- توردا
- 158 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 1175
- تىللا
- 902
- تۆھپە
- 649
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4142
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 241
- تېما
- 43
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 39
- تۆھپە
- 649
- تىللا
- 902
- شۆھرەت
- 1175
|
ئەسلى ئايرىم تېما قىلىپ يازمىسامم بولاتتى. بۇ ھەقتە بىلىدىغانلارمۇ كۆپ، بىلمەيدىغانلارمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=8876
بۇ تېمىدىكى 11- قەۋەتتىكى muhammad ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ سۇئالىغا ئاساسەن بۇ تېما يوللاندى.
سۇئال مەزمۇنى:
ياخشىمۇ سىز شەھدىيار ئۇستاز، سىزنىڭ ئۈنسىز تۆككەن ئەجرىڭىزگە ئەشقاللا، باسقان قەدىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!
مىنىڭ بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى(بەلكىم باشقا تورداشلاردىمۇ شۇنداق تۇيغۇ باردۇ)
يېقىندىن بۇيان مۇشۇ ئەپ دىگەن يىڭى ئۇقۇم دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ يانفۇن دىتالى ئىكەنلىكىنى ئازتۇلا بىلسەممۇ لېكىن بۇ جەھەتتىكى بىلىمىمنىڭ خېلىلا يىتەرسىزلىكىدىن تۇلىمۇ خىجىل بولىمەن...
سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم:
1. بۇ ئەپ دىگەن قانداق دىتال؟
2. ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟(مەسىلەن يۇقارقى ئەپنى تەييارلاپسىز، ئەپسۇس بىلىمسىزلىكىمدىن ئۇنى يانغۇندا قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا كاللامدا ھېچقانداق ئۇقۇم يوق.)
3......
دىگەندەك بىرقاتار مەسىلىلەرگە تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز، ھەممىمىز بىر تۇلۇقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋالساق دىگەن ئۆمىدتىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : مۇھەممەد
جاۋاب مەزمۇنى:
ياخشىمۇ سىز.
1. بۇ ئەپ دېگەن قانداق دېتال؟جاۋاب: «ئەپ» سۆزى ئەسلى ئېنگلىزچىدىن كىرگەن بولۇپ، Application نىڭ قىسقارتىلمىسى App دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭ خەنزۇچىسى 应用 بولۇ، ئىشلىتىلىشچان، قوللىنىشچان، ئەمەلىي.... دېگەندەك مەنالىرى بار. بىز ئەسلى مۇشۇ App سۆزىگىمۇ ئايرىم ئۇيغۇرچە ئىبارە ياسىساق بولاتتى. Pad دېگەننى پەد، App دېگەننى ئەپ دەپلا ئاتاپ كېتىپ بارىمىز. بۇ ئەپ دېگەن سۆزنى يانفۇننىڭ قوللىنىشچان پروگراممىسىكەن دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. يانفۇننىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئەپ قاتارىغا كىرمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىسى يۈزىگە قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن ئەپ دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىر ئومۇملىشىپ كېلىۋاتقان Androis, iOS, Symbian...... قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىق يانفۇنلاردا ئىشلىتىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ئەپ دەپ ئاتىلىدۇ.
2. ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟(مەسىلەن يۇقارقى ئەپنى تەييارلاپسىز، ئەپسۇس بىلىمسىزلىكىمدىن ئۇنى يانفۇندا قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا كاللامدا ھېچقانداق ئۇقۇم يوق.)
سىز ۋە بىز ئىشلىتىۋاتقان Windows سىستېمىسى بولسا مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر. مۇشۇ Windows نىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان Photoshop, Office, QQ, xunlei، تور كۆرگۈچلەر، ناخشا-مۇزىكا قويغۇچلار...... دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللاردۇر. يانفۇندىمۇ مۇشۇنداق قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار بولىدۇ، مەسىلەن: QQ، قويغۇچ، تور كۆرگۈچ، ھەر خىل ئويۇنلار...... دېگەندەك. بۇنداق قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى «Application» سۆزىدىن «App» دەپ يەنى، «ئەپ» دەپلا ئاتايمىز.
بۇ «زامانىم ئەپ بازىرى» بولسا، ئاندرويىد سىستېمىلىق يان تېلېفۇنىڭىزغا ھەر خىل ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە قولايلىق، قوللىنىشچان، ئۆزىڭىزگە يارىغان، لازىملىق يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان بىر بازار يۇمشاق دېتالى. بۇ بازارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەپلەر بولىدۇ (ئەلۋەتتە ئاشۇ نۇرغۇنلىغان ئەپلەرنى ئۆزىمىز قوشىمىزدە).
يەنە چۈشىنەلمىگەن جايلىرىڭىز بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ھەقتە باشقىچە چۈشەنچىسى بارلار مەزكۇر تېمىدا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.
|
|