ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(8)
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە نيې رۇڭجېن ئىلگىرى بىر پارچە دوكلاتتا خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
سوۋېت تەرەپنىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش پوزىتسىيىسى 1958-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئىلگىرى يەنىلا بىر قەدەر ياخشى ئىدى، ئادەتتە كېلىشىمدىكى ماددىلار بويىچە ئىش قىلغان ئىدى، كونكرېت خىزمەت قىلغۇچى تارماقلار ۋە خادىملار يەنىلا ئاكتىپ ۋە قىزغىن ئىدى، بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى خالايتتى، بىراق يۇقىرىنىڭ باشقۇرۇشى بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ، دائىرىدىن بىرەر يېرىم قەدەم ئاتلاشقا قەتئىي يول قويۇلمايتتى. 1958-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن، باشقۇرۇش تېخىمۇ چىڭىدى، قەدەممۇ-قەدەم قىسىلدى. كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن مەسىلىلەردە دائىم «يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىلىپ»، باھانە ئىزدەپ، رەت قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى رەت قىلىپ، كەينىگە سۆرىگىلى بولىدىغانلىرىنى كەينىگە سۆرىدى. بىر قىسىم بىر قەدەر مۇھىم مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى قايتىدىن سۆھبەتلىشىشى كېرەك دەپ رەت قىلدى، بىراق ھۆكۈمىتىمىز رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويسىلا، ئەكسىچە يەنە بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى، ئېتىبار بەرمىدى. بىزنىڭ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۈسكۈنىلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇش ھەققىدىكى تەلىپىمىزنىمۇ رەت قىلىپ قوللىمىدى. كېلىشىمدە كونكرېت بەلگىلەنمىگەن مەسىلىلەردە يەنى تەكىتلەنگەن ماددىلارنى قىلچىلىكمۇ ئويلاشمىدى.
1960-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ يادرو قۇرۇلۇشى لايىھىلەش يۇرتىدا خىزمەت قىلىدىغان سەككىز نەپەر مۇتەخەسسىس (ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتە نەپىرى مەسئۇل ئىنژېنېر) بۇيرۇققا بىنائەن مۇددەتتىن بۇرۇن دۆلىتىگە قايتتى؛ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لەنجۇ ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتىدا قۇراشتۇرۇش خىزمىتى ئىش ئورنىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان بەش نەپەر مۇتەخەسسىسمۇ تۇيۇقسىز چېكىندى. خرۇشېۋ مۇتەخەسسىسلەرنى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 23-كۈنىگە قەدەر، جۇڭگو يادرو سانائىتى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 233 نەپەر سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىلدى ھەمدە مۇھىم چېرتيوژ، سانلىق مەلۇماتلارمۇ بىللە ئېلىپ كېتىلدى.
بەشىنچى، قىسقىچە خۇلاسە
خرۇشېۋنىڭ توختامنى يىرتىپ تاشلىشى، مۇتەخەسسىسلەرنى چېكىندۈرۈپ ئېلىپ كېتىشى جۇڭگونىڭ يادرو سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلغا قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشىغا ھەقىقەتەنمۇ زور قىيىنچىلىق پەيدا قىلدى. بىر قىسىم تۈرلەردە جۇڭگو تەرەپ ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناش تېخنىكىسىنى تېخى ئىگىلىمىگەنلىكتىن ئىشلەپچىقىرىشقا رەسمىي كىرىشتۈرۈش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى، بىر قىسىم تۈرلەردە ئۈسكۈنە، ماتېرىياللار يېتەرلىك تەمىنلىيەلمىگەنلىكتىن پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە تەسىر يەتتى، بەزى تۈرلەردە لايىھىلەش تاماملانمىغانلىقتىن ئامالسىز باشتىن باشلاشقا توغرا كەلدى. بىراق ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى جۇڭگونىڭ يادرو سانائىتى ئاساسىنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئاساسىي رامكىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەمدە ئاتوم بومبىسى ۋە تىزگىن بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا نىسبەتەن يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدىغان رول ئوينىدى. ئەگەر جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو سانائىتى جەھەتتىكى ئالتە كېلىشىمى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى كېلىشىمگە ئاساسەن تەمىنلىگەن ئۈسكۈنە، چېرتيوژ، ماتېرىياللار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، جۇڭگو ئاتوم بومبىسىنى 1964-يىلىلا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بولاتتى؛ ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن يەردىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان تىزگىن بومبا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەربىيىلىشى بولمىغان بولسا، جۇڭگومۇ 1959-يىلى 10-ئايدىن كېيىنلا گومىنداق ئۇچقۇلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئاسمىنىدىكى خالىغانچە پاراكەندىچىلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتەلمىگەن بولاتتى. ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان يادرو ياردىمىنىڭ زادى قانداق دەرىجىگە يەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش لازىم بولسا، ئۇنداقتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1960-يىلىدىكى تېخنىكا، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ، مۇتەخەسسىسلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ يادرو سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى كېچىكتۈرەلىدى لېكىن توسۇپ قالالمىدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ بىر نۇقتىنى باشقىلار چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما سوۋېتلىكلەر ياخشى چۈشىنەتتى. 1964-يىلى 10-ئايدا، يەنى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن نەچچە كۈن بۇرۇن، خرۇشېۋ ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيچىرو فۇجىياما (藤山爱一郎,Aiichiro Fujiyama) بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەتتە ياپونىيىلىكلەر جۇڭگونىڭ ھازىر يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغۇدەك ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغاندا، خرۇشېۋ سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ:« جۇڭگولۇقلار يادرو پارتلىتىش سىنىقىنى تامامەن ئېلىپ بارالايدۇ، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاللىقاچان نۇرغۇن يادرو تېخنىكىسى ۋە يادرو ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى قانداق قىلىشنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ بەردى.» دېدى.
بۇ ماقالىنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى، بولۇپمۇ، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوقۇم يادرو قوراللىرى جەھەتتە جۇڭگوغا ياردەم بېرىشى ــــ يادرو مۇھاپىزىتى ياكى يادرو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىشى جەزملەشتۈرۈلدى؛ خرۇشېۋنىڭ سىياسىي جەھەتتە جۇڭگوغا ھاجىتى چۈشكەنلىكتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا بولغان ياردىمىنىڭ دەرىجىسى ۋە سالمىقىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈردى، بۇ جۇڭگونىڭ قىسقىغىنە ئون يىل ئىچىدە ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقالىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى؛ خرۇشېۋنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ماۋزېدۇڭغا بولغان ئىشەنمەسلىك بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو ستراتېگىيىسى ۋە يادرو سىياسىتى ھەمدە خەلقئارالىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىلاپلار ئۆزلۈكسىز ئاشكارىلانغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى چەكلىك بولدى ھەمدە ھەر زامان جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىنى قانداق قىلىپ چەكلەش ئويلىنىپ تۇرۇلدى. قىسقىسى، 1950-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ھەم ياردەم بېرىدىغان ھەم چەكلەيدىغان مۇرەككەپ بىر خىل پىسخىكلىق ھالەت ئىپادىلەندى.
ئىزاھلار:
[1]ھەقىقىي مەنىدىن ئېيتقاندا، يادرو قوراللىرى پەقەت يادرو ئوق بېشىنىلا كۆرسىتىدۇ، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇقۇم ئاتوم بومبىسى، ۋودورود بومبىسى ھەمدە ئۇنى توشۇغۇچى قورال ــ تىزگىن بومبا (يەنى راكېتا، ئۇچار بومبا)نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
[2]رۇسىيە ھەربىي تەرەپ ئارخىپلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ خەپلىك مەزگىلىدە، يەنى ئامېرىكا ئېنچوندا قۇرۇقلۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى باش شتابى تۈزگەن تۆت نۇسخا تاللاشقا بولىدىغان لايىھىنىڭ بىرى دەل يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇش ئىدى.
[3]بۇ مەزگىللىك سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەش ئەھۋالىغا قارىتا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تارىخىي ماتېرىياللار تەتقىقات مەركىزى تەھرىرلىگەن «خەلقارالىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش تارىخى تەتقىقات ماتېرىياللىرى» 2-توپلام (2001-يىلى 7-ئاي)دا بېسىلغان بىر نەچچە پارچە رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ ماقالىسىنىڭ ناھايىتى پايدىلىنىش قىممىتى بار. خرۇشېۋنىڭ جۇڭگوغا ھەدەپ دوستانىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتىگە كەلسەك، مۇئەللىپنىڭ «خرۇشېۋ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لۈشۈن بازىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى» («پارتىيە تارىخى تەتقىقات ماتېرىياللىرى»، 2002-يىل 9-سان) ناملىق ماقالىسىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.
[4]بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر تۈرىلا قانائەتلەندۈرۈلمىدى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى سۇ ئاستى كېمىسىگە ئائىت ھەرقانداق تېخنىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.
[5]خرۇشېۋ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، يەنىلا جۇڭگو يادرو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو سىناق مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئۆتۈنۈشىنى تەستىقلىدى ھەمدە ئۇلارغا بىر دانە ئاتوم بومبىسىنى كۆرسەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يەنە 12-تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىسىنى جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتتى.
--------------
بۇ ماقالە «سوغۇق ئۇرۇش تورى»دىن ئېلىنغان.
تەرجىمە قىلىشتا پايدىلانغان مەنزىل:
ئەنقا تورى
تەرجىمىسى ئەسلى يوللانغان مەنزىل:
نىدا بلوگى بۇ تېمىنى ئاخىرىدا Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-9-12 19:23
|