ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 268|ئىنكاس: 8

ئالتۇن 162يۇەنگە چۇشۇپ قىلىشى مۇمكىن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
713
تىللا
564
شۆھرەت
1088
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەلگۇسىدە ئالتۇن 162يۇەنگە چۇشۇپ قىلىشى مۇمكىن »

      تىخنىكىلىق ئانالىز ئامىللىرىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، 22-مارت بىيجىڭ ۋاقتى 18:25مىنىۇت ئۆتكەندە ، خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى تۇز سىزىقلىق لىنىيە بويىچە تۆۋەنگە سىرىلىشقا باشلىدى .ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ئاز كەم بىر ئايغا يىقىن (2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۇنىدىن باشلاپ،تاكى بۇگۇنگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ ) چوڭ لىنىيەلىك چۇشۇش ھالىتىدىن ھالقىپ،ئەسلىدىكى تۆۋەنگە شۇڭغۇش بوشلۇقى بارغانسىرى كىڭىيىشكە باشلىدى .كىشىنى تىخىمۇ ئەنسىزلىككە سالدىغان يىرى شۇ بولدىكى : كەلگۇسىدىكى ئالتۇن كۈمۈشكە تىرەك بولدىغان ئامىللارنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ، چۇشۇش يۆلىنىشنىڭ چوڭىيىپ كىتىشى بولماقتا .بۇ قىتىملىق چوڭ چۇشۇشتىدىكى دەسلەپكە ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرىمىز ،ئالتۇن1690دوللار (342يۇەن خەلق پۇلى) دەپ مۆلچەر قىلغان بولساق، ئەمما ھازىرقى بازار ۋەزىيىتى تولىمۇ پاسسىپ ھالەتتە تۇىۋالغاچقا ،1690(342يۇەن خەلق پۇلى) دىن ئۆلچەمنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، 1630دوللار (330يۇەن خەلق پۇلى ) غا چۇشتى .ئەمدى بىزنىڭ كىيىنكى مۆلچەرىمىز جەزمەن 1600دوللاردىن تۆۋەن بولىشى كىرەك .
   بۇگۇن ياۋرۇپا ئىقدىسادىنىڭ چىكىشىنى يەنى ئەنگىلىيە ئىقدىسادى بازىرىدا بۇلتۇرقىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چىكىنىش بولىشى ۋە جۇڭگۇ تاۋار مال ئىكىسپورت بازىرىدىمۇ قىزىل رەقەمنىڭ زورىيىشى نەتىجسىدە ، ئالتۇن كۈمۈشكە كۇچلۇك چۇشۇش يۆلىنىشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ .دوللار ئايرىۋاشلاش قىممىتىنىڭ كۇنسايىن يۇقىرىغا يامىشىشى نەتىجىسىدە ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرى ئۆتكەن ئايقى 1790دوللارلىق (362يۇەن خەلق پۇلى)سەۋىيەدىكى دالدىلىنىش ئىقتىدارىدىن پۇتۇنلەي مەھرۇم قالدى .ئالتۇن بازىرىنىڭ دالدىلىنىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىشىنى نەتىجىسىدە ، بازارغا تايانچ بولدىغان ئۆستۇرگۇچى ئامىللار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ،داۋاملىق چۇشۇش ۋەزىيىتى كونتىرۇل قىلىپ ماڭىدۇ .
   جۇڭشىن بانكىسى خەلىقئارا پۇل-مۇئامىلە مۇتەخەسىسى لىيۇۋىيمىڭ تۆنۇگۇن مىكرۇ بىلوگىدا ئىپادە بىلدۇرۇپ،كەلگۇسىى 5يىل ئىچىدە ، ئالتۇن 800دوللار (162يۇەن خەلق پۇلى ) غا ۋە 900دوللار (182يۇەن خەلق پۇلى)غا چۇشۇپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى دەلىللىدى .
  لىيۇۋىيمىڭ مۇنداق دىدى : كەلگۇسىى 10 يىلدا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۇچى 6000كۆرەلمىگەندىن باشقا ، ئالتۇنمۇ 1920دوللارنى كۆرەلىشى ناتايىن ، پۇل پاخاللىقىنى كونتىرۇل قىلىشى چارىسى ، پايدا نىسبىتىنىڭ يۆلىنىشى ۋە دوللارنىڭ كۇچىيىشى بىلەن ، كەلگۇسىدە كۆرىدىغىنىمىز ئالتۇن 800-900دوللار بولسا ، كۈمۈش 12~15دوللارغىچە بولىدۇ .

   ئالتۇن باھاسىنىڭ 800~900دوللارغا چۇشۇپ قىلىشىنى كۇچەيتىدىغان ئامىللار :
    ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۇنسايىن ياخشىلىشىنى ئارقىسىدا ، دوللارغا ئۆسۇش يۆلىنىشىنى شەكىللەندۇرىدۇ ،.بۇنىڭ يىلتىزىنى سۇرۇشتۇرىدىغان بولساق ، ئامرىكىنىڭ ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىلان قىلىدىغان ئىقدىسادى چىقىم كۆرسەتكۇچىنىڭ، پىلاندىكىدىن ياخشى چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ .ئامرىكا زۇڭتۇڭ ئوباما تەخىتكە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ئامىرىكا ئىقدىسادى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۇزلىنىۋاتىدۇ .چۇنكى ئوباما خام چوت لاھىيەسىنى قىسقارتىپ، بىرتۇرلۇك داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى . بۇ ئاساسلىق ئامىل .
  ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورت بىجىنى ئۆستۇرىشى نەتىجسىدە ، دۇنيا ئالتۇن ئىستىمالى 30% كەينىگە چىكىندى .
  بۇنىڭ مەنبەسىنى تىپىش تولىمۇ ئاسان . ئاسىيانى مەركەز قىلغان جۇڭگۇ ھىندىستان روسىيە قاتارلىق ئۇچ ئاساسى دۆلەت دۇنيا ئالتۇن ئىستىمالى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھىساپلىنىدۇ .ھىندىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن ئىمپورت بىجىنى ئۆستۇرۇش لاھىيەسى ، ھىندىستانغا كىرىدىغان ئالتۇن ئومۇمى مىقتارىنى ئازلىتىۋىتىدۇ .بۇنىڭ نەتىجىسىدە ،ئاسىيا بازىرىدىكى ئالتۇن "تۆكمە"قىلىپ سىتىلىشقا دۇچ كىلىپ، ئامىرىكا ياۋرۇپا ئالتۇن بازىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
  دۇنياۋى چوڭ ئالتۇن كۈمۈش ماگناتلىرىنىڭ بازاردىن چىكىنىشى
ئوتنىڭ ئۇستىگە ياغ چاچقاندەك ، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورت بىجىنى ئۆستۇرگەنلىك خەۋىرى بىلەن تەڭلا، يەنە بىرقىسىم ئالتۇن ماگناتلىرى بازاردىن چىكىنگەن ، بۇنداق ھالەتتە ئالتۇن كۈمۈشكە چۇشۇش يۆلىنىشى ئارتىپ كىتىدۇ .
   جۇڭگۇ تاۋار مال ئىكىسپورت بازىرىدا قىزىل رەقەم پەيدا بولىشى .
  دوللارنىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسىشى
  ياۋرۇپاغا ئىغىر "بوغچا" بولغان گىرىتسىيە مەسلىسى .

   22-مارت خەلىقئارا ئالتۇن باھاسى 1636دوللار (131.39يۇەن خەلق پۇلى )غا چۇشتى ، كۈمۈش  31.65دوللار (6.41يۇەن خەلق پۇلى )غا چۇشتى .


  يۇقارقى ئامىللار ئالتۇن بازىرىغا بىۋاستە كۆرسىتىدۇ ، تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتى يۇقىرى ، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى .
   ئەگەر ئالتۇن بازىرى ئاي ئاخىرغىچە 1700دوللارلىق ئەسلى يۆلىنىشى تىپىپ بولالمىسا ، كىيىنكى ئالتۇن كۈمۈش بازىرى تىخىمۇ پاسسىپ تىخىمۇ خەتەرلىك . تارتىش كۇچى سەۋەبىدىن داۋاملىق چۇشىشى مۇمكىن .

      ئەسكەرتىش : بۇ پەقەت پايدىلىنشى ئۇچۇ يوللاندى ، ئەمەلىي ھۆكۇم يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق .
مەنبە: مىسرانىم:

باھا سۆز

ياخشى: 2.0
jesur  ياخشى: 2
مەن بۇ خەۋەرگە بەك ئىشىنىپ كەتمىدىم .  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:08
jesur   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

باشقۇرغۇچى

ئالاھىدە خادىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
940
تىللا
679
شۆھرەت
1965

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار بۇ تىما بىلەنلا ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىڭلارنى سىتىۋەتمەسلىكىڭلارنى سورايمەن .
نۆۋەتتە جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىۋاتىدۇ . مۇشۇنداق گۈللىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئالتۇننىڭ 160 يۇەنگە چۈشۈپ قىلىشىغا مەن بىرىنجى بولۇپ ئىشەنمەيمەن .
مەسىلەن ، 20 يىلنىڭ ئالدىدا مەن  5 پۇڭنى ئايرىم ئىلىپ چىقىپمۇ خەجلىگەن ئىسىمدە بار .....ئۇ چاغلاردا ئالتۇن 90~110 يۇەنلەردە بار بولغىيىدى ..............
10 يىلنىڭ ئالدىدا مەركىزى شەھەرلەردە يەنى قەشقەرگە ئوخشاش ۋىلايەتنىڭ مەركەزلىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 1 موغىمۇ چوكا مۇز كىلەتتى ..... 5 ~6 يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ يەكەن ناھىيسىدىمۇ كۆپ قىسىم جايلاردا 1 مولۇق چوكا مۇز بولىدىغان ....
تىخى 2 يىلنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى 5 موغا ئىلىپ يىيەلەيتۇق . كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇشقا ، ئۈچ چاقلىق توكلۇق موتىسىكىلىتقا ئولتۇرۇشقا 5 مو بولسىلا يىتەتتى ......ھازېر بولسا 1 يۈەنگە ئۆستى .....
ئىشلەمچى بولغان كىشىلەرمۇ 3 يىلنىڭ ئالدىدا 50~40 كويغا ئىشلەيتى . ھازېر بولسا 100 ھەتتا 150 كويلارغىمۇ ئىشلەيدىكەن . ئىش بىشى بولغۇچىلارغا ئەڭ بولمىغاندا 150 ~200 نى بەرمىسىڭىز ئىشلىمەيدۇ تىخى .....................

يۇقارقى ئەھۋاللار بىزنىڭ يەكەن دىيارىدىكى ئەھۋاللار .................... باشقا يەردە قانداق مەن بىلمەيمەن . شۇڭا ئالتۇننىڭ ئۇ دەرىجىدە چۈشۈپ كىتىدىغانلىقىغا مەن ئىشەنمەيمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jesur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-23 16:08  

كومپىيۇتېر توغرىسىدا ياردەم كىرەك بولسا -ئىنتىل سەيناسىغا كىلىڭ
ئالما apple توغرىسىدا ياردەم كىرەك بولسا -ھەۋەسكارلار كۇلۇبىغا كىلىڭ

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
713
تىللا
564
شۆھرەت
1088
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەسۇرنىڭ دېگىنى توغرا، بۇ پەقەت پەرەز.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
293
تىللا
466
شۆھرەت
596
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن ئەرزانلىسا خوتۇنمۇ ئەرزانلايتى. بولسا ئالتۇن بەكراق چۈشكەي ئامىن

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
282
تىللا
387
شۆھرەت
432

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawaskar218 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 19:35
ئالتۇن ئەرزانلىسا خوتۇنمۇ ئەرزانلايتى. بولسا ئالتۇن ب ...

ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ئەمدى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
440
تىللا
502
شۆھرەت
914
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taxna520 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 20:11
ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ئەمدى

دىمىسىمۇ شۇ بۇئاياللار ئاتۇن ئاسمىسا ئەرگەتەككەندەك بولمايدىغان دەك سالدۇ ئەمەسمۇ بۇ ئالتۇننى

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
384
تىللا
732
شۆھرەت
788

تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ئاكتىپ

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hawaskar218 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 19:35
ئالتۇن ئەرزانلىسا خوتۇنمۇ ئەرزانلايتى. بولسا ئالتۇن ب ...

قارىغاندا بۇ توردىشىمىز بويتاق ئوخشايدۇ ..................  
خۇدايىم مۇرادىڭىزغا يەتكۈزگەي ئامىن ............
jesur   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

باشقۇرغۇچى

ئالاھىدە خادىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
940
تىللا
679
شۆھرەت
1965

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پاراڭلار نەگە كىتىپ بارىدۇ پوش دىمەي ........................

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
282
تىللا
387
شۆھرەت
432

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarkanboy يوللىغان ۋاقتى  2012-3-23 22:57
قارىغاندا بۇ توردىشىمىز بويتاق ئوخشايدۇ ..................  
خ ...

مەنغۇ بويتاق لېكىن يېشىم كىچىك ئاۋۇ تورداشتىن غەم يەۋاتىمەن جۇمۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-25 17:01 , Processed in 0.221884 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش