ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 288|ئىنكاس: 2

ياردەم: uighursoft arial, uighursoft times new roman خەت شەكلى لازىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
54
تىللا
210
شۆھرەت
137
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 18:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىقى خەت شەكلىنى ئىشلىتىپ بېسىلغان كىتاپ بار ئىدى، قايتا سېستىما قاچىلىغان ۋاقىتتا بىخەستەلىكتىن خەت شەكلى يوقاپ كېتىپ ھازىر مەزمۇن نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. باشقا خەت شەكلىگە ئالماشتۇرسام نورمال كۆرۈنىدۇ، ئەمما مەزمۇن بىر قانچە خىل تىلدا ئارىلاش بېسىلغان بولغاچقا، خەت شەكلىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنگىنى بىلەن بۇرۇن تەڭشەپ قويغان يەرلەر سەل ئىگىز-پەس بولۇپ قالىدىكەن. بۇ خەت شەكىللىرىنى ئورناتقاندىن كېيىن ھۆججەتنى pdf كە ئايلاندۇرۇۋالماقچى ئىدىم.
شۇڭا بۇ خەت نۇسخىلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادردسىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار، ياكى بۇ يەرگە يوللاپ قويغان بولساڭلار. كۆپ رەھمەت.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17228
تىللا
21520
شۆھرەت
29997

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 00:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشىمچە uighursot نىڭ  arial  بىلەن times new roman  نامىدا خەت نۇسخىسى يوق.
ھۆججەتنى كۆرۈپ بېقىسقا بولامدۇ؟ yolyar@qq.com
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
54
تىللا
210
شۆھرەت
137
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:12:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ، ئۇ ھۆججەت شەخسەن مېنىڭ بولمىغاچقا ھازىر مەندىمۇ يوق، مەن پەقەت ئۇ ھۆججەتنى باشقىلارنىڭ كومپيوتېرىنى ئىشلىتىپ ئوڭشاپ بەرمەكچى ئىدىم، تېخى ئېلان قىلىنمىغان كىتاپ بولغاچقا ھۆججەتنى كۆچۈرۈۋېلىشنى ئىگىسىدىن سورىمىغان ئىدىم. ئەسلىدە بىر بەت بولسىمۇ كۆچۈرۈۋالغان بولسام سىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن بولسام، ئەپسۇس.
ئوخشاش بىر بەتتە ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە (ئازراق)، ئىنتايىن ئاز پارىسچە، خەنزۇچە، خەلقئارالىق ترانسىكىرىپسىيە بەلگىسى قاتارلىق بىر قانچە خىل مەزمۇن بار، كۆپىنچە بۇ مەزمۇنلار بىر قۇرغا يېزىلغان، يەنى كۆپىنچە قۇرلارنىڭ ئىچىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ياكى ئاز دېگەندە ئۈچى ئارىلاشتۇرۇپ يېزىلغان.
بۇ خەت شەكىللىرىگە كەلسەك، ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ بىر يازمىسىدا (http://bilik.biz/bbs/archiver/?tid-16436.html)  يېزىشىچە UKIJ TUZ TOM  خەت شەكلىنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ uighursoft arial  ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ خەت شەكلىنىڭ ئەلكاتىپ 3.1 نۇسقىسىغىچە ئىشلىتىلىپ، 2002-يىلىغا كەلگەندە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى يېزىپتۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا ئەلكاتىپ نىڭ 3.1 نۇسقىسىدىن بۇرۇنقى نۇسقىلىرىدا بۇ خەت شەكلى بار بولۇشى كېرەك. بۇ خەت شەكلى بار بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار، كۆپ رەھمەت.
ھۆججەتتە بىرقىسىم ئۇيغۇرچە مەزمۇن uighursoft arial بىلەن يەنە بىرقىسىم ئۇيغۇرچە مەزمۇن uighur soft times new roman بىلەن يېزىلغان ئىدى (خەتنى تاللىغاندىن كېيىن خەت شەكلىنى كۆرسىتىدىغان يەردە مۇشۇ خەت شەكىللىرى كۆرۈنىدۇ، ئەمما كومپيوتېردا بۇ خەت شەكىللىرى يوق).
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-7 09:54 , Processed in 0.107112 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش