- توردا
- 138 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-10
- تىزىملاتقان
- 2011-1-4
- شۆھرەت
- 3491
- تىللا
- 1718
- تۆھپە
- 2167
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 11696
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 829
- تېما
- 208
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 1292
- تۆھپە
- 2167
- تىللا
- 1718
- شۆھرەت
- 3491
|
ئاپتورى: ئاپتاپلىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
شۇ ئىشتىن كېيىن تور بىكەت ئېچىش شۇ قەدەر تەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەسلىكى مومكىن .ئىلگىرى بىر تور بىكەتنى ئېچىشقا بىر ئىككى كۈنلا ۋاقىت كىتەتتى .لېكىن ھازىر بىر قانونلۇق تور بىكەت ئېچىشىڭىز ئۈچۈن قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى سۇئال سوراقلارنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىشىڭىز ھەمدە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى تېلىگىراف ئىدارىسىگە بېرىپ رەسىمگە چۈشىشىڭىز
جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تور باشقۇرۇش ئىشخانىسىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشىڭىز كىرەك .
نۇرغۇن ئادەم تور بىكەت ئېچىش پۇل تېپىش ئۈچۈن دەپ قارايدۇ .لېكىن مەن تور بىكەت ئاشقۇچىلار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق مېنىڭ ئۇلارغا بولغان قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى .ھازىر تور بىكەت ئېچىپ پۇل تېپىش بۇرۇنقىدەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس.گۇگىل ئېلانى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى قوللىمايدۇ .بەيدۇغۇ ئۆز پۇخراسى بولغان ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قوللىمايدۇ .
باشقا ئېلان تور بەتلىرى تېخىمۇ شۇنداق .قوللايدىغانلارنىڭ ئېلانلىرىنى قويسىڭىز ساپلا سېرىق ئېلان ،دورا ئېلانلىرى چىقىۋالىدۇ .
ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمۇ تور بەتلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمەسلىكىنى بىلىۋالدىمۇ ھازىر تور بەتلەرگە ئېلاننى
بەك ئاز بىرىدىغان ،باھانى بەك تۆۋەن قويىۋالىدىغان بولىۋاپتۇ .
بەزىلەر مېنىڭدىن، ئاڭلىسام بىر تور بىكەتنى ئاچسا بىر ئادەم زىيارەت قىلسىلا پۇل كېلىدىكەن دەيدۇ .دەپ دايىم سورايدۇ .
مەن بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىمەن .نەدىمۇ شۇنداق ئىش بولسۇن .ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا ھەممە ئادەم تور بىكەت ئاچمامدۇ .
مۇشۇنداق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە مەمورىي قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىرىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر ياشلىرىدا تور بىكەت ئېچىش قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ قالغىنى يوق .گەرچە بۇرۇنقىغا يەتمىسىمۇ تور بىكەت ئېچىشنى بىلىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئاۋازىنى چىقارماي تىرىشماقتا .ئۇلار تور بىكىتى ئارقىلىق ھەتتا نەچچە ئايچىلاپ بىر پۇڭ پۇل تاپالماسلىقى مۇمكىن .
يامان ئەمەس بىر تور بىكەتنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاز دىگەندە بەش يۈز سوم پۇل بولمىسا بولمايدۇ .لېكىن بۇ پۇل نەدىن كېلىدۇ .
يەنىلا ئاشۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق جاپادا تاپقان پۇلىدىن كېلىدۇ .ئۇلار بۇ پۇلنى ئۇيغۇرنىڭ تور تەرەققىياتى ،
مەنىۋى ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ .
ساغلام تور بىكەت قۇرغۇچىلار ئۇيغۇر ئۇچۇن دەپ تور بىكەت ئاچىدۇ .لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىدا ماڭغۇچىلار بەزى قىيىنچىلىقلارغا ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچىراۋاتىدۇ .ئۇلار يۈرەكنى ئالقانغا ئەپ قويۇپ تۇرۇپ تور بىكەت ئاچىدۇ .ئۇلاردىن سوراپ بېقىڭ تور بىكەت ئېچىپ خاتىرجەم بىر كۈنۈڭ بارمۇ دەپ . ئۇلار تور بىكەتنىڭ نورمال يۈرىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدۇ .تور باشقۇرۇش ساقچىلىرى دايىم ئۇلارنى <مىھمان> قىلىپ تۇرۇدۇ .دىنى تېمىلارنى ۋە ئەرىز خارەكتىردىكى تېمىلارنى جىقراق چىقىرىۋەتسە تور ساقچىلىرى<ياسايدۇ> ..ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۈنى دەككە دۇككە ئىچىدە ئۆتىدۇ .لېكىن مىللەتكە بولغان ئوتتەك مۇھەببەت ئۇلارغا غەيرەت ئاتا قىلىدۇ .مەن مۇنبەر قۇرغانلارنىڭ نۇقۇل پۇل تېپىش ئۈچۈن مۇنبەر قۇرىۋاتىمەن دىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم .تور بىكەت ھەرزامان يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەھدىتىگە ئۇچىراش ھالىتىدە تۇرۇدۇ .
شۇڭا مەن تور بىكەت مۇنبەر ئاچىمەن دەيدىغان بارلىق باشقۇرغۇچىلارنى قەھرىمان دەپ قارايمەن .
مەنبەسى : كەڭسەي مۇنبىرى |
-
3
باھا خاتىرىسى
-
|