تۆۋەندىكىسى ئالىم ئەھەتنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇر:
ەلكىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، Windows 8 ئىشلەتكۈچىلەرئارايۈزى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ تېخىمۇ توغرا، يەرلىكلەشتۈرۈش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، سىزنى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىمىز. مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.
Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلىرىغا پىكىر بېرىش ئۈچۈن، بۇ يەرنى چېكىڭ
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مەۋھۇم ئىسىم ياكى تەخەللۇس بىلەن تىزىملاپ كىرىسىز، ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئىنگلىز تىلىدا يازىسىز. ئىنگلىز تىلىدا ئىپادىلەشتە قىينالسىڭىز، ھەرگىزمۇ google تەرجىمانىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، پىدائىيلار ئۇنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق پىكىر يازمايلا، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇلانمىسىنى ئېلان شەكىلدە قالدۇرماڭ. مۇنبەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت،…قاتارلىق كىتابلاردىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ. مەسىلەن: ئىسىم، سۈپەت، پېئىل يەنە سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار دېگەندەك. ئىنكاس يازغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئىنكاسلارنىڭ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، ھەرگىزمۇ ئىملا، ئاتالغۇ،…جەھەتتىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرنى زورمۇ-زور تىلغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، رەھمەت!
===========
بىرىنچى: مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرىدا، سۆز تۈركۈمى پېئىل بولغان ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىشتا، لۇغەتلەردە قېلىپلاشقان «-ماق\-مەك» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: دەلىللىمەك، لېكىن، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى تىزىملىك، كۇنۇپكىلاردا پېئىلنىڭ «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» شەكلى قوللىنىلغان. مەسىلەن: دەلىللەش. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پېئىلنىڭ باشقا تۈرلىنىشى جانلىق ئىشلىتىلگەن.
سەۋەبى مانا:
(1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، خەمىت تۆمۈر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
(2) ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئاپتورى قادىر قاۋۇز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(3) ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت، ئاپتورى Daniel St. John، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(4) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
(5) ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
…
ئىككىنچى: مىكروسوفتنىڭ تەلىپى Windows8 نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش بولۇپ، ئاتالغۇ تەرجىمىسىدە قېلىپلاشقان، ھازىرقى زاماندا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىش، مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، يېڭى ئاتالغۇ ياكى يېڭى تىل ئۇسلۇبىنى Windows8 دا سىناق قىلىپ باقماسلىق، چوقۇم ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، مىكروسوفت تەلەپ قىلغان Windows8 تەرجىمە ئۇسلۇبىغا تولۇق ئەمەل قىلىش بولۇپ، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئۈچىنچى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم قائىدىسى شۇكى ئاتالغۇلارغا چۈشكەن بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولمايدىكەن، پەقەت ئىنكاسنىڭ مۇھىملىقى، ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارار چىقىرىشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چوقۇم ئىككىنچى قائىدىگە ئەمەل قىلغان بولسا، ئاندىن مۇنبەر مۇدىرىيىتى (بۇنى تورداشلار خەنزۇچىدىن سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇلار) قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىپ قولۇپ سالىدىكەن، تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە چۈشىنىشى ئۈمىد قىلىدىكەن. تۆتىنچى: ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىش تەس، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلار بار، ئەمما، ئۇنىڭغا پىكىر بەرمەك بەك ئاسان، شۇڭا، پىكىر يازغاندا پاكىتلىق مۇنازىرە قىلىڭ. مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئاتالغۇلار 1-2 يىل بۇرۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئارايۈز تەرجىمىسى رەسمىي باشلانغاندا، ئېكران يۈزىدىكى ئورنى ۋە جۈملىگە ئاساسەن، بەزىلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ خاتالىق بايقالغان. ئەمما، جۈملە تەرجىمىسىدە بۇ خاتالىقنىڭ ھەممىسى تۈزىتىلگەن. مەسىلەن: email كەلگەندە، ئۈستىدىكى To, From دېگەن سۆز «غا»، «دىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئەمما، ئەمەلىي تەرجىمىدە بۇ «تاپشۇرۇۋالغۇچى»، «ئەۋەتكۈچى» دەپ ئېلىنسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغاچقا، شۇنداق ئېلىنغان، ئەمما، سۆزلۈك ئامبىرىدا ئۇ يەنىلا قوشۇمچە «غا»، «دىن»دىن ئىبارەت. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. شۇڭا، بەزىلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەي تۇرۇپ قايناپ سۆزلەپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، چوڭ خاتالىقنى تاپتىم دەپ بايقىسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇشۇ يەرگە يېزىڭ، 1-2 كۈنگىچە مۇۋاپىق جاۋاب ئالالمىسىڭىز، ئاۋۇ يەرگە يازسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. ناۋادا، قولۇپ سېلىنغان ئاتالغۇلار ئىچىدىن زور خاتالىقنى بايقاپ، ئىنكاس يازالمىسىڭىز، مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويۇڭ. مەن چوقۇم يەتكۈزۈپ قويالايمەن. قۇلۇپنى يەنە ئېچىشقا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تاماملىنىدىغان بولغاچقا، كۈندە 4-5 ئاتالغۇغا قۇلۇپ سېلىنمىسا، بۇ خىزمەت بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە تاماملانمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە جەمئىي 20 كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتتىم، مىكروسوفت شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىممۇ يەنە ئۆز ئالدىغا مۇشۇ ساھەدىكى 15 نوپۇزلۇق كىشىلەرگە تەكلىپ ئەۋەتتى (ئۇلارنى قاتناشماي قالمىسۇن دەپ). ئەمما، ھازىر مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقانلار 80 دىن ئېشىپ كېتىپتىمىش. قارىغاندا ئۇلار ئۆز-ئارا ئەۋەتىپ بۇ تەكلىپنامىنى ۋاششاڭ قىلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ھەتتا بىلوگلىرىغا، تور بېكەتلەرگە مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ قويۇپتۇ (بۇ ئەسلىدە بىر ئەخلاقسىزلىق ئىدى). بۇمۇ مەيلى كەڭ دائىرلىك پىكىر ئېلىنسا تېخىمۇ ياخشى، شۇڭا، تەلەپ بويىچە تىزىملاش كودى ئېلىۋېتىلدى. ئەڭ ئاخىرقى تەۋسىيە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چىقىڭ، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا بولسۇن. |