تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

‹مۇسابىقە›Autorun ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلەنگۈچ ياساش(Autorun免疫)

يوللىغۇچى: sada| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-13 19:27| كۆرۈلۈشى: 525| ئىنكاس سانى: 2

يىقىندىن بىرى كۆپچىلىكنىڭ مۇسابىقە قىزغنلىقى ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ.نادىر تىمىلارمۇ چىقىۋاتىدۇ.نادىر تىمىلار توختاپ قالمىسۇن......
بۈگۈن سىلەرگە ئىلىپ كەلگىنىم Autorun.inf ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان كىچك قۇرال ياساش.
قۇرال پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك:
كۆپچىلىك بىلىمىز DOS بۇيرۇقى بىلەن ئۆچۈرگىلى،ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ھۆججەت قىسقۇچ قۇرغىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇخىل ھۆججەت قىسقۇچلاردىن پايدلىنىپ قىسمەن ۋىرۇسلاردىن ساقلىنىشقىمۇ بولىدۇ.Autorun.inf ۋىرۇسى بولسا بارماق دىسكا،كۆپ ۋاستە كارتسى،كۆچمە دىسكا قاتارلىقلارغا ئاسان يۇقۇۋالغاندىن سىرىت ئاساسلىقى كومپىيوتىرغا شۇخىل ئۈسكىنىلەر ئۇلانغان چاغدا ئاپتوماتىك قوزغىلىپ كومپىيوتىرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.Autorun.inf پەقەت ۋىرۇس ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ئۇ يەككە ھالەتتە ۋىرۇس ئەمەس.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك DOS بۇيرۇقىدا Autorun.inf نى تۆۋەندىكىدەك قۇرىمىز:
  1. D:\>md autorun.inf
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

D دىسكا رايونىغا Autorun.inf نى قۇرىدۇ.

  1. D:\>md autorun.inf\sada../
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
Autorun.inf ئاستغا sada نامىدىكى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغا ھۆججەت قۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن d دىسكا رايونىغا ئۆچۈرۈشكە،ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇلدى.
بىز مۇشۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ VB دا يۇقارقى جەرياننى يىزىپ چىقساقلا بولىدۇ.
Mkdir بۇيرۇقى ئارقىلىق ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇشقا بولىدۇ.بۇ بۇيرۇقنى ئىشلىتىپ Autorun.inf ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرالىنىڭ ئومۇمىي كودى :
  1. Private Sub Command1_Click()
  2. If Dir(Text1.Text & "/autorun.inf", vbDirectory) = "" Then
  3. On Error Resume Next
  4. MkDir (Text1.Text & "/autorun.inf")
  5. On Error Resume Next
  6. MkDir (Text1.Text & "/autorun.inf/sada...")
  7. Else
  8. MsgBox "Bu Diskida autorun.inf Mewjut!", vbInformation, "Eskertish!"
  9. End If
  10. End Sub
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
كۆرۈنمە يۈزى:


دەرىسلىك تامام!
مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويۇڭلا!

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش
    • Ozhan: نادىر مەزمۇنشۆھرەت + 1 2

يېڭى ئىنكاسلار

yarkanboy 2010-9-15 21:46
مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم ........ قانداق قىلساق Autorun.inf  ھۆججىتىنى ئۆچۈپ كەتمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ ........... بارماق دىسكىنىڭ سىن بەلگىسى قىلىپ ياسىساق ھەر قىتىم ۋىرۇسخۇر ئۆچۈرۋىتدىكەن .......
sada 2010-9-18 20:49
مۇسابىقە تىمىللىرىنى تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىشكە بولامدۇ؟

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-27 14:51.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.