋاھاكازا ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلمايسىز. مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىنى ئىشلەتمىسىڭىز ياكى ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىز پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى ھالىتى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ.


شۇڭا بۇ تەرەپلىرىنى ئويلاشقاندا، مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى بەكمۇ قولايلىق.

ناۋادا بۇرۇن سىز يېڭى مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى كۆپ قاچىلاپ باققان بولسىڭىزمۇ، مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىز، دەرھال بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېر ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. ئىشىنىمەنكى، مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىنى سىناپ بېقىپ، ئىشلىتىپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى قىلغان مەشغۇلاتلىرىڭىزغا، بىھۇدە ئىسراپ بولغان قىممەتلىك ۋاقىتلىرىڭىزغا ئاھ ئۇرۇپ قېلىشىڭىز چوقۇم.

[1] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش يۇمشاق دېتالى Oracle VM VirtualBox نى قاچىلاش


مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ نامى چىققانلىرىدىن Microsoft Virtual PC, VM Ware ۋە Oracle VM VirtualBox قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ يەردە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى، ئىشلىتىشكە ئەڭ قولايلىقلىغى ۋە ھەقسىزىدۇر.


ئاۋال، بۇ ئادرېس


http://www.virtualbox.org/wiki/Downloads


قا بېرىپ، VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى كومپيۇتېرىمىزغا چۈشىرىمىز.


بۇ ئادرېستا VirtualBox نىڭ بىر قانچە ۋارىيانتى بار بولۇپ، ئاساسلىقى، سىز ئىشلىتىۋاتقان نۆۋەتتىكى مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. كۆپىنچىلىرىمىز يەنىلا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا، بۇ يەردىكى 1-ئۇلانما


VirtualBox 3.2.6 for Windows hosts x86/amd64


نى چېكىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.


تۆۋەندىكى رەسىم بولسا، Windows XP سىستېمىسىدا يۇقۇردىكى يۇمشاق دېتالنى «مېنىڭ ھۆججەتلىرىم» ناملىق ھۆججەت قىسقۇچقا چۈشۈرۈپ بولغاندىكى ئەھۋال (مەندىكى ئىنگىلىزچە Windows XP بولغاچقا، ئۇچۇرلار ئىنگىلىزچە بولۇپ قالدى، كەچۈرسىزلەر. لېكىن بۇنىڭ چوڭ تەسىرى يوق):



چۈشۈپ بولغان ھۆججەتنى چاشقان بىلەن قوش چەكسىڭىز، بۇ يۇمشاق دېتال كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىنىشقا باشلايدۇ:

قاچىلاش يېتەكچىسى. بۇ ۋاقىتتا «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىىسىنى چېكىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ:

بۇ كېلىشىمنامە بېتى بولۇپ، كېلىشىمنامىنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، «كېيىنكى قەدەم» گە ئۆتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا كېلىشىمنامىنى قوبۇل قىلىڭ:

كېلىشىمنامىگە قوشۇلۇلغاندىن كېيىن، يورۇغان «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ

بۇ ئېكراندا، ھىچ يەرگە چېقىلماي، پەقەت «كېيىنكى قەدەم» نى باسسىڭىزلا بولىدۇ:

بۇ ۋاقىتتا، شىرە يۈزى ۋە تېز تاياقچىسىغا VirtualBox سىن بەلگىسىنى قوشۇشنى سورايدۇ. ئۆزىڭىز خالىغانچە تاللاپ، «كېيىنكى قەدەم» نى بېسىڭ:

بۇ يەرگە كەلگەندە، قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يۇمشاق دېتال كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تور مۇھىتىنى قىسقا دەقىقە ئۈزۈپ، قايتا ئۇلاشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە بۇ ھەقتە سىزدىن ئىجازەت سورايدۇ. «ھەە» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. (دىققەت: سىز بۇ قاچىلاش جەريانىدا توردىن بىر نەرسە چۈشۈرىۋاتقان بولسىڭىز، تور مۇھىتى دەقىقە ئۈزۈلۈپ، قايتا ئۇلانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى چۈشۈرۈش يەنە داۋام قىلالماسلىقى مۇمكىن. مەن بۇ يېرىنى سىناپ باقمىغان. شۇڭا توردا ئۈزۈلۈپ كەتسە بولمايدىغان زۆرۈر مەشغۇلات قىلىۋاتمىغان شارائىتتا ئاندىن بۇ دېتالنى قاچىلاڭ.)

«قاچىلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ:



.قاچىلىنىۋاتىدۇ. بىر ئاز ساقلاڭ... (پەقەت بىرەر مىنۇت كېتىشى مۇمكىن):



قاچىلاش تاماملاندى. VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى ھازىرلا قوزغىتىپ ئىشلىتەمسىز؟ باشقا ھىچقانداق يېرىگە تەگمەي، «تاماملا» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ:



بۇ ۋاقىتتا، قاچىلاش پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، بۇ يۇمشاق دېتال قوزغىلىدۇ. بۇ قوزغالغاندىكى ئېكران كۆرۈنۈشى. مۇشۇ كۆرۈنۈش چىقسا، مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلىغان بولىسىز.



بۇ ۋاقىتتا [X] كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.


[2] Oracle VM VirtualBox يۇمشاق دېتالى بىلەن مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش


ئالدىنقى باسقۇچتا VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئىدۇق. بۇ 2-باسقۇچتىكى قەدەملەرنى بېسىشتىن ئاۋال، بۇ قاچىلىغان يۇمشاق دېتالنى قوزغىتىمىز.

خۇددى باشقا ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللارنى قوزغاتقاندەك قوزغاتساق بولىدۇ. قوزغىتىش ئۈچۈن، «باشلاش» --> «پروگرامما ھۆججەتلىرى» --> Oracle ... VirtualBox نى چەكسىڭىز بولىدۇ.

دەسلەپتە بۇ دېتال قوزغالغاندىكى ئېكران كۆرۈنۈشى (دىققەت، بۇ رەسىم ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدىكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ۋىندوۋز مۇھىتىدىكى كۆرۈنۈشىدىن سەل-پەل پەرقلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئاساسىي قىسىملىرى ئوخشاش):



بۇنىڭدىن قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويغان «يېڭى (دىن قۇرىمەن)» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش باسقۇچلىرىنى باشلاڭ.


بۇ چىققان كۆزنەكتىن «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ:



بۇ ۋاقىتتا، بۇ كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ مۇھىم كۆزنەك بولۇپ، 1-كاتەككە سىز قۇرماقچى بولغان مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئىسىم قويىسىز (كۇنۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزۈسىز). 2-كاتەكتە بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا قاچىلىماقچى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تۈرىنى تاللايسىز. 3-كاتەكتە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كونكىرىت تىپىنى تاللايسىز.


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا خالىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش مۇمكىن.



بۇ يەردە، 1-كاتەككە مەن mk1 دەپ (مەۋھۇم كومپيۇتېر 1) ئىسىم قويدۇم (كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئىسىمنى ئۇرۇپ كىرگۈزىمىز). 2-كاتەكتە مەشغۇلات سىستېمىسى تۈرىگە لىنۇكس دەپ تاللىدىم، 3-كاتەكتە، ئۇبۇنتۇ دەپ كونكىرىت تىپىنى تاللاپ، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باستىم:



بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:



بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:



بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:



بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:



بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:



بۇ كۆزنەكتە، «تاماملا» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:



مەۋھۇم كومپيۇتېرنى قۇرۇش باسقۇچلىرى ئاساسەن تاماملاندى. بۇ يەردە «تاماملا» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:



بۇ ئاخىرقى مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى نەتىجە بولۇپ، بۇ يەردە سىز قۇرغان مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى ۋە بەزى پارامېتىرلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى mk1 بولۇپ، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مۇشۇ يەردە سىز [X] كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى تاقىسىڭىز بولىدۇ.



شۇنىڭ بىلەن 2-باسقۇچلۇق مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش جەريانى ئاخىرلاشتى.


[3] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىغا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش


ئاۋال توردىن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلاشقا بولىدىغان CD تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.

http://www.ubuntu.com


تور بېتىگە بېرىپ، شۇ تور بېتىدىكى، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن «ئۇبۇنتۇنى چۈشۈر» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ:



كېيىنكى چىققان بۇ بەتتىن، «چۈشۈرۈشنى باشلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چۈشۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ:



بۇ ۋاقىتتا


ubuntu-10.04-desktop-i386.iso


ناملىق بىر ISO ھۆججىتى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ سىغىمى 700MB ئەتراپىدا (بىر CD نىڭ سىغىمى) بولۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، چۈشۈرۈشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.


بۇ ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشرى 10.04 بولۇپ (2010-يىلى 04-ئايدا تارقىتىلغان دىگەن گەپ)، بۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرلىرىغا ماس كېلىدىغان نەشرىدۇر. ناۋادا سىزنىڭ خاتىرە كومپيۇتېر بولسىمۇ ۋەياكى CPU رىڭىز 64 بىتلىق بولسىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەي مۇشۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.


يۇقۇردىكى ھۆججەتنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چۈشكەن ئورنىنى ئېسىڭىزدە ساقلاپ، تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىڭ:


(1) VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى قوزغىتىڭ.

(2) سىز ئالدىنقى باسقۇچتا قۇرغان مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىسمىنى چېكىپ، ئۇنى تاللاپ، ئاندىن، ئىسىم ئۈستىدىكى Start (باشلا) سىن بەلگىسىنى چېكىڭ:



شۇنىڭ بىلەن بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېر قوزغىلىشقا باشلايدۇ.


ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىچى تېخى قۇپ-قۇرۇق بولۇپ، ئۇنىڭ تېخى بىرەر قوزغىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى يوق. ئۇنىڭغا بىز چۈشۈرگەن ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى قاچىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىز تېخى ئالدىنقى باسقۇچتا چۈشۈرگەن ئۇبۇنتۇنىڭ قاچىلاش ISO ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

بۇ ۋاقىتتا بىز VirtualBox كۆزنىكىنىڭ تىزىملىكىدىكى Devices (ئۈسكۈنىلەر) تۈرىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن چىققان CD/DVD تۈرىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ ئاستىدىكى ISO ھۆججىتىنى كۆرسىتىش تۈرىنى تاللاپ، ئالدىنقى باسقۇچتا چۈشۈرگەن ISO ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.

ئاندىن يەنە VirtualBox كۆزنىكىنىڭ تىزىملىكىدىكى Machine (مەۋھۇم ماشىنا) تۈرىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىن Reset (قايتا قوزغىتىش) تۈرىنى تاللىساق، بۇ مەۋھۇم ماشىنا بىز تاللىغان CD تەسۋىرى بىلەن قايتا قوزغىلىدۇ. بۇ خۇددى نورمال كومپيۇتېرلارنىڭ CD قوزغاتقۇچىغا بىرەر سىستېما CD سىنى سېلىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقانغا باراۋەر.


شۇنىڭ بىلەن بۇ مەۋھۇم ماشىنا قايتا قوزغىلىپ، سىستېمىنى قاچىلاشقا باشلايدۇ. بىزگە ئۇچرايدىغان تۇنجى كۆزنەك بۇ



بولۇپ، دەسلەپتە ئېكران يۈزى پۈتۈنلەي ئىنگىلىزچە بولىدۇ.


لېكىن بىز بۇ ۋاقىتتا، تىك سېرىلما تاياقچە 1 نى تۆۋەنگە سېرىپ، تىل تىزىملىكى 2 دىن خەنزۇ تىلىنى تاللىساق، ئېكران يۈزى دەرھال خەنزۇ تىلىغا ئۆزگىرىدۇ.



بۇ ۋاقىتتا بىز «قاچىلاش» كۇنۇپكىسى 2 نى بېسىپ، قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.


سىز تۇرغان ۋاقىت رايۇنىنى تاللاڭ:



بۇنىڭدا ھەتتا قەشقەر، ئۈرۈمچىلەرمۇ بار!



بىر شەھەرنى تاللاپ، «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.


يەنە «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.



بۇ كۆزنەك مۇھىم بولۇپ، رامكىدا كۆرسىتىلگەندەك تاللاپ، «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.



بۇ ئىسىم ۋە ئىملەرنى كىرگۈزىدىغان كۆزنەك، بۇنى كىرگۈزۈش كېرەك



ئىسىم ۋە ئەمنى كىرگۈزۈپ (ئىمنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ، ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كېيىن سىستېمىغا كىرەلمەيسىز)، «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.



«قاچىلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.



شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش باشلىنىدۇ.



تەخمىنەن 10-5 مىنۇت ساقلايسىز.


قاچىلىنىپ بولدى، قايتا قوزغىتىشنى سوراۋاتىدۇ.



كۇنۇپكىنى چېكىپ، قايتا قوزغىتىڭ.


بىز دەسلەپتە كۆرسىتىپ قويغان ISO ھۆججىتى CD قوزغاتقۇچتا بار بولغاچقا، ئۇنى چىقىرىۋېتىپ، ماشىنىنى قايتا قوزغىتىڭ دەپ سوراۋاتىدۇ.



بۇ ۋاقىتتا بىز VirtualBox دېتالىنىڭ Devices (ئۈسكۈنىلەر) تىزىملىكىدىن CD/DVD قوزغاتقۇچ تۈرىنى تاللاپ، ھېلىقى بىز كۆرسىتىپ قويغان ISO ھۆججىتىنى تاللىساق، ئۇنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسى يوقايدۇ. بۇ بولسا مەۋھۇم CD قوزغاتقۇچتىن قاچىلاش CD سىنى چىقىرىۋەتكەنگە باراۋەر. ئاندىن كۇنۇپكىدىن Enter نى باسساق، ماشىنا قايتا قوزغىلىدۇ.


بۇ رەسىمگە دىققەت قىلسىڭىز، ئېكراننىڭ ئارقا تەگلىكى Windows XP بولۇپ، مۇشۇ مۇھىتتا VirtualBox دېتالى ئىجرا بولىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭ ئاستىدا بىز قۇرغان mk1 ناملىق مەۋھۇم كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن قايتا قوزغىلىپ، سىستېمىغا كىرىش كۆزنىكى كۆرۈندى.



بۇ يەردىن ئىسمىڭىزنى چېكىڭ.


ئاندىن ئىمنى كىرگۈزۈپ، «كىرىش» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.




مانا سىستېمىغا كىردۇق.



بۇ ۋاقىتتا ئېكران يۈزى تېخى %100 تولۇق خەنزۇچە چىقمىغاچقا، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېر تورغا ئۇلىنىپ، توردىن خەنزۇچە تەرجىمە ھۆججىتىنى تولۇقلاپ قاچىلىماقچى بولىدۇ.



بوياپ قويغان كۇنۇپكىنى چېكىپ، بۇ جەرياننى تاماملىسىڭىز بولىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ بولدۇق. ئېكران يۈزى ئاساسەن خەنزۇچە بولغاچقا، ئۆزىڭىز ئويناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

كېيىنكى جەريانلاردا، سىستېمىغا ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قاچىلاپ، ئېكران يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش قاتارلىق مەزمۇن؛ار بايان قىلىندۇ.

يۇقۇردىكى باسقۇچلارنى ئۆزىڭىز ئۆز قولىڭىز بىلەن سىناپ، مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، بۇ يەردە ئىنكاس قىلىڭ.

بۇ مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ھەر قانداق تور بېتىگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ. مۇمكىن بولسا كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىز بۇ سىستېمىلاردىن خەۋەر تاپقاي ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتى ۋە سىناش خىزمىتىگە قاتناشقاي.

تېما مەنبەسى http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 13:21  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:24:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ubuntu دا قارا ئىكران مەسلىسىنى ھەل قىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

Ubuntu نى بەزى كومپىيۇتىرلارغا قاچىلىغاندا تىل تاللاپ بولغاندىن كىيىن، قارا ئىكران چىقىپ سول تەرەپتە نۇر بەلگىسى لىپىلداپ داۋامى قاچىلانمايدۇ. تۈنۈگۈن توردىن ماتىرىيال كۆرۈپ بۇ مەسلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدىم، باشقا قىرىنداشلىرىمغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

تىل تاللاپ بولغاندىن كىيىن F6 نى بىسىڭ ۋە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قىلىڭ.

ئاندىن Esc نى بىسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
http://forum.ubuntu.org.cn/viewtopic.php?p=2229748#p2229748

ئاپتورى: خەلىل

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر قېتىم Ubuntu Linux نى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش
Ubuntu Linux بولسا ئۈستەل يۈزى قوللىنىشچانلىقنى ئاساس قىلغان GNU/Linux مەشغۇلات سېستىمىسى، ئۇنىڭ ئىسىمى جەنۇبى ئافرىقا زۇلۇ تىلى ياكى خاۋسا تىلىدىكى“ubuntu” سۆزىدىن كەلگەن، مەنىسى بولسا "ئادىمىيلىك"، "باشقلارنىڭ مەۋجۇدلىقى دەل مېنىڭ مەۋجۇدلىقىم". ئۇ  ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بولۇپ جۇڭگو جەمىيتىدىكى "ئىنسانپەۋەرلىك" ئىدىيسى  بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
Ubuntuبولسا Debian نىڭ تارقاتقان نۇسخىسى ۋە GNOME نىڭ ئۈستەل يۈزى مۇھىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، Debian بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى بولسا ئۇ ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم يېڭى نۇسىخىسىنى تارقىتىدۇ.
ئادەتتىكى ئۈستەل يۈزى قوللىنىشچان نۇسخىسى 18 ئايلىق قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ.Long Time Support)  LTS) ناملىق ئۈستەل يۈزى قوللىنىشچان نۇسخىسى بولسا تېخىمۇ كۆپ  ۋاقىت قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن، Ubuntu 8.04 LTS  ئۈچ يىللىق تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، مۇلازىمىتىر نۇسخىسى مۇددىتى بەش يىل بولغان تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. Ubuntu نىڭ نىشانى بولسا ئەركىن ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتاللارنى ئاساس قىلىپ ئادەتتىكى ئابونتلار ئۈچۈن ئەڭ يېڭى، ھەم ئەڭ تۇراقلىق بولغان مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۈزۈپ چىقىش. Ubuntu ئىشلەتكۈچى ئۆزى تۇرۋاتقان يەردىلا نۇرغۇن ھەقسىز يۇمشاق دېتال ۋە يادەملەر گە ئېرىشەلەيدۇ.
KUbuntu ۋەXUbuntu بولساUbuntu نىڭ باشقا تۈرلىرى بۇلۇپ ئايرىم ھالدا KDEۋەXfceنى ئۈستەل يۈزى مۇھىتىنى ئاساس قىلغان. ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى بىر قەدەر ياخشى بولسا KDE ئۈستەل يۈزى مۇھىتىنى يەنىKUbuntu نى ،ئەگەر كومپيۇتېرىڭىز بىرقەدەر كونا بولسا Xfce ئۈستەل يۈزى مۇھىتىنى يەنى XUbuntuنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.ئادەتتە GNOME ئۈستەل يۈزى مۇھىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. EdUbuntuبولسا ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان نۇسقا بۇلۇپ ، ياش-ئۆسمۈلەرنىڭ ئۆگۈنىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بىرەلەيدۇ.
Ubuntu Linux نىڭ ھەققى ئۇيغۇرچە نۇسقۇسى يوق، بىراق ئشلەتكۈچى سېستىما تىلىنى يېڭىلاش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئۇيغۇرچەلاشتۇرالايدۇ.  Ubuntu Linux غا ئۇيغۇرچە Unicode خەت نۇسقۇسىنى بىمالال قاچىلاپ ئىشلەتكىلى شۇنداقلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
مەنبە: http://www.seburi.com

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:38:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇزتاج بلوگخدىكى پاراڭلارغا قۇلاق سېلىڭ



ئۇبۇنتۇدا Windows پروگراممىلىرىنى ئىشىلتىش


wine نىڭ ئەسلىى مەنىسى ئۈزۈم ھارىقى بولۇپ، Linux مۇھىتىدا ئىنتايىن ياخشى ئىشىلتىشكە ئىگە، يەنى Linux مۇھىتىدا تۇرۇپ Windows سېستىمىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.

قاچىلاش ئۇسىلى:

Terminal نى ئېچىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ئاچىلىساق بولىدۇ

sudo apt-get install wine

يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق قاچىلىغاندا بەلكىم تۆۋەن نەشىرى قاچىلىنىشى مۈمكىن، شۇڭا PPA

دىن قاچىلاشنى تەۋىسيە قىلىمەن، يەنى تۆۋەندىكىچە:

sudo add-apt-repository ppa:ubuntu-wine/ppa

sudo apt-get update

sudo apt-get install wine


Linux نى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر دائىم يولىقىدىغان

1. Linux نى Windows قا ئوخشىتىش«كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ؟» دېگەندەك، ئۇزۇن مەزگىل Windows نى ئىشىلتىپ
كۆنۇپ قالغۇچىلار بىردىنلا ئۇبۇنتۇغا كۆچسە ھەر قېتىم ئۇبۇنتۇدا مەشغۇلات
ئېلىپ بارغاندا كونا سېستىما مۇھىتىدا ئۆگىنىپ قالغان ئادىتى بويچە يېڭى
سېستىمىغا مەلۇم مەزگىلگىچە ئاسانلىقچە كۆنەلمەيدۇ. يېقىندىن بۇيان
ئۇبۇنتۇ، Linux قاتارلىقلارنىڭ نوسخىلىرىنىڭ كۆپىيشى ۋە ئۇستەل يۈزىنىڭ
مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ Linux ھەۋەسكارلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ
ئۇستەل يۈزىنى ھەرقانچە Windows قا ماسلاشتۇرۋەتكەن تەغدىردىمۇ ئۇ يەنىلا
Windows ئەمەس، بۇنى ئېنىق ئايرىۋېلىش كېرەك.2. ئالىي باشقۇرغۇچى (Root ) نى قالايمىقان ئىشىلتىشLinux نىڭ Windows بىلەن ئوخشىمايدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا،
سېستىمىنىڭ بېخەتەرلىكى ئۈچۈن Linux دا ئادەتتە root نى ياكى ئالاھىدە
باشقۇرغۇچىلىك سالاھىتىنى كۆپ ئىشلەتمەيدۇ ھەم تەۋىسيە قىلىنمايدۇ.بۇنداق دېسەم، Root دىن قورقۇپ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كەتمەڭ يەنە…..^_^بۇ يەردە دېمەكچى، جايىدا، ئىشىلتىش زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.3. لازىملىق يۇمتاللارنى Google دىن ئىزدەش.Windows شارائىتىدا سېستىمىغا كېرەكلىك بولغان پروگراممىلارغا ياكى باشقا
يۇمتاللارغا ئېھتىياجىمىز چۇشكەندە كۆپىنچە ئەھۋالدا Google ياكى Baidu
لارغا مۇراجەت قىلماي ئامال يوق. ئالدى بىلەن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى چۈشۈرۈپ،
ئاندىن قاچىلايدىغان گەپ، تېپىلغان تەغدىردىمۇ ھەقلىق بولۇشى مۈمكىن.Linux نىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭدا « يۇمتال مەركىزى ( 软件中心 ) » دەپ
ئاتالغان قولايلىق يۇمتال باشقۇرۇشقۇرغۇچىسىنىڭ بولغانلىقىدا. ئۇ يەردىن
بىزگە كېرەكلىك بولغان يۇمتاللارنى ئاساسىي جەچەتتىن تاپقىلى بولىدۇ يەنە
كېلىپ كۆپىنچىسى ھەقسىز. بۇ دەل ئۇنىڭ قولايلىق بىر تەرىپى.4. بۇيرۇق ( Terminal ) غا ئۆچ بولۇشWindows دا ھېچقانداق بۇيرۇق ئىشلەتماي تۇرۇپمۇ مەشغۇلات ئىلىپ بارالايمىز.
گەرچە Linux نىڭ ئۇستەل يۈزى لايھىلىنىشى مۇكەممەللىشىپ زور قولايلىقلارنى
ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن بۇيرۇق ( Terminal ) نى ئۆگەنمەي تۇرۇپ Linux نى
پۇختا ئىگەللىگىلى بولمايدۇ. بۇيرۇق Linux نى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى.5. ئوتتەك قىززىپ پوقتەك سوۋۇشيۇقۇردا دېيىلگەندەك، كۆنۇپ قالغان خۇينى ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن تەس. بولۇپتۇ
بىزدەك Windows غا كۆنۇپ قېلىپ Linux قا يېڭى ئۆتكۈچىلەر ئۈچۈن، ئۇنىڭغا
كۆنگىچە بىر مەزگىل كېتىدۇ. كۆنەلمىدىم، تەس نەرسە ئىكەن دەپلا تاشلىۋەتسەك
بولمايدۇ. مۇشۇ بىر مەزگىلنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكىزۋالسىڭىز، ئىشىنىمەنكى
ئۇنىڭغىمۇ كۆنۇپ قالىسىز.

ئۇبۇنتۇنىڭ نەشىرىنى يۇقۇرلىتىش ئۇسۇلى


ئۇبۇنتۇنىڭ نەشىر يېڭىلىنىش بىر قەدەر تېز ھەم كۆپ. ھەر قېتىم يېڭى نەشىرى چىقسىلا يېڭىلاشقا ئالدىراپ كېتىمەن. تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ توردىن توپلىغان بىر قىسىم تەجىربىلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي. تۆۋەندىكىسى ubuntu 10.04 نى ubuntu10.10 غا يېڭىلاش مىسالى.


ئۇبۇنتۇنى يېڭىلاشنىڭ ( نەشىر يۇقۇرلىتىش ) ئىككى خىل ئۇسۇلى بار بولۇپ: توردىن بىۋاستە يېڭىلاش ۋە ISO ئارقىلىق يېڭىلاش دىن ئىبارەت.


بىرىنچى ئۇسۇل: تور ئارقىلىق نەشىر يۇقۇرلىتىش


GUI ئۇسۇلى


development release شەكىلدە كىرىپ update manager نى تاللاپ F2 كۇنۇپكىسىنى چېككەندىن كېيىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى كىرگۈزىمىز


update-manager --devel-release


تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك. (upgrade نى تاللىساق يېڭىلاشقا باشلايدۇ )



CLI ئۇسۇلى


etc/update-manager/release-upgrades/ ھۆججەتنى ئۆزگەرتىش، يەنى ئۇنىڭدىكى Prompt=lts قۇرنى Prompt=normal غا ئۆزگەرتىپ ساقلاپ چېكىنىمىز، ئاندىن تۆۋەنكى كودنى بەرسەك يېڭىلاشقا باشلايدۇ.


sudo do-release-upgrade -d


ئىككىنچى ئۇسۇل: ISO ئارقىلىق نەشىر يۇقۇرلىتىش:


بۇ يەردە نەشىر يۇقۇرلىتىشتا ئىشلەتمەكچى بولغان ISO ھۆججىتىمىز ئادەتتە دائىم ئىشىلتىدىغان ISO بولماستىن بەكلى Ubuntu alternate ISO تۆۋەندىكى ئادىرسىدىن چۈشۈرسەك بولىدۇ:


http://cdimage.ubuntu.com/daily/current


چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ISO ھۆججىتىنى تونۇتىمىز.


sudo mount -t iso9660 -o loop ~/maverick-alternate-i386.iso /cdrom


ئاندىن ئوپتىك دېسكىدىكى cdromupgrade نى ئىجرا قىلىپ نەشىر يۇقۇرلىتىشنى باشلىساق بولىدۇ



مېنىڭچە ئىككىنچى خىل ئۇسۇل قولايلىق دەپ ئويلايمەن.





ئۇبۇنتۇدىكى ghost (زاپاسلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش)


UCloner نىڭ ئاسلى تولۇق ئاتىلىشى (ubuntu-cloner ) بۇلۇپ، مەخسۈس Ubuntu Linux سېستىمىلىرىغا نىسبەتەن زاپاسلاش، زاپاسدىن ئەسلىگە قايتۇرۇش، كىلونلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بېرىش قورالىدىن ئىبارەت. رولى windows دىكى ghost غا ئوخشاش.


چۈشۈرۈش ئادىرسى: http://code.google.com/p/ucloner



چېتىلغان USB ئۈسكۈنلىرىنى ئەسكەرتىش قورال


ئادەتتە ئۇبۇنتۇغا USB ئۈسكۈنلىرىنى چاتقان ۋاقتىمىزدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش ئۇچۈرى بېرىلمەيدۇ. يەنى ئۇنىڭ نورمال ئۇلانغان - ئۇلانمىغانلىقى بىلەلمەيمىز.


Udev-Notify نى قاچىلىۋەتكەندە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، كومپىيۇتېرغا USB تېلىكامېرا، بارماق دېسكا قاتارلىقلارنى چاتساق ئۇلىنىش ئەھۋالىنى بىزگە ئەسكەرتىپ بېرىدۇ. ئۇلانغان ئۈسكۈنىگە ئاساسەن غۇۋا كۆرۈنمە ھالەتتە ئەسكەرتىش كۆزنىكى ھەلىتىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ.



ئاچقۇچى تەرەپ ئادىرسى: http://udev-notify.learnfree.eu


نۆۋەتتە قوللاش دائىرىسى: Ubuntu 9.04, 9.10, 10.04, 10.10, 11.04


DEB ھۆججىتىنى بىۋاستە چۈشۈرۈش: udev-notify-0.1-all.deb


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇدىن پاراڭ



Skype دىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى


ئادەتتە Skype دىن كەلگەن ئۇچۇرلار « چ چ » غا ئوخشاش ئەسكەرتىش بېرىلمەيدۇ، يەنى ۋەزىپە ستونىىكى ئەركەرتىش دېيىلمەكچى.


بۇنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.



#1


تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز


sudo gedit /usr/share/applications/skype.desktop


تۆۋەندىكى كودنى ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاستىغا قوشۇپ ساقلاپ چېكىنىمىز


StartupNotify=true


#2


تېرمىنالغا تۆۋەنكى بۇيرۇقنى بېرىمىز


sudo gedit /usr/share/indicators/messages/applications/skype


تۆۋەندىكىنى كۆچۈرۈپ چاپلىۋىتىمىز.


/usr/share/applications/skype.desktop


بۇ ۋاقىتتا Skype نىڭ رەسىمى ئۈستەل يۈزىدە پەيدا بولغان بولىدۇ.


#3


تېرمىنالغا نەيە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئېجرا قىلىمىز


gedit ~/showskype.py


تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆچۇرۇپ چاپلىۋىتىمىز


#!/usr/bin/env python


import dbus


# Get a D-Bus interface to Skype


bus = dbus.SessionBus()


skype_object = bus.get_object('com.Skype.API', '/com/Skype')


skype = dbus.Interface(skype_object, dbus_interface='com.Skype.API')


# Ask for permission to control Skype


response = skype.Invoke("NAME " + __file__)


response = skype.Invoke("PROTOCOL 8")


# Issue commands


response = skype.Invoke("SET WINDOWSTATE NORMAL")


print response


ئاندىن تېرمىنالغا يەنە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز
sudo gedit /usr/local/bin/skype
ئاخىردا تۆۋەندىكى قۇرلارنى چاپلاپ ساقلاپ چېكىنىمىز.

#!/bin/bash


nbi=$(pgrep -c skype)


if [ $nbi -ge 2 ];then


~/showskype.py


else


/usr/bin/skype


fi


قايتا قوزغاتساقلا مەسىلە ھەل بولۇشى مۈمكىن
ئەگەر Skype نى قوزغاتقاندا Skype API Request ئۇچۇر چىقىۋالسا Yes نى تاللاپ قويساق بولىدۇ



پرىنتېر HP1020n نى تونۇتۇشقايسى كۇنى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ چ چ توپىدا ( 148791813 ) مەلۇم توردىشىمىز ئۇبۇنتۇغا HP ماركىلىق پرىنتېرنى تونۇتۇش توغرسىدا ياردەم سورىغان، ئەپسۈس ئەينى ۋاقىتتا ۋاقىت بولمىغاچ ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدىم. بۇگۈن توردىن بىرەر قۇر ئاختۇرۇپ قارسام تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئۇچىراپ قالدى. قاچىلاش ياكى تونۇتۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
( ئەسكەرتىش: مەندە ھېچقانداق پرىنتېر بولمىغاچ ئۆزۈم سىناق قىلىشقا ئامالسىز، ئېھتىياجى بارلار پايدىلانسا بولىدۇ. )
1) قوزغاتقۇچنى چۈشۈرۈش:
HP1020n ياكى HP1020nwget -O foo2zjs.tar.gz http://foo2zjs.rkkda.com/foo2zjs.tar.gz#2) قورغاتقۇچ پروگراممىسىنى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى:tar xvf foo2zjs.tar.gz
#cd foo2zjs
#make
#./getweb 1020
#make install
#make install-hotplug
#make cups3) پرىنتېرنى تونۇتىش ئۇسۇلى:
sudo system-config-printer

تار دائىرلىك توردىن پرىنتېرنى ئىزدەش

قوزغاتقۇچنى قاچىلاش جەريانى

پرىنتېر ئىسمىنى كىرگۈزۈش

پرىنتېرنى تونۇتۇش تامام

پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەنە باشقا مەزمۇنلار : http://foo2zjs.rkkda.com

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:51:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ubuntu10.10 غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش ( توردىن رەتلەندى)
‘سىستېما’ —– ‘باشقۇر’ —– ‘Synaptic بوغچا باشقۇرغۇچ’لارنى تەرتىپ بويىچە تاللاپ ئاچىسىز.
ئۇيغۇرچە تاللايدىغان يەر چىقمىسا
ibus نىڭ m17n قىستۇرمىسىنى قاچىلىسا بولىدۇ.

ibus m17 n بولاقچىسىنى قاچىلاپ، كىرگۈزگۈچ خاسلىقى (مايىللىق) دىكى «تىل قوشۇش »تۈرىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇپ قويسىڭىزلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.

Linux دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزى بىر راھەت، ئارىلاش كەلگەن يېزىقلار ئۆز جايى-جايىدا تۇرىدۇ.

Ctrl + Alt كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق كىرگۈزگۈچلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

بىر deb ھۆججىتى بىلەن ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە فونتلارنى تولۇق قاچىلاش

غەيرەت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلايدىغان deb ھۆججىتى ياساشقا تۇتۇش قىلغىلى خېلى بولغان. بىراق ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى ھەمدە ug-ttf-fonts_1.0.deb نى ئۆچۈرگەندىكى خاتالىقلارنى تۈزەيمەن دەپ بۈگۈن ئەمدى تارقىتىدىغان بولدۇم. ug-ttf-fonts_1.0.deb ھەم بۇنىڭدىن كىيىن يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلوگنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدە ۋە  http://ugubuntu.googlecode.com دا تەمىنلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىلىرى ئۈچۈن ئايرىم يازما يېزىپ ئولتۇرمايمەن.
ug-ttf-fonts_1.0.deb ھۆججىتى بولسا ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن UKIJ نىڭ بارلىق فونتلىرى، تور بەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئەلپىدا فونتىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئەلكاتىپ فونتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ug-ttf-fonts_1.0.deb نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://ugubuntu.googlecode.com/files/ug-ttf-fonts_1.0.deb


ug-ttf-fonts_1.0.deb نى چۈشۈرگەندىن كىيىن قوش چېكىپ قاچىلىساقمۇ ياكى ug-ttf-fonts_1.0.deb بار مۇندەرىجىگە كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلىساقمۇ بولىدۇ (cd بۇيرۇقى بىلەن deb ھۆججىتى بار مۇندەرىجىگە كىرىپ دېمەكچى)

sudo dpkg -i ug-ttf-fonts_1.0.deb
قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىنىڭ ئۇسلۇب، تەگلىك رەسىم ... ئۆزگەرتىدىغان يېرىگە كىرىپ فونتلارغا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئەگەر بۇ يەردە مەن يازمىنىڭ ئەڭ بېشىدا ئېيتقان فونتلار نورمال كۆرۈنسە، قاچىلاشتا  ۋە deb ھۆججىتىدە مەسىلە يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەگەر بۇ deb ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلانغان فونتلارنى ئۆچۈرمەكچى بولساق، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزسەكلا بولىدۇ.

sudo apt-get remove ug-ttf-fonts
مەنبە http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=874

يەنە بۇ يازمىنىمۇ كۆرۈڭلار    Linux مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 14:10  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 14:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كۆرسىڭىز ئۇبۇنتۇنى ئىشلەتمەسلىككە باھانە كۆرسەتمەيسىز.

مەنبە UKIJ   ۋە http://www.56.com/u25/v_NjQzNzIxOTA.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 14:06  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
594
تىللا
1322
شۆھرەت
1036
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 16:50:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بىر ھەپتىدىن ئاشتى بۇ سىستىما بىلەن ئىتىشىۋاتقىلى 11.10.1204 نۇسقىسىنى چۇشۇرۇپ ئۇيغۇرچە قىلاي دىسەم بولمىدى. يەنە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۇشۇرەمسىز دەپ خەت چىقمىدى  زادى قانداق قىلىش كىرەك. ئۇبۇنتۇغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق. ئۇچۇرلارنى كۆرۇپ چىقتىم. سىلەر دىگەندەك .خەنچە تىلنى باسىساق پەس تەرەپتە. ئۇيغۇر دىگەن خەت كۆرۇنمىدى  بەك جىلە بۇلۇپ قالدىم بىر ھەپتىدىن بىرى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 19:34:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ataman520 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-26 16:50
ماڭا بىر ھەپتىدىن ئاشتى بۇ سىستىما بىلەن ئىتىشىۋاتقىل ...

Ubuntu نى USB بارماق دىسكىغا قاچىلاش نىڭ 5- قەۋىتىدىكىئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ. شۇنىڭدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:52:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
ئالدى بىلەن قاچىلىماقچى بولغان ئۇيغۇرچە فونىتلارنى بىر يەر مۇندەرىجىگە يىغۋالىمىز.
بىرىنجى قەدەمدە: 终端 گە كىرىپ، sudo nautilus نى ئىجرا قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ، ئاشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ، ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە كىرگەندىن كىيىن، بىر يەرگە يىغۋالغان فونىتلارنى مۇندەرىجىسى بىلەن قوشۇپ Ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە تاشلايمىز (كۆچۈرۈپ چاپلىساقمۇ بولىدۇ). دىققەت:
چوقۇم ئاۋۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندىن كىيىن ئىچىلغان كۆزنەكتە تۇرۇپ چاپلاش ئىلىپ بارىمىز، بولمىسا چاپلىغىلى بولمايدۇ.
ئىككىنجى قەدەمدە:
ماۋۇ بۇيرۇقنى 终端 دە ئىجرا قىلىمىز، ئاۋۇ UyghurFonht دىگەننىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچە فونىت قويغان مۇندەرىجىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇڭ.
sudo chmod 777 /usr/share/fonts/truetype/uyghurfont/*.ttf
ئۈچىنجى قەدەمدە:
终端 دە fc-cache -f -v بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق فونت جەدىۋىلى يىڭىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فونىت قاچىلاش تاماملاندى!

-ئۇزتاج بلوگى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 10:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows دا ئۇبۇنتۇنى ئىشىلتىش

Windows مۇھىتىدا Portable Ubuntu Remix دىن پايدىلىنىپ كومپىيۇتېرىڭىزغا ئۇبۇنتۇنى قاچىلىماي تۇرۇپمۇ ئۇبۇنتۇنى ئىشىلتەلەيسىز. VMware ( ھەۋھۈم كومپىيۇتېر ) قاچىلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇ قاچىلاش ھاجەتسىز. بۇ ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشدىن بۇرۇن ئۇنى ئىشىلتىپ كۆرۈپ بېقىش ئارزۇسى بارلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىكەن.
[youku id="XMTI3NjAyMDgw"]
چۈشۈرۈش ئادىرسىى: http://sourceforge.net/projects/portableubuntu/
ئۇبۇنتۇغا كىرىش نامى: root پارولى: 123456

XP قايتا قاچىلانغاندا Ubuntu قوزغالماسلىق مەسىلىسى
XP بىلەن ubuntu نى تەڭ ئىشىلتىش جەريانىدا XP دىن كاشىلا چىقىپ سېستىمىنى قايتا قاچىلانغاندا ئۇبۇنتۇغا كىرەلمەسلىك مەسىلىسى كۆرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇبۇنتۇنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتا يېتەكلەشكە توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلدىغان يېتەكلەش ئۇسۇلى بېرىلدى.
قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) سېستىمىنى ئۇبۇنتۇنىڭ دېسكىسى ئارقىلىق قوزغىىتىمىز
2) تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق يېتەكلەش باسقۇچلىرىنى ئېلىپ بارىمىز.
root@uyubuntu:~#sudo -i
root@uyubuntu:~#grub
root@uyubuntu:~#find /boot/grub/stage1 ( بۇنىڭدىن قاتتىق دېسكا مۇندەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچۈرغا ئېرىشىمىز، مەسلەن ( hdx,y ) غا ئوخشاش. ( hdx,y ) نى تۆۋەندىكى بۇيرۇقتىكى ماس ئورۇنغا شۇ بويچە تولدۇرىمىز.
(root@uyubuntu:~#root ( hdx,y
root@uyubuntu:~#setup (hdx,y)
root@uyubuntu:~#quit
3) سېستىمىنى قايتا قوزغاتساق نورمال قوزغىلىشقا باشلايدۇ.

ubuntu ئارقىلىق XP نىڭ پارولىنى ئۆزگەرتىش
ئەگەر windowXP نىڭ پارولى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ بەلكىم پارول ئۆزگەرتىش قوراللىردىن پايدىلىنىشىڭىز مۈمكىن. ئۇنداقتا پارول ئۆزگەرتىش قورالى يوق ئەھۋالىدا قانداق قىلسىز؟
ubuntu ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ بولىدىكەن ئەمەسمۇ. قېنى، تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراڭ...

ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇنى قوزغىتىمىز ( livecd دا قوزغالسىمۇ بولىىدۇ )
chntpw نى قاچىلايمىز ( change password نىڭ قىسقارتىلمىسى )
sudo apt-get install chntpw
قاچىلاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن windows نىڭ systemroot%/system32/config غا كىرمىز ( ئادەتتە C رايوندا )
تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىمىز
chntpw -u administrator SAM
ئاخىردا قايتا قوزغىتىپ Windows غا بايام كىرگۈزگەن يېڭى پارول بويچە كىرسەك بولىدۇ.

مەنبە : ئۇزتاج

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1717
تىللا
1482
شۆھرەت
2567
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 11:28:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ دەرسلىكى
ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلىمەن (1)


ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلىمەن (2)


3- ۇبۇنتۇ ئالاھىدە ئۈنۈملىرىنى ئېچىشتا ئىشلىتىدىغان compiz نى قاچىلاش ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  1. ugubuntu@computer:~$sudo apt-get install compizconfig-settings-manager
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


4-  cairo-dock نى قاچىلاش ئىشلىتىش ئۇسۇلى


5- سىستېما ئەلالاشتۇرغۇچ Ubuntu-Tweak، Ailurus نى قاچىلاش ئىشلىتىش ئۇسۇلى سۆزلەندى.
Ubuntu-Tweak ئورگان بېتى: http://ubuntu-tweak.com
Ailurus چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://code.google.com/p/ailurus/downloads/list


6- تەھرىرلىگۈچ Vi/Vim ھەققىدە سۆزلەندى. بېكەتتىكى تەھرىرلىگۈچ vi/vim دىن دەسلەپكى ساۋات دېگەن يازمىنىمۇ بىر كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

دەرسلىكتە سۆزلەنگەن مەزمۇن:
ئۆچۈرۈش: dd, D,dw
ئالماشتۇرۇش: cc,cw,r
ئىزدەش: ismi/
كۆچۈرۈش:yy
چاپلاش:p
بىكار قىلىش:u
قۇر نومۇرى بويىچە ئىزدەپ تەھرىرلەش: nG, vim +n isim
vim ئېچىقلىق ۋاقتىدا يەنە بىر ھۆججەتنى ئېچىپ تەھرىرلەش: e ismi:
vim ئېچىقلىق ۋاقتىدا يەنە بىر ھۆججەت قۇرۇپ تەھرىرلەش: n ismi:

vim ئىشلىتىش قوللانمىسى:چۈشۈرۈش

7- ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغانلا موھتاج بولىدىغان قورال، Storage Device Manager, Startup-Manager ۋە لۇغەت StarDict نى قاچىلاش ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلدى.
StarDict لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:http://yeelou.com/huzheng/stardict-dic/zh_CN
يېشىلگەن لۇغەت سۆزلۈكىنى قۇيۇش مۇندەرىجىسى: /usr/share/stardict/dic/


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 12:02  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-11 00:55 , Processed in 0.092250 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش