Nida يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 00:38
2-دەرس ئۇسلۇب ياساشنىڭ ئاساسى تەرتىپىشۇنداق، ئۇسلۇب يا ...
3-دەرس تور خاتىرىسىنىڭ باش قىسمى (header.php)نى ياساش ئالدىنقى دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان بولسىڭىزلا WP ئۇسلۇبىنىڭ ئاساسلىق style.css ۋە index.php دىن ئىبارەت ئىككى دانە ھۆججىتى بارلىقىنى بىلىۋالدىڭىز، ئۇلار ئەڭ ئاساسلىقتۇر، بىراق يالغۇز ئۇ ئىككىسىلا بولسا، روشەنكى، مۇكەممەل بولمايدۇ، گەرچە بارلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى index.php نىڭ ئىچىگە يېزىپ قويسىڭىز بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ WP ئۇسلۇب ياساش ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ، بۇ دەرستە سىز قانداق قىلىپ ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ئۇسلۇب ياساش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالىسىز.
ئۈستىدىكى رەسىمدىن بىر ئاساسى WP بېتىنىڭ تۆت بۆلەكتىن (header.php, index.php, footer.php, sidebar.php) تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىۋالالايسىز، ئۇلار WP تور خاتىرىسىدە ئوخشىمىغان بەت يۈزى بۆلەكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. دەرسلىكنىڭ داۋامىدا بۇلارنى ياساش ئۇسۇلىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەيمەن، بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىم شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ــ تور خاتىرىسىنىڭ باش قىسمى header.php ھۆججىتىنى يېزىش ئۇسۇلىدۇر.
(1)ئالدى بىلەن index.php ھۆججىتىڭىزگە تۆۋەندىكى ئىككى ئاددى فۇنكىتسىيىنى يېزىڭ، بۇ فۇنكىتسىيىلەر بۇ يەردە ۋاقتىنچە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلمايدۇ، دەرسلىكنىڭ داۋامىدا index.php نى چۈشەندۈرگەندە تەپسىلىي تونۇشتۇرىلىدۇ.
(2)ئاندىن nida_kok ھۆججەتدانىغا header.php ناملىق ھۆججەت قۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى كودنى يېزىڭ:
http://www.w3.org/TR/xhtml1/DTD/xhtml1-transitional.dtd”> http://www.w3.org/1999/xhtml”>
” type=”text/css” media=”screen” /> (3)تور كۆرگۈچنى ئېچىپ، تور خاتىرىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، تور خاتىرىڭىزنىڭ نامى ۋە قىسقىچە ئىزاھاتى كۆرۈنۈپتىمۇ؟
شۇنداق بۇلارنىڭ ھەممىسى قېلىپ فۇنكىتسىيىلىرىنىڭ تۆھپىسىدۇر، تۆۋەندە سىز ئۇلارنىڭ رولى بىلەن ئالدىرىماي تونۇشىسىز.
ئىزاھات:
1-قېلىپ فۇنكىتسىيىسى bloginfo()
بۇ فۇنكىتسىيە ئارقىلىق تور خاتىرىڭىزنىڭ مۇناسىپ ئۇچۇرلىرىنى چىقىرالايسىز، ئۈستىدىكى header.php ھۆججىتىدە بۇ فۇنكىتسىيە تۆت قېتىم ئىشلىتىلىپ، ئۈچ ئاساسلىق ئۇچۇر: تور خاتىرىسى نامىbloginfo(‘name’)، ئۇسلۇب ھۆججىتىbloginfo(‘stylesheet_url’)، تور خاتىرىسى قىسقىچە ئىزاھاتىbloginfo(‘description’) چىقىرىلدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئىككى نۇقتا بار:
(1)bloginfo()فۇنكىتسىيىسىنىڭ چىقىرىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئۇ ئۇچۇر قايتۇرماستىن، ئۇچۇرنى بىۋاسىتە تور كۆرگۈچكە چىقىرىدۇ.
(2)bloginfo()فۇنكىتسىيىسگە ئوخشىمىغان پارامېتىرلارنى قوشۇش ئارقىلىق، ماس ھالدىكى ئوخشىمىغان ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
bloginfo()فۇنكىتسىيىنىڭ دائىم ئىشلىتىلىدىغان تەڭشەك پارامېتىرلىرى ئىزاھاتى
پارامېتىر نامى
| ئىزاھات
| چىقىرىدىغان قىممىتى
| html_type
| ھۆججەت تىپى
| Text/html
| charset
| بەت كودى
| Utf8
| name
| تور خاتىرىسى نامى
| نىدا دەرسخانىسى
| stylesheet_url
| Style.css نىڭurlمەنزىلى
| http://blog.torkatip.info/wp-content/themes/nida_kok/style.css
| comments_rss2_url
| باھالارنىڭrssمۇشتىرى مەنزىلى
| http:// blog.torkatip.info /comments/feed
| description
| قىسقىچە ئىزاھات (قوشۇمچە تېما)
| Nida
| admin_email
| باشقۇرغۇچىنىڭ ئې-خەت مەنزىلى
| admin@aelsoft.com
| version
| WordPress نىڭ نەشىر نومۇرى
| 3.3.1
| language
| يەرلىك تىلى
| Zh-cn
| 2-get_option()فۇنكىتسىيىسى
بۇ فۇنكىتسىيە ئارقىلىق تور خاتىرىسىنىڭ تور مەنزىلىگە ئېرىشىلدى، بۇ فۇنكىتسىيىنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇ بىر URL مەنزىلى ئۆزگىرىشچان مىقدارىنى قايتۇرىدۇ، شۇڭا ئەگەر بەت يۈزىدە ئۇ قايتۇرغان قىممەتنى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز، ئالدىغا echo فۇنكىتسىيىسىنى ئىشلىتىشىڭىز لازىم.
ئەلۋەتتە، سىز بىر قىسىم پوسۇنلارنى قوشسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇ مەزكۇر دەرسلىكنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، مەزكۇر دەرسلىكتە پەقەت كۆپچىلىككە بۇ قېلىپ فۇنكىتسىيىلىرى ۋە ئۇسلۇب ياساشنىڭ ئاساسى ئۇسۇلىنىلا چۈشەندۈرۈش مەقسەد قىلىنغانلىقتىن، كۆپچىلىككە ئۇسلۇبنى قانداق لاھىيىلەش سۆزلەنمەيدۇ. بۇ دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ مول تەسەۋۋۇرىڭىزنى قوشسىڭىز، ئاندىن چىرايلىق ئۇسلۇب ياساپ چىقالايسىز، بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ CSS بىلىملىرى ئاساسىڭىز ۋە لاھىيىلەش ئىقتىدارىڭىزغا باغلىق، ھالبۇكى، بۇ مەزمۇنلار بۇ دەرسلىكىمنىڭ مەزمۇن دائىرىسىدە ئەمەس.
|