ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 340|ئىنكاس: 5

WordPressنىڭ SAE ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە نۇسخسى پۈتتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1297
تىللا
5363
شۆھرەت
2837

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 04:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WordPressنىڭ SAE ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە نۇسخسى پۈتتى!
ئىلگىرى خېلى كۆپ قىسىم بلوگچىلار SAE ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن خەنچە نۇسخىسىنى قاچىلاش ۋە بىر قىسىم بلوگچىلار تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە بولاقنى باستۇرۇش ئارقىلىق WordPressنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىدى، مەنمۇ شۇ قاتاردا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋالغان ھەمدە ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن يېڭى نۇسخىسىغا كۆتۈرۈۋالغان ئىدىم. ئەمما زور بىر قىسىم بلوگلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ئوخشىمىغان خاتالىقلارغا ئۇچراپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە نەشرىنى كۆتۈرۈشتە مەغلۇپ بولغان، ھەتتا يېڭىباشتىن قاچىلاش، ھېساباتى يۇيۇلۇپ كېتىشتەك ئاۋارىچىلىقلارغىمۇ يولۇققان ئىدى، ئۆزەممۇ نەشرىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن Windows Live Writer دا يازمايوللاش ئىقتىدارى ئېتىلىپ قېلىپ، قايتا خەنچە نەشرىنى قاچىلاشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. مۇشۇ ئىشلارنى كۆزدە مۇشۇ نەشرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى ئويلاشتىم ۋە تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇنىمۇ ئىشقا ئاشۇردۇم.
بۇ نۇسخىسى SAEنىڭ ئورگان بېتى تەمىنلىگەن خەنچە نەشرى (تور بەت مەنزىلى http://wp4sae.org/) ۋە WordPress نىڭ ئورگان بېتى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە نەشرى (تور بەت مەنزىلى http://ug.wordpress.org/ ) ئاساسىدا SAE غا ماسلاشتۇرۇلدى، نۆۋەتتىكى نەشرىدە بىر قىسىم جايلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى، بۇلار ئاساسلىق قاچىلاش، يېڭىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرى، كېيىنكى نەشرىدە بۇ جايلارنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇشقا تىرىشىمەن. ئارقا بېتى ۋە ئىككى دانە بىرگە بېرىلگەن ئۇسلۇب پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە.
بۇ نۇسىخسى يېقىندا SAE نىڭ ئورگان بېتىگە يوللىنىدۇ، شۇڭا بۇ يەردە چۈشۈرۈش مەنزىلى يوللانمىدى. ئورگان تەرەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ھامان چۈشۈرۈش مەنزىلىمۇ تولۇقلاپ قويۇلىدۇ.
نۆۋەتتىكى نەشرى:3.2.1
تۆۋەندىكىلىرى بۇ نەشرىنىڭ ئېكران كەسمە سۈرەتلىرى:




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-22 01:17  

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
Sahra-Oghli  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 14:45:50
1

باھا خاتىرىسى

Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5319
تىللا
4214
شۆھرەت
9039

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 12:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرگەزمىخانىدا خەنزۇچە يېزىقنى تونىمىغاندەك قىلىدۇ، ئۇيغۇرچە نورمالكەن، ئاستىدىكى ئىنكاس ھەممىسى كاتەكچە تۇرىدۇ، سەيناغا كاتەكچىنى كۆچۈرۈپلا چاپلىسام خەنزۇچە يېزىققا ئۆزگەردى.
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1297
تىللا
5363
شۆھرەت
2837

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 12:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىلا SAE ئورگان تەرەپتىن قايتقان جاۋاب ئې-خەتنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلار تېزلىكتە سىناشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تەستىقلىنىشىدىن ئۈمىد باردەك قىلىدۇ. تەستىقلىنىپ قالسا، خۇددى خەنچىسىنى قاچىلىغاندەك بىر كونۇپكا بىلەنلا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمىز.
بۇنىڭدا ھەممىدىن بەك مۇرشىدى ئەپەندىنىڭ تۆھپىسى كۆپ، مەن پەقەت ئاشۇ كىشىنىڭ ئەمگىگىنى SAE غا ماسلاشتۇرۇپ قويدۇم، خالاس. رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كەلسە يەنىلا مۇرشىدى ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىش كېرەك.
alm+soft   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2132
تىللا
1692
شۆھرەت
3093
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-5 20:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ بۇ سىستېمىمۇ ياكى دېتالمۇ ؟
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1297
تىللا
5363
شۆھرەت
2837

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 02:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alm+soft يوللىغان ۋاقتى  2012-3-5 20:40
ۋاھ بۇ سىستېمىمۇ ياكى دېتالمۇ ؟

بۇ سىستېىمۇ ئەمەس، دېتالمۇ ئەمەس، بۇ پەقەت بىر تور پروگراممىسى، خالاس! مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىنلاڭ شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقسىز بۇلۇت سۇپىسىدىكى تور خاتىرە (بىلوگ) پروگراممىسى.
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1297
تىللا
5363
شۆھرەت
2837

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 01:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما مەزمۇنىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك WordPress نىڭ SAEغا ماسلاشتۇرۇلغان 3.2.1 نەشرىنى ئىشلەپ، سىنا تەرەپكە يوللىغان بولساممۇ تا بۇكەمگىچە ھېچقانداق خەۋەر بولمىدى. ئاخىرى بۇنى تارقىتىۋېرىش قارارىغا كەلدىم.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1) سىنادىن بۇلۇت بوشلۇقىنى ئىلتىماس قىلغان بولۇشىڭىز، ئاندىن ئۇنىڭدىكى قوللانمىلار(应用) نىڭ ئىچىدىن WordPressنىڭ SAE ئۈچۈن ئىشلەنگەن خەنچە نۇسخىسىنى قاچىلىشىڭىز شەرت. (سەۋەبى، خەنچىسىنى قاچىلىماي بىۋاسىتە ئۇيغۇرچىسىنى قاچىلىسىڭىز mencache,storage دېگەندەك بىرمۇنچە مۇلازىمەتلىرى ئېچىلمايدىكەن ياكى بۇلارنى ئۆزىڭىز ئېچىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئاۋارىچلىقى تېخىمۇ كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچىسىنىڭ نورمال ئىشلىشى مۇمكىن بولماي قالىدىكەن.)
2) سىنا تەمىنلىگەن يەرلىك بىلەن تور ئوتتۇرىسىدا ھۆججەت يوللاش دېتالى ئارقىلىق توردىكى ھۆججەتلەرنى يەرلىككە چۈشۈرۈڭ.
3) ئاستىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىللىرىدە بېرىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ خالىغان بىرىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ يېشىپ، بۇ ھۆججەتلەرنى 2-باسقۇچتا چۈشۈرگەن ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە قاپلاپ كۆچۈرۈڭ.
4) يەرلىكتىكى ھۆججەتلەرنى تورغا يوللاڭ.
بۇ چاغدا توردىكى بوشلۇقىڭىزنى ئاچسىڭىز، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
گوگۇل
بەيدۇ
360
كۇپەن
189
skydrive
( بىر نەچچە تور دىسكىسىنى تەڭ سىناپ باقماقچى بولۇپ يوللاپ قويدۇم. گوگۇلدىكسى ئېچىلمىسا hosts ھۆججىتىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئېچىلىدىغان قىلغىلى بولىدىكەن.)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-3-8 23:49 , Processed in 0.084690 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش