مەن ئويلىغان پۇل تېپىش- مەبلەغ سېلىش يوللىرى
ئالدىنقى يازما
ھالال جان بېقىشنىڭ يولى كۆپ- كۆكۋاش
ھالال جان بېقىشنىڭ يولى كۆپ-قەندالەت (قاپاق كەنپىت )
بەزىدە بىزدە مەبلەش سېلىشقا بولىدىغان تۈرلەر ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالىمەن. بۈگۈن بۇ ئويلىرىمنى تورداشلارغا سۇنۇپ ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە تېما يوللۇۇدۇم.
« يول بىزدىن، مېڭىش ئۆزىڭىزدىن» دېگەندەك بىز ئويلىغانلىرىمىزنى قالدۇرۇمىز، سىزنىڭ بۇنىڭدىن ئۆربەك ئېلىپ يېڭى يول ئاچقايسىز!
ئىلتىماسىم: تورداشلارمۇ ئويلىغىنىنى قالدۇرسا تېمىنى بېيىتىپ ماقساق ( خۇددى ئاتامانلار ۋە ئاتامان بولماقچى بولغانلارغا 32 تەكلىپ دەك)
1- بالىلار كىيىم- كېچەك تۈرى: بۇ ساھەدە خېلى چوڭ بوشلۇق بار. بىزنىڭ بالىلارغا ماس كېلىدىغان كىيىم- كېچەكلىرىمىز كەمچىل.
2- ئويۇنچۇق سودا سارىيى: مەخسۇسلاشقان ئويۇنچۇق دۇككىنى ھەرقايسى جايلاردا كەمچىل. (پىلانىر ياسايدىغان ماتىرىياللارنى قايسى ئۇرۇندا ساتىدۇ؟)
3- باش كېيىم: بىزنىڭ ئۆرۈپ- ئادىمىزگە ماس كېلىدىغان ، ئەنئەنىمىز ئەكسئەتتۈرۈلگەن باش كېيىملەر كەم ياكى باش كېيىمىمىزدە يېڭىلىنىش يوق.
4- تېلېفۇن- ئۇچۇر: كەلگەن تېلېفۇن نومۇرى ياكى ئۇچۇرنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرىدىغان ياكى كۆپ تىلدا ئوقۇپ بېرىدىغان ئۆي تېلېفۇنى.
5- ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان يۇمشاق دىتال: نۆۋەتتە ئۇبۇنتۇ لىنۇكىسنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى بىلەن ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە دىتاللارغا بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ. بۇ خىل دىتاللارنى ياساپ ئەرزان باھادا ئۇبۇنتۇ دىتال بازىغا سېلىشنىڭ ئىستىقبالى بار.
6- تارشا گۇگۇت: بۇ مەش- ئوچاققا ئوت يېقىشتا ئىشلىتىدىغان ياخشى قورال بولۇپ ھازىر تاپماق تەس، بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇسنىڭمۇ ئىستىقبالى بار دەپ قارايمەن.
7- كومپاس ىاراكتېرلىق مۇلازىمەت : سېتىۋېلىش، ئىش بېجىرىش، ئىزدەش دېگەندەكلەر ئۈچۈن مەسلىھەت كۆرسۈتۈش، ئىزدىشىپ بېرىش.
8- ھەقلىق تور مۇلازىمىتى: توربەت ئاتامانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى دەرھال ھەل قىلىپ بېرىش، تور ئارقىلىق كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاش، ئەلالاشتۇرۇش مۇلازىمىتى.
9- رەڭ تەڭشەش: ئۆي- جاي، ئۆي جاھازلىرىنىڭ سىرى چۈشكەن جايلىرىنى كىشىلەر ئۆزلىرى ئوڭشىۋالىدىغان ئىشلار بولىدۇ بۇنىڭدا شۇ نەرسىنىڭ رەڭگىگە ماس سىر تەڭشەپ بېرىش ( ماشىنا سىرىنى تەڭشىگەندەك) مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىستىقبالى بار.
10- يوتقان- كۆرپە تىكىش: كىشىلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ يوتقان- كۆرپە تىكىپ بېرىش، رىمۇنتلاپ بېرىش مۇلازىمىتى.
11- توردا تەرجىمانلىق: ھۆججەت- ماتېېىيال، كىنو- فىلىم، توربەت قاتارلىقلارنى تور يۈزىدە ئىش قوبۇل قىلىپ تەرجىمە قىلىش.
12- يۈرۈشلۈك يەسلى: بالىلارنى ئۆيىدىن ئەكىلىپ- ئاپىرىپ تەربىيەلەيدىغان يەسلى ياكى شۇ خىل مۇلازىمەت.
يۇقارقىلارنى مۇنازىرە قىلىشقا ، تولۇقلاشقا بولىدۇ. داۋامى تورداشلارغا قالدى.
|