ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 13

[چۈشۈرۈۋېلىڭ] زامانىم ئەپ بازىرى تارقىتىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:15:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


زامان ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى تۈرتكىسىدە جەمئىيىتىمىزدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفۇن ۋە پەدلەرنى ئىشلىتىشكە ئەگىشىپ يانفۇندا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرچە يانفۇن يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش قىزغىنلىقى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا. تورداشلارنىڭ ئاندرويىد (Android) سىستېمىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ۋە پەدلەرنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا <<شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى>> مەزكۇر <<زامانىم ئەپ بازىرى>> يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەپ چىقتۇق.
ئەپ بازىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئاساسىي رايوندا ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان يان تېلېفۇن سىستېمىلىرىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.
بىز ئەپ بازىرىغا بارا-بارا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەپلەر ۋە ئۆزىمىز ئىشلىگەن ئەپلەرنى داۋاملىق چىقىرىپ تۇرىمىز.
ئەپ بازىرىدا ئۇيغۇرچە ئەپلەردىن باشقا خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارمۇ داۋاملىق تۈردە يوللىنىپ تۈرىدۇ.
<<زامانىم ئەپ بازىرى>> ئۆزىمىز نۆلدىن باشلاپ ئىشلەپ چىققان ئەپ بازىرى سىستېمىسى بولۇپ، ھازىرچە ئاددىيراق بولسىمۇ سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزگە سۇندۇق. بۇ ئەپ بازىرى ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرى ئىچىدە تۇنجى ئېلان قىلىنغان ئەپ بازىرى بولۇپ، يوقلۇقتىن نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ بارلىققا كەلتۈردۇق. شۇڭا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن سەمىمىي تەكلىپ، تەنقىدىي پىكىرلىرى بولسا ئايىماي بېرىپ تۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ ئەپ بازىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئاشكارىلانغان ئادېرىسى:
زامانىم ئەپ بازىرى سىناقتىن ئۆتتى
http://www.shahdiyar.com/korush.asp?mid=715


مەزكۇر ئەپ بازىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكىچە:



بۇ ئەپ بازىرىنىڭ باش كۆزنىكى بولۇپ، سىز باش كۆزنەكنى ئاچسىڭىزمۇ ياكى مەلۇم يۇمشاق دېتال تۈرىنى ئاچسىڭىزمۇ يۇمشاق دېتال  ماۋزۇسى، قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى، يوللانغان ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن باشقا نەق چۈشۈرۈش ئورنى بىلەنمۇ تەمىن ئەتكەن




بۇ يۇمشاق دېتال باش كۆزنەك ئاستى تەرىپى




بۇ مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال مەزمۇنىنى كۆرگەن كۆرۈنۈشى




بۇ مەزمۇن كۆرۈنۈشى




بۇ مەزمۇن كۆرۈنۈشى ئاستى تەرىپى




بۇ يۇمشاق  تۈرى رايونى




ئەپ بازىرىدا تۇرۇپ يانفۇن ياكى پەدنىڭ تىزىملىك (Menu) كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بۇنىڭدەك 3 تاللاش تۈر چىقىدۇ




پروگرامما ھەققىدە (بۇ يەردە نەشىر ئۇچۇرى تەمىنلەنگەن)




مەزكۇر ئەپ بازىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى.

ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىكى ھەقسىز تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە ئەپلەرمۇ داۋاملىق بۇ يەرگە يىغىلىدۇ.

لازىملىق بولغان خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە ئەپلەرمۇ داۋاملىق تۈردە بۇ يەرگە يىغىلىدۇ.

مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئۆزىمىز ئىشلەپ چىققان يۇمشاق دېتال بولغاچقا، ھازىرچە ئاددىي بولسىمۇ كەڭ يانفۇن ئىشلەتكۈچى ھەۋەسكارلارنىڭ قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەپ بازىرىغا قارىتا ھەر قانداق تەكلىپ پىكىرلەر بولسا تۆۋەندىكى ئېلخەت ساندۇقىغا قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ ياكى بۇ مۇنازىرە ئادېرىسىغا قالدۇرۇپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.

شاھدىيار:  shahdiyar نامىدىكى gmail.com ئېلخەت ساندۇقى

http://www.xjcfan.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2514


مەزكۇر ئەپ بازىرىغا داۋاملىق تۈردە يۇمشاق دېتال چىقىرىپ تۇرىدىغان ئەپ باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.

شەرت تۆۋەندىكىچە:

1. مەلۇم دەرىجىدە تور تېخنىكىسى بولۇش

2. ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى بىلىش (ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىل بىلسە تېخىمۇ ياخشى)

3. مەلۇم دەرىجىدە ئەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلىش

4. ئەستايىدىل، راستچىل، سەمىمىي بولۇش

5. تور دۇنياسىدا مەلۇم دەرىجىدە سالاھىيىتى بولۇش

6. .................

ئەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ شەرتلىرى يۇقارقىدەك بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرىنىڭ يوق بولۇشىدەك بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بىز توختاۋسىز ھالدا ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىشىمىز كېرەك.

ئەپ باشقۇرغۇچىلار <<شاھدىيارسوفت>> نىڭ ئىچكى سىنىقىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئەھۋاللىرى كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

ئەپ ئىشلەش خىزمىتىنى <<شاھدىيارسوفت گورۇپپىسى>> دىكىلەر داۋاملاشتۇرىدۇ.

ھازىر مەزكۇر ئەپ بازىرىنى باشقۇرۇشقا بىر ئادەمنى تەيىنلىدۇق.

ئەپ بازىرىنى باشقۇرغۇچى:

شەيدائى:   xaydayi نامىدىكى oghlan.net خەت ساندۇقى


[دىققەت] مەزكۇر ئەپ بازىرى ھەقسىز تەمىنلەندى. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقلىق قىلىشىغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ۋە ئوخشىتىپ ياساشقا بولمايدۇ.



ھەمكارلاشقۇچىلار:

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى

http://www.xjcfan.com

ئوغلان تورى

http://www.oghlan.net



چۈشۈرۈش ئورنى


چۈشۈرۈۋېلىڭ

بارلىق ھوقۇق <<شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى>> غا مەنسۇپ!

<<زامانىم يانفۇن تورى>>



مىلادى 2012- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى

ھىجىرىيە 1433- يىلى مۇھەررەم ئېيى 1- كۈنى

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
Sahra-Oghli  ياخشى: 5
ھارمىغايسىلەر ..... رەھمەت......!!!!!!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 16:04:55
jesur  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 13:21:38
2

باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
397
تىللا
606
شۆھرەت
751
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئالامەت ئىشتىن بىرنى قىپسىلە قىرىنداشلا دىمىسىمۇ مۇشۇنداق بىر توربەت كەم ئىدى بىزلەدە ئۇلۇغ ئاللاھ  ئىشلېرىڭلانى ئۇتۇقلۇق قىلغاي.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karakqi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 12:27
بارىكاللا ئالامەت ئىشتىن بىرنى قىپسىلە قىرىنداشلا دىم ...

بۇ تور بەت ئەمەس، يانفۇنغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
397
تىللا
606
شۆھرەت
751
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 13:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Shahdiyar يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 12:39
بۇ تور بەت ئەمەس، يانفۇنغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان يۇمش ...

مۇنداق دەڭ مەن تېخى توربەت ئوخشايدۇ دەپ........................
ھەراس مەن ئاندرويت تىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن قانداق ماركىدىسى، ياخشى بۇ يانفۇننىڭ كۆپلىكىدىن قاندىغىنى ئېلىشنى بىلغىلى بولمايدىكەن ئادەم 1000 سوم ئەتراپىدا بولسا قانداقراقى كىلە؟
مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز.
jesur   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

باشقۇرغۇچى

ئالاھىدە خادىم

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1582
تىللا
1092
شۆھرەت
3428

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 13:23:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karakqi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 13:14
مۇنداق دەڭ مەن تېخى توربەت ئوخشايدۇ دەپ........................
...

ئاندىروئىد دىگەن تىلفۇن ئىسمى ئەمەس ، تىلفۇنغا قاچىلايدىغان مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ نامى .
بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى تىلفۇن سىېستىمىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار سېستىما .
يەنە بىرى 1000 يۇئەنگە يامان ئەمەس تىلفۇن كىلىدۇ .(ئاندىروئىد سېستىما قاچىلىغىلى بولدىغىنىدىن)
كومپىيۇتېر توغرىسىدا ياردەم كىرەك بولسا -ئىنتىل سەيناسىغا كىلىڭ
ئالما apple توغرىسىدا ياردەم كىرەك بولسا -ھەۋەسكارلار كۇلۇبىغا كىلىڭ

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 13:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karakqi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 13:14
مۇنداق دەڭ مەن تېخى توربەت ئوخشايدۇ دەپ........................
...

مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم SAMSUNG I9100 ئىدى.
ئەرزانراقىنى ئالىمەن دېسىڭىز........... كۆپچىلىك مەسلىھەت بەرسۇن.
HUAWEI, ZTE, lenovo دېگەندەكلىرى بار. ئەمما، سەل ئوبدانراقلىرىنى تاللاپ ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. 1000 سومغا ئازىراقلا قوشسىڭىز HTC نىڭ G7 دېگەندەكلىرىنى، يەنە ئازىراقلا قوشسىڭىز G10 ۋە G11 دېگەندەكلىرىنى ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 13:29:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karakqi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 13:14
مۇنداق دەڭ مەن تېخى توربەت ئوخشايدۇ دەپ........................
...

يەنە بىر گەپ:
1000 سومغا تېلېفۇن ئالدىم دەپ ئالغانغىلا ھېساب بولمايدۇ. ئۇيغۇرچىنى تونۇتقىلى بولۇشى كېرەك. بولمىسا كېيىن ئارماندا قالىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
397
تىللا
606
شۆھرەت
751
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 13:44:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Shahdiyar يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 13:29
يەنە بىر گەپ:
1000 سومغا تېلېفۇن ئالدىم دەپ ئالغانغىلا ھ ...


مەنمۇ شۇنداق بۇپقالمىسۇن دەپ سىلەدىن مەسلىھەت سورىغان ئۇيغۇرچىنى ياخشى قوللاپ بەرسە سۈرئىتى نۇرمال بولسىلا بولدى 1000 سومدىن ئېشىپ كەتسىمۇ مەيلى.
قانداق ماركىدىكىدىكىسىنى ئالسام بۇلا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karakqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 13:46  

muhpul 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
471
تىللا
1252
شۆھرەت
1035

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار پىداكار تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 16:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karakqi يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 11:44
مەنمۇ شۇنداق بۇپقالمىسۇن دەپ سىلەدىن مەسلىھەت سورىغا ...

Motorola defy
http://detail.zol.com.cn/series/57/12709_1.html
چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگىننى 1600 يۈۋەنگە ئالالايسىز !
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى ، ئەسكى تامنىڭ قىشلىرى ...
ayding 实名认证 

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
262
تىللا
593
شۆھرەت
550
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 00:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز شاھدىيار بۇرادەر ، ھارمىغايسىز !!!
مۇمكىن بولسا بۇ ئەپنىڭ ئالما نەشىرىنىمۇ تارقىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، مەن ئالما نەشىرى چىقىپ بولغۇچە ساقلاي ئەمدى .
دۇنيا ئىللىق بىر ئائىلە

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
689
تىللا
997
شۆھرەت
1343
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 15:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز شەھدىيار ئۇستاز، سىزنىڭ ئۈنسىز تۆككەن ئەجرىڭىزگە ئەشقاللا، باسقان قەدىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!
مىنىڭ بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى(بەلكىم باشقا تورداشلاردىمۇ شۇنداق تۇيغۇ باردۇ)
يېقىندىن بۇيان مۇشۇ ئەپ دىگەن يىڭى ئۇقۇم دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ يانفۇن دىتالى ئىكەنلىكىنى ئازتۇلا بىلسەممۇ لېكىن بۇ جەھەتتىكى بىلىمىمنىڭ خېلىلا يىتەرسىزلىكىدىن تۇلىمۇ خىجىل بولىمەن...
سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم:
1. بۇ ئەپ دىگەن قانداق دىتال؟
2. ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟(مەسىلەن يۇقارقى ئەپنى تەييارلاپسىز، ئەپسۇس بىلىمسىزلىكىمدىن ئۇنى يانغۇندا قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا كاللامدا ھېچقانداق ئۇقۇم يوق.)
3......
دىگەندەك بىرقاتار مەسىلىلەرگە تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز، ھەممىمىز بىر تۇلۇقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋالساق دىگەن ئۆمىدتىمەن.

ھۆرمەت بىلەن : مۇھەممەد

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 17:01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhammad يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 15:38
ياخشىمۇ سىز شەھدىيار ئۇستاز، سىزنىڭ ئۈنسىز تۆككەن ئەج ...

ياخشىمۇ سىز.
1. بۇ ئەپ دېگەن قانداق دېتال؟جاۋاب: «ئەپ» سۆزى ئەسلى ئېنگلىزچىدىن كىرگەن بولۇپ، Application نىڭ قىسقارتىلمىسى App دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭ خەنزۇچىسى 应用 بولۇ، ئىشلىتىلىشچان، قوللىنىشچان، ئەمەلىي.... دېگەندەك مەنالىرى بار. بىز ئەسلى مۇشۇ App سۆزىگىمۇ ئايرىم ئۇيغۇرچە ئىبارە ياسىساق بولاتتى. Pad دېگەننى پەد، App دېگەننى ئەپ دەپلا ئاتاپ كېتىپ بارىمىز. بۇ ئەپ دېگەن سۆزنى يانفۇننىڭ قوللىنىشچان پروگراممىسىكەن دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. يانفۇننىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئەپ قاتارىغا كىرمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىسى يۈزىگە قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئاساسەن ئەپ دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىر ئومۇملىشىپ كېلىۋاتقان Androis, iOS, Symbian...... قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىق يانفۇنلاردا ئىشلىتىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ئەپ دەپ ئاتىلىدۇ.

2. ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟(مەسىلەن يۇقارقى ئەپنى تەييارلاپسىز، ئەپسۇس بىلىمسىزلىكىمدىن ئۇنى يانفۇندا قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا كاللامدا ھېچقانداق ئۇقۇم يوق.)
سىز ۋە بىز ئىشلىتىۋاتقان Windows سىستېمىسى بولسا مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر. مۇشۇ Windows نىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان Photoshop, Office, QQ, xunlei، تور كۆرگۈچلەر، ناخشا-مۇزىكا قويغۇچلار...... دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللاردۇر. يانفۇندىمۇ مۇشۇنداق قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار بولىدۇ، مەسىلەن: QQ، قويغۇچ، تور كۆرگۈچ، ھەر خىل ئويۇنلار...... دېگەندەك. بۇنداق قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى «Application» سۆزىدىن «App» دەپ يەنى، «ئەپ» دەپلا ئاتايمىز.

بۇ «زامانىم ئەپ بازىرى» بولسا، ئاندرويىد سىستېمىلىق يان تېلېفۇنىڭىزغا ھەر خىل ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە قولايلىق، قوللىنىشچان، ئۆزىڭىزگە يارىغان، لازىملىق يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان بىر بازار يۇمشاق دېتالى. بۇ بازارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەپلەر بولىدۇ (ئەلۋەتتە ئاشۇ نۇرغۇنلىغان ئەپلەرنى ئۆزىمىز قوشىمىزدە).
يەنە چۈشىنەلمىگەن جايلىرىڭىز بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 17:06:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhammad يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 15:38
ياخشىمۇ سىز شەھدىيار ئۇستاز، سىزنىڭ ئۈنسىز تۆككەن ئەج ...

«ئەپ» دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewthread&tid=8898

بۇ تېمىغا نەزەر سالغايسىز.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
689
تىللا
997
شۆھرەت
1343
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 18:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Shahdiyar يوللىغان ۋاقتى  2012-2-28 17:06
«ئەپ» دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php?mod=viewth ...

رەھمەت، مانا ئەمدى بىر ئاز چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالغاندەك بولدۇم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 14:48 , Processed in 0.107562 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش