- جۇغلانما
- 13772
تىزىملاتقان2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
سىنالغان سىستېما windowsXP نىڭ خەنزۇچىسى بولۇپ windows7 دىمۇ بولىۋىرىدۇ. windows8 دە سىناپ باققايسىز.
كومپيۇتېرىڭىزنى سىزدىن باشقا ئادەم ئىشلەتمىسۇن دېسىڭىز بارماق دېسكىڭىزنى قارانچۇق قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئۇسۇلى مۇنداق:
1- بارماق دىسكىڭىزنىڭ سىستېمىدىكى بەلگىسىنى (بىز بۇ يەردە I دەپ تۇرايلى) بىلىۋېلىڭ.
2- بارماق دىسكىڭىزغا بىر دانە txt ھۆججەت قۇرۇپ ئىچىگە ھېچنېمە يازماي ساقلاپ نامى ۋە كېڭەيتىلگەن نامىنى خالىغانچە قويۇۋېلىڭ.
مەسىلەن: intil.biz
3- ئەمدى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ D دىسكىسىغا بىر دانە txt ھۆججەت قۇرۇپ ئىچىگە تۆۋەندىكى مەزمۇننى چاپلاڭ.- if not exist I:intil.biz shutdown -s -t 10 -c "Kechurung, Bu Kompyuterni Ishlitelmeysiz"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش بۇنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى bat قىلىپ ساقلاڭ. مەسىلەن: buyruq.batدىققەت: يۇقارقى مەزمۇندىكى I بارماق دىسكىنى كۆرسىتىدۇ. بارماق دىسكىڭىزنىڭ مەزكۇر كومپيۇتېردىكى بەلگىسى i بولمىسا يۇقارقى مەزمۇندىكى i نى بارماق دىسكىڭىزنىڭ بەلگىسىگە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
4- ئەمدى 开始 دىن 运行 غا gpedit.msc نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىڭ.
بۇ چاغدا سىستېمىنىڭ «تاكتىكا گۇرۇپىسى» 组策略 ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى 本地计算机-策略 نىڭ ئاستىدىكى 计算机机配置 نىڭ ئاستىدىكى Windows设置 نىڭ ئاستىدىكى
脚本(启动/关机) نى بېسىڭ ، ئوڭ تەرەپتىكى 启动 نى قوش چېكىڭ ، چىققان كۆزنەكتىن 添加 نى بېسىڭ، چىققان كۆزنەكتىكى 浏览 نى بېسىپ D دىكىسنى تاللاپ بۇ يەردىكى بايا قۇرغان bat ھۆججەتنى تاللاپ كۆزنەك ئاستىدىكى 打开 نى بېسىڭ، 确定 نى بېسىڭ بۇ چاغدا باسسىڭىز بايىقى bat ھۆججەت تىزىملىككە قوشۇلىدۇ يەنە 确定 نى . ئەمدى سىستېمىنىڭ «تاكتىكا گۇرۇپىسى» 组策略 گۇرۇپىسىدىن چېكىنىڭ.
ئىش پۈتتى!
ئەمدى بارماق دىسكىنى كومپيۇتېردىن ئېلىۋېتىپ كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز كومپيۇتېر 10 سىكۇنتلۇق تەتۈر ساناقنى باشلاپ ئۆچۈدۇ.
بايىقى بارماق دىسكىنى چېتىپ كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىزلا ئاندىن سىستېما نورمال ئىشلەيدۇ.
1-2-3- مەشغۇلاتى قىلالمىسىڭىز بۇ تەييار ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ
barmaq.rar
(443 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 1088)
|
باھالاش
-
6
باھا خاتىرىسى
-
|