كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىىرى، پروگراممېرلار، Office ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش - تارقىتىش روھىغا مەدەت بېرىش، قوللاش يۈزىسىدىنئىنتىل سەيناسى ، ئالپباي تورى ، قىياس يۇمشاق دېتال تورى ، ئەرەنتىر شىركىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن [2012] پروگرامما، office ، لايىھە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
مۇسابىقە شەرتىنى [2012] پروگرامما، office ، لايىھە مۇسابىقىسى دىن كۆرگەيسىلەر.
مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەسەرلەرگە قارىتا راي سىناش ([2012] پروگرامما، office ، لايىھە ئەسەرلىرىگە بىلەت تاشلاڭ ) ۋە ئايرىم باھالاش ئارقىلىق ئىككى خخل نەتىجىنى بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە قىلدۇق.
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى، ئەسەر نامى ۋە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە
ahmatjan يوللىغان ئىنتىل بىلىملەر خەزىنىسى يۇمشاق دىتالى 1 - دەرىجە
super يوللىغان ئۇيغۇرچە توردىكى ئۈن-سىن دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش دېتالى 1 - دەرىجە
Qutbilik يوللىغان توپ ھالەتتە يازما مەزمۇنىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈش 1 - دەرىجە
Ummidiya يوللىغان ئۇيغۇر كاتىپ پروگراممىسى 2 - دەرىجە
mars36 يوللىغان پروگرامما لايىھىلەشتىكى كوئوردىنات ئۇقۇمى 2 - دەرىجە
atash يوللىغان 3D MAX تا مودىل قۇرۇش دەرسلىكى 2 - دەرىجە
dihanogli يوللىغان 3D ئالبۇم ياساش دەرسلىكى 2 - دەرىجە
muhammad يوللىغان Excel vba دىن ئاددى مىسال 2 - دەرىجە
Nida يوللىغان WordPress ئۇسلۇبى ياساش دەرسلىكى 2 - دەرىجە
jawhar0903 يوللىغانئىنتىل ghost xp قاچىلاش يىتەكچىسى 3 - دەرىجە
imran26 يوللىغان vb ئۈگىنىش ياردەمچى لوغىتى 3 - دەرىجە
Koinlun يوللىغان PSتا فىلىم بېشى ئىشلەش دەرىسى 3 - دەرىجە
ibrat يوللىغان «داموللام» مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ 3 - دەرىجە
sadirdin يوللىغانps ساقال ياساش دەرسلىكى 3 - دەرىجە
taxna83 يوللىغان ئۇيغۇرچە تېلفۇن دەپتىرى 3 - دەرىجە
dihanogli يوللىغان (مۇسابىقە) كۈندە بىر . . . 3 - دەرىجە
Yigana.Yigit يوللىغان ئادەمنىڭ قولىغا ئوت كىرىشتۈرۈش 3 - دەرىجە
sadirdin يوللىغان html5 ئاساسىدا مۇزىكا قويغۇچ يىزىش دەرسلىكى 3 - دەرىجە
Yigana.Yigit يوللىغان ئۈستەل يۈزى تەگلىكى 4 - دەرىجە
sadirdin يوللىغان word دا ئابزاس رامكىلاش دەرسلىكى 4 - دەرىجە
مۇكاپاتى [2012] پروگرامما، office ، لايىھە مۇسابىقىسى دا دېيىلگەندەك.
1- نەق پۇل مۇكاپاتىنى قىياس يۇمشاق دېتال تورى نىڭ ئاتامانى Qiyas.biz ئەپەندىم تەمىنلەيدۇ.
نەق پۇل مۇكاپاتى ئۈچۈن alipay ھېساۋىنى قىياس ئەپەندىگە تەمىنلىسە بولىدۇ.
2- ئالپباي تورى تەمىنلىگەن يۇمشاق دىتاللارنىڭ تىزىم نومۇرىنى قىياس يۇمشاق دېتال تورى نىڭ ئاتامانى Qiyas.biz ئەپەندىم تەمىنلەيدۇ. ( ئالپباي تورى تەمىنلىگەن يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرۈش ئادرىسى http://www.yolyar.com/a )
3- ئەرەنتىر شىركىتى تەمىنلىگەن مۇكاپاتنى ئېلىش ئۇسۇلى : مۇكاپاتنى ئالغۇچى ئۆزىنىڭ كىملىكىنىڭ سايىلانغان نۇسخىسى، پوچتا ئالاقە ئادرىسى ۋە تېلېفۇن نومۇرىنى intil@sina.com غا يوللاپ سەينادا Intil ئەپەندىمگە ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلىۋەتسە بولىدۇ. قەشقەر شەھرىدىن ئېلىۋالغۇچىلار ئەرەنتىر شىركىتى گە بېرىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ، باشقا جايدىكىلەر ئۆزىگە تېگىشلىك مۇكاپاتنىڭ پوچتا ( قاتناش) ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈش ھەققىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
4- مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى باھار (4- ئاي) نىڭ 1- كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى قىزغىن قوللىغان تورداشلار، ئاتامانلارغا تەشەككۈرىمىزنى ئېيتىش بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تورداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. شۇنداقلا بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، بىلىمىنىڭ زىيادە بولۇشىغا تىلەكداشمىز !
كامالى ئېھتىرام بىلەن
2012- يىلى نوۋرۇز ئېيىنىڭ 20- كۈنى |